ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

خىزمەت ئۈنۈمى قانداق بولۇشى كېرەك؟

خىزمەت ئۈنۈمى قانداق بولۇشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-07-02 ئاۋاتلىقى: 6056 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خىزمەت ئۈنۈمى دېگەن نېمە؟

خىزمەت ئۈنۈمى دېگىنىمىز:

(1) ئادەتتە خىزمەت ئۈنۈمى خىزمەت سېلىنمىسى بىلەن ھاسىلاتنىڭ نىسبىتىدىن ئىبارەت. سېلىنمىنىڭ ھاسىلاتقا نىسبىتى قانچە كىچىك بولسا، خىزمەت ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنى سېلىنما بىلەن ھاسىلاتنىڭ نىسبىتى دېگىنىمىز: مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا سەرپ قىلغان ۋاقىت، زېھنى كۈچ، ئىقتىساد قاتارلىقلار بىلەن ئېرىشكەن نەتىجىنىڭ نىسبەت قىممىتىدىن ئىبارەت. ھاسىلات سېلىنمىدىن چوڭ بولسا مۇسبەت ئۈنۈم بولىدۇ. ھاسىلات سېلىنمىدىن كىچىك بولسا مەنفىي ئۈنۈم بولىدۇ. خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئاماللارنى قىلىپ مۇسبەت ئۈنۈم قىممىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

(2) خىزمەت ئۈنۈمى دېگىنىمىز: بىر ئادەمنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى باھالاشنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمىدۇر.

ئادەتتە، خىزمەتتە مۇنداق ئۈچ خىل نەتىجە چىقىدۇ.

1. ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق. يەنى، خىزمەت سالمىقى ناھايىتى نورمال بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق ئەھۋالى  كۆرىلىدۇ. بۇنداقلارغا ئاساسەن ھېچقانداق جايدا ئورۇن بولمايدۇ. بۇلار ئاخىرى بىر بولسا جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ داشقالغا ئايلىنىدۇ. بىر بولسا تۇرمۇشى ناھايىتى مەنىسىز ئۆتىدۇ.

2. ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن نورمال چىقىش. بۇ خىل كىشىلەر ئاساسەن دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىدا تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشىدا داۋالغۇش بولۇشنى خالىمايدۇ. كۈنلىرىنىڭ ناھايىتى جىمجىت، «تۇراقلىق» ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر شىركەت-كارخانىلاردا ئىشلەشكە تازا باب كەلمەيدۇ. چۈنكى شىركەت-كارخانىلاردا كۈچلۈك رىقابەت بولغان بولىدۇ. چوقۇم ئۆزلۈكسىز تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. تىرىشىش قانداق بولىدۇ؟ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىگە بەلگىلەنگەن خىزمەت سالقىنىنى ئورۇندىغاندىن سىرت كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرۈش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. قىسقىسى ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش (自我升级) باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك. ئەمما ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن نورمال چىقىشنى تۈپكى نىشان قىلغانلار بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ. يەنى ئۇلار ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش (自我升级) باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ.

3. يېڭىلىق ياراتقۇچىلار. بۇ تۈردىكىلەر دەل شىركەت-كارخانىلاردا ئىشلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىگە بەلگىلەنگەن خىزمەت سالقىنىنى ئورۇندىغاندىن سىرت كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرۈش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش (自我升级) باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپكى مەقسەت قىلغانلاردۇر. شۇڭا ھەر قانداق بىر كارخانىچى بۇ خىل خىزمەتچىلەرنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشىش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر ياراتقان قىممەت ھامان كارخانىچىلارنىڭ ئۇلارغا تۆلىگەن بەدىلىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ھەر قانداق بىر شىركەتتە بۇ خىلدىكى كىشىلەر قانچە كۆپ بولسا، بۇ شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن شۇنچە چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. يەنى بۇ تۈردىكىلەر خىزمەت نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەرلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

(1) ئەڭ ياخشى خىزمەت ھېسسىياتىنى ساقلاش كېرەك. خىزمەت ھېسسىياتى دېگەندە، قىلماقچى بولغان خىزمەتنى قىلىشنى خالاش-خالىماسلىق، ھەم تىز ھەم ياخشى قىلىشنى ئويلاش-ئويلىماسلىق، ۋەزىپىنى ئاكتىپ تاماملاش ياكى پاسسىپ پۇزىتسىيە تۇتۇش، خىزمەت ھەقىقىي مەسئولىيەتچانلىق بىلەن قىلىش ياكى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىپ تاماملاش (يەنى ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنلا قىلىش) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىسى خىزمەتكە قانداق پۇزىتسىيە تۇتۇش بىۋاستە ھالدا خىزمەت نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا تەسىر  كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ياخشى بولغان خىزمەت ھېسسىياتى خىزمەت ئۈنۈمى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.

(2) توغرا بولغان خىزمەت يۆنىلىشىنى تاللاش كېرەك. خىزمەت يۆنىلىشى توغرا بولمىغاندا، ئۈنۈم مۇتلەق قىممىتى قانچە كىچىك بولغانچە، مۇسبەت ئۈنۈم قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ-دە خىزمەت ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

(3) خىزمەت نىشانىنى مۇۋاپىق بەلگىلەش كېرەك. نىشاننى بەك يۇقىرى بەلگىلىۋېلىپ، ئەمىلىيەتتىن چەتنەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. بەك تۆۋەن بەلگىلىۋېلىپ، ئۆز ئىقتىدارىنىڭ تۇلۇق ئېچىپ پايدىلىنىشىغا توسالغۇلۇق رول ئويناشقىمۇ بولمايدۇ.

(4) ئەڭ ياخشى بولغان خىزمەت ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. خىزمەتكە ھەقىقىي كىرىشىشتىن بۇرۇن، ياخشى ئويلىنىش، قايسى خىل ئۇسۇلنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

(5) خىزمەت قۇرالىنى ياخشى تاللاش كېرەك. يەنى دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ ياخشى بىر كەتمەن كېرەك بولغىنىدەك، ھەر قانداق بىر خىزمەت ئۈچۈنمۇ ياخشى بىر قورال كېرەك. قوراللار ئىلغار، قۇلايلىق بولغاندا يېرىم ھەسسە سېلىنما بىلەن بىر ھەسسە ھاسىلاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

(6) خىزمەتنى تەپسىلىي ئايرىش كېرەك. يەنى خىزمەتنى كونكىرتلاشتۇرۇش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى ياخشى تىزىپ چىقىش كېرەك.

(7) ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ۋاقىت دېگەن ئاتقان ئوق. ۋاقىتتىن قىممەتلىك بايلىق يوقتۇر.

a. ھەر كۈنلۈك خىزمەت نىشانى ئىنىق بولۇش. ۋاقىتنى زادى قەيەرگە سەرپ قىلىشنى ئىنىق بىلىش.

b. ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈنۈمى ھەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا ئورۇنلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇش. ئادەمنىڭ خىزمەت ئۈنى ھەر ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە بىر كۈن ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىكى ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت ۋاقتى (最恰当的时间) ئوخشاش بولمايدۇ.

c. ھەر قېتىم زېھنى كۈچىنى ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا ئىشقا قارىتىش. زېھنىنىڭ چېچىلىپ كېتىپ خىزمەت ئۈنمىگە تەسىر يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

d. بەزىبىر پارچە ۋاقىتلاردىن ئىمكان قەدەر تۇلۇق پايدىلىنىش كېرەك.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى