ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنىشى (2)

21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنىشى (2)

ۋاقتى: 2016-07-21 ئاۋاتلىقى: 6527 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3. سېتىش رىقابىتى – خېرىدار رىقابىتى

بىز خىرىدارلارغا قانداق ئېرىشىمىز ؟ بۇيەردىكى ھەل قىلغۇچلىق مەسىلە تەمىنات ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلىنىش ئىگىلىكىگە قاراپ ئۆزگىرىشىدە، پىلانلىق تۇغۇت، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىستىمالىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

شۇڭا تاۋارلاشقان يىمەكلىكلەرگە بولغان ئىھتىياج ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

بۇيەردە خىرىدارلارنى كۆپلەپ ئۆزىگەقارىتىشنىڭ بىردىن بىر ھالقىسى سان، سۈپەت، مىقدارنىڭ تەڭشىلىشى. خېرىدارلار بىرۋاخ ئادديىغىنە تائاملىرىدا تەڭشەلگەن، ئىلمى ئوزۇقلىققا ئېرىشىشى كېرەك .

يەنى بىرتەرەپتىن خېرىدار ئىزدەپ يۈرگەن ھوزۇر سېزىمىنى، ئۇنىڭ ھەقىقى قىممەت قارشىنى ھەم ئىھتىياجىنى دەل ۋاقتىدا بايقاش كېرەك.

بىز شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى ℅95خېرىدار سىزدىن رەنجىپ قالسا، ئۇ ئۈن-تۈنسىز كىتىپ قالىدۇ. پەقەت℅5خېرىدارلار ئۆز نارازىلىقىنى سىزگە دەيدۇ. ھەتتا تاۋىرىڭىزنى بېشىڭىزغا ئېتشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاشۇ℅5خېرىداربولغاچقا شىركەت ئالغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ ياكى ۋەيران بولىدۇ.

بىز شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى،يامان گەپنىڭ بىرى ئۈچ بولوپ تارقىلىدۇ، تىز تارايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كىمىكى خىرىدارغا ئەڭ جىق ئېرىشەلىسە شۇ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. بىزھەرۋاقىت نارازى خىرىدارنى قانائەتلەندۈرىشنى شىركەتنىڭ نىشانى قىلىشىمىز كېرەك. بىزئۆزىمىزنىڭ سەلتەنەتى، داڭلىق تاۋار ماركىسى ئارقىلىق خېرىدارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئىلھاملادۇرۇپ مېلىمىزنى سېتىشىمىز كېرەك. دانالىرىمىزنىڭ》خېرىدار دۇكىنىمىزغا قارايدۇ، ئادىمىگە قارايدۇ، مېلىگە قارايدۇ.《دېگەن ھېكمىتىنى ھەرۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.


خېرىدارلارغا تاۋىرىمىزنى مۇۋاپىپەقىيەتلىك سېتىۋىتىشىمز ئۈچۈن خىرىدارلارغا℅30سۇئال قۇيۇپ، خېرىدارلارنى℅70سۆزلىتىشىمىز كېرەك .شۇندىلا بىز كۆڭلىمىزدىكى خېرىدارغا ئېرىشەلەيمىز.

4. يەككە رىقابەت _ كوللىكتىپ رىقابەت

شىركەت قوشۇنى تەشكىلىدىكى ھەربىر شەخىسنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئۇلارنىڭ يىتۈك كەسپى ئىقتىدارى ۋە ئۈن-تىنسىز تەقدىم قىلىش روھى ئارقىلىق تەرەققى قىلىدۇ. كارخاندا بىز تۈۈزم مەدەنيىتى ئارقىلىق مۇستەھكەم تەشكىلنى بەرپا قىلىمىز. ھازىر پەن ـ مەدەنيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىنتاين تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ساھە، كەسىپلەر كۆلەملىشىپ، سېسىتىمىلىشىپ ھەتتا بىرەرتۈر، بىرەر كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن بىرەر كارخانا، بىرەر شىركەت ياكى بىرەر شەخىس ياكى بىرەر شەخىس ھەرگىزمۇ چىقالمايدىغان ھالەتكە يەتتى. شۇڭا بىز باشقىلاربىلەن ھەمكارلىشىشىمىزغا، باشقىلارغا تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. كەسپى جەھەتتە، يىمەك-ئىچىمەك بىلەن چەكلەنمەسلىك، روناق تاپقۇزغان كەسىپلەرنى غول كوزۇر كەسىپ قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىي ئېھتىياجى ئېلىپ كەلگەن يىڭى تۈر كەسىپلەرنى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ تىزدىن ئېچىش كېرەك. ئەتراپىمىزدىكى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئەمەلى كۈچى ئاجىز كارخانلارغا قول ئۇزارتىشىمىزكېرەك. ئۇلارنى يۆلەپ دۇنيا بازىرىغا چىقىشىمىز كېرەك.

بىز پۇلى بارنىڭ پۇلىغا، كۈچى بارنىڭ كۈچىگە، بىلىمى بارنىڭ بىلىمىگە، يېرى بارنىڭ يېرىگە تايىنىشقا ماھىر بولىشىمىز كېرەك. بىز21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى تەشكىللىنىش، ئەڭ ياخشى ئۇيۇشۇش، ئىتىپاقلىشىش ئارقىلىقمۇ پۇل تاپالايمىز.

5. ئىستىراتىگىيە رىقابىتى _ پىلان رىقابىتى

ئىستىراتىگىيە دېگىنىمىز تەرتىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى. شىركەت كارخانا يۈرۈشۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تەرتىپىنى بەلگىلەش كېرەك. سىزنىڭ شۇغۇللانغان تاۋار، مۇلازىمەت، تېخنىكا، باشقۇرۇش، تاۋار-ماركا، تۈزۈلمە قاتارلىق تەرەپلەردە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇشى شەرت.

سىزدە ئەڭ ياخشى پىلان، تەشكىل، ماسلاشقان گەۋدە ھەم كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇدىغان، جەلىپ قىلىدىغان ئوبراز ھەم ياخشى نازارەت بولىشى كېرەك. ئستىراتىگىيە گەرچە كۆزگە كۆرۈنمىسىمۇ شىركەتنىڭ رېتىملىق مەشغۇلاتى بولغان خىزمەت تاكتىكىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىستىراتىگىيە بىزنىڭ يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارىمىزنى بەلگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قۇدىرەتلىك كۈچى ھەرۋاقىت بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.

دېمەك تىجارەتنىڭ يادروسى يەنىلا ئېھتىياجنى سېزىش، شۇ ئېھتىياجنى قانائەتلەندۈرۈش. بىز ئىسلاھاتنىڭ بۈگۈنكىدەك جىددى ئۆزگەرتىشىگە تېگشىلىك نۇرغۇن ئىستىراتىگىيلىك پىلانلارنى تۈزىمىز ھەم كۆچۈرۈپ كېلىمىز. مەنچە ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىمىزنىڭ كەسپى ئىقتىدارى، ئۆزىمىزنى تۈزگەن ئالەمشۇمۇل ئىستىراتىگىيىلىك پىلانلىرىمىز. مۇھىمى شۇ پىلان، ئىستىراتىىگىيەلەرنىڭ ئۆزبازىرىمىزغا، شارائىتىمىزغا، مۇھىتىمىزغا ماس كەلگەنلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇ روھىمىز بازار جېڭىدە، بۇ ئالەمشۇمۇل مۇسابىقىدە كىمىكى ئىزچىللىقنى ساقلىيالىسا، ئىجراقىلىشنى، مال سېتىۋېلىش، يىڭىلىق يارىتىشنى بىلسە، شۇ ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇ پۇل تاپالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۇن ئومومىي پىلاننى ئەپچىل، بازارغا چۈشىدىغان ئۇسۇل-چارە بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تاكتىكا بولىشى كېرەك .

بىز ئىستىراتىگىيەنى پۇلات تاختىغا ئويۇپ قويۇشىمىز، ئۇسۇل-چارىنى بولسا قۇمغا يېزىپ قويىشىمىز كىرەك . بىز ھەرۋاقىت ئۆزگىرىش ياساشنى بىلىشىمىز كېرەك. بىزدە ئولجىنى سەزگەن ھامان ھەركەت قىلىپ ئېرىشىدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك . مانا بۇ تاكتىكا. بىزشۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، مۇرەككەپ بازارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشىنىش، .ئاددىيلىقنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، رېلىسقا سېلىش، تۈزۈم بولسىلا كۇپايە ئەمەس تۈزۈمدىن ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى بىلىش. مانا بۇ تاكتىكا.

6. كۆلەم رىقابىتى -تەربىيە رىقابىتى

جۇڭگو كارخانىلىرىدا ئەڭ كەم نەرسە ئىقتىساس ئىگىسى ، مەبلەغ، باشقۇرۇش، تېخنىكا ۋە ئۇقۇمدىن ئىبارەت. كارخانا تەرەققىي قىلىپ كۆلەم يارىتىش ئۈچۈن، چوقۇم يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە رېلىسقا چۈشۈش، قېلىپقا چۈشۈشى كېرەك ، رەھبەر بولسۇن – بولمىسۇن كارخانىدىكى ھەربىر خادىم تويىنىپ ، ئۆلچەمگە يېتىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى شەرت.

شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشىمىز كىرەك. بىز ئالدى بىلەن ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرىگە قويغان تەلەپلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى.

1) ئۆز كەسپىنى ئەتىراپلىق ، پۇختا، مۇكەممەل ئىگەللىگەن بولۇش ، كۆپ ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش.

2) ئۆز تىلىدا راۋان بولغاندىن سىرت ، بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئىگىلىگەن بولىشى، بىزگە نىسبەتەن خەنزۇ تىلىدا بىمالال سۆزلىيەلەيدىغان، يازالايدىغان، ئۆز مۇددىئاسىنى ئۇقتۇرالايدىغان بۇلۇشى شەرت.

3) ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش، كومپيۇتېردا، ئېنتىرنىت تورىدا بىمالال مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان بولۇشى شەرت.

4) كىشىلىك مۇناسىۋەت سەنئىتىگە ماھىر بولۇشى شەرت.

5) ئىقتىسادىي قانۇندىن ساۋاتى بولۇشى شەرت.

6) ئەقلىي، جىسمانىي ، گۇزەللىك ئىقتىدارى ساغلام، جايىدا بولۇشى شەرت (ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانىي ، گۈزەللىك، ئەمگەك، كوللىكتىۋېزملىق تەربىيىنى ئالغان بولۇش).

7) ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇشى شەرت.

8) ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارى بۇلوشى شەرت.

9) رىقابەت ئىقتىدارى بولۇشى.

10) يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولۇشى.

11) تەشكىللەش ئىقتىدارى بولۇشى.

12) قارار چىقىرىش ئىقتىدارى بولۇشى.

13) ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى، ھەر ۋاقىت ھۇجۇمغا تەييار، پائالىيەتچان بولۇشى شەرت.

دېمەك بۇ ئىقتىدارلارنى پەقەت ئورتاق مەدەنىيەت، تۈزۈم، تەربىيە ئارقىلىق ياراتقىلى بولىدۇ. دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدىغان كارخانا ساقلىنىپ قالىدۇ. كىمىكى قاسىراق تاشلاشنى بىلسە شۇ ساقلىنىپ قالىدۇ.

7. تاۋار ماركا رىقابىتى -ئېلان – تەشۋىقات رىقابىتى

ئېسىل مىسال:

1) نەيكې ئاياغلىرى دۇنيادا ئەڭ بازار تاپقان ئاياغلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل لاھىيەسىنى تۈزگەندىن كېيىن، ئاياغلىرىنى خام ئەشيا ، ئەمگەك كۈچى ئەڭ ئەرزان، تېخنىكىسى ئۆلچەمگە يەتكەن جۇڭگودا تىكتۈرتىدۇ، جۇڭگو كارخانچىلىرى بۇ بىر جۈپ ئاياغ ئۈچۈن 150يۈەن سەرپ قىلپ، ئارىدىن15يۈەن پايدا ئالغان. نەيك شىركىتى بولسا بۇ ئاياغلىرنى دۇنيا بازىرىغا سېلىپ ئەڭ قىممەت بولغاندا 5000يۈەنگە سېتىپ 4850 ساپ پايدا ئالغان . مانا بۇ داڭدار تاۋار ماركىنىڭ كۈچ – قۇدىرىتى.

2) مەيچۆر شىنجاڭنىڭ ياڭاق، بادام، كىشمىش، ئۈزۈم ۋە بۇغداي ئۇنىدىن ياسىغان ئالتەتال ئايتوقاچنى ئەڭ قىممەت بولغاندا 2800يۈەنگە ساتقان. تەننەرخى جىق بولسا 25يۈەندىن ئاشمايدۇ . بۇنىڭدىنمۇ بىز داڭدار تاۋارماركىنىڭ كۈچ – قۇدىرىتىنى كۆرۈۋالالايمىز.

دېمەك ، تاۋار نى زاۋۇت ياسايدۇ، داڭقىنى خېرىدار چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تاۋارنىڭ ئۆزگىچە ،خاس پەرقىنى خېرىدارغا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. تاۋارنىڭ ئېسىللىقىدىن ئېلان – سەنئەتسىزمۇ مال ساتالايدىغان، خېرىدار ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ھالنى شەكىللەندۈرۈش. تاۋىرىڭىز ئوخشاش تۈردە خېرىدارنىڭ ئېڭىدا زادى قانچىنچى ئورۇندا ؟ ئۇتاۋارغا خېرىدار ھەر ۋاقىت ئېرىشەلەمدۇ ؟ ئۇ ئۆزى ياقتۇرغان ئەڭگۈشتەرنى زادى قايسى پەرىشتنىڭ قولىدىن،دۇكىنىدىن ئالىدۇ ؟ بۇ تەرەپلەر تاۋارنىڭ ئوبرازىنى يارتىشتا بەك مۇھىم.

بىر دۆلەتنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنىڭ ئاجىز – كۈچلۈك بولۇشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتاندا، شۇ دۆلەتتىكى داڭدار تاۋار ماركىسىنى ئاز كۆپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . شىنجاڭنىڭ ئىقتىىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، چوقۇم كۆپلىگەن مىللىي داڭدار تاۋار ماركىلىرى مەيدانغا كېلىشى كېرەك .

يۇقىرىدا بىز 21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنى يەتتە تەرەپتىن چۈشەندۇق. ئەڭ مۇھىمى :

1) يىراقنى كۆرۈش ، نەزەرنى يىراققا تىكىش.

2) پۇرسەت بار بولسىلا قىسىلىپ كىرىش (ئاپتوبوسقا قىسىلىپ چىقىۋالساقلا ھەتتا ئولتۇرىدىغانغىمۇ ئورۇن چىقىدۇ).

3) ئىش ئورنىدا چوقۇم ئۆلچەمدە بېكىتىلگەن سەۋىيەگە يېتىپ ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

4) قولىدىكى ئىشنى ئۇزاق ۋاقىت قىلىش ، پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس ، سۆيۈنگىدەك كەسىپكە ئېرىشىشنى ئويلاش.

5) پۇرسەتنى سەزگەن ھامان ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ ئېرىشىش. سەزگۈرلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش.

6) دەريادىن ئۆتۈپ بولۇپ ، قېيىقلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش. ئارقىغا چىكىنىشكە، سۆرەلمىلىك قىلىپ ئىشنى كەينىگە سۈرۈشكە قەتئىي يوچۇق قويماسلىق.

7) پۇرسەت ھامان تەييارلىقى بار ئادەمگە كېلىدۇ. بۇ يەردىكى تەييارلىق ئاساسلىقى بىرىنچىدىن، ئەمىلي كۈچ ، يېتەرلىك مەبلەغنى تەقلەپ قويۇش ؛ ئىككىنچىدىن،كەسپىي بىلىم ۋە تېخنىكا ئىقتىدارى پۇختا بولۇش ؛ ئۈچىنچىدىن ئەۋزەل شارائىت، مۇھىت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

8) ھەر ۋاقىت يوقنى بار قىلىشنى ئويلاش، ئىسراپخورلۇقتىن مۇتلەق ساقلىنىش، تىجەشلىك كارخانا قۇرۇشقا ماھىر بۇلۇش ، بىر تامچە سۇ، بىر ۋاراق قەغەز ، بىر ۋات توك ، بىر تال داننىمۇ ئىسراپ قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش . شىركەتتە پاكىزلىق ئۇرغۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش،

9) ھازىرقى بېسمىغا پىسەنت قىلماسلىق، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىساس ئىگىلىرىگە، باشقۇرۇش ۋە ئۇقۇم كەمچىللىكى بېسىىمىغا پىسەنت قىلماسلىقىڭىز كېرەك.

10) قىيىن شارائىت ۋە ئەۋزەل شارائىتقا ماسلىشالايدىغان ئىقتىدارنى يىتىلدۈرىش. بولۇپمۇ، غايەت زور ئۇتۇق، پايدىغا ئېرىشكەندە بىخودلۇقتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇيغۇر ئۇستىلىرىنىڭ شاگىرتلىرىنى تەربىيىلەپ، ئۆزى دۇكان ئايرىپ بەرمىگۈچە، شاگىرىت ئۆزى ئالدىراپ دۇكان ئايرىمايدىغان ھىكمەتنى چۈشنىش. كارخانىچىدا قۇرۇق قارماقتا بىلىق تۇتىدىغان تاقەت بولىشى كېرەك.

دېمەك،يۇقۇردا بىز بۈگۈنكى رىقابەت ھەم مۇسابىقىنى ئەتراپلىق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. ئالدىمىزدا ئەڭ سەلتەنەتلىك بازار تۇرۇپتۇ. بازاردا ئىستىمالغا ئەڭ ئۇستا خېرىدارمۇ تۇرۇپتۇ. مۇھىمى شۇخىرىدارنىڭ ئھتىياجىدىن چىقىش. بىزدە ھەرۋاقىت بىر تۈركۈم ماللارنى زاپاس تەييارلاپ قويۇش، يەنەبىرتۈركۈم مالنى ئويلاپ قويۇش تەييارلىقى بولغاندىلا كارخانىمىز ھازىرقى رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىدۇ.

مەنبە: ئېقىن ژورنىلى

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى