ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

غەمخورلۇق، ئىرادە، ئۆزلۈك تېڭىرقېشى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

غەمخورلۇق، ئىرادە، ئۆزلۈك تېڭىرقېشى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 20047 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

غەمخورلۇق، ئىرادە، ئۆزلۈك تېڭىرقېشى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

بۈگۈن كېچە زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن يانفونۇمنى قولۇمغا ئالدىم-دە، ئادىتىم بويىچە بۈگۈنكى باش خەۋەر (今日头条)نى كۆرۈشكە باشلىدىم. ئەڭ ئاۋۋال 36 نەپەر يولۇچى بىلەن قەشقەردىن يەكەنگە ماڭغان يولۇچىلار ئابدۇبۇسىدا باش شوپۇر توختاخۇن ئاكىنىڭ تويۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قازا قىلغانلىقى، ياردەمچى شوپۇر سەيدىنخاننىڭ دەرھال رولىنى كونترول قىلىپ، ماشىنىنى تۇرمۇزلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر قېتىملىق چوڭ يوقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىدەك ھەم تەسىرلىك ھەم قايغۇلۇق خەۋەرنى كۆرۈپ، بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدىم.

ئەسلى خەۋەر: http://xj.people.com.cn/n/2015/0623/c188514-25327434.html

شۇنىڭ بىلەن كۆزۈم ئۇيقۇسىزلىق چۆل سەپىرىگە ئاتلاندى. داۋاملىق بۈگۈنكى باش خەۋەرلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «يېڭى سىياسەت» ئېلان قىلىنغانلىقى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن دىيارىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئىمتىيازلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقى، يەنى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇ ئوبلاستى تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن خەنزۇچە تىل-يېزىقلىق ئەمما ھازىرغىچە مىللىي سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولمىغان ئوقۇغۇچىلار (خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى دېمەكچى ئوخشايدۇ)نىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇپ بېرىش؛ خەنزۇۋان (خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار)، قوشتىل، مىللىيچە ئوقۇغان خەنزۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بىر تەرەپ ئۇيغۇر، قازاق، مۇڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبو، ئۆزبەك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ، رۇس قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپ نەتىجىسىگە 50 نومۇر قوشۇپ بېرىش ھەققىدىكى سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە بۇنىڭغا نېمە دېيىشنى زادىلا بىلەلمىدىم (بۇنىڭ سەۋەبىنى سەل تۇرۇپ بايان ئەيلەيمەن.)

ئەسلى خەۋەر: http://news.cnr.cn/native/gd/20150623/t20150623_518920080.shtml

مەن داۋاملىق بۈگۈنكى باش خەۋەرلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇ قېتىم كۆرگىنىم 22-ئىيۇل سىچۈەننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بولۇپ، خەۋەردە ئىككى بېلىكى يوق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ پۇتى ئارقىلىق ئىمتىھان بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 603 نومۇرغا ئېرىشكەنلىكىدەك تەسىرلىك بىر خەۋەر بولدى. 

ئەسلى خەۋەر: http://news.youth.cn/jy/201506/t20150623_6778346.htm

بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەن بۇ ئىككى خەۋەر تۇرۇپلا مېنىڭ نېرۋىلىرىمنى غىدىقلاپ، مېنى پەقەت ئارامىمدا قويمىدى. بۇ ئىككى خەۋەر نېرۋىسى نورمال تەپەككۇر قىلىدىغان ھەر قانداق ئادەمدە ئېنىق ئويلىنىش پەيدا قىلاتتى. چۈنكى بۇ ئىككى خەۋەر تەبئىيلا سېلىشتۇرما بولغان ئىدى. بىرى كىچىكىدە توك سوقۇۋېتىش سەۋەبلىك ئىككى بېلىكىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشى، ئىرادىسى ھەققىدىكى ئادەمنى قايىل قىلارلىق ئىش-ئىزلىرى ئىدى. 
مەنچە بولغاندا ئىككى بېلىكىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيگۈزۈپ قويۇشىنى، تامىقىنى يېگۈزۈپ قويۇشىنى كۈتۈپ، تامامەن ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ ياشىسا بولاتتى. ئەمما بىز بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنداق يولنى تاللىماستىن، ئەكسىچە پۇتى ئارقىلىق كىيىم كېيىش، خەت يېزىشنى ئۆگىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا پۇتىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەدەبىيات ئىمتىھاندا 45 مىنۇتلۇق ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشتەك ئىمتىيازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ۋاقتىدا ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ، ئىمتىھاندا 603 نومۇر ئېلىشتەك، سۇنماس ئىرادىسى، قەتئىي چىدامچانلىقىدىن تەسىرلەنمەي، قايىل بولماي، ئۇنىڭ بۇ روھىدىن ئۆگەنمەي تۇرالمايمىز. 
يەنە بىرى دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە نومۇر قوشۇپ بېرىش مەسىلىسى ئىدى. مەن بۇ غەمخورلۇق سىياسىتىگە چۈشكەن بىر قىسىم ئىنكاسلارغىمۇ دىققەت قىلىپ باقتىم. بەزى تورداشلار ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىدۇ، ئىلىم-پەنگە ئازراقمۇ ساختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، باشقا ھەر قانداق جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىشقا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئىلىم-پەن، تېخنىكا، سۈپەت جەھەتتە يەنىلا قاتتىق ئېھتىياتچان بولغان ياخشى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «غەمخورلۇق»نى يەنە بىر نۇقتىدىن كەمسىتىش دەپ چۈشىنىشكە تامامەن بولىدۇ. 
مۇنداق بىر ئەمەلىي ۋەقە ھەر ۋاقىت خىيالىمدىن نېرى كەتمەيدۇ ھەم مېنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى مەنمۇ دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجەمنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ يۈرەتتىم. نەتىجەم چىقىپ ئالىي مەكتەپكىمۇ قوبۇل قىلىندىم. ئالىي مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، ئانچە-مۇنچە تورغا چىقىپ، ۋىتۋىلاق (QQ) ئىشلىتىشنى ئەمدىلەتىن تەمتىلەپ ماڭغان بوۋاق مېڭىشنى ئۆگەنگەندەك ئۆگىنىپ يۈرگەن كۈنلەردە، باشقا بىر ئۆلكە-شەھەردىكى مەلۇم بىر ساۋاقدېشىم بىلەن ۋىتۋىلاقتا پاراڭلىشىپ قالدىم. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھاندا ئالاھىدە «غەمخورلۇق» بارلىقى، ئەگەر ئۇ مەكتەپتىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ھەر يىللىقى ئۆتۈلگەن ھەممە دەرسلەردە 36 نومۇردىن چۈشۈپ كەتمىسىلا مەكتەپ ئۇلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىق ياردەم پۇللىرىنى بېرىدىغانلىقى، ھەمدە بىر يىلدا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ 10 نەچچە مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدىم.
مەن گاڭگىراپلا قالدىم. قانداقسىگە 36 نومۇر ئالسا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالغىلى بولىدۇ؟ شۇڭا ساۋاقدېشىمدىن سوراش ئارقىلىق، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچىدا قىينىلىپ قالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا ئىمتىھان ئۆلچىمىنى نورمال ئۆلچەم 60 نومۇردىن بىراقلا 36 گە چۈشۈرۈپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇم. بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن 36 گە چۈشۈرۈلىدۇ؟
ئەسلى سەۋەب مۇنداق ئىكەن: مەكتەپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان ئىكەن، چوقۇم ئۇلارنىڭ نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلمىسا، ئۇلارنىڭ مەكتەپنى نورمال پۈتتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلمىسا بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ مەكتەپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ئۆلچىمىنى 36 نومۇرغا چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇلار ئېرىشكەن نومۇرنى يىلتىزدىن چىقىرىپ يەنە 10 غا كۆپەيتسە، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ھېسابلىنىپ چىقىدىكەن. يەنى مۇنداق بولىدۇ:
ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندا 36 نومۇر ئالسا، بۇنى يىلتىزدىن چىقارساق 6 بولىدۇ، 6 نى يەنە 10 غا كۆپەيتىپ بەرسەك 60 بولىدۇ. دېمەك، ئەگەر ئاشۇ مەكتەپتىكى بارلىق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا 36 نومۇردىن چۈشۈپ كەتمىسىلا، ئۇلار يەنىلا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولىدۇ. 
خوش، ئۇنداقتا، ئۇ مەكتەپتىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يىلىغا نەچچە 10 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىپ، باشقا ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا پۇلدارلاردىن بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ ئەكسىچە ئۇنداق ئەمەس. مەن كېيىن يەنە باشقا ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمدىنمۇ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە «غەمخورلۇق» قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ھەتتا مەن ئوقۇۋاتقان شەھەردىمۇ، باشقا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر ئۆلچىمىنى 40، 50 نومۇرغا چۈشۈرۈپ بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدىم. 
مەن مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئۆز مەكتىپىم بىلەن باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ چىقتىم. كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، ھېلىقى ئىمتىھان نومۇر ئۆلچىمىنى 36 نومۇرغا چۈشۈرۈپ بەرگەن مەكتەپتىمۇ ئوخشاشلا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلارنىڭ بارلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك نىسبىتىنىڭ نورمال بولغان، نومۇر ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتمىگەن مەكتەپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. 
چۈنكى، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئادەمگە تەلەپ قانچە تۆۋەن بولغانسېرى، ئادەم پىسخىكىسىدىكى پۇرسەتپەرەسلىك، ھورۇنلۇق قاتارلىق ئاجىزلىقلار ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئەكسىچە ئادەمنى تېخىمۇ ھورۇن، ئىرادىسىز قىلىۋېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوخشاش، ئەگەر ئىمتىھان نومۇر ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلسە، ئوقۇغۇچىلاردا بوشاڭغۇلۇق، دەرسكە بولغان سۇسلۇق، ھورۇنلۇق ئېڭى كۈچىيىپ، ئۇلاردا دەرسكە چىقمىسىمۇ، ئىمتىھان مەزگىلىدە ئازراق كىتاب كۆرسىلا 36 نومۇرنى ئاسانلا ئالالايدىغانلىقىدەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ دەرسكە چىقىش قىزغىنلىقى سۇسلاپ، بارغانچە دەرس تاشلايدىغان، دەرس خوش ياقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئىمتىھان مەزگىلىدە ھەر قانچە قىلسىمۇ، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى، دەرس ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ دەرس ئاڭلىمىغانلىق ياكى دەرسكە چىقمىغانلىق سەۋەبلىك، ئىمتىھان مەزمۇنلىرىنى چۈشىنەلمەسلىك، تەكرار قىلالماسلىق سەۋەبلىك ئاخىرى ئاشۇ 36 نومۇرنىمۇ ئالالمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەكسىچە، نومۇر ئۆلچىمىدە ھېچقانداق «غەمخورلۇق» قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلاردا بولسا، ھەر ۋاقىت ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكتىن ئەنسىرەش ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، دەرسنى زېھىن قويۇپ ئاڭلاش، دەرسكە ۋاقتىدا چىقىش جەھەتلەردىكى نىسبىتى نومۇر ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا ھەر ۋاقىت ئالغا ئىنتىلىش، سەپتىن چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى ئۇلارنى نىسپىي تىرىشچان، ئىرادىلىك قىلىپ تاۋلاپ چىقىدۇ. 
«قىيىن ئىش يوق ئالامدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە!» خۇددى يۇقىرىدىكى ئاۋۇ ئىككى بېلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىنىڭ قەتئىي بوشاشماي تىرىشىشىغا ئوخشاش سۇنماس ئىرادە بولغاندا، ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ. 
مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەگەر دۆلەتنىڭ ئەسلىدىنلا ياخشى نىيەت بىلەن چىقىرىلغان سىياسىتى ئەكسىچە ئۈنۈم بەرسە ئاقىۋەت قانداق بولار؟ گەرچە نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا «مەن دېگەن خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي» ياكى «مەن دېگەن مىللىيچە ئوقۇغان خەنزۇ» دېگەن ئاڭ شەكىللىنىپ، ئۇلاردا «مەن بەك تىرىشمىساممۇ، ۋاقتى كەلگەندە دۆلەتتىن ماڭا 50 نومۇر قوشۇپ بەرسە، مەن يەنىلا ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتەلەيمەنغۇ.» دېگەن قاراش پەيدا بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولار؟ 
بىز نېمە ئۈچۈن دۆلەتنىڭ غەمخورلۇق قىلىشىغا مۇھتاج بولىمىز؟ ئەجىبا بىز ئاز سانلىق مىللەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا دۆلەت چوقۇم بىزگە غەمخورلۇق قىلىشى شەرتمۇ؟ دۆلەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بىزنىڭ تارىخىمىز ئەجىبا غەمخورلۇق ئىمتىيازىغا يېزىلغان تارىخمۇ؟ ئەگەر ئۆزلۈكىمىز ھەققىدە باش قاتۇرساق، قەلب تىۋىشىمىزغا قولاق سالساق، بىز غەمخورلۇق قىلىشقا مۇھتاجمۇ؟ يەنە كېلىپ بىز ئەزەلدىن ساختىلىق قوبۇل قىلمايدىغان ئىلىم-پەن جەھەتتە غەمخورلۇققا ئېرىشسەك، دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىمىز نەگە بېرىپ، نەدە توختايدۇ؟ بىز قاچانغىچە بۆشۈكتە ئەللەيلىنىپ، ھە دېسە غەمخورلۇققا تەلمۈرۈپ، دۆلەت ۋە يەر شارىغا يۈك بولۇپ ياشايمىز؟ ئەگەر ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزنىڭ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە غەمخورلۇققا تەلمۈرۈپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلسە، ئۇلارنىڭ روھى قورۇنماسمۇ؟ تارىخ سەھنىسىدە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان ئەجداتلىرىمىز ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىن نومۇس قىلماسمۇ؟ 
شۇڭا، قېرىنداشلار كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، تەپەككۇرىمىزنى ئەركىن ئاسماندا پەرۋاز ئەيلىتىپ ياخشى ئويلىنايلى، بۈگۈنكىدەك دەۋردە بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز زادى قايسى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ بىز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاش، ئۆزلۈكىمىزنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟...
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى