ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز راستىنلا ئىشەنچ يۇقالغان جەمئىيەتمۇ؟

بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز راستىنلا ئىشەنچ يۇقالغان جەمئىيەتمۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 6468 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈنمۇ (2010-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى) ئىشخانىدىكى ئىشىلىرىمنى تۈگىتىپ بولالماي سەل كەچ ئىشتىن چۈشتۈم، مەن ئودا ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. بىر ۋاقىتتا قورسىقىم ئېچىپ كوركىراپلاپ كەتتى، شۇڭا قولۇمدىكى ئىشنى توختىتىپ سائەتكە قارىسام سائەت ئاللىبۇرۇن 7 بولۇپ كېتىپتۇ، شۇڭا ئالدىراش ئىشتىن چۈشۈپ 10-يول كوچا ئابدۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ قايتماقچى بولۇپ، ئەمدىلا ماشىنىغا چىقىشىمغا ماشىنىدىكى ئۈچ ياشنىڭ (ئوقۇغۇچى بولسا كېرەك) مۇنۇ پاراڭلىرى قولىقىمغا كىرىپ قالدى.

–مەن ھېچقانداق ئادەمگە ئىشەنمەيمەن.

دەپ گەپ باشلىدى بىر قىز. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە بىر قىز سۆز باشلىدى.

–ھازىر كىمگە ئىشەنگىلى بولىدۇ ھەي، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىسىز بولۇپ كەتتى ھازىر.

–مەن ئەزەلدىن قىزلارغا ئىشەنمەيمەن.

دەپ سۆز قىستۇردى يەنە بىر ئوغۇل بالا.

……

توۋا، ھازىر بۇ زامان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز راستىنلا ئادەم ئادەمگە ئىشەنمەيدىغان ئاشۇنداق ئىشەنچىسىز بولۇپ كەتتىمۇ؟

مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇ ئىشەنچ مەسىلىسى توغرىسىدا كاللامدا پىكىر خىيال سەل كۆپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۈگۈن ئەسلى قىلماقچى بولغان ئىشىمنىمۇ تاشلاپ بۇ پىكىر خىياللىرىمنى بىر يېزىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىشقا باشلىدىم.

ھازىرقى جەمئىيەتتە بۇ ئىشەنچ مەسىلىسى ھەققىدە بىز مۇنداق ئەھۋاللارغا كۆپ ئۇچرايمىز.

مەسىلەن، سىز ئەسلىدە بىكار بولۇپ ياكى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ بىرەر ئورۇندىن ئىش تاپماقچى بولۇپ، مىڭ بىر تەسلىكتە بىر ئورۇندىن ئىش تاپقاندىن كىيىن، دوستلىرىڭىزغا ياكى تۇنۇشلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنى مەلۇم بىر شىركەتتىن ئىش تاپقالىقىڭىزنى ئېيتقىنىڭىزدا ئۇلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ قايتۇرىدىغان ئىنكاسى: توختاملاشتىڭمۇ؟ مائاشىڭ قانچە؟ دېيىشتىن ئىبارەت.

توختام دېگەن بۇ نەرسىنى تۈزۈش ئۈچۈن مېنىڭچە ئانچە ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەسلىدە بىزنىڭ بۇ ئاتالمىش توختام دېگەن نەرسىنى تۈزۈپ يۈرۈشىمىزنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ لەۋزىنى ھالال بىلىپ، لەۋزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرسە، دېگەن سۆزىدە تۇرسا، يەنە بۇ توختام دېگەن نەرسىنى تۈزۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ مېنىڭچە بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ياشىغان ئاتا بوۋىلىرىمىزدا بۇ توختام دېگەن نەرسە بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. توختام پەقەت ئىشلەپچىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، ئادەملەر ئارىسىدىكى ئىشەنچ سۇسلىشىپ ئۆز كۈچىنى يۇقاتقاندا ئاندىنمەيدانغا كەلگەن بولىشى مۇمكىن. بىز نېمە ئۈچۈن توختام تۈزىمىز؟ بۇ دەل بىزدىكى ئىشەنچ كۈچىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئۆز ئارا ئىشەنچ كەم بولغان ئەھۋال ئاستىدا توختام تۈزۈشكە مەجبۇرى بولىمىز. ئەمما بىز شۇنى ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، توختام تۈزۈشكىمۇ ئانچە ئالدىراپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. كەمىنىنىڭ كەڭ ئىش ئىزدىگۈچىلەرگە سەمىمىي تەكلىۋىم سىز ھەرگىزمۇ ئىشقا قۇبۇل قىلىنغان تۇنجى كۈنىلا ئالدىراپ توختامغا قول قويۇشتىن ساقلىنىشڭىز كېرەك. چۈنكى ئىشقا قۇبۇل قىلىنىپ شۇ ئىش مۇھىتىنى تۇلۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ توختامغا قول قويغاندا مېنىڭچە بۇنىڭ كىيىنكى ئاۋارىچىلىقى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر سىزدە يىتەرلىك ئىقتىدار كەمچىل بولغان ئەھۋال ئاستىدا سىزنى ئىشقا قۇبۇل قىلغۇچى زىيان تارتىشى، ئەگەر سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز يىتەرلىك بولۇپ، ئىش ئىگىسى (ئىشقا قۇبۇل قىلغۇچى) نىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش، ئىقتىدارلىقلارنى قەدىرلەپ ئىشلىتىش ئىقتىدارى كەمچىل بولسا سىز زىيان تارتىشىڭىز مۇمكىن. يەنە كېلىپ توختاملاشقاندا چوقۇم توختامغا قول قويۇشتىن بۇرۇن ئىش ھەققىنى بېكىتىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، سىزدە يىتەرلىك ئىقتىدار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر ئىش ھەققى سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا نىسبەتەن يۇقىرى بېكىتىلىپ قالسا ئىش ئىگىسى چوڭ زىيان تارتىشى، ئەگەر سىزدە ئىقتىدار يىتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلماي تۇرۇپ ئىش ھەققىنى بىكىتكەندە سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىز سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا نىسبەتەن كۆپ تۆۋەن بېكىتىلىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا سىز چوڭ زىيان تارتىسىز-دە ئىش ئۈنۈمىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ.

خوش، ئۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ مېنىڭچە ئىش ئىزدىگەندە، ئاۋال ئىش ھەققى ۋە توختام مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق كېرەك. شۇنىسى ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تۇلۇق پايدىلىنالايدىغان ئىش ئىگىلىرى (شىركەت قۇرغۇچىلار) ئادەتتە، تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا ئىش ھەققىنى تىلغا ئالغۇچىلارنى ئىشقا قۇبۇل قىلىشتىن يالتىيىدۇ، يەنى سىزنىڭ ئىش تېپىشتا مەغلۇب بولۇش نىسبىتىڭىز ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئاۋال ئىش ھەققى ۋە توختام مەسىلىسىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ بىرەر ئاي ئىشلەپ كۆرۈش، شۇ جەرياندا شىركەت ئەھۋالىنى، ئىش مۇھىتىنى تۇلۇق چۈشەنگەندىن كىيىن ئاندىن توختام ۋە ئىش ھەققى مەسىلىسىنى سۆزلەشسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە توختام دېگەن بۇ نەرسە شۇ ئىشەنچنىڭ سۇس بولىشىدىن كېلىپ چىققان بىر شەيئىي خالاس.

يەنە مۇنۇ بىر كۆرۈنۈشكە دىققەت قىلىپ باقايلى:

مەن بۈگۈن قاشتېشى مۇنبىرىغا تىزىملىتىپ ئەزا بولۇپ، قاشتېشى مۇنبىرى باشقۇرغۇچىسى لەيلى نىڭ «قاشتېشىدىكى كونا – يېڭى ئەزالار بۇ تېمىغا كىرىڭلار !» ناملىق تېمىسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ قالدىم، ئەسلى بۇ بىر مۇنبەردىكى ئەزالار ئۆز-ئارا چۈشىنىش، تۇنۇشۇشنى ئاساس قىلغان، ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش تېمىسى ئىكەن، مەن ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشۈنۈپ چىقاي دەپ مەزكۇر تېمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقتىم ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا مۇۋاپىق ئىنكاس قالدۇرۇپ ماڭدىم. لېكىن مەن بەزى ئەزالارنىڭ مەزكۇر تېمىغا كىرىپ ئىنكاس يېزىپتۇيۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى قالدۇرۇشتىن باش تارتىپتۇ، بەزى ئەزالاردىن مۇنبەرداشلار قايتا-قايتا ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمى (ئاتا-ئانسى ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى) نى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بۇ مۇنبەرداشلار ئۆزىنىڭ ئىسمىنى توردا قالدۇرۇشنى رەت قىلىپتۇ. بۇ يەردە مۇنبەرداشلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى بىلىش ئانچە زۆرۈر ئەمەس، لېكىن مەسىلە: بۇ ئەزالار نېمە ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسمىنى قالدۇرۇشنى رەت قىلىدۇ؟ بۇمۇ دەل جەمئىيىتىمىزدە ئىشەنچنىڭ ئۆز كۈچىنى يۇقاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشىدۇر.

خوش، ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، باشتىكى ئۈچ ياشنىڭ سۆزىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:

بىر قىز ھېچ كىمگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە بىر قىز ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىشەنگۈدەك ئادەمنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ دەسلەپكى قىزنىڭ پىكىرىنى قۇۋەتلىدى. ئاندىن ئۈچىنچى بىر ئوغۇل ئۆزىنىڭ قىزلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قارىماققا ناھايىتى ئاددى بىر كۆرۈنۈشتەك قىلسىمۇ لېكىن، بۇنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان مەسىلە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاددى مەسىلە ئەمەس. ئەگەر قىزلا ئوغۇللارغا ئىشەنمىسە، ئاندىن ئوغۇللار قىزلارغا ئىشەنمىسە ئاخىرى كېلىپ بۇ ئىشلار تەرەققىي قىلىپ ئاتا-ئانا بالىسىغا ئىشەنمىسە، بالا ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنمىسە (ھازىرقى جەمئىيەتتە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يوقلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيمىز، بۇ خىل ئەھۋال ئەمىلىيەتتە ئاللىبۇرۇن مەۋجۈت بولۇپ، بىر خىل مۇرەككەپ جەمئىيەت ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن.) ئىش ئىزدىگۈچى ئىشقا قۇبۇل قىلغۇچىغا ئىشەنمىسە، ئىشقا قۇبۇل قىلغۇچى ئىش ئىزدىگۈچىگە ئىشەنمىسە… بۇ مەسىلە مۇشۇ ھالەتتە تەرەققىي قىلىپ يامان خاراكتىرلىق ئايلانما ھالەت (恶性循环) شەكىللەنسە بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى قانداق بولۇپ كېتەر؟؟؟

كۆپچىلىك كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز راستىنلا ئىشەنچ يۇقالغان جەمئىيەتمۇ؟

مېنىڭچە بىزنىڭ ئارتۇقچە مەيۈسلىنىپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. جەمئىيىتىمىز تېخى ئۇ دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ھالەتتە ئىشەنچىسىز بولۇپ كەتمىدى.

مەن ئۆز كەچۈرمىشىم بويىچە كۆز قارىشىمنى سۆزلەپ ئۆتەي:

بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن مېنى بيېجىڭ مەركىزى مىللەتلەر تەرجىمە مەركىزىدىن بىر ئاكاش ئىزدەپ تېلېفۇن قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە قولىدا بىر تەرجىمە ماتىرىيالى بار ئىكەن. ئۇ بىزنىڭ (ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ) تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بىزنىڭ بۇ تەرجىمە ماتىرىيالىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشنى خالاش ياكى خالىماسلىقىمىزنى سوراپ تېلېفۇن قىلغان ئىكەن. مەن ئۆزۈم بىر قوللۇق تەشكىللەپ چىققان بۇ تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا تۇلۇق ئىشەنچ قىلغان بولغاچقا قورقمايلا بۇ ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشنى خالايدىغانلىقىمىز بىلدۈردۇم. (مەزكۇر ماتىرىيال بىر ئاز كۆپ، 39000 خەتلىكتىن ئارتۇق ماتىرىيال بولۇپ، بىزگە پەقەت 5 كۈنلا ۋاقىت بېرىلەتتى. ھەم تەلەپ بويىچە بۇ ماتىرىيالنى قوش تىللىق (ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ھەر ئىككى يېزىقى ئابزاسلار بويىچە رەتلىنىپ چىقىلاتتى.) مەن دەسلەپ بۇ ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا توختام دېگەن بۇ نەرسە ھەققىدە قىلچە ئويلىنىپ ئولتۇرمىغان ھەمدە ماتىرىيالنى چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تاماملايدىغانلىقىمىزنى ئوقتۇرۇپ ماتىرىيالنى يوللاپ بېرىشنى ئېيتتىم، دەسلەپ ھېلىقى ئاكاش مېنى ئىزدەپ بولۇپ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە بىزگە تازا ئىشەنچ قىلالمىدى. چۈنكى مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ماتىرىيالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇقتۇم، چۈنكى ئۇ ماتىرىيال تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ فېزىكا تەجرىبە قوللانمىسى بولۇپ، ئىچىدە كەسپىي ئاتالغۇلار ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ ماتىرىيالنىڭ تەرجىمە سالمىقى ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ يۈزىمىزدە تۈكى بار ئەركەك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېغىزدىن چىققان گەپنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ-دە، شۇڭا دېگەن مۆھلەت بويىچە تەرجىمىگە كىرىشىپ بەلگىلەنگەن موھلەت ئىچىدە مەزكۇر ماتىرىيالنى تۇلۇق تەرجىمە قىلىپ بولدۇق ھەمدە ھېلىقى ئاكاشنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتۇق. لېكىن ماتىرىيال ھۆكىمەتنىڭ ماتىرىيالى بولغاچقا بۇنىڭغا تەرجىمە ھەققى دەرھال چىقمايتتى. شۇڭا ھېلىقى ئاكاشنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنىڭ خەۋىرىنى كۈتىدىغان بولۇپ پۈتۈشتۇق. بۇ ئارىلىقتا تەتىلگە قۇيۇپ بېرىلىپ يۇرتقا قايتىپ كەتتىم، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشمۇ جىمىپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان بەزى تۇنۇشلار، دوستلار مېنىڭ بۇ ئىشنى دەسلىپىدىلا توختام تۈزۈشمەي قىلغانلىقىمنى، شۇڭا بۇنىڭ تەرجىمە ھەققىنى ئالالمايدىغانلىقىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مېنى بەكلا ئەخمەقلىق بىلەن ئىش كۆرگەنلىك قاتارىغا چىقىرىۋەتتى. لېكىن مەن يەنىلا ھېلىقى ئاكاشقا ئىشىنەتتىم، شۇڭا ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىم، مەيلى تەرجىمە ھەققىگە ئېرىشەي ياكى ئېرىشمەي بۇ ئىش ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى، ناھايىتى مېنىڭ بەش كۈنلۈك ۋاقتىم سەرپ بولدى. لېكىن بۇ تەرجىمە داۋامىدا مېنىڭ ۋە باشقا ئەزالار (ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى) ھەقىقىي ئېرىشكەنلىرىمىز ئاز ئەمەس. ھېچ بولمىسا بۇ قېتىم ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق كەسپىي ماتىرىياللارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ چىقالايدىغانلىقىمىزدا ئىشەنچىمىز ئاشتى دەپ جاۋاپ بەردىم. بەزىلەر يەنىلا مېنى ئەخمەق، سۈپۈرگە زىيانكەش قاتارىغا چىقىرىپ يۈردى. ۋاقىتتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆيدە ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بۇ ئىشلارمۇ ئاستا ئاستا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى تۇيۇقسىز، بېيجىڭدىن تېلېفۇن كېلىپ قالدى. ئۆزۈممۇ ھەيران بولغان ھالدا تېلېفۇننى ئالدىم، قارىشى تەرەپ ھېلىقى ئاكاش ئىكەن، ئۇ بىز تەرجىمە قىلغان ماتىرىيالنىڭ تەرجىمە ھەققىنىڭ چىققانلىقىنى، شۇڭا مېنىڭ كارتا نۇمۇرۇمنى يەنە بىر ئېيتىپ بېرىشىمنى، ئاندىن ماڭا بۇ تەرجىمە ماتىرىيالىنىڭ تەرجىمە ھەققىنى كارتىغا سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە كارتامنىڭ ھېسابات نۇمۇرىنى دەپ بەردىم. ئۇ بىرەر سائەتلەردىن كىيىن يەنە تېلېفۇن قىلدى ۋە مېنىڭ كارتامغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق تەرجىمە ھەققىنى سالغانلىقىنى، مېنىڭ ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى. مەن تەرجىمىگە قاتناشقانلارنىڭ ئەمىلىي ئىش كۈنىنى ھېساپلاپ چىقتىم، ئەمەلىي ئىش كۈنى 13 كۈن بولۇپ، ئۇمۇمىي تەرجىمە ھەققىنى ئەمىلىي ئىش كۈنىگە بۆلسەم ھەر بىر ئىش كۈنىگە بۆلسەم ھەر بىر ئىش كۈنىگە 183 يۈەن ئەتراپىدا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن باشقا ئەزالارنىڭ ھەر بىرىگە بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن 200 يۈەندىن پۇل سالدىم. قالغىنىنى ئۆزۈم خىراجەت قىلدىم. مانا بۇ مەندەك بىر سۈپۈرگە زىياكەشنىڭ، ئەخمەقنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئىدى. بۇ يەردە بۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرۇشتىكى مەقسەت، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئىشەنچنىڭ يەنىلا مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت. مەن ھېلىمۇ ئىش ئىزدەپ بارغان ئورۇنلاردا ئەزەلدىن ئىش ھەققىنى ئالدىن تىلغا ئېلىپ باققىنىم يوق، پەقەت ئىشقا قۇبۇل قىلغۇچىلار ئۆزلىرى ئىش ھەققى توغرىسىدا سۆز ئاچقاندىلا ئۇلار بىلەن ئىش ھەققى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ كېلىۋاتىمەن.

ئۇنداقتا باشقىلار ئىشەنچىسىز دەپ قارىغان بۇ جەمئىيەتتە زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ دەل بىزنىڭ مەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىزغا باغلىق مەسىلە. شۇڭا ئاتۇقچە ۋايىم يەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىز بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىشىتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆزىمىزگە سوئال قويۇپ بېقىشىمىز، زادى مەن ئىشەنچىلىكمۇ يوق؟ مەن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىدىممۇ يوق؟ دېگەنلەرنى ئۆزىمىزدىن كۆپرەك سوراپ بېقىپ، ئاندىن باشقىلاردا ئىشەنچ بار يوقلىقى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك.

2010-يىلى 18-ئىيۇل (ئۈرۈمچى)

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى