ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى قانداق يىتىلدۈرۈش كېرەك؟

كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى قانداق يىتىلدۈرۈش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-11-02 ئاۋاتلىقى: 7996 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەنگىلىيەلىك پىسخىلوگ، ئالىم، يازغۇچى فرانس بەكون (Francis Bacon) ئىزچىل ھالدا: «تارىخ ئوقۇش ئادەمنى ئاقىل قىلىدۇ؛ شىئىر ئوقۇش ئادەمنى زېرەك قىلىدۇ؛ ھېسابلاش ئادەمنى زىل (ناھايىتى نەپىس) قىلىدۇ؛ پەلسەپە ئادەمنى كەسكىن قىلىدۇ؛ ئېتىكا ئادەمنى تەربىيەگە ئىگە قىلىدۇ؛ لوگىكا ئادەمنى سۆزگە ماھىر قىلىدۇ.»

Histories make men wise, poets witty, the mathematics subtle, notural philosophy deep, moral grave, logic and rhtoric able to contend.

دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى كىتاب ئوقۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك.

كىتاب ئوقۇش تىلغا ئېلىنسا بىزدە ھەرخىل گەپ سۆزلەر بولىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلاردىن كىتابخۇمار ئۇيغۇرلارغىچە» ناملىق ماقالەمنى تاماملاپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ھەر قېتىم كىتاب ھەققىدە پاراڭ بولغاندا، بەزىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا تۇتقان پۇزىتسىيەسىنى كۆرگەندىن كىيىن، كاللامدا بىردىنلا «كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى قانداق يىتىلدۈرۈش كېرەك؟» دېگەن تېما پەيدا بولدى. گەرچە بۇ تېما مېنىڭ كاللامدا بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتۈشكە زادىلا پۇرسەت بولمىدى.

ئالدىنقى مەزگىللەردە ئەلكۈيى مۇنبىرىدە كىتاب ئوقۇش پىلانى ھەققىدە تېما يوللانغان بولۇپ، خېلى ئادەمنى سۈيۈندۈرگۈدەك ئىنكاسلارمۇ چۈشەپتىكەن. لېكىن شۇڭا قولۇمغا قەلەم ئېلىشتىن يالتىيىپ قالغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، مەن ئانچە-مۇنچە تاقا-تۇقۇ پاراڭ سېلىپ قويىدىغان بولغاچقا، ئالاھىدە ياخشى يازما يېزىپمۇ چىقالمايمەن. ئەمما كاللىدا ئويلىغان نەرسىنى ۋاقىتدا رەتلەپ يېزىپ قويمىسا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كاللىدا بار ئوي پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى سۇ پارغا ئايلانغاندەكلا غايىپ بولىدىكەن. شۇڭا ئالاھىدە ياخشى يازما يازالمامىساممۇ لېكىن يەنىلا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

ئادەتتە، بىزدە «كىتاب بىلىم بولىقى.» دەيدىغان ئاقىللار سۆزىمىز بار. ئەمما بۇ ئاددىي، ئەمما سالمىقى ناھايىتى ئېغىر بولغان سۆزنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتگە يەتكەن ئادەم زادى قانچىلىكتۇ؟ زادى قانچىلىك ئادەم بۇ ئاددىي ئەمما سالماقلىق سۆزنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەدبىقلىيالىغاندۇ؟ بۈگۈن قارىسام ئىزدىنىش مۇنبىرى، بىلىك كۇلۇبىدا «ئۆيىدە كىتاب ساقلايدىغانلار قانچىلىك؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. چۈشكەن ئىنكاسلارغا دىققەت نەزىرىمىزنى قاراتساق يەنىلا ھەرخىل ھەر ياڭزا ئىنكاسلار بار. شۇڭا مەن ئەسلىدىنلا يېزىشنى ئويلاپ، ئەمما قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىشقا پۇرسەت چىقمىغان بۇ تېما ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا قارارىغا كەلدىم.

ھەممىمىز بىلىمىز، تېلېفۇنغا گەرچە كارتا كەتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا توك تەمىنلەپ بەرگۈچى باتارىيە بولمىسا تېلېفۇننىڭ كارتىسىنىڭ سىگنالى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ بەرىبىر. شۇڭا تېلېفۇن باتارىيىسىنى ۋاقتىدا توكلاپ (充电) تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئادەمگىمۇ قەرەللىك ھالدا توكلاش (充电) ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئادەمنى توكلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى قەرەللىك ھالدا كىتاب ئوقۇش. ئادەم ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۆزى بىر توكلاش جەريانىدۇر. شۇڭا كىتاب ئوقۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك.

ھەممىمىز بىلىمىز، ھەممە ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشى ناتايىن. كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا ئارتۇقچە ئاتىكاچىلىق قىلىپ «كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى قانداق يىتىلدۈرۈش كېرەك؟» دەپ بىلجىرلاپ  ئولتۇرمىساقمۇ، ئۇلارنىڭ بىر ئوبدان كىتاب ئوقۇش ئادىتى بار بولىدۇ. بەلكىم بۇ يەردە بىلجىرلاپ ئولتۇرغان مەندەكلەر ئۇلارنىڭ ياخشى، ئۈنۈملۈك كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى بۇ ئۆمرىمىزدە ئۇچرىتالماسلىقىمىز ھەم ئىگىلەپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن. شۇڭا مەزكۇر تېما كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلاردىن چەتنىگەن ھالدا يېزىلىدۇ. يەنى، ئاشۇ ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىتاب ئوقۇشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلار ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە تۇنۇشتۇرۇش ۋە تەدبىرلەر سۆزلەپ ئۆتۈلىدۇ.

كىتابنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئوينايىغان پايدىسى ھەقىقەتەن كۆپ. ئەمما كىتاب ئوقۇدۇم دەپ قانداق كىتاب بولسا قارا-قۇيۇق ھەممىنى ئوقۇش كېرەكمۇ؟ پەقەت بىرلا خىل ژانىردىكى كىتابنىلا ئوقۇش كېرەكمۇ؟ چوقۇم كىتابنى تاللاپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

كىتاب ئەسەرلىرىنىڭ ژانىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەر: رومان، پوۋست، ھېكايە، مىكرو ھېكايە، فىلىيەتون، داستان، شىئىر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات، ئۇچرىك دېگەندەك تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ. كىتاب چوڭ جەھەتتىن، پىسخكىغا ئائىت كىتاب، پەلسەپەگە ئائىت كىتاب، تارىخقا ئائىت كىتاب، ئېتىكىغا ئائىت كىتاب، دىنغا ئائىت كىتاب دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

بىزدە كىتاب ئوقۇش دېسە پەقەتلا شۇ ئەدەبىي ئەسەر (رومان، پوۋىست، ھېكايە) قاتارلىقلارنىلا ئوقۇش كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. شۇڭا بەزىلەر ھە دېسە پەقەت شۇ رومان، پوۋىستلارنىلا ئوقۇپ، بىرلا خىل ژانىردىكى ئەسەرنىلا ئوقۇش بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، باشقا تۈردىكى كىتابلارنى ئوقۇشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي تۈردىكى كىتاب ئوقۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. مېنىڭ بىر نەچچە دوستۇم بولىدىغان، ئۇلار بىلەن كىتاب ھەققىدە گەپ-سۆز بولۇپ قالسا، «سىز كىتاب ئوقامسىز؟» دەپ سورىسام، «مەن كىچىكىمدە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگەتكەن، ھازىر كىتاب ئوقۇشقا قىزىقمايمەن.» دەپ جاۋاب بەرگەنلەرنى كۆرگەنمەن. مەن يەنە قايتۇرۇپ «قايسى كىتابلارنى ئوقۇپ بولغان ئىدىڭىز؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ جاۋابى پەقەتلار شۇ رومان كىتابلارنىلا ئوقۇش بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەتتى. بۇ خىل «كىچىكىدە نۇرغۇن رومان ئوقۇپ قويۇپ، ھازىرغا كەلگەندە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقمايدىغانلارنى مەن ھەقىقىي كىتاب ئوقۇش ئادىتى بارلار» دەپ قارىمايمەن. بىز كىتاب ئوقۇغاندا، چوقۇم ھەر خىل تۈردىكى كىتابلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بەلكىم دەسلەپ قولىمىزغا كىتاب ئالغاندا، لوگىكا، پىسخىكا، پەلسەپە، ئېتىكا قاتارلىق تۈردىكى كىتابلارنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەسلىكىمىز ياكى ئوقۇپ دېگەندەك چۈشىنەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىراقلا بۇنداق يىرىك، كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇشنى باشلىماي (بەلكىم بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىشىمىز تولىمۇ ئاجىز بولىشى مۇمكىن.) چوقۇم ئۆزىمىز ئەڭ قىزىقىدىغان، بىزنىڭ ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ھېكايە، پوۋىست، رومان قاتارلىقلارنى ئوقۇشنى باشلىشىمىز، پەقەت ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزدە بەلگىلىك دەرىجىدە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى، ئادىتىنى يىتىلدۈرگەندىن كىيىن، تەدرىجىي ھالدا باشقا تۈردىكى كەسىپىي كىتابلار (ئەدەبىي خاتىرە، ئۇچرىك، ئىلمىي ماقالە) قاتارلىقلارنى ئوقۇشنى باشلىساق، شۇ ھالدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بارا-بارا تارىخ، پەلسەپە، پىسخىكا، ئېتىكا كىتابلىرىنى كۆرۈشكە باشلىساق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىراقلا كىتابتىن يىرگىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇستەھكەم بولغان كىتاب ئوقۇش ئىرادىسىنى تىكلىگىلى، مۇكەممەل بولغان كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا كىتاب ئوقۇغاندا پەقەت بىرلا ژانىر ياكى بىرلا تۈردىكى كىتابلارنىلا ئوقۇشتىن ساقلىنىپ، چوقۇم ئوقۇغان كىتابنىڭ كۆپخىل بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

شۇ نەرسىمۇ ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، بىزنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىمىزنىڭ ھەممىسى شۇ ھامانلا ئۆنۈم بېرىشى ناتايىن. ئەمما كۆپ ھالدا كىتابنىڭ شۇ ھامانلا ئۆنۈم بېرىشى يەنە كېلىپ ناھايىتى روشەن ھالدا ئۆنۈم كۆرسىتىشى ناتايىن. ئەمما ئوقۇغان ھەر قانداق بىر كىتابنىڭ ھامان ئازدۇر كۆپتۇر ئۆنۈم كۆرسىتىدىغانلىقى ئىنىق. شۇڭا كىتاب ئوقۇغاندا، كۆز ئالدىنىلا كۆزلەپ كىتاب ئوقۇماي چوقۇم يىراقنى كۆزلەپ تۇرۇپ ئوقۇش، ئوقۇغان كىتابلاردىن ۋاقىتدا خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش، كىتابتىكى ياخشى دەپ قارىغان جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىۋېلىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئىشلارنىمۇ ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

بىر كىتابقا يېزىلغان ئېقى قەغەز قارىسى سىياھنىڭ ھەممىسىنىڭ بىزگە پايدىلىق بولۇشى ناتايىن. يەنى قارا سىياھتا يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىزگە پايدا ئېلىپ كېلىشى ناتايىن. بەزىدە پۈتۈن بىر كىتابنى ئوقۇپ چىقىپ، پەقەت ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر جۈملە سۆزنىڭلا ھەقىقەتەن توغرا ئېليتىلغانلىقىنى بايقىشىمىز مۇمكىن. بەزىدە بىر كىتابتىن بىزگە ئالاھىدە تەسىر قىلدىغان سۆز-جۈملىلەردىن نۇرغۇن ئۇچرىشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، چوقۇم كىتاب ئوقۇشقا سەل قارىماسلىق، ئۆزىمىزگە قەرەللىك ھالدا توكلاش (充电) ئېلىپ بېرىشقا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.

قىسقىسى، پەقەت بىز ئىزچىل ياخشى بولغان كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ساقلاپ، دائىم كىتاب كۆرۈپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالىساقلا، بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز تېخىمۇ ئېچىلىپ، پىكىرىمىز تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ ماڭىدۇ. شۇڭا يەنە تەكىتلەيدىغىنىم كىتاب ئوقۇشقا ھەرگىز سەل قارىماڭ ھەم ئوقۇغان كىتابىڭىزنىڭ كۆپخىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ!

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى