ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (2)

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (2)

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 6878 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3. كەسپى ئەخلاقى

كەسپى ئەخلاق مەسىلىسىدە مۇنداق بىر ھەقىقى ۋەقە بار. ۋۇخەت شەھەرلىك پوياڭ كۇچىسىدا 1917-يىلى سېلىنغان 6 قەۋەتلىك بىر بىنا بولۇپ، ئىسمى «جىڭ مىڭ بىناسى»، مەزمۇر بىنا سېلىنىپ 80 يىل ئۆتكەندىن كىيىن، مەزكۇر بىنانىڭ لايىھەلىگۈچىسى —ئەنگلىيەدىكى بىر لايىھە ئورنىدىن ئالاھىدە خەت يوللاپ، مەزكۇر بىنانىڭ 1917-يىلى لايىھەلەنگەنلىكىنى، مۇددىتىنىڭ 80 يىل ئىكەنلىكىنى، ھازىر مۇددىتىنىڭ توشقانلىقىنى، شۇڭا بىنا ئىگىسىنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان. يەنە بىر ۋەقە بولۇپ، تەيۋەندىكى بىر دوكتۇر ئىتالىيەدە بىر داڭلىق ئاياق سېتىش مەخسۇس دۇكىنىدىن ئاياق ئالغاندا، ئۇنىڭغان نومۇرلۇق ئاياق ئاللىقاچان سېتىلىپ بولۇنغان بولغاچقا، بۇ دوكتۇر بىر دەرىجە كىچىك ئاياقنى تاللىغان. ئۇ كۆڭلىدە ئاياق دېگەن بوشايدىغان نەرسە بولغاندىكىن ھېچقىسى يوق دەپ ئويلاپ ئەمدى قاپچۇقىدىن پۇل سۇغۇرغاندا، مال ساتقۇچىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. سەۋەبى، مال ساتقۇچى ئىستىمالچىنىڭ ئاياقنى سىناپ كىيگەندىكى چىراي ئىپادىسىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى بايقىغان، شۇڭا ئۇ بۇ ئىستىمالچىغا ئاياق سېتىشنى رەت قىلغان. ھەمدە ئىستىمالچىغا «مەن ئىستىمالچىغا ساتقان ئاياقنى ئىستىمالچىمنىڭ كىيگەندە پۇشايمان قىلىشىنى خالىمايمەن.» دەپ ئەھۋال چۈشەندۈرگەن.

ھەممىمىز بىلىمىز ماكدونالد تىز تاماقخانىسى ناھايىتى تىز بازار تېپىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. نېمە ئۈچۈن ماكدونالد پۈتۈن خەلقئارا شۇنداق ياخشى تەسىرگە ئىگە؟ ماكدونالدنىڭ مۇنداق بىر تۈزۈمى بار، يەنى كالا گۆشى قاتلىمىسى پىشۇرۇپ چىقىرىلىپ 20 مىنۇتقىچە سېتىلمىسا چوقۇم تۆكىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، خىزمەتتە مەيلى ئىشچى-خىزمەتچى بولسۇن ياكى باشقۇرغۇچى بولسۇن چوقۇم ئۆزىدە يۇقىرى بولغان بىر كەسپى ئەخلاقىنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك. ماكدونالد ئۆزىنىڭ كالا گۆشى قاتلىمىسى پىشۇرۇپ چىقىلغاندىن كىيىن 20 مىنۇتقىچە سېتىلمىسا تۆكىۋېتىشنى بەلگىلىگەن. ئەمما بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ساندىكى تاماقخانىلاردا تاماق پىشىپ 20 مىنۇت ئەمەس 2 سائەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ ھەرگىز تۆكىۋەتمەيدۇ. (ئەلۋەتتە، تاماق تۆكۈش ئىسراپچىلىق، ياخشى ئادەت ئەمەس، ئەمما نېمە ئۈچۈن ماكدونالد 20 مىنۇتتا سېتىپ بولغان تاماقنى ئادەتتىكى تاماقخانىلاردا 2 سائەتتىمۇ سېتىپ چىقىرالمايدۇ؟ مانا بۇ بىز ھەقىقىي ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە) ماكدونالددا كالا گۆشى قاتلىمىسى پىشىپ چىققاندىن كىيىن 20 مىنۇت ئىچىدە چوقۇم ئۇنى ئىستىمال قىلىپ بولۇش كېرەك. مانا بۇ بىر شەرت.

بىر شىركەتكە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تەكلىپ قىلما قىلماقچى بولۇپ، ئادەم قۇبۇل قىلىشتا، بىر توپ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر قايتا ئىمتىھان بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار گەرچە ناھايىتى ئىشەنچلىك ھالدا سورالغان ھەر بىر سۇئالغا ناھايىتى ياخشى جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ھەممىسى ئاساسەن ئىشقا قۇبۇل قىلىنمىغان. بۇ ۋاقىتتا بىر نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەندە، ئىشىك كەينىدە بىر قەغەز پارچىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىمتىھان مەيدانىغا بۇنداق قەغەزنىڭ تۇرۇشىنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىگەن ئىمتىھان بەرگۈچى ئېڭىشىپ قەغەزنى تېرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتمەكچى بولغان، ئۇ قەغەز پارچىسىنى ئېلىپ ئەمدىلا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتمەكچى بولۇشىغا، ئىمتىھام ئالغۇچى سۆز ئېچىپ: «ياخشىمۇ سىز دوستۇم، سىز تېرىۋالغان قەغەزگە قاراپ باقسىڭىز.» دېگەن.» بۇ ئىمتىھان بەرگۈچى تازا چۈشەنمىگەن ھالدا قەغەزنى ئېچىپ قارىغاندا، قەغەزگە «سىزنىڭ شىركىتىمىزگە كېلىپ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز.» دېگەن خەتنى كۆرگەن. بىر قانچە يىلدىن كىيىن بۇ ئەخلەت تەرگۈچى مەزكۇر شىركەتنىڭ زۇڭسەيسى بولغان.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بەزىدە بىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ياكى گەپ-سۆزىمىدىكى ناھايىتى كىچىك بىر ئەھۋاللار بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆز ئۆزىمىزنى سورىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

4. كەسىپنى سۆيۈش

جېك فارىس (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ رەئىسى فارىس) 13 يېشىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ماي قاچىلاش پونتىكىدا ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ ئەسلىدە ماشىنا رىمونت قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ مەخسۇس خېرىدار كۈتۈشكە بۇيرۇغان.
ئۇنىڭ خىزمىتى، ماي قاچىلاشقا ماشىنا كەلگەندىن كىيىن، ماشىنا توختىغان ھامان ماشىنىنى تەكشۈرۈپ چىقىش. فارىس ئۆزىنىڭ ئەگەر ياخشى قىلسا، چوقۇم نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ قايتا كېلىشى (回头顾客) نى قولغا كەلتۈرگىلى بولدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشقان، مەسىلەن، خېرىدارلارغا ماشىنىسىنى سۈرتۈپ بېرىش، ئەينەك ۋە چىراقلارنى تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قوشۇپ قىلغان.

ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغان بىر ئادەم ئۆز خىزمىتىدىن دائىم ئاغرىنىپلا يۈرۈيدىغان ياشلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئېسىڭدە بولسۇن، بۇ دېگەن سېنىڭ خىزمىتىڭ. سەن بۇ خىزمەتنى تاللىغان ئىكەنسەن، چوقۇم ئۇنىڭ ھەممە تەرىپىنى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك. ھەرگىزمۇ پەقەت ئۆزۈڭگە ئاز-تۇلا خوشاللىق ۋە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان جايلىرىنىلا ياقتۇرۇپ، باشقا جەھەتلەرنى ياقتۇرمىساڭ بۇ ياخشى بولمايدۇ.» خىزمەتنىڭ پايدىلىق تەرىپى ۋە خوشاللىق تەرىپى ھەممىسى ئوخشاش: پۇل، تەجرىبە-ساۋاق، پىشىپ يىتىلىش تۇيغۇسى، ئابروي … قاتارلىقلار. ھەر قانداق خىزمەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق بېسىمى ۋە مەنبىيى بولىدۇ. تازىلىق ئىشچىسى چوقۇم سېسىقچىلىققا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. سەنئەتكار ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىگە باشقىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. مۇخبىر تەتىپسىز خىزمەت مۇھىتىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. … ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بولىدۇ.

ئارىمىزدا توخۇمنى ياقتۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئۇلار تۇخۇمنى ياقتۇرىدۇيۇ ئەمما توخۇنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇلار توخۇ دېگەن قالايمىقان چىچىپ قويىدۇ. مەينەت دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇلار ياقتۇرغان تۇخۇمنىڭ دەل ئاشۇ «مەينەت» توخۇ تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ ياكى بىلسىمۇ ئىتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. بىز چوقۇم بۇنداق كېسەلنىڭ ئۆزىمىزدە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى كۆيۈنۈپ ياخشى قىلالىسىلا، قىلغان ئىشىدىن نەتىجە قازىنالايدۇ.

مەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە بىزنىڭ مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدا بىر خەنزۇ ئۇستام ئاياق ياماش بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۇنىڭ ھەر بىر ئىشنى شۇنچىلىك بېرىلىپ، ئەستايىدىل قىلىۋاتقىنىغا قاراپ بەكمۇ ھەيران قالاتتىم. بىزدە مۇزدوز دېسە ئانچە كۆزگە ئىلىپمۇ كەتمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۈت بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ھەممە ماشىنىلىشىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئېشىۋاتقان دەۋردە مۇزدوزلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. لېكىن مەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا كۆرگەن ئاشۇ خەنزۇ ئۇستام مۇشۇ كىشىلەر نەزىرىگە ئانچە ئېلىپ كەتمەيدىغان مۇزدوزلۇقنىمۇ ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان. ئىچكىرىدە بىر ئۇستامنىڭ مۇشۇنداق كىشىلەر نەزىرىدە تۆۋەن بولغان مۇزدوزلۇقنى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. سىز مەيلى ئۇ ئۇستامنىڭ يېنىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ ياكى ياماشقا تىگىشلىك ئاياقلىرىڭىزنى ئۇنىڭ يېنىدا قويۇپ قويۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىغا كېتىڭ، ئۇ ئۇستام ئوخشاشلا شۇنداق ئەستايىدىل ئىش قىلىدۇ. دەسلەپ مەن ئۇ ئۇستامغا ئاياق ياماتقاندا، ئۇنىڭ قىشىدا قويۇپ قويۇپ كېتىپ قالسام ياخشى قىلىپ بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ قېشىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ ياماتقان ئىدىم. چۈنكى ئىچكىرىدە بىزدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئەمما مەن ئۇ ئۇستامنىڭ يېنىدا ساقلاپ ئولتۇرۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، مېنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا قىلغان ئىشىغا قاراپ ئولتۇرۇشۇم ھەقىقەتەن ئارتۇقچىكەن. شۇڭا كېيىنچە ئاياق ياماتماقچى بولسام، ئۇنىڭ قېشىغا قويۇپ قويۇپلا بازارغا بېرىپ (چۈنكى بىزنىڭ بازارغا چىقىش ۋاقتىمىز چەكلىك، ئىككى ھەپتىدە ئاران بىر قېتىم بازارغا چىقىمىز ھەمدە بازارغا چىقىش ۋاقتى ئاران 2 سائەت ئىدى.) ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كېلىپ ئاندىن ئۇنىڭ ياماپ قويغان ئايىقىمنى ئېلىپ خاتىرىجەم بولىدىغان بولغان ئىدىم. ئۇ ئۇستام ئىشنى شۇنچىلىك ئەستايىدىل قىلىغىنىغا قارىماي ئىش ھەققىنى بەك يۇقىرى قىلىۋالمايتتى، ۋۇشىدەك تۇرمۇش سەۋىيىسى شۇنچە يۇقىرى شەھەردە ئاياق ياماتساقمۇ ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئۈرۈمچىدە ئاياق ياماتقاندىن ئەرزان توختايتتى.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى