ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

توردىكى ئىسىم ۋە ھەقىقىي ئىسىم

توردىكى ئىسىم ۋە ھەقىقىي ئىسىم

ۋاقتى: 2016-08-02 ئاۋاتلىقى: 6419 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىرقى دەۋردە تورنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تورنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى رولىمۇ كۈندىن كۈنگە مۇھىملىشىپ، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە توردىن ئايرىلالمايدىغانلا بولۇپ قالدۇق.

توردا (بولۇپمۇ مۇنبەرلەردە) ھەر قانداق ئەزاغا تىزىملىتىش پۇرسىتى بېرىلگەندىن كىيىن، بىز توردا ئاساسەن ھەقىقىي ئىسمىمىزنى قوللانماي، بەلكى توردىكى ئىسىم (مەخسۇس توردا قوللىنىدىغان ئىسىم. مەسىلەن: پەنگىيار دېگەندەك) ئارقىلىق تور دۇنياسىدا ئۆزىمىزنىڭ يېڭى بىر ئىسمىمىزنى تاللاپ چىقىپ، ئۆزىمىزنىڭ تور دۇنياسىدىكى كىملىكىمىزنى ياراتتۇق.

خۇددى «تەڭگە پۇلنىڭ ئىككى يۈزى بار.»، «قولنىڭ ئالقىنىمۇ بار، كەينى (دۈمبىسى) مۇ بار.» دېگەندەك، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭمۇ ئوخشاشلا «پايدىلىق»، «پايدىسىز» ياكى «زىيانلىق»، «ياخشى»، «يامان» دېگەندەك تەرەپلىرى بولىدۇ. شۇڭا توردا خالىغان ئىسىمدا تىزىملىتىپ ئۆزىمىزنىڭ باشقىچە كىملىكىنى يارىتىشتىمۇ ئوخشاشلا، بۇنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئەمما، بىز بىرەر ئىشقا، بىرەر ئادەمگە، بىرەر ھادىسىگە باھا بەرگەندە ھەرگىزمۇ شۇ ئوبيىكىتنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپىدىن باھا بەرمەي، ئۇنى ھەر تەرەپتىن تۇلۇق كۈزىتىپ، ئەتراپلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ئاندىن باھا بېرىشىمىز كېرەك. بەلكىم بىزنىڭ بۈگۈن بەرگەن باھايىمىز ئەتە خاتا بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى بىز ئىنسانلار تەرەققىي قىلىۋاتىمىز، كىچىكلىرىمىز چوڭ بولىۋاتىمىز. تۈنۈگۈنكى تەنتەكلىكىمىز بۈگۈنكى ئېغىر بېسىقلىقىمىزنىڭ سەۋەبچىسى بولىدۇ. بەلكىم تۈنۈگۈنكى تەنتەكلىك بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى ئېغىر بېسىقلىق، پىشىپ يىتىلىش بولمىغان بولاتتى.

ھاياتتا بىرەر شەيئىگە باھا بەرگەندە، چوقۇم مۇتلەقلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. بەلكى شۇ شەيئىنىڭ قانداق باھاغا ئېرىشىشى پەقەت شۇ شەيئىنىڭ «ياخشى» ياكى «يامان» تەرەپلەرنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.

شۇنىڭغا ئوخشاش، تورنىڭ تەرەققىياتى بىزگە كۆپىنچە تورلارغا تىزىملىتىپ ئەزا بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىن كىيىن، بىز توردا ئۆزىمىز خالىغان ھەر قانداق ئىسىمدا تىزىملىتىپ، ئەزا بولۇپ، توردا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇنازىرلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. توردا تىزىملىتىشتا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بولمىغاچقا، بىز ئەركىن ھالدا ھەر خىل ئىسىملاردا تورغا تىزىملىتىپ ئەزا بولالايدىغان بولدۇق. قىسىقىسى تور دۇنياسىدا يەنە بىر ئىسىم قوللىنىش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ يېڭىچە ئىسىمغا بولغان تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇپ توردا يېڭى كىملىكىمىزنى ياراتتۇق.

تورغا تىزىملىتىشتا ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغان، ياخشى كۆرگەن (پەقەت تىزىملاتماقچى بولغان ئىسىم باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىتىلىپ بولۇنمىغان بولسىلا) ئىسىمنى تىزىملىتىپ، توردا پىكىر بايان قىلايدۇ. شۇڭا بەزى ئاز بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تور نامى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نامى مەسىلەن: ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت، يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تور نامى ناھايىتى  مەنىلىك باشقا ئىسىملار، مەسىلەن: يۈكسەل، يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئىسىملىرى بولسا تېخىمۇ ئۆزگىچە، مەسىلەن: توغراق، يانتاق، يۇلغۇن، مەن ساراڭ، ئەسەبىي دېگەندەك ئىسىملار بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، توردا قانداق ئىسىم قوللىنىش ھەمىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، بۇنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.


ئەمىدىكى مەسىلە:

توردا تور ئىسمىمىزنى ئۆز-ئارا قانداق ئاتاش مەسىلىسىدۇر.

ئادەتتە، توردا ئىسىم ئاتاشتا مۇنداق بىر قانچە خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.

(1) تور ئىسمىغا «بىگىم»، «ھەزرىتىم» دېگەندەك ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىسىملارنى قوشۇپ ئاتاش، ئەمما بۇ خىل ئاتاش ئۇسۇلى پەقەت بىر قانچە ئۆز-ئارا تۇنۇش بولغانلار ئارا قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەسىلەن: يۈكسەل بېگىم. ئۇيغۇربەگ ھەزرىتىم دېگەندەك.

(2) تور ئىسىمىنىڭ كەينىگە «ئەپەندى»، «خانىم» دېگەندەك ئىسىملارنى قوشۇپ ئاتاش. بۇ خىل ئەھۋال ئاساسەن ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ناتۇنۇش بولغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپرەك قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەسىلەن: ئۇيغۇرزادە ئەپەندى، يۈكسەل ئەپەندى دېگەندەك.

(3) ئۇدۇللا تور ئىسمىنى ئاتاش. بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ھاللاردا بىر قەدەر ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلار ۋە تەڭتۇشلار ئارىسىدا قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەسىلەن: ئەركى، ئىلقۇت، مۇبارەك دېگەندەك.

خوش، ئەمدى مەزكۇر يازمىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا كەلسەك:

مۇنبەرلەردە ئۆز-ئارا مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا، قارىشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتاش مەسىلىسى ھەققىدە بولىدۇ.

بەزىلەرنىڭ تەشەببۇسى:

توردا چوقۇم ئۆزىدىن چوڭ بولغانلارنى ئەپەندى دەپ ئاتاش (مەسىلەن گۈلەن ئەپەندى) كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، مەن بۇنىڭغا قارىشى ئەمەس، چۈنكى چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش كېرەك. (بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك ئۇستازلارنىڭ ۋاقتىدا ئەسكەرتىش بەرگەنلىكىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گەرچە بۇنداق قىلىشىڭ كېرەك دېگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا تاشلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىچىدە نەچچە قېتىم تىللاپ بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن.) ئەمما كاللامدىن ئۆتمىگەن مەسىلە: ئەگەر قارىشى تەرەپنى مۇنازىرىدە تۇنجى ئۇچراتقاندا، قارىشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا چوقۇم ئەپەندى دەپ ئاتاش كېرەكمۇ؟ ئەگەر قارىشى تەرەپ ئايال زاتى بولسا يەنىلا ئەپەندى دەپ ئاتاش كېرەكمۇ؟ قارىشى تەرەپ بىزدىن ياشتا چوڭ بولسىغۇ ئەپەندى دەپ ئاتاشنى توغرا كۆرگەن بولايلى، سالاھىيىتى ئىنىق بولمىغان (بىزگە تۇنۇش بولمىغان) يېڭى بىر ئەزانى ئاتاشقا توغرا كەلسە، ئۇ يېڭى ئەزا ياش جەھەتتە بىزدىن كىچىك بولسا يەنىلا ئەپەندى دەپ ئاتاش كېرەكمۇ؟

ئەگەر بىز قارىشى تەرەپنىڭ سالايىھىيى، جىنسىي، يېشى قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تور ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ئەپەندى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتىدۇقمۇ دەيلى، ئەمما بۇنداق تور ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا «ئەپەندى»، «خانىم» سۆزىنى قوشۇپ ئاتاش ھەممە ئىسىمغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ يەردە بىر چوڭ خاتالىق سادىر قىلىشقا سەۋەبچى بولۇپ قالىمىز.

مەسىلەن: توردا قانداق ئىسىمدا تىزىملىتىش ئەركىنلىكى بولغان بولغاچقا، بەزىلەر ھەقىقىي ئىسىمدا تىزىملتىدۇ (ئەمما بەكلا ئاز).  بەزىلەر ئۆزگىچە ئىسىم بىلەن تىزىملىتىدۇ (ئىزدەنگۈچى، ئىزچى، تەپەككۇرچى….) يەنە بەزىلەر تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىسىم (خوراز، يانتاق، توغراق، يۇلغۇن، ئات، مەن ساراڭ، مەن ئوڭ، ياغاچ، جىن دېگەندەك) لارنى قوللىنىدۇ. ئەگەر بىز يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە قارىشى تەرەپنىڭ سالايىھىيى، جىنسىي، يېشى قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تور ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ئەپەندى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتىساق، ئۇ ھالدا خوراز ئەپەندى، يانتاق ئەپەندى، ئات ئەپەندى، مەن ساراڭ ئەپەندى، جىن ئەپەندى دەپ ئاتاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بىز ئادەمدىن ئىبارەت بۇ بىر يىگانە ئاللاھتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئادەم بىلەن پەقەت ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كائىناتتىكى بارچە جانلىقلارنى شۇ ئادەم بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قويۇشتەك خاتالىقنى سادىر قىلغان بولىمىز.

بۇنداق تور ئىسىمىغا چوقۇم «ئەپەندى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بۇنداق ئاتاش ئارقىلىق قارىشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما ھەممىمىز بىلىمىز، تور بىر مەۋھۇم دۇنيا، نەزىرىيە جەھەتتىن ھەممە باراۋەر (چۈنكى مەۋھۇم دۇنيادا ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە ئۆز-ئارا ناتۇنۇش بولغان بولىدۇ) بولىدۇ. ناتۇنۇشلار ئارىسىدا قانداقتۇر ھۆرمەت-ھۆرمەتلىنىش (بولۇپمۇ توردەك بۇنداق مەۋھۇملۇقتا) مەۋجۈت ئەمەس. ئەگەر تورغا تىزىملىتىشتىن مەقسەت باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىشىدىن تاما تۇتۇش كېرەك بولسا، مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاتساق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز ھەسەنجان ئەپەندى، ئەمەتجان ئەپەندى، گۈلسۈم خانىم دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۇلارغا ھەقىقىي ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرسەك بولىدۇ. ئەمما ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاتماي، ئەكسىچە ئۆزگىچە ئىسىم (خوراز، يانتاق، توغراق، يۇلغۇن، ئات، مەن ساراڭ، مەن ئوڭ، ياغاچ، جىن دېگەندەك) لاردىن پايدىلىنىپ ئىسىم قوللانغاندا، بۇلارنى يەنىلا خوراز ئەپەندى، توغراق ئەپەندى، مەن ساراڭ ئەپەندى، جىن ئەپەندى دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزى بىر ئەخمەقلىق. بۇنداق ئىسىمنى قوللانغانلار ئۆزى مۇشۇنداق ئىسىمنى قوللىنىشنى تاللىغان ئىكەن، چوقۇم ئۇلارنى خوراز، توغراق، يانتاق، جىن دەپ ئاتاش كېرەك. چۈنكى بۇنداق ئىسىمنى قوللانغانلار باشقىلاردىن قانداقتۇر ھۆرمەت تاماسى تۇتمىغان بولۇشى مۇمكىن.

شەخسەن مەن ئۆزھال، ئەرتۈرك، گۈلەن، تارىم دېگەندەك ئىسىملارنى قوللانغانلارنى يەنىلا ئەپەندى دەپ ئاتاشنىمۇ ئانچە مۇۋاپىق دەپ قارىمايمەن. ئەمما بۇنداق دېسەم بەزىلەر سەن ئۆزۈڭ كىچىكلا بىر ئىشتىنى كۆتىدىن ئاشمايدىغان شۇم تۇرۇپ مۇشۇنداق چوڭلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇللا ئاتاپ ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭ دېيىشى مۇمكىن. ئەمما تور دۇنياسىدا ئۆز-ئارا مۇنازىرىلەشكەندە ئۆزھال، گۈلەن، تارىم دەپ ئاتاش ھەرگىزمۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقى بولمايدۇ. ئەگەر يۇقىقىلار ئۆزھال، ئەرتۈرك، گۈلەن دېگەندەك ئىسىم قوللانماي، ئەكسىچە راخمانجان ئاۋۇت، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دېگەندەك ھەقىقىي ئىسىملار بىلەن تىزىملىتىپ مۇنازىرىگە قاتناشقان بولسا ئىدى. بۇلارنى شەرتسىز راھمانجان ئاۋۇت ئەپەندى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ھاجىم دەپ ئاتىغان بولاتتۇق.

تور دۇنياسىدا ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىش ۋە تور ئىسمى قوللىنىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىك بار. بۇنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدۇ.

شۇڭا، مۇنازىرىگە قاتناشقاندا، قانداقتۇر قارىشى تەرەپنى چوقۇم ئەپەندى دەپ چاقىرىشىڭ كېرەك، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈڭ كېرەك دېگەندەك سۆزلەر مېنىڭچە بىر ئاقىلانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان سۆزلەر بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا مۇنازىرە بولغان ئىكەن، قانداقتۇر زومۇزو ئەپەندىم، خانىم دەپ قوشۇمچە قوشۇپ ئاتاپ ئۆز-ئارا ياسالمىلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىپ، ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ بارساق، مېنىڭچە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلىشىمىز مۇمكىن.

«تەكەللۇپ، ھۆرمەت چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئوخشاش ياشلىقلارنى بىر-بېرىدىن يىراقلاشتۇرۇش، بىر-بېرىنى چەكلەش رولىنى ئۆتەيدۇ…» دېگەن جۈملىدىكى «ئوخشاش ياشلىقلار» سۆزىنى «تورداشلار» دەپ ئۆزگەرتسەك ئوخشاشلار ئۈنۈمگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.

بىزدە ئىش قىلغاندا ھەمىشە ھەددىدىن زىيادە مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىش خاھىشى بەكلا ئېغىر. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاددىي ئىشلارنى مۇرەككەپ قىلىۋېتىشتىن ساقلانساق. قانچە ئاددىي بولسا شۇنچە ياخشى. قانداقتۇر ئايىغى چىقمايدىغان ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ يۈرمىسەك، خۇددى قىلغىلى ئىش يوقتەك، ئۇيغۇرچە «ھ» ھەرىپىنىڭ ئېلىپبەدىكى شەكلى تۆتمۇ ئىككىمۇ؟ دېگەندەك ئەسلىدىنلا بىر ئاددىي مەسىلىنى مۇرەككەپ قىلىۋەتمىسەك. ھازىر باشلانغۇچ 2-يىللىقنىڭ خالىغان بىر ئوقۇغۇچىسىدىن «ھ» ھەرىپى زادى قانچە دېسەك ئۇ دەرھاللار ئۈچ دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىنى يەنە مۇرەككەپلەشتۈرۈشنىڭ ئورنى بارمۇ؟

شۇڭا مۇنازىرە ئىلاج بار ياسالمىلىقتىن، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇرۇشتىن، ئۆز-ئارا ئارىلىق ساقلاپ كۆرۈنمەس تام ھاسىل قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىپ، ئەركىن، تەبئىي ئېلىپ بېرىلسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى