ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (3)

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (3)

ۋاقتى: 2016-07-05 ئاۋاتلىقى: 6741 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

6. ئىش قىلغاندا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش كېرەك

بۈگۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلمىسىڭىز، ئەتە تىرىشىپ خىزمەت ئىزدەيسىز. ئىش قىلغاندا ئىمكان قەدەر مۇكەممەل قىلىش كېرەك، ھەرگىز ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئالۋاڭغا قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە، يەنىلا ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «خىزمەت ئۈنۈمى قانداق بولۇشى كېرەك؟»دىن نەقىل كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئادەتتە، خىزمەتتە مۇنداق ئۈچ خىل نەتىجە چىقىدۇ.

1) ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق. يەنى، خىزمەت سالمىقى ناھايىتى نورمال بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق ئەھۋالى  كۆرىلىدۇ. بۇنداقلارغا ئاساسەن ھېچقانداق جايدا ئورۇن بولمايدۇ. بۇلار ئاخىرى بىر بولسا جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ داشقالغا ئايلىنىدۇ. بىر بولسا تۇرمۇشى ناھايىتى مەنىسىز ئۆتىدۇ.

2) ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن نورمال چىقىش. بۇ خىل كىشىلەر ئاساسەن دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىدا تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشىدا داۋالغۇش بولۇشنى خالىمايدۇ. كۈنلىرىنىڭ ناھايىتى جىمجىت، «تۇراقلىق» ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر شىركەت-كارخانىلاردا ئىشلەشكە تازا باب كەلمەيدۇ. چۈنكى شىركەت-كارخانىلاردا كۈچلۈك رىقابەت بولغان بولىدۇ. چوقۇم ئۆزلۈكسىز تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. تىرىشىش قانداق بولىدۇ؟ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىگە بەلگىلەنگەن خىزمەت سالقىنىنى ئورۇندىغاندىن سىرت كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرۈش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. قىسقىسى ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش (自我升级) باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك. ئەمما ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن نورمال چىقىشنى تۈپكى نىشان قىلغانلار بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ. يەنى ئۇلار ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش (自我升级) باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ.

 

3) يېڭىلىق ياراتقۇچىلار. بۇ تۈردىكىلەر دەل شىركەت-كارخانىلاردا ئىشلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىگە بەلگىلەنگەن خىزمەت سالقىنىنى ئورۇندىغاندىن سىرت كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرۈش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش (自我升级) باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپكى مەقسەت قىلغانلاردۇر. شۇڭا ھەر قانداق بىر كارخانىچى بۇ خىل خىزمەتچىلەرنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشىش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر ياراتقان قىممەت ھامان كارخانىچىلارنىڭ ئۇلارغا تۆلىگەن بەدىلىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ھەر قانداق بىر شىركەتتە بۇ خىلدىكى كىشىلەر قانچە كۆپ بولسا، بۇ شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن شۇنچە چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. يەنى بۇ تۈردىكىلەر خىزمەت نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەرلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۈچىنچى، كۈچلۈك ئىنتىلىشچان روھى بولۇش كېرەك

ھەر قانداق ئادەمدە چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنتىلىش روھى ۋە تېخىمۇ چوڭ ئارزۇ-ئارمان بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئادەمدە كۈچلۈك بولغان ئىنتىلىشچان روھى ۋە ئىزدىنىش روھى بولمىسا، كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان جەمئىيەت تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە شاللىنىپ تاشلىنىدۇ.

جەمئىيەتتە شاللىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم:

1) ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىمىزنى ۋە كەسپىي ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. شىركەتتە ئۆزىمىزنىڭ كەسىپ تەرەققىيات نىشانىمىز ۋە كەسىپ ئېھتىياجىمىزنى ئىنىق تۇنۇپ يىتىپ، شىركەت بىلەن شەخسنىڭ ھەمنەپەس بولۇپ ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يەنى شىركەت تەرەققىياتى بىلەن شەخسنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش نىشانى ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش نىشانى بىلەن شىركەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى ئايرىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، داۋاملىق ساغلام يىتىلىشكە تەسىر يېتىدۇ. پەقەت شىركەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى بىلەن شەخسنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش نىشانى ئوخشاش بولغاندىلا ئاندىن ئۇزۇن مۇددەت ساغلام تەرەققىي قىلىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

كەسپىي ساپا ھەر بىر ئادەمنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە يىتىلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىزدا چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك ئاساسى ئىقتىدارنى ياخشى يىتىلدۈرۈپ ئاساسىي تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەن ئاساستا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تىرىشىپ، كەسپىي ساپايىمىزنى كۈنسېرى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ. ئەگەر بىز داۋاملىق تىرىشىپ ئىزدىنىپ ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ كەسپىي ئىقتىدارىمىزنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلىمىساق، بىزدە بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ئەھۋالى سادىر بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشالماي جەمئىيەت تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە شاللىنىش خىرىسىغا دۇچ كېلىمىز. شۇڭا كەسپىي ئىقتىدار ۋە كەسپىي ساپانى ئۆستۈرۈش تولىمۇ مۇھىم، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە تېخىمۇ شۇنداق!

2) جاپاغا چىداش روھىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك

دانالىرىمىز «جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.» دەپ ناھايىتى ياخشى يەكۈن چىقارغان. بۇ دۇنيادا جاپا تارتماي تۇرۇپ ھالاۋەت كۆرۈشنى ئويلىغان كىشى ئۆزىدە ھالاك بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك. جاپا تارتماي ھالاۋەت كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. چۈنكى بەدەل تۆلەش بىلەن ھالاۋەت كۆرۈش ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ. بىرەر ئىشتا ئۇتۇق قازىنىمەن دېسەك چوقۇم شۇ ساھەدە قېتىر-قېنىپ ئىزدىنىشكە، زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ بىزنى باراۋەر، ئوخشاش ياراتقان، تۇغۇلۇشىمىزدا بىزدە پەرق يوق. ئەمما ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا ئۆز-ئارا پەرق كېلىپ چىقىدۇ. ئەسلىدە جاھاندا ھەر قانداق ئادەم شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا ئۆز ئىشىدا ئۇتۇق قازىنىپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇتۇق قازىنالمايدۇ؟ بۇ دەل ئاز ساندىكى ئاشۇ ئۇتۇق قازىنالىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ، جاپاغا چىداش روھى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە جاپاغا چىداپ ئىزدىنىش روھى بولىدۇ. ئۇلار قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ ھەمدە ئۆز ئىشىدا ئۇتۇق قازىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ. لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەردە جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى بولمىغاچقا، ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ ياكى ئىشەنسىمۇ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روھى بولمىغانلىقتىن يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ-دە ئۇتۇق قازىنىش ئۇلار ئۈچۈن جاھاندا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك بىلىنىپ كېتىدۇ.

3) يېڭىلىق يارىتىش روھى بولۇش كېرەك

يېڭىلىق يارىتىش روھىغا تايىنىپ كونا قالاق ئىدىيەلەرنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. خىزمەتتە ھەرگىزمۇ پەقەت مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دېگەن تار دائىرىدىلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، يەنى نەتىجىنى نىشان، جەرياننى تاكتىكا دەپ تۇنۇپ يىتىپ، ئەڭ قۇلاي، تەنەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان تاكتىكىلارنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. نىشاننى ھەرگىزمۇ پەقەت ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقىلا بەلگىلىمەستىن، بەلكى قانداق قىلغاندا ئەڭ قىسقا ۋاقىت، ئەڭ تۆۋەن تەنەرخ بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

4) ئۆگىنىش بىر ئۆمۈرلۈك ئىش

بىر ئۆمۈر ئۆگىنىش بىر خىل ئىتىقاد شۇنداقلا قىممەتلىك ئەخلاقتۇر. ئۆگىنىش ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت. پەقەت ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىشلا بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك رىقابەت كەسكىن بولغان دەۋردە پۇت تېرەپ تۇرالىشىمىزنىڭ بىردىن بىر ئاساسى. بىلىمنىڭ چەكسىز، ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوق. بىز پەقەت ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش روھىمىزنى يىتىلدۈرەلەيمىز.

بۈگۈنكىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۈگۈنكى تېخنىكا ئەتە ئۆز كۈچىنى يۇقىتىش نورمال ئىش. چۈنكى بۈگۈنكى تېخنىكا ئەتىكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىش ناتايىن. شۇڭا ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىپ تېخنىكا يېڭىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

نىيەت ئۆزگەرسە: سىزنىڭ پۇزىتسىيەرىڭىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.

پۇزىتسىيە ئۆزگەرسە: سىزنىڭ ئادىتىڭىز ئۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

ئادەت ئۆزگەرسە: سىزنىڭ خاراكتىرىڭىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.

خاراكتىر ئۆزگەرسە: تۇرمۇشمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

5) ھەر خىل كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك

ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان ئاساستا، كوللىكتىپ تەشكىللىگەن ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك. كوللىكتىپ پائالىيەتكە تۇتقان پۇزىتسىيەدىن بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنى، ئىدىيەسىنى ۋە تۇرمۇشقا تۇتقان پۇزىتسىيەسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە سەل قارىماسلىق كېرەك.

داۋامى بار….

 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى