ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىلقۇتنىڭ تەرجىمىچىلىك ھاياتى

ئىلقۇتنىڭ تەرجىمىچىلىك ھاياتى

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 7239 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلقۇتنىڭ تەرجىمە ھاياتى (ئىلقۇت نېمە ئۈچۈن تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغان؟)

ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت


ۋاقىت دېگەن بۇ نەرسە ھەقىقەتەن تېز ئۆتىدىكەن دېسە. سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپغا ئۆتكەن ۋاقتىمدا «يەنە سەككىز يىل ئوقۇيسەن دېسە بۇ سەككىز يىلنى قاچانمۇ ئوقۇپ بولارمەن؟» دەپ بېشىم قاتقان ئىدى. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ سەككىز يىلمۇ تۈگەپ قالدى. ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۆت يىلنىڭ ئالدىدا پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە چىقتىم، ئەمدى بۇ ئالىي مەكتەپنىمۇ تۆت يىلدا تاماملاپ يۇرتقا قايتىپ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپتىمەن. ئويلاپ باقسام ۋاقىت ھەقىقەتەن تېز ئۆتۈپ كېتىپتۇ. سەككىز يىلنى قانداق ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكىمنىمۇ سەزمەيلا قاپتىمەن. ئەمدى بولسىمۇ ئازراق ئويلىنىپ باقمىسام بولمىغۇدەك، بۇ سەككىز يىلدا زادى قانچىلىك نەتىجە قازاندىم؟ ۋاقتىمدىن قانچىلىك پايدىلىنالىدىم؟ ۋەتەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلالىدىم؟ مەن نەدىن كەلدىم؟ مەن نەگە بارماقچى؟ مەن بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلماقچى؟ نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن؟… ئەيھانناس، سۇئال دېگەن تۈگىمەيدىغان نەرسە ئىكەن. بولدىلا مۇشۇنچىلىك مۇشۇنىڭغا بولسىمۇ جاۋاپ تاپقاچ تۇراي.

ئاۋۋال مەن زادى قانچىلىك نەتىجە قازىنالىدىم؟ دېگەن بۇ سۇئالدا توختالسام، ئويلاپ باقسام نەتىجە دېگۈدەك ئىشمۇ يوقكەن. شۇ مەكتەپنىڭ لاياقەتلىك بولۇش سىزىقىغا ئاران ئىللىشىپ لاياقەتسىز دېگەن نامدىن ئاران-ئاران ساقلىنىپ مېڭىپتىمەن. باشقا ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردەك ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپمۇ باقماپتىمەن. ھازىر ئويلاپ باقسام بىردىن بىر تىلغا ئالغۇچىلىكى شۇ ئاز-تۇلا ماتېرىيال تەرجىمە قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەنلىكىمدىن ئاز-تۇلا پايدىلانغۇدەك ھالغا يەتكەنلىكىم ئوخشايدۇ. توغرا، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەم مۇشۇ ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئوخشايدۇ.

كۆپ تورداشلار، دوستلار مەندىن ھەر خىل ھەر ياڭزا سۇئاللارنى سوراپمۇ باقتى. ئاساسەن سورالغان سۇئاللارنى يىغىنچاقلىسام: سىز قانداق قىلىپ بۇ تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ قالدىڭىز؟ سىزنىڭ تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟ سىز ماتېرىيال تەرجىمە قىلىپ قانچىلىك پۇل تاپتىڭىز؟ سىز بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مۇشۇ تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقچىمۇ؟… دېگەندەك بوپتۇ.

ئاۋال «سىز قانداق قىلىپ بۇ تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ قالدىڭىز؟» دېگەن سۇئال ھەققىدە توختالسام:

مېنىڭ ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغانلىقىمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاپام بىلەن بىر قېتىملىق تېلېفوندا پاراڭلىشىشتىن كېيىنكى قاتتىق ئويلىنىشتىن كېلىپ چىققان.

ھېلىمۇ ئېسىمدە بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئاپامغا تېلېفون قىلىپ ئادەتتىكىدەك ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى ئۆگىنىش ئەھۋالىم، تۇرمۇش ئەھۋالىم ھەققىدە ئاپامغا سۆزلەپ بەردىم. مەن بىر ئۇزۇن سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئاپامنىڭ مۇنۇ سۇئالى مېنى قاتتىق گاڭگىرىتىپ قويدى:

– ئوغلۇم ئۇيغۇرچە سۆزلىسەڭ بوپتىكەن، گېپىڭنى چۈشەنمىدىم.

– ھە!؟ چۈشەنمىدىم؟ بۇ قانداق بولغىنى؟

—بىر ئۇيغۇرچە بىر خەنزۇچە گەپ قىلساڭ چۈشىنەلمەيدىكەنمەن ئوغلۇم.

مەن ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قالدىم. زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ئاپام نېمىشقا مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمەيدۇ؟…

ھە! تاپتىم. ماۋۇ سەتچىلىكنى كۆرۈڭ، مەن نېمە قىلىپ قويدۇم؟ ئەسلى مەن ئۆزۈمنىڭ ئالتە يىلدىن بېرى ئۆگەنگەن خەنزۇچە سەۋىيەمدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى «ناھايىتى جىپسىلاشتۇرۇپ» ئۆز سەۋىيەمنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپامغا ئۆزۈمنىڭ مودا، شالغۇت تىلىم بىلەن سۆزلەپ ئاپامنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئۆيدىكىدەك يېزىدا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلار قانداقمۇ بىزدەك ئىچكىرىدە ئوقۇپ «سەۋىيەلىك» بولغان شالغۇت تىللىقلارنىڭ تىلىنى تۇلۇق چۈشىنەلىسۇن؟ تازىمۇ سەت بوپتۇ-دە! بىر بالا بولغۇچى ئۆز ئاپىسىغا ئۆز تىلىنى چۈشەندۈرەلمىسە جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ نۇمۇسلۇق ئىش بارمىدۇ ھە!؟؟

مەن ئاپام بىلەن بۇ قېتىم تېلېفوندا پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن قاتتىق ئېچىندىم، بىر بالا تۇرۇپ ئۆز ئاپامغا گېپىمنى چۈشەندۈرەلمىسەم، مەن يەنە بىر بالىمۇ ھە؟ مېنى كېچىنى كېچە، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي پەپىلەپ بېقىپ چوڭ قىلىپ قويسا ئەمدى سۆزۈمنى ئۆز ئاپامدىن ياتلاشتۇرۇپ، ئۆز ئاپامغا ئۆز سۆزۈمنى چۈشەندۈرەلمەي يۈرسەم بۇ زادى قانداق بولۇپ كەتكىنى؟ مەن كۆپ ئويلاندىم، ئويلانغاندىمۇ چوڭقۇر ئويلاندىم.

ئويلا، ئويلا ئاخىرى مەسىلىنىڭ نىگىزىنى تاپتىم، ئەسلى ئىچكىرىدە ئوقۇش جەريانىدا كۈندە دېگۈدەك خەنزۇچە دەرس ئوقۇپ، ساۋاقداشلار بىلەنمۇ بۇزۇپ ئېيتىلغان خەنزۇچە تىلدا پاراڭلىشىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر ساۋاقداشلار بىر يەرگە كەلسەكمۇ ياكى ساپ خەنزۇچە پاراڭلاشماي ياكى ساپ ئۇيغۇرچە پاراڭلاشماي خەنزۇچە ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ ئۆز ئارا شالغۇتلاشتۇرۇپ ھەر ئىككى تىلنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ شالغۇت تىلدا پاراڭلىشىدىغان بىر ئادەتنى يىتىلدۈرىۋاپتۇق. ئەسلى بىر ئوبدان بولغان قوش تىللىق بولۇش سىياسىتىنى خاتا ئىستېمال قىلىپ ساپ تىل ئۆگەنمەي شالغۇت تىل «كەشىپ» قىلىپ ئاخىرى كەلگەندە ئائىلىدىكىلەر بىلەنمۇ مۇشۇ «كەشىپ» قىلغان شالغۇت تىلىمىز بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرىۋالغان بولغاچقا ئاپام ئۆز ئوغلىنىڭ تىلىنى چۈشەنمەي قىينىلىپ كتىپتۇ ئەمەسمۇ؟؟؟ ھەي، نۇمۇس…

ئويلاپ باقسام، شۇ مەزگىللەردە كۆپ سۆزلەرنى گەرچە خەنزۇچە چۈشەنسەممۇ لېكىن دەماللىققا ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ چىقالمايدىكەنمەن. شۇڭا ئاپام بىلەن پاراڭلاشقاندىمۇ بۇ شالغۇتلۇقتىن قۇتۇلالماپتىمەن. مەن شۇ قېتىمقى ئويلىنىشىتىن كېيىن بۇ شالغۇت تىلىمنى ساپلاشتۇرۇش، خەنزۇچە سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە ساپ خەنزۇچە سۆزلەش، ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇردۇم، شۇنچە باش قاتۇرغان بولساممۇ لېكىن بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئامالىنى تاپالماي مېڭەمنىڭ قېتىقى چىكىتەي دەپ قالدى. ئۇيان ئويلا بۇيان ئويلا ئاخىرى ئۈمۈنلۈك ئۇسۇلنى تاپتىم.

بۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل زادى نېمە؟ بۇ قانداق ئۇسۇل؟ بۇ دەل مەن ھازىر مەغرۇرانە تىلغا ئالىدىغان تەرجىمە ئىشلىرى ئىدى. ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى دەل مۇشۇ ئۇسۇلنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

مېنىڭ شۇ قېتىم ئويلاپ چىققان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلۇم دەل ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش ئىدى.

ئەمدى «سىزنىڭ تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟» دېگەن سۇئال ھەققىدە توختالسام:

مەن نېمە ئۈچۈن ماتېرىيال تەرجىمە قىلىمەن؟ مەن ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش جەريانىدا توختىماستىن لۇغەت ئاختۇرىمەن-دە، ئۆزۈم ئادەتتە چۈشەنگەن لېكىن دەماللىققا ئۇيغۇرچە دېيەلمىگەن سۆزلەر ئۈستىدە لۇغەت ئاختۇرۇش ئارقىلىق بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆلچەملىك ئەدىبىي تىلىنى ئىگەللىيەلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ شالغۇت تىلىممۇ ساپلىشىپ قوش تىلىمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنالايمەن. شۇڭا مەن تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش يولىغا ماڭغان ئىدىم.

يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ «سىز ماتېرىيال تەرجىمە قىلىپ قانچىلىك پۇل تاپتىڭىز؟» دېگەن سۇئال ھەققىدە توختالسام:

مېنىڭچە مەن ماتېرىيال تەرجىمە قىلىپ تېخى مانچە پۇل تاپتىم دېيەلمەيمەن. ئالدىنقى قېتىم بىر ماتېرىيالنى تەرجىمە قىلىپ 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپقاندىن كېيىن، بۇ قېتىممۇ بىراقلا 1000 يۈەن ۋە بىر قانچە قېتىملىق پارچە تەرجىمە ھەققىنى ھېساپقا ئالغاندىمۇ شۇ 800 يۈەن ئەتراپىدا تەرجىمە ھەققىگە ئېرىشكەندىن سىرت، مەن تېخى پۇل تېپىپ باقمىدىم. لېكىن ھەممە ئىشنى پۇل تېپىشقا قارىتىۋالساق مېنىڭچە بۇ ھاياتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ دەپ قارايمەن. مەن ئىككى يىلدىن بېرى ماتېرىيال تەرجىمە قىلىپ ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ ھوسۇلۇم:

1. تىلىمنى شالغۇتلۇقتىن ساقلاپ قالدىم. ھازىر ئاساسەن شالغۇت سۆزلەشتىن ساقلىنىپ كېلىۋاتىمەن.

2. مەن بىر يىلدىن بېرى ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆز ئىرادەمنى تاۋلاپ چىقتىم.

3. مەن ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىمنى مەلۇم دەرىجىدە نامايەن قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

4. مەن ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بۇ ياخشى دوستلار قوشۇنىغا ئىگە بولدۇم.

5. ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرەم ئاشتى.

مېنىڭچە يۇقىرىقى بىر نەچچە جەھەتتىن ئېرىشكەن ھوسۇلۇمنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ دەپ قارايمەن.

«سىز بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مۇشۇ تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقچىمۇ؟»

بۇ سۇئالغا كەلسەم، مېنىڭچە بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. مەن بەلكىم بۇ ئىشنى قۇشۇمچە قىلىپ ئېلىپ بېرىشم مۇمكىن.

ئاخىرىدا توختىلىدىغىنىم:

مېنىڭ داۋاملىق تەرجىمە ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىشىمدىكى سەۋەب ئاللىبۇرۇن بىر ئاددى ھالدىكى شالغۇت تىلنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆز ئاپىسىغا تىلىنى راۋان چۈشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ھالدىن ھالقىپ ھازىرقىدەك ئۇيغۇر تىلى ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كەلگەن شارائىتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش، تەرققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار.» دېگەن بەلگىلىمىسىدىكى ھوقۇقۇمدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىمنى قوغداشقا ئۆزگەردى.

كۆپ تورداشلار بىلەن بەزىدە مۇنداق بىر ئىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالىمەن. مەن بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ماتېرىيال تەرجىمە قىلسام، بەزى «كۆيۈمچان» دوستلىرىم ماڭا ئالاھىدە «كۆيۈنۈپ» ھازىر بۇنداق ماتېرىيال تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى، ھەممە ئادەم قوش تىللىق بولۇش باسقۇچىغا يەتكەنلىكىنى، جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغان ماتېرىياللارنى باشقىلارنىڭ كۆرمەيدىغانلىقىنى، لازىم بولسا ئۇلارنىڭ خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مېنىڭ بۇنداق «ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلماسلىقىم»نى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. لېكىن مەن ئويلايمەن، تەرجىمە قىلغان ماتېرىياللارنى مەيلى باشقىلار كۆرسۇن، كۆرمىسۇن، بىزنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىمىز بولغان ئىكەن، بىزنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى ماتېرىياللىرىمىز بولۇشى ھەق. خۇددى بىز بىرەر مەسىلىگە يولۇقساق بەيدۇ تورىدىن ھەر قانداق مەسىلىنى خەنزۇچە ئىزدەپ ھەل قىلالىغاندەك، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ يولۇققان مەسىلىلەرنى ئوخشاشلا «بەيدۇ» قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش شارائىتى ھازىرلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭمۇ توردىن خالىغان مەزمۇندىكى ماتېرىياللىرىمىزنى تاپقىلى بولىشى كېرەك. بىز ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىمىزنىلا ئويلىمالسىقىمىز، نەزىرىمىزنى يىراققا سېلىشىمىز كېرەك. بەلكىم ھازىر تەرجىمە قىلىپ چىققان ئاشۇ ئازغىنە ماتېرىياللىرىمىز ھازىر ئۆز كۈچنى دەرھال كۆرسىتىشى ناتايىن، لېكىن كەلگۈسىدە بىر كۈن بولمىسا بىر كۈنى ھامان بىرسىنىڭ بۇ ماتېرىيالدىن پايدىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.

ئادەمگە ھاياتلىق مەڭگۈلۈك ئەمەس، بىز ھەممىمىز بۇ ھاياتتىن ئىبارەت ئۆتەڭگە نىسبەتەن بىر يولۇچى خالاس، بىز كەلگەن ئىكەنمىز ھامان كېىتىمىز، لېكىن قانداق كېتىشنى بەلگىلەش دەل بىزنىڭ ئۆز ئەركىمىزدىكى ئىش.

ئادەم بۇ دۇنياغا تۇغۇلغاندا پەقەتلا بىر ئاق قەغەز خالاس، بۇ ئاق قەغەزنى يېزىپ تولدۇرۇپ تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ كارتىنىنى قانداق يېزىش، قانداق رەڭدە يېزىش، قانداق ئۇسۇلدا يېزىش مەسىلىسىنى بىز ھەر ۋاقىت مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ ھايات دەپتىرىنى ئىلاج بار مۇكەممەل يېزىشىمىز، بۇ ھايات ئۆتىڭىدىكى قىسقىغىنە ۋاقتىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك. شۇڭا پۇرسەت بولسا بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئازراق ئىش قىلىپ تۇرۇشىمىز، باشقىلار ھەق بەرسە قىلىپ ھەق بەرمىسە قىلمايدىغان ئادەتتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى پۇلدىن ئىبارەت بۇ ئامىل كونتىرول قىلىۋالسا بولمايدۇ. بىز ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان سورۇنى، شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا قولىمىزدىن كىلىشىچە ئۆز قىزىقىشىمىز بويىچە ئاز-تۇلا ئىش قىلىپ ھاياتىمىزنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى