ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھايات چاقچىقى(1)

ھايات چاقچىقى(1)

ۋاقتى: 2016-10-22 ئاۋاتلىقى: 8196 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھايات چاقچىقى

ھايات ئۇ ھەر كويغا سالىدۇ سېنى،

گاھىدا چاقچاقچى گاھى بەك رەزىل.

ھەيرانلىق ئىلىكىدە يۈرىمەن دائىم،

تىنىمسىز ئىزدەپمۇ تاپالماي مەنزىل؟

ــــــــ ھايات كارتىنامدىن ئۈزۈندە

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

كۈن شۇنچە پىژغىرىم ئىسسىق بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي قەدىردان يەنىلا بەخىرامان ھالدا قوناق ئوتاۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق تىنىم تاپماي، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي، يامغۇرنى يامغۇر دېمەي يالغۇز ئېتىزدا ئىشلەۋاتقىنىغىمۇ ئىككى ھەپتە بولۇپ قالغان ئىدى. بۈگۈنمۇ ئۇ ھەر كۈنلۈك ئادىتى بويىچە باش كۆتۈرمەي ئىشلەپ كەتتى، ئۇ ئىشقا شۇنچە بېرىلىپ كەتكەن ئىدىكى، قېشىغا دوستى ئالىمجاننىڭ كېلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمىدى. ئالىمجان بىردەم قەدىردانغا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى:

ــــ قانداقراق ئاداش، يېقىندىن بىرى نېمىش قىلىپ كەتتىڭلار؟ ئەجەب شەپەرەڭدەك كۈندۈزى قاراڭلىنى كۆرسەتمەي كەتتىڭلىيا، ئىمتىھان بېرىپ بولغىلىمۇ 20 كۈندەك بولۇپ قاپتۇ، ئاڭلىسام ئاخشام ئىمتىھان نەتىجىمىز مائارىپ ئىدارىسىگە كەلگەن ئوخشايدۇ، شۇڭا بۈگۈن ئىمتىھان نەتىجىمىزنى ئۇقۇپ چىقايلىمىكىن دەپ ئۆيۈڭلارغا كىرگەن ئىدىم، ئاپاڭلار «ئۆينىڭ ئارقىسىدا قوناق ئوتاۋاتىدۇ.» دېگەچكە مۇشۇ يەرگە چىقتىم. جۈرۈڭلار ئاداش، نەتىجىمىزنى ئۇقۇپ چىقايلى.

ـــ ئاداش نەدىن ئۇقتۇڭلار نەتىجىمىز چىققىنىنى؟

ـــ ئاخشام تاغام شۇنداق دېدى.

ـــ بولدى ئاداش، مەن كىرمەي، سىلەر كۆرۈپ چىقىڭلار. مەن داۋاملىق ئىشلىمىسەم بولمايدۇ. بۇ قوناقلارنى تىزدىن ئوتاپ بولمىسام بولمايدۇ، يەنە تېخى ئوغۇتلايدىغان ئىشلارمۇ بار. مېنىڭ ۋاقتىم چىقمايدۇ ، شۇڭا خاپا بولماي ئۆزۈڭلار كىرىۋېرىڭلار بولامدۇ؟

ـــ ئەستا ئاداش، سىلىمۇ قىزىقچىمۇ نېمە؟ شۇنداق جاپا تارتىپ ئىمتىھان بەردۇق، ئەمدى ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈپ كۆزىمىز تۆت بولغان ئاشۇ نەتىجە چىقسا ئەمدى نەتىجىنى كۆرگىلى ۋاقتىم يوق دەيسىلەرغۇ، ئىشىڭلارنى نەتىجىنى كۆرۈپ بولۇپ قىلساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر، ئەگەر بەك ئۇنىمىساڭلار، نەتىجىنى كۆرۈپ چىقىپ مەن سىلەرگە ياردەملىشىپ قىلىشىپ بېرەي. بۇ دېگەن بىزنىڭ توققۇز يىللىق تارتقان جاپايىمىزنىڭ نەتىجىسى ئاداش، يەنە كېلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتسەك ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان گەپ دەڭلار، شۇڭا  تولا جاھىللىق قىلماي يۈرۈڭلار بولدى، نەتىجىمىزنى ئۇقۇپ چىقايلى. كىم بىلىدۇ تېخى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتتىڭلارمۇ تېخى.

ـــ نەدىكى چاقچاقلارنى قىلىدىكەنسىلەر ئاداش، مەن ئۆزۈم بىلىمەن، بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشۈم مۇمكىن ئەمەس.

ـــ نېمە دەيسىلەر ئاداش، مەكتەپ بويىچە دەرستە شۇنچە ياخشى تۇرۇپ ئۆتەلمەيمەن دېسەڭلار بىزدە ئۈمىد يوقكەن ئەمىسە. يۈرۈڭلار بولدى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماي. سىلە ئۆتمىسەڭلار كىم ئۆتىدۇ ئۇ ئىمتىھاندىن؟

ـــ ئاداش، مەن ئىمتىھانىنى قانداق بەرگەنلىكىم ئۆزۈمگە ئايان. مەن بۇ نەتىجىگە قىزىقمايمەن، مەن بەرىبىر ئۆتەلمەيمەن. شۇڭا مېنىڭ بۇ نەتىجىنى بىلگەن بىلمىگىنىمنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. شۇڭا مېنىڭ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ بازارغا كىرگۈم يوق. شۇڭا سىلەر ئۆزۈڭلار كىرىپ چىقىڭلار ئاداش.

ـــ بولدى قىلىڭلار ئاداش.

ئالىمجان شۇنداق دەپ قەدىردانغا خۇددى ئۇنى يەۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا قارىدى. ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

ـــ مەن بازاردىن چىققاندىن كىيىن ياردەملىشەي دېدىمغۇ، شۇڭا تولا جاھىللىق قىلماي بۇلۇڭلار بولدى.

ـــ ئاداش دېدىمغۇ، بۇ نەتىجە مەن ئۈچۈن بەرىبىر، شۇڭا مېنىڭ بۇ نەتىجىنى بىلگۈم يوق، يەنە كېلىپ نەتىجەم ئۆزۈمنىڭ پەرەز قىلغىنىمدىنمۇ تۆۋەن بولۇپ چىقسا، بىكاردىن كۆڭۈل بىئارام بولىدىغان گەپ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ نەتىجىنى بىلمەي ئىشىمنى قىلىۋەرگىنىم تۈزۈك.

ـــ ئەگەر نەتىجەڭلار يۇقىرى چىقىپ ئىچكىرىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولساڭلارچۇ؟

ـــ مۇمكىن ئەمەس.

ـــ نەتىجىنى كۆرمەي تۇرۇپ نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيسىلەر؟

ـــ چۈنكى مەن ئىمتىھاننى قانداق بەرگىنىم ئۆزۈمگە ئاياندە.

ـــ سىلە بىلەن توققۇز يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ھەم يېقىن دوست بولۇپ سېلىنىڭ بۇنداق مىجەزىڭلار بارلىقىنى ئەجەب بىلمەپتىكەنمەن. تازىمۇ بىر ئادەم ئىكەنسىلەر، شۇنچە گەپنى تاشقا قىلغان بولساممۇ ھېلىغىچە تاشنى ئېرىتىۋەتكەن بولار ئىدىم. لېكىن سىلەر ئازراقمۇ ئېرەي دېمەيسىلەركەن. ئىش دېگەن تۈگەپ قالمايدىغۇ. ئۇزۇندىن بىرى جاپا تارتىپ ئوقۇپ، ئەمدى ئاشۇ جاپايىمىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئازراق ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ قويساڭلار قانداق بولىدۇ.

قەدىردان دوستى ئالىمجاننىڭ بۇنداق چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئاخىرى دوستى بىلەن بىرگە مائارىپ ئىدارىسىگە بىرگە كىرىپ نەتىجىسىنى ئۇقۇپ چىقىشقا قوشۇلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇنداق چىڭ تۇرىۋېلىشىدىمۇ سەۋەب بار ئىدى. ئۇ پەقەت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆپرەك ئىش قىلىپ ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئاپىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇنقى «سەندەك بالام يوق» دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇپ، ئۇنى كەچۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ھەم ئۇ ئۆزى ئېيتقىنىدەك نەتىجىسىگە ئانچە قىزىقمايۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇنقى ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى.

ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مەكتەپتە ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش خىزمىتى باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندا، قەدىردان قايتا-قايتا ئويلىنىپ ئۆيدىكىلەرگە مەسلىھەت سېلىپ بۇ قېتىم ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە كېلىپ بۇ «خۇشخەۋەر» نى ئۆيدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقىنىدا بۇسارىخان بىرىنچى بولۇپ بۇ ئىشقا قارىشى پىكىردە بولغان ئىدى. بۇسارىخان گەرچە 14 نى تۇغقان ۋە ھازىر بار بولغان 9 بالىنىڭ جاپاسىنى تارتىپ مەخمۇت ئاخۇن تۈگەپ كەتكەن 13 يىلدىن بىرى 9 بالىغا ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ زادىلا «ئىش ئۇقمايدىغاندەك» قىلاتتى. قارىغاندا ئۇ پەرزەنتلىرىنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزىدەك جاپادا تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تەشنا ئىكەندەك قىلاتتى. قىزىق ئىش، ئۇ ئوغلىنىڭ مەكتەپتە دەرستە شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىكىنە؟ ئۆز ئوغلىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشەنمەمدىكىنە؟

بۇ قېتىم ئوغلىنىڭ ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىشىگە قەتئىي قارىشى تۇردى. بۇ ھال قەدىردانغا ھەقىقەتەن ھار كەلدى. ئۇنىڭ مەكتەپتىن كەلگەن ۋاقىتتىكى خۇشاللىقى ئاللىقاياقلارغا كەتكەن بولغىيدى؟ ھازىر ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇ خۇشاللىقلاردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئاپىسىنىڭ بۇ ئىشقا قارىشى تۇرۇشى خۇددى قايناۋاتقان چەينەككە سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئۇنىڭ سەبىي كۆڭلىگە قاتتىق زەربە بەردى.

قەدىردان ھەيران بولۇپ، ئاپىسىدىن سوراشقا باشلىدى.

ـــ مېنىڭ تىزىملىتىشىمغا نېمىشقا يول قويمايسىز؟ ئەجەبا سىز مېنىڭ  ئىچكىرى داڭلىق شەھەرلەردە ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىمنى خالىمامسىز؟

ـــ بالام، بۇ دېگەن چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. سېنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشۈڭ مۇمكىن ئەمەس ئوغلۇم. شۇڭا ئارتۇقچە ئىشلارغا باش قاتۇرماي، ۋاقتىدا مەكتەپنى پۈتتۈرىۋالغىن، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىقساڭ بىرەر ھۈنەرنىڭ بېشىنى تۇتساڭ، بىزگىمۇ ياخشى ئۆزۈڭگىمۇ ياخشى. ھازىر ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق. يەنە كېلىپ بىزدەك دېھقانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇشى نەدە تۇرۇپتۇ دەيسەن. بۇ دېگەن ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېگەندەك ئىش. شۇڭا بۇ ئىشلارنى ئويلىما بالام.

ـــ كىم دەيدۇ سىزگە، مېنىڭ ئىمتىھانغا قاتناشماي تۇرۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىمغا قانداق ئىشىنىسىز.

ـــ مېنىڭ قانداق ئىشىنىشىم بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئىشقىلىپ نىيىتىڭدىن يان بالام.

ـــ ئانا بۇ دېگەن مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمدا ناھايىتى مۇھىم ئىش. شۇڭا مەن بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسام بولمايدۇ. شۇڭا سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئانا، بۇ قېتىم مېنىڭ تىزىملىتىشىمغا قارىشى تۇرماڭ بولامدۇ؟

ـــ بولمايدۇ. مەن سېنىڭ ئاناڭ، مەن نېمە دېسەم شۇ. تىزىملاتمايسەن دېگەندىكىن تىزىملاتمايسەن.

ئەمدى قەدىرداننىڭ خۇيى تۇتتى. ئۇ تەرسالىق قىلىشقا باشلىدى.

ـــ ئەجەب سىز مېنى تۇغۇپ قۇيۇپلا مېنىڭ پۈتۈن تەقدىرىمنى بىلىپ بولدىڭىزمۇ؟ نەدە ئاشۇنداق ئاسان ئىش بار؟ مېنى تىزىملاتقىلى قويماسلىقىڭىزدا زادى باشقا سەۋەب بارمۇ نېمە؟ مەن تىزىملىتىمەن، چوقۇم تىزىملىتىمەن.

ـــ ئەجەب گەپ قىلمىسام ئۆزۈڭنى بىلمەي كەتتىڭا ياغاچ قۇلاق. مەن تىزىملاتمايسەن دېگەندىكىن تىزىملاتمايسەن.

ـــ قارىغاندا سىز مېنى راستتىنلا بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلىدىغان ئوخشايسىز. بۇ دېگەن مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم پۇرسەت، مەن بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا چوقۇم قاتنىشىمەن. سىز مېنىڭ كەلگۈسۈمنى نابۇت قىلماقچىمۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. مەن چوقۇم تىزىملىتىمەن ھەم ئىمتىھانغا قاتنىشىمەن.

ـــ مەن ساڭا كۆيۈنۈپ شۇنچە چىرايلىق سۆزلىسەممۇ سۆزۈمگە كىرمەستە يوق تېخى مەن بىلەن گەپ تالىشىۋاتىسىنا تەتۈر پېشانە بالاخور. سەن بۇنداق چىڭ تۇرساڭ مېنىڭمۇ ساڭا دەيدىغان باشقا گېپىم يوق. مېنىڭ سەندەك بالام يوق، نېمە قىلساڭ شۇنداق قىل، بۇنىڭدىن كىيىن مېنى ئانا دېگۈچى بولما…..

توۋا، ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ، ھايات چاقچاق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ بىر ئانا ئۆز ئوغلىدىن تېنىۋاتىدىغۇ؟ ھەرقانچە چاقچاق بولسىمۇ بۇنداق ئاشۇرۇۋەتمىسە بولاتتىغۇ؟ ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك.

مانا شۇنىڭدىن تارتىپ بۇسارىخان قەدىردانغا تەتۈر قاراپ تاش چىشلەپ تۇرۇۋالغان ئىدى.

قەدىردان ئاخىرى دوستى ئالىمجاننىڭ زورلىشى بىلەن مائارىپ ئىدارىسىگە يۈرۈپ كەتتى.


2
قەدىردان دوستى ئالىمجان بىلەن بىرلىكتە مائارىپ ئىدارىسىغىمۇ كەلدى. مائارىپ ئىدارىسىدە ئادەم ئادەتتىكىگە قارىغاندا سەل كۆپرەك ئىدى. قەدىردان سەل ئىككىلىنىپ قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ مائارىپ ئىدارىسىگە كىرىپ «مەن ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بەرگەن، نەتىجەمنى ئۇققىلى كەلدىم.» دېيىش كېرەكمۇ؟
ياق، قەدىرداندا بۇنداق جۈرئەت نەدە تۇرسۇن. ئۇ ھەتتا مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر تۈگۈل ئۆزىنىڭ دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ بىر ئېغىز سۆزنى دادىللىق بىلەن قىلالمايدىغان تۇرسا، ئۇ بۇ ھاياتىدا ھېچنېمىدىن قورقمىسا قورقمايدۇكى لېكىن مۇئەللىمدىن ئۆلگۈدەك تەپ تارتىدۇ. ئۇنىڭ بىرەر قېتىم مۇئەللىملەرگە ئەركىن ئازادە گەپ قىلىپ باققىنىنى كىم كۆرۈپتۇ دەيسىز. ئۇنىڭ بۇنداق مۇئەللىمنى كۆرسە خۇددى ئەزرائىلدىن قورققاندەك قورقۇپ تىلىغا گەپ كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشىغا يەنىلا شۇ مۇئەللىملەر سەۋەبچى بولغان ئەمەسمۇ؟
ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى دېگەن دەرستە ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ لېكىن دەرستىن چۈشكىنىدە ئەركىن ھالدا ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ پىكىرلىشىپ، سىرداشسا بۇنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا نېمە تەسىرى بولسۇن؟ لېكىن قەدىردانلار ئوقۇغان مەكتەپتە بۇنداق ئەركىن ئازادە ھالدا مۇئەللىملەر بىلەن پىكىرلىشىش نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز. مەكتەپ بىر يېزا مەكتىپى بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن تاڭ ئىشقىلىپ قەدىردانلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇغۇچىلارغا قاپىقىنى ئاچمايدىغان، ھە دېسە ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەپ ئۇلارنىڭ ساپ، سۈزۈك، زىبا دىلىغا ئازار بېرىپلا يۈرەتتى.
قەدىردان ھېلىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. تۇلۇقسىز 1-يىللىققا چىققاندا ماتېماتىكا دەرسى بېرىدىغان مۇئەللىم ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارغا پوپوزا قىلىپ ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان بىر مىجەزى بار ئىدى. بىر كۈنى مۇئەللىم ھەر كۈندىكىدەك قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى سائەتلىك دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى بىر قۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئالدىدا ئولتۇرغان پاتىمە ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنى دوسكىغا چىقىرىپ ھېساب ئىشلەتكۈزۈپ كۆردى. لېكىن پاتىمە ئالدىنقى قېتىملىق دەرسنى تازا ئۆزلەشتۈرەلمىگەنمۇ قانداق مۇئەللىم دوسكىغا يېزىپ بەرگەن ھېسابنى زادىلا ئىشلىيەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم قايناشقا باشلىدى.
ــــ سەن قاسماقلار، دەرسنىمۇ ياخشى ئۆگەنمەي كېلىشىسەن. ئېيتىشە قېنى قاسماقلار، ئۆيۈڭگە بارساڭ نېمىش قىلىشىسەن؟ پوق يەمسەن ھە؟ سەن قاسماقلارغا دەرس بېرىپ مەن ھەقىقەتەن زايە بولۇپ كەتتىم بىلىشەمسەن؟ مەن دېگەن بېن كې سىڭ(本科生) ئۇقۇشامسەن ھە؟ مەن بېن كې سىڭ(قەدىردان بۇ ۋاقىتتا بېن كې سىڭ دېگەننىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى) تۇرۇپ سەن قاسماقلارغا دەرس بېرىمەن دەپ مۇشۇ يەردە ئۆزۈمنى زايە قىلىپ يۈرىمەن. سەندەك قاسماقلارغا دېسەم بارغۇ قارا، مېنىڭ بەش ياشلىق بالاممۇ سەن قاسماقلاردىن كۆپ نەرسە بىلىدۇ. ئۇقۇشتۇڭمۇ؟ مېنىڭ بەششششششش ياشلىق بالام(مۇئەللىم شۇنداق دېگىنىچە بەش بارمىقىنى چىقىرىپ بالىلارغا خۇددى مېنىڭ ماۋۇ ئالتۇن ئۈزۈكۈمنى كۆردۈڭمۇ؟ دېگەندەك بارماقلىرىنى سوزۇپ قالايمىقان پۇلاڭلاتقىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى.)
سەنلەر ھازىر بەش ياش ئەمەس ئون ئۈچ ياش بولۇپ قالغان قاسماقلار تۇرۇپ ئاشۇ بەش ياشلىق بالىچىلىك نەرسە بىلىشمىسەڭ. سەن قاسماقلارغا دەرس بېرىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇچە ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ ئارامىمنى ئالسامچۇ كاشكى…
قەدىردان مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ھاڭ تاڭ قالدى. مۇئەللىم تۇرۇپ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلسا، ئاشۇنداق ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى خورلىسا بۇ قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭ بېن كې سىڭ دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟ ئەجەب قەدىردان ئاڭلاپ باقمىغان سۆزكىنا بۇ؟ ئەجەب ئۇيغۇرچىغا ئازراقمۇ ئوخشىمايدىغان گەپكىنا؟
مانا شۇنىڭدىن باشلاپ قەدىرداننىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىشكە باشلىدى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسە خۇددى ئەزرائىلنى كۆرگەندەك قاچىدىغان بولۇپ قالدى.
مانا بۈگۈن مائارىپ ئىدارىسىگە كېلىپ ئىدارىدىكى بىرەر رەھبەردىن ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى سوراش ئۇنىڭغا شۇنچە تەس كەلگەن ئىدى. ئۇ شۇنداق دېلىغۇل بولۇپ تۇرغان پەيتتە ئىشخانىدىن سېمىز ئەمما ياش بىرى چىقىپ كەلدى. بۇ ئادەم قەدىردانلارنىڭ مەكتىپىگە كۆپ قېتىم چىققان ئىدى. شۇڭا قەدىردان گەرچە بۇ ئادەمنى تونۇمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىر غوللۇق كادىر ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىچكىرىگە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا قەدىردان ئۇ ئادەمدىن سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئالدىغا تەمشىلىۋىدى ئۇ ئادەم ئۆزى گەپ باشلاپ قالدى.
ـــ ھە ئۇكىلىرىم كەپقاپسىلەرغۇ؟
ـــ ئاڭلىساق… ئىچكىرى شىنجاڭ سىنىپىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى چىقىپتىمىش شۇڭا نەتىجىمىزنى ئۇقۇپ باقايلى دەپ كەلگەن.
ـــ ھە مۇنداق دەڭلار، قايسى مەكتەپ ئوقۇيسىلەر؟
ـــ قۇمكۆل مەكتىپى.
ـــ ھە، سىلەرنىڭ نەتىجەڭلارنى ھازىرلا سىلەرنىڭ ئىلمىي مۇدىرىڭلار ئېلىپ چىقىپ كەتتى. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ شۇ يەردىن سۈرۈشتۈرسەڭلار بولىدۇ.
ـــ رەھمەت سىزگە، ئاۋارە قىلدۇق .
ـــ ياق، ھېچقىسى يوق.
ئۇلار ئىككىسى بازاردىن يېزىدىكى مەكتىپىگە چىققۇچە قەدىردان يولدا ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىپ چىقتى، مەن بۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس، مېنىڭچە مەكتەپكە چىقمىغىنىم تۈزۈك، بولمىسا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئايان بولغاندىن كىيىن ئاۋۇ مۇئەللىم يەنە ئېغىزىنى بۇزۇپ تازا تىللاپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟
مۇئەللىم يەنە قەدىردانغا:
ــ ھە، قەدىردان ئادەتتە دەرستە خېلى ياخشىدەك قىلاتتىڭىز، ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ دەپ شۇنچە ئۈمىد كۈتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپسىزدە؟ «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ.» دەپ ھالىڭىز شۇمىدى؟ ئوقۇتقۇچىلار سىزگە قانچىلىك ئۈمىد باغلىغان ھە؟ مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر قۇمكۆل مەكتىپىدىن بىرمۇ بالا ئىچكىرىگە ئۆتەلمەپتۇ دەپ مەكتەپكە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويسا، بۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ مەكتەپتىن يەنە ئۈمىد كۈتكىلى بولامدۇ؟ سىزدەك ئوقۇغۇچىلار ئۆتەلمىگەن يەردە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتەلىشى مۇمكىنمۇ ھە؟
ئۇلار مەكتەپكە چىقىۋاتقاندا، مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن موتسىكلىت بىلەن كېلىپ ئۇلارغا دەرھال مەكتەپكە چىقىشنى ھەمدە باشقا بالىلارغىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلىپ قۇيۇپ، (ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا) ئۇلارنىڭ تىزدىن مەكتەپكە چىقىشىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇپ تىزلا مەكتەپكە كەتتى.
ئۇلار يولدا باشقا ساۋاقداشلىرىغا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
قەدىردان كاللىسىدا ھەر خىل خىياللارنى قىلىپ گاراڭ ھالدا مەكتەپكە كېلىپ ئەمدىلا ئىشخانا ئالدىغا كېلىشىگە قەيەردىندۇر بىر قانچە مۇئەللىملەرنىڭ «قەدىردان مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن سۆزى كېلىشكە باشلىدى. قەدىردان بۇ سۆزنىڭ قايسى ئىشخانىدىن كەلگەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، يەنە بۇ سۆزنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاللىقاياقلارغا يۆتكىلىپ يەنە ئاۋاز تۈسى ئۆزگىرىپ ئوخشاشلا «قەدىردان مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا قەدىردان ئۆزىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىگە ئاز-تولا ئىشىنىشكە باشلىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىمتىھان مەزگىلىدە ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندىن چىققىنىدا چوڭ ئاكىسى نۇرمەمەتنىڭ ئۇنىڭدىن «ئىمتىھاننى قانداقراق بەردىڭ؟» دەپ سورىغان سوئالىغا «بەك تەس ئىكەن ئىشلەپ بولالمىدىم سوئال قەغىزى ئاق قالدى.» دەپ جاۋاب بەرگىنىنى، ئاكىسى ئۇنىڭغا «ئۇكام، ئاشۇ يىراق يەردىن بۇ يەرگە ئىمتىھان سوئال قەغىزىنى ئاق قۇيۇپ قويغىلى كەلگەنمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋابەن «ئىشلەپ بولالمىسام، قانداق قىلىمەن ئەمدى ئاكا، ئىشلەپ بولالمىغاندىكىن ئاق قالىدىغان گەپكەن شۇ.» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى، نۇرمەمەتنىڭ ئۇنىڭغا:
ـــ بوپتۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتسەڭ كۇلىغا كىرىپ كېتەرسەن. ئۆتەلمىسەڭ ئۆيدە چوڭ كەتمەن بارغۇ، شۇ ساڭا تەييار ئۇكام.
دەپ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىغان، چۈشلۈك تاماققا ماڭغاندا بۇ بىر مەكتەپتىن ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز بالىلىرىدىن ئىمتىھاننى قانداقراق بەرگەنلىكىنى سورىغىنىدا بىرسى «مەن ماتېماتىكىدىن 95 ئالىمەن.»  دېسە يەنە بىرى تۇرۇپ « مەن 86 ئالىمەن.» دەپ ئۆز ئاتا ئانىلىرىنى خۇشال قىلىۋاتقان پەيتتە قەدىردان ئاكىسىنىڭ سۆزسىز كېتىۋاتقىنىغا قاراپ، ئىچىدە«ئەجەبا بۇلار شۇنداق ياخشى بەرگەنمىدۇ؟ سوئال ماڭا ئەجەب تەس تۇيۇلغان تۇرسا بۇلار قورقماي ئانچە ئالىمەنەي، بۇنچە ئالىمەن دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتمامدۇ؟ مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ بۇ قېتىمقى ماتېماتىكا ئىمتىھاندىن 60 ئالالىشىمغا ئىشەنمەي تۇرۇۋاتسام ماۋۇلار ئەجەب ياخشى بېرىپتۇغۇ. قارىغاندا مەندە راستتىنلا ئۈمىد يوق ئوخشايدۇ.» دەپ ئۆزىنىڭ ئىچكىرىگە ئۆتۈش خىيالىنىڭ بىر ئەمەلگە ئاشمايدىغان چۈش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ۋاقىتتىكى خىيالىنى ئەسلەپ،  مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ قىلغان، ئەتكىنىنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى.
ئۇ دوستى ئالىمجان بىلەن ئەمدىلا ئىلمىي مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە ئىلمى مۇدىر سۆزلەشكە باشلىدى:
ـــ قەدىردان ئىمتىھاندىن ئۆتۈپسىز، مەكتىپىمىزدىن زاھىت بىلەن ئىككىڭلار ئۆتۈپسىلەر، ئەمدىكى مەسىلە ئۆگۈنلۈككە ۋىلايەتكە سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشكە بېرىشقا تەييارلىق قىلىش. شۇڭا ھازىر ئۆيگە بېرىپ بۇ خوش-خەۋەرنى ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ ئۆگۈنلۈككە ۋىلايەتكە بېرىشقا تەييارلىق قىلىڭلار. ھە راست، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققى ئۈچۈن 180.00 يۈەن تەييارلايسىلەر. ئەمىسە قايتىپ تەييارلىق قىلىڭلار.
قەدىردان ئۆزىنىڭ قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى. ئۇ خاتا ئاڭلىۋالمىغاندىمەن دېگەن خىيال بىلەن يېنىدىكى ئالىمجاندىن پەس ئاۋازدا سورىدى.
ـــ ئاداش، مۇئەللىم نېمە دەۋاتىدۇ؟
ـــ سىلىدە چاتاق يوقتۇ؟ نېمە دەيتتى شۇ سىلنى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپسىز دەۋاتمامدۇ؟ ئالىمجان خوش ياقمىغان ھالدا جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆتەلمىگەنلىكى ئايان بولغان ئىدى.
ئاھ!… مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتىمەن-دە!
لېكىن قەدىردىن تۇيۇقسىز يەنىلا جىم بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ قۇلاق تۆۋىدە مۇئەللىم ھېلىلا ئېيتقان: «سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققى ئۈچۈن 180.00 يۈەن…» دېگەن سۆز ئەكس سادا بولۇپ ياڭراۋاتاتتى.
ھايات ئادەمگە راستتىنلا چاقچاق قىلىدىكەن. بەزىلەرنى كۈلدۈرسە، بەزىلەرنى يىغلىتىدىكەن. بەزىلەر بەخت قۇشىنىڭ بېشىغا قونۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ كېچىسى كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىسە، بەزىلەر بەخت قۇشىنىڭ ئۆز بېشىغا قونۇپ قالغانلىقىنى ئۇققىنىدا بىردىنلا روھسىز بولۇپ كېتىدىكەن. ھاياتنىڭ ئۆزى بىر خۇشاللىقىدىن قايغۇسى كۆپ، جاۋابىدىن سوئالى كۆپ بولغان بىر ھادىسە ئىكەن.
مانا قەدىردان ئۆزىنىڭ باشقىلار چۈشىدىمۇ ئېرىشەلمەيدىغان ئاشۇ ئىچكىرىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە ئېچىلغان شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقۇپ بىردىنلا غەمگە پاتتى.

3
قەدىرداننىڭ بۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئۇقۇپ غەمگە پېتىشىنىڭمۇ سەۋەبى بار ئىدى. چۈنكى مۇئەللىم ئۇنىڭغا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن 180.00 يۈەن تەييارلايسىلەر دەپ ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىپ دېگەندىن كىيىن قەدىرداننىڭ كۆڭلىدىن بۇنىڭىدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ۋىلايەتكە ئىمتىھان بېرىشكە مېڭىش ئالدىدا ئائىلىسىدە بولۇپ ئۆتكەن بىر يۈرۈش جېدەل ماجىرالار خۇددى كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى.
بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى قەدىردان ۋىلايەتكە ئىمتىھان بېرىشكە مېڭىش ئالدىدا، ئەتە ماڭىمىز دېگەن كۈنى كەچتە ئائىلىدە تولىمۇ كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بەردى.
بۇ كۈنى ئاساسلىق جېدەل -ماجىرانىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان بىردىن بىر مەسىلە بىرى ۋىلايەتكە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن كەتكەن يول كىراسىنى قانداق ھەل قىلىش(ئۆيدىن كىم ئۆز ئۈستىگە ئېلىش، چۈنكى ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرى بولغان ئىدى.) يەنە بىرى كىم قەدىردانغا ھەمراھ بولۇپ ۋىلايەتكە بېرىپ ئۇنىڭ ئىمتىھاننى ئۇتۇقلۇق بېرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇش مەسىلىسى ئىدى. كىمنىڭ بېرىشىغۇ قايتا-قايتا تالاش تارتىشتىن كىيىن قەدىرداننىڭ چوڭ ئاكىسى نۇرمەمەت بارىدىغان بولۇپ ھەل بولدى. لېكىن پۇل مەسىلىسىگە كەلگەندە كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى پەقەت بىر يەرگە كەلمەي قالدى.
بۇسارىخان تا ھازىرغىچە قەدىردانغا تەتۈر قاراپلا تۇراتتى. لېكىن ئۇنىڭمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان ئىدى. چۈنكى بۇسارىخان يولدىشى مەمەتئاخۇن قازا قىلغاندىن بىرى ئۆيدە ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ توققۇز بالىنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تارتمىغان جاپاسى قالمىغان ئىدى. ئالدىنقى قېتىم قەدىرداننىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشىغا قارىشى چىقىشىمۇ ئاساسەن ھامان بىركۈنى مۇشۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكىدىن بولغان يەنە بىر تەرەپتىن بۇسارىخاننىڭ ئالتىنچى ئوغلى مەرۇپنىڭ بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرىكى ئىمتىھاندىن مەغلۇپ بولۇشى سەۋەبىدىن بولغان ئىدى.
مەرۇپ بۇسارىخاننىڭ 6-ئوغلى بولۇپ ، بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى، يەنى قەدىردان ئەمدى مەكتەپكە كىرگەن يىلى تۇلۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقنى پۈتتۈرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپ بۇيىچە «دەرستە ئۇنداق ياخشى»، «مۇنداق ئەلاچى» دەپ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان قۇرۇق ناملارنى بولۇشىغا ئالغان مەرۇپ راستتىنلا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئوقۇغۇچى ئىدى ھەمدە قەدىرداننىڭ مەكتەپكە كېرىپ ئوقۇشى ئۈچۈنمۇ ئاز تولا تۈرتكىلىك رول ئىدى. چۈنكى مەكتەپتە مەيلى مەكتەپ مۇدىرى ياكى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك مەرۇپنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ھەمدە ھەمىشە بۇسارىخاننىڭ كۆڭلىنى ياساپ ئۇنى خوش قىلاتتى. بۇسارىخانمۇ ھازىرغىچە ئويدە 5 بالىنىڭ ئاساسەن مەكتەپ يۈزىنى كۆرمىگەن، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ باقمىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزى قانچىلىك جاپا تارتىشىدىن قەتئىينەزەر مەرۇپنى داۋاملىق ئوقۇتۇش قارارىغا كەلگەن ئىدى.
ھەي، كىم بىلسۇن؟ ھەش-پەش دېگۈچە مەرۇپنىڭ مەكتەپ ھاياتىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى، ئۇنىڭ ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى. بۇ ۋاقىتلاردا بۇسارىخان ئادەتتىكىدىن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. چۈنكى مەرۇپ ئىمتىھان بەرسىلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا(مۇئەللىملەر بۇسارىخاننى مۇشۇ ئىشەنچىگە كەلتۈرگەن ئىدى.) ئىشىنەتتى. شۇڭا بالىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى پارلاق ئىستىقبالىنى ئويلاپ بۇ مەزلۇم ئايال ھېچنېمىگە قارىماي مەرۇپنىڭ ئىمتىھانى ئۈچۈن پاي-پېتەك بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئىمتىھانمۇ تۈگىدى، مەرۇپمۇ نەتىجىسىنى كۈتكەچ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ تۇردى. لېكىن ئويلىمىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. چۈنكى ئەسلى مەكتەپتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ يىل ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 12 بالا ئالىي مەكتەپكە ئۆتىدۇ دەپ پىلان قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئاشۇ 12 بالا تۈگۈل بىرمۇ بالا ئۆتەلمىگەنلىك خەۋىرى تارقالدى. ھەي، «كونىلار بىكار دېمەپتىكەن، چۈجىنى كۈزدە سانا.» دەپ، مانا شۇنچە ئۈمىد باغلىغان مەرۇپمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. كىيىنكى ئەپ قاچتى گەپلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار «ئالاھىدە ياخشى» بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلۈكى پۈتۈن ناھىيىنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ ، ئىمتىھان ۋاقتىدا قانداقتۇر بىر مۇدىرنىڭ «ئالاھىدە كۈچىشى» بىلەن سوئال قەغىزى ئەسلىدىكى نىسبەتەن ئاددىي بولغان قەغەزدىن نىسبەتەن قىيىن بولغان ئىمتىھان قەغىزىگە ئالماشتۇرۇلۇپ ئىمتىھان ئېلىنغان چېغى. بۇنداق بولغاندا ئەگەر بالىلار ئاشۇ تەس ئىمتىھان قەغىزىدىن ئىمتىھان بېرىپ ئىمتىھاندىن ئۆتسە مەزكۇر مەكتەپ ۋىلايەت، ھەتتا ئاپتونوم رايونى بۇيىچە نۇقتىلىق مەكتەپ بولۇپ قالارمىش. شۇڭا ھېلىقى مۇدىر ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىيىن ئىمتىھان قەغىزىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئىكەن. مانا ئەمدى بىرمۇ بالا ئۆتەلمەي بۇ نۇقتىلىق بولماقچى بولغان مەكتەپ ئەمدىلىكتە بىرمۇ بالا ئۆتەلمىگەن «ناچار» مەكتەپ بولۇپ قالغان ئىدى.
مەرۇپنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكى بۇسارىخان ئۈچۈن ئېغىر ئەلەم بولغان ئىدى. چۈنكى ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇن پۈتۈن مەھەللىدىكى كىشىلەر ، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشقىلىپ مەيلى كىم بولمىسۇن مەرۇپنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ ھالىنى قويمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيۋىدى، مەھەللىدىكى ئاشۇ ۋاتىلداق خوتۇنلارنىڭ ئېغىزى بېسىقمايلا كەتتى. خۇددى ئۇلارنىڭ قىلغىلى باشقا ئىشى يوقتىكىدەك، شۇنچىكى گەپلەرنى ئاڭلىۋالسا پۈتۈن كەنتكە پۇر كەتكۈزۈۋېتەتتى. شۇڭىمۇ باشقىلار «بۇ كەنت گەرچە خېلى چوڭ بولغان بىلەن باشقىلار بۇ باشدىن ”كارت“ قىلىپ ئوسۇرۇق قۇيۇپ بەرسە مەھەللىنىڭ ئۇ بېشىدىن ئادەم كېلىپ ۋاي نېمە بوپتۇ دەپ توپلىشىپ كېتىدۇ.» دەپ بىكار ئېيتمىغان ئىكەن. مەرۇپ ئۆتەلمىدى، بۇ مەھەللىدىكى ئاشۇ ۋاتىلداق خوتۇنلارنىڭ پارىڭى ئۈچۈن ئوبدانلا پاراڭ تۇتقۇسى بولۇپ بەردى.
ــــ ھەي، ئاڭلىدىڭلارمۇ، بۇسارىخاننىڭ ھېلىقى پۈتۈن ناھىيەگە داڭقى چىققان ئوغلى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپتۇ. ئۇنى ئۇنداق ياخشى ھەي، مۇنداق ياخشى ھەي دېسە راست ئوخشايدۇ دەپ ئىشىنىپ كېتىپتىمىز دېسە. ھەي، ئەسلى ھالى شۇنچىلىك ئىكەنغۇ ئۇ موللىۋاي غوجامنىڭ.
ـــ شۇ ئەمەسمۇ، ئەسلى بىر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغان بىر نېمىنى مۇشۇ مەكتەپمۇ تولا ئۇچۇرۇپ قىلمىغىنى قالمىغان ئىدى. بىزمۇ ئىشىنىپ ئاشۇ مەكتەپنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ماۋۇ بۇسارىخان دېگەن خوتۇننى خۇددى پادىشاھلارنىڭ ئاغىچا خېنىمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا شۇنچە ھەۋەس قىلىپ كېتىپتىمىز دېمەمسىلەر.
ـــ ئەمدى بارغۇ مەن بالامنى ھەرگىز مەكتەپتە ئوقۇتمايمەن. بەرىبىر «جىگدە ياغىچى بادىر بولماس، دېھقان بالىسى كادىر» دېگەن گەپ بارغۇ. ئەگەر مەنمۇ بالامنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ئاخىرى ماۋۇ بۇسارىخاندەك كۈنگە قېلىپ باشقىلارنىڭ كۈلكە تۇتقۇسى بولۇپ بېرىدىغان ئىش بولسا بۇنداق بالىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ نېمە قىلىدۇ كىشى.
ــــ ۋۇي، نېمە دەيسىز، بۇسارىخاننى باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە تۇتقۇ بولۇپ بەردى دېدىڭىزمۇ ؟ سىز كىمنى دەۋاتىسىز، بىز دېگەن بارغۇ ئەمەلىيەتنى سۆزلىدۇق، دېمىسىمۇ ئاشۇ داڭدار بالا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىغۇ. ئەمدى شۇ يەنە بىزدەك دېھقان بولىدۇ دە شۇ. بىز بىرەر يىلمۇ مەكتەپتە ئوقۇماي بولغان دېھقاننى ئۇ داڭدار بالا توققۇز يىل مەكتەپتە ئوقۇپ ئاندىن بولىدىغان بولدى-دە. ھاھاھا..
ــــ بىز گەرچە ئوقۇمىساقمۇ ئاشۇ داڭدار بالا بىلەن ئوخشاش دېھقان بولالايدىكەنمىز جۇمۇ.
ــــ ھەي، ھەي ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار، خۇدايىم ھەممە ئادەمنىڭ رىزقىنى ئۆزىگە يارىشا بېرىدۇ. تولا غەيۋەت قىلىپ ئۆزۈڭلارنى ئاۋارە قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟
ــــ ۋاھ، سىلى ئەجەب سۆزلەپ كەتتىلىيا؟ بۇسارىخان سىلىگە ياسىن سۈيى ئىچكۈزىۋەتتىمۇ نېمە ؟
ئاياللار قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
ھەي، مۇشۇ ئايال كىشى دېگەننى كونىلار «ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا» دەپ بىكار ئېيتمىغانمۇ نېمە ؟ مەرۇپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا ھەرخىل تەقدىر-نامىلەرنى ئېلىپ مۇئەللىملەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ئوقۇۋاتقاندا، مۇشۇ ئاياللاردىن بالىلىرى مەرۇپ بىلەن بىرگە ئوقۇيدىغانلىرى مەرۇپقا ئىچ قىزارتىپ تامىقىنى چاكىلدىتىپ قالغان ئەمەسمىدى. ھەتتا بەزىلىرى ئۆز قىزلىرىنىڭ كېيىنلىكىنى ئالدىن ئالا ئويلىشىپ «ئەگەر مەرۇپ بالام قوشۇلسا قىزىمنى ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈرلۈك قوشۇپ قويسام قىزىمنىڭ بەخت گۈلى ئېچىلىپ كەتكەن بۇلاتتى.» دېگەنلەرنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قويۇۋىدى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ۋالاقتەگكۈر ئېغىزى بېسىقمايلا كەتتى.
بۇسارىخان مەھەللىدىكى ئاياللارنىڭ بۇنداق ئۇچۇقتىن ئۇچۇق سۆز چۆچەك قىلىشىدىن جاق تويۇپ ئۆز ئۆزىگە «خەپ بالا دېگەننىمۇ ئوقۇتامدۇ كىشى» دەپ پىچىرلايتتى. شۇڭىمۇ مەرۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي بۇسارىخان ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولغان ۋاقىتلاردا قەدىرداننىڭ مەكتەپكە ئۆتكۈزىدىغان راسخۇتلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئەسلى قەدىردان ئۆزىدىن بۇرۇن ئوقۇپ بولغان بالىلارنىڭ ئىشلىتىپ بولغان كىتابلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك قەدىرداننىڭ يىللىق ئالمىشىش ۋاقتىدا ھەممە كىتابلار بىراقلا رەڭلىق باسمىغا ئۆزگەردى ھەم ئىچىدىكى مەزمۇنلارمۇ ئاساسەن تەڭشىلىپ دۆلەتنىڭ يېڭى ماتېرىياللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن ئىلگىرى ئىشلەتكەن ئوقۇش كىتابلىرىنى بىردەك ئىشلىتىش مۇمكىن بولماي قالدى. بۇنىڭ بىلەن قەدىردان ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى ماتېرىيال ئېلىشى شەرت ئىدى. لېكىن بۇنىڭغا بۇسارىخاننىڭ ئائىلە شارائىتى يار بەرمەيتتى.
مەرۇپنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكى كەنتكە تارقىغاندىن كىيىن بەزى «كۆيۈمچان » ئاياللار بۇسارىخانغا «ئىچكۆيەرلىك» بىلەن ۋەز نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى.
ـــ ھەي، بۇسارىخان ئاچا، مەمەتكام كېتىپ قالغاندىن بىرى تولىمۇ جاپادا قالدىلا، مانا مىڭ بىر جاپادا مەرۇپجاننى ئوقۇتقان ئىدىلە، قارىمامدىغان، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قويدى. ئەمدى قەدىرداننى ئوقۇتىمەن دەۋاتىلا، مېنىڭچە بىزنىڭ بۇ كەنتتە بالىنى ئوقۇتقاننىڭمۇ پايدىسى يوق. يەنە كېلىپ مەرۇپجاندەك پۈتۈن ناھىيەگە داڭقى چىققان بالىمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى، خۇدا بىزدەك دېھقانلارنىڭ بالىلىرىغا شۇ دېھقان بۇلۇشتىن باشقىنى پۈتمىگەن چېغى. شۇڭىمۇ كونىلار «جىگدە شېخى بادرا بولماس، دېھقان بالىسى كادىر» دەپ توغرا ئېيتقان ئەمەسمۇ، مېنىڭچە سىلى ھازىر قەدىرداننى ئوقۇتىمەن دەپ خېلى جاپادا قالدىلا، ھازىر بۇ مەكتەپ دېگەنمۇ بەك رەھىمسىز بولۇپ كەتتى. دېھقانلارنىڭ ھالىنى ئازراقمۇ ئويلىشىپ قويمايدۇ. يەنە كېلىپ ئاۋۇ كىتاب دەمدۇ پىتاب دەمدۇ بىر نېمىلىرىچۇ تېخى شۇنداق قىممەت. بۇنى ئاز دېگەندەك ھازىر مەكتەپلەر قانداقتۇر بىر ئوقۇش بەدەل پۇلى دەپ بىر نەرسىلەرنى چىقىرىۋاپتۇ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بالىلار مەكتەپتە ئوقۇغان ئىكەن چوقۇم ئوقۇش بەدەل پۇلى تۆلىشى شەرتكەن، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتىمىش. شۇڭا مەن دېمەكچى سىلى ئەمدى قەدىرداننى ئوقۇتىمەن دەپ ئۆزلىرىگە جاپا سالماي ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىپلاۋالسىلا، قەدىردان ئەقىللىق بالا بولدى. ئۇنى بىرەر ھۈنەرۋەنگە ھۈنەرگە بەرسىلە، بىر يىلغا قالمايلا ھۈنەر ئايرىسا ئاندىن ئۇ ھۈنەر قىلسا كۆپ پۇل تاپىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇ ۋاقىتتا سىلىمۇ بۇنداق جاپادا قالمايلا.
بۇ سۆزلەر بۇسارىخاننى خېلى ئويلاندۇرۇپ قويدى. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئالتە ئوغۇل بالىنىڭ چوڭ ئىككىسى يا بىرەر ھۈنەرلىك ئەمەس، ئۇلارنىڭمۇ كىرىم مەنبەسى يوق. ئەمدى كېلىپ ماۋۇ مەرۇپمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى، ئۆيدە بىكار تەلەتتىن يەنە بىرسى كۆپەيدى. مەرۇپنىڭ ئىنىسى مەسۇمنى مەكتەپكە بېرىۋىدى، ئاۋۇ خانىم دېگەن نايناق ئۇنى سەن سىنىپ باشلىقى بولدۇڭ، بالىلارنى ياخشى باشقۇر دەپ قۇيۇپ دەرس ۋاقتىدا سىنىپقا كىرمەي، سىنىپنى مەسۇمغا تاشلاپ بېرىپ ئۆزىنى شەخسىي ئىشلىرىغا چېپىپ يۈرگىنىدە، ماۋۇ مەسۇم دېگەن ھاڭۋاقتى ئاقىۋىتىنى ئويلىماي بالىلار ئوينىسا «دەرس ئۆگەنمىدىڭ» دەپ ئۇلارنى ئۇرۇپ قۇيۇپ ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسى بۇسارىخاننى ئاز ئاۋارە قىلدىمۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى ھازىر ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى. ئارتۇقچە باش ئاغرىقىمۇ تۈگىدى لېكىن مەسۇممۇ ھازىر ئۆيدە بىكار يەپ قاچا بىكارلاپ دېگەندەك ئۆتۈۋاتىدۇ. ھەي، بالا باقماق دېگەن نېمىدېگەن قىيىن ھە؟ رەھمەتلىك بولغان بولسا بۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس ئىدىم. «ئانىسى يوقنىڭ ئەمچىكى چوڭ، دادىسى يوقنىڭ پوردىقى» دېگەندەك ئادەمنى تولىمۇ جاپادا قويدىغۇ بۇ تەتۈر پىشانىلەر.
توغرا، قەدىرداننى ئوقۇتماسلىق كېرەك. ئايلىخان توغرا دەيدۇ، ئۇنى ئوقۇتۇپ نېمە قىلىمەن. كونىلار «جىگدە شېخى بادرا بولماس، دېھقان بالىسى كادىر»  دەپ شۇنداق توغرا ئېيتقان تۇرسا، يەنە ئۇنىڭ كادىر بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ ھۈنەرگە بېرىش كېرەك.
بۇسارىخاننىڭ بۇ قارارى قەدىرداننىڭ تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان غۇبارسىز قەلبىگە مۇدھىش بىر قىسمەتلەرنى ئېلىپ كېلىش ئالدىدا تۇراتتى.


4
شۇنداق قىلىپ قەدىردان باشلانغۇچ بىرىنچى يىللىقنى تۇلۇق تۈگەتمەي تۇرۇپ مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىندى. بۇ قېتىم مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنىشى بۇ غۇبارسىز سەبىي قەلبىكە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. بىراق قەدىردان بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى تاشلاپ قويمىدى. ئۇ ئۆيدە كۈندۈزى ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشسە، كەچلىكى ھەممەيلەن تېلېۋىزور كۆرگەندە ياكى بىكار پاراڭ سۇقۇپ ئولتۇرغاندا ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ قۇلىغا دەپتەر-قەلەم ئېلىپ تېخى تۇلۇق چىقىپ بولالمىغان ساۋاتىنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن كىتاب كۆرۈپ، توختىماستىن خەت يېزىشنى مەشىق قىلاتتى.
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى بۇسارىخاننىڭ ئائىلىسىگە كەنت رەھبەرلىرى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى كېرىپ كەلدى. بۇنىڭدىن كۆڭلى بىر ئىشنى سەزگەن قەدىردان ئالدىراپ ئۆيگە كىرىپ ئاپىسىغا بۇنى ئۇقتۇردى. مەكتەپ مۇدىرىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ چوقۇم «قەدىرداننى مەكتەپكە بەرسىلە» دەپ كەلگەنلىكىنى سەزگەن بۇسارىخان ئانچە ئېچىلىپمۇ كەتمىدى. ئەمما كەنت سېكرىتارىنىڭ يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۇلارنى ئىلاج بار قىزغىن كۈتىۋېلىشقا تىرىشتى. دېگەندەك ئۇلار راستتىنلا قەدىرداننىڭ ئوقۇش ئىشى ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
ـــ بۇسارىخان ئاچا، قەدىرداننى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغانلىرىغىمۇ بىر يىل بولۇپ قالدى. ئەمدى قەدىرداننى مەكتەپكە بەرگەنلىرى تۈزۈكمىكىن. قەدىردان ئوقۇشسىز قالسا بولمايدۇ. بالىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاشسىلا.
ـــ ۋاي، شوجاڭ، سىلى مېنى قەدىرداننى ئوقۇتقۇسى يوق دەملا؟ ئۆزلىرى بىلىلا، ئەينى چاغدا مەرۇپنى ھەرقايسىلىرى ماختاپ دېمىگەن گەپلىرى قالمىغان، شۇڭا جىنىم چىكەتسىمۇ مەيلى دەپ ئۇنى ئوقۇتتۇم ئەمدى نېمە بولدى. سىلەرنىڭ ئۇ ماختاپ ئۇچۇرىۋەتكىنىڭلار قېنى؟ ئاشۇ بالام شۇنچە ياخشى ئوقۇغان تۇرۇقلۇق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. ئەمدى قەدىرداننىمۇ ئوقۇتاي دېسەم بۇنىڭمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكى ئېنىق يەنە كېلىپ ھەممىلىرىگە ئايان، بالىلارنىڭ دادىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن. مېنىڭ بالىلارنى داۋاملىق ئوقۇتۇشقا قۇربىم يەتمەيدۇ. ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق ئېغىر، قەدىرداننىڭ ئوقۇش راسخوتلىرىنى مەن تەمىنلەپ بېرەلمەيمەن. شۇڭا ھەرقايسىلىرىمۇ ئارتۇقچە ئاۋارە بولمىسىلا، قەدىرداننى ئوقۇتىمەن دەپمۇ باش قاتۇرۇپ يۈرمەي، ئۇنى ۋاقتىدا بىرەر ھۈنەرۋەنگە بېرىپ بۇرۇنراق ئۆز يولىنى تېپىشىغا بىر ئامال قىلاي.
ـــ بالىنى ئوقۇتمىسىلا زادىلا بولمايدۇ. بالىنىڭ كەلگۈسى پارلاق، ئەگەر سىلى ئوقۇتمىسلا قاراپ تۇرۇپ بالىنى كۆزى ئۇچۇق قارىغۇ قىلىپ قويغان بولىلا بۇسارىخان ئاچا.
ـــ يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ، مەن دېدىمغۇ، ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق كۆپ مەن بالىنى ئوقۇتاي دېگەن بىلەنمۇ مەندە بالىنى ئوقۇتقۇدەك مادار يوق.
ـــ ئۇنداقتا، بالىنىڭ كىتاب پۇلىنى بىز كەنتتىن ھەل قىلىپ بېرەيلى ياكى مەكتەپ بىر قىسىمىنى كۆتۈرۈۋەتسۇن. بۇنداق بولغاندا بالا پەقەت ئاشۇ ئازلا ئوقۇش بەدەل پۇلىنى تۆلىسىلا بولىدۇ. بۇنىمۇ بىز كۆتۈرۈۋېتەيلى دېسەك يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بار، ئوقۇش بەدەل پۇلىنى چوقۇم ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تۆلىشى كېرەك. يەنە كېلىپ بۇ دېگەن كۆپ پۇل بولمىغاندىكى، ھەر مەۋسۇمدا ئالتە يۈەن ئوقۇش بەدەل پۇلىنى تۆلىسۇن. قالغان كىتاب پۇلىنى بىز مەكتەپ ۋە كەنتتىن ھەل قىلايلى. مۇشۇنداق قىلساق قەدىرداننى مەكتەپتە ئوقۇتسىلا بۇنىڭغىغۇ بۇلار؟
ـــ ۋاي، سېكرىتار نېمە دەيلا، مېنىڭمۇ ئەسلى بالىنى شۇنداق ئوقۇتقۇم بار ئىدى. لېكىن قۇربىم يەتمىگەندىكىن ئوقۇتمىغان. ئەمدى سىلى كىتاب پۇلىنى بىز ھەل قىلايلى دېسىلە، مەن بۇنىڭغا نېمە دەيتتىم، بىراق مۇشۇ بالىنى دەپ كەنتتىكىلەرنى ۋە مەكتەپتىكىلەرنى بەك ئاۋارە قىلىدىغان ئوخشايمەن. كەنتتىكىلەرگە كۆپ رەھمەت، مەكتەپ رەھبەرلىرىگىمۇ كۆپ رەھمەت. مېنىڭ مۇشۇ بالامنى دەپ شۇنچە كۆپ رىيازەت چېكىپتىلا. ئالدىلىرىدا ھەقىقەتەن بەك ئوڭايسىزلىنىپ قېلىۋاتىمەن.
ـــ بۇنداق دېمىسىلە بۇسارىخان ئاچا، بىزمۇ ئەھۋاللىرىنى بىلىمىز، يەنە كېلىپ بىز بۇرۇنراق مۇشۇنداق قىلماي بالىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن مەكتەپكە بارماسلىقىغا سەۋەبچى بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭدا بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار. ھازىر دۆلىتىمىز مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قويغاندىن بىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە سېلىنىڭ بالىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كىتاب-ماتېرىيال پۇلىنى يەنىلا شۇ يۇقىرىدىن بەرگەن ھەرخىل ياردەم پۇلىدىن ھەل قىلىمىز. شۇڭا بىز يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى بولغان مائارىپ سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ.
ـــ ۋاي ئاللا، دۆلىتىمىز ياشىسۇن. بىزنى مۇشۇنداق ياخشى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن كومپارتىيە ياشىسۇن! مەن بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم قەدىرداننىڭ مەكتەپكە تۇلۇق بېرىپ ياخشى ئوقۇشىغا، چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولۇپ ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا، شۇ ئارقىلىق ھەرقايسىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.
ـــ ھە، بولىدۇ ئەمىسە بۇسارىخان ئاچا، گەپ مۇشۇنداق بولسۇن، ئەمدى بالىنى قاچان مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرەي دەيلا؟
ـــ ھەرقايسىلىرى بۇنداق كۆڭۈل بۆلىۋاتسىلا ئەلۋەتتە سىلىنىڭ ئاغزىلىرىغا قارايمەندە شوجاڭ، سېكرىتار.
ـــ ئەمىسە بۈگۈن مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىڭ دېسەك ئاپىرىپ بېرەلەملا؟
ـــ نېمە دېگەنلىرى بۇ؟ ئاپىرىپ بېرىشتە مەندە مەسىلە يوق. لېكىن ئۆزلىرى بىلىلا بالىنى مۇشۇنداقلا ئاپىرىپ بېرىش تازا ياخشى بولماسمىكىن. بۈگۈنمۇ چۈش بولۇپ قالدى. مەن چۈشتىن كىيىن بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىش تەييارلىقىنى قىلىپ ئەتە ئەتىگەندىلا ئاپىرىپ بەرسەم قانداق دەيلا شوجاڭ؟
ـــ بولىدۇ، سېلىنىڭ دېگەنلىرىدەك بولسۇن. لېكىن دېگەن گەپ گەپ بولسۇن ھە؟
ـــ ھەر قايسىلىرى ئەر خەق تۇرۇپ دېگەن گەپلىرى گەپ بولسا مەن ئايال خەق بولساممۇ دېگىنىمنى قىلىدىغان ئايال مەن. بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىلا، پەقەت قەدىرداننىڭ كىتاب-ماتېرىيال پۇلى ھەل بولسىلا مەندىن ئەنسىرىمىسەڭلا بولىدۇ. لېكىن سىلىمۇ گەپلىرىدىن يېنىۋالمايدىغانلا؟
ـــ ھەي، يامان ئايال جۇمۇ سىز بۇسارىخان، خاتىرجەم بولسىلا، بۈگۈن بۇ يەردە مەكتەپ مۇدىرى بىلەن مەن كەنت سېكرىتارى تۇرۇپتىمىز. ھەر قانچە بولسىمۇ بىز ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمەسمىز؟ قانداق دېمىدىم شوجاڭ؟
ــــ شۇنداق، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىلا، بىزمۇ مەكتەپتىن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ قەدىرداننىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئوقۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمىز.
ـــ ھە، مۇنداق دېسىلە مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم شوجاڭ.
ـــ ھە، بولىدۇ ئەمىسە، بىزنىڭ يەنە باشقا ئىشلىرىمىز بار، بىز ماڭايلى. سىلىمۇ بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىشى ئۈچۈن ئوبدان تەييارلىق قىلسىلا، ئۇنتۇپ قالمىسىلا، ئەتە ئەتىگەندىلا بالىنى ئۆز قوللىرى بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدىلا جۇمۇ؟
ـــ چاتاق يوق شوجاڭ.
ـــ ئەمىسە خۇداغا ئامانەت بىز ماڭايلى.
ـــ ۋوي، مۇشۇنداقلا ماڭاملا، جىندەك ساقلىسىلا، مەن دەرھال تاماق قىلاي، تاماق يەپ قايتىشسىلا، چۈشمۇ بولۇپ قالدى، قورساقلىرىمۇ تارتىشىپ كەتكەندۇ.
ـــ بولدى ئاۋارە بولمىسىلا، بىزنىڭ يەنە باشقا ئىشلىرىمىز بار، بىز ئالدىرايمىز.
ـــ ھەر قانچە بولسىمۇ ئاۋۋال تاماق يەپ ئاندىن بېجىرسىلە بولمامدۇ ئۇ ئىشلىرىنى؟
ـــ تاماققا يەنە كېلەرمىز. ياخشى كۆڭۈللىرىگە ھەشقاللا، خوش ئەمىسە بىز ماڭايلى.
ـــ قارىغاندا سىلەرنى راستتىنلا تۇتۇپ قالغىلى بولمىغۇدەك. بوپتۇ ئەمىسە مەنمۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالماي، خۇدايىمغا ئامانەت.
شۇنداق قىلىپ كەنت سېكرىتارى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى قايتىپ كېتىشتى. قەدىردان يەنە مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى. بۇ نېمە دېگەن ياخشى ھە؟!!!
قەدىردان ئۆزىنىڭ قايتا ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئالەمچە خۇشال بولۇپ كەتتى. ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە «كومپارتىيە دېگەن نېمە دېگەن ياخشى ھە، مەن كەلگۈسىدە مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ چوقۇم بىر ياخشى كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ ۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ چىقىمەن.» دەپ پىچىرلىدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەتە مەكتەپكە بارىدىغانلىقى ئويلاپ قېن-قېنىغا پاتمايلا قالدى.
قەدىرداننىڭ شۇ تاپتا بارلىق ئاۋازىنى قۇيۇپ بېرىپ: مەن مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم! دەپ ۋارقىرىغۇسى كەلدى.
كەنت سېكرىتارى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى كەتتى، بۇسارىخانمۇ ئالدىراشلا قەدىرداننىڭ ئەتىكى مەكتەپكە بېرىش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى.


5
بۇسارىخان قەدىرداننى ئېلىپ ئەتىگەندىلا مەكتەپكە يېتىپ كەلدى. ئۇلارنى خۇددى قورسىقى ئېسىلىپ قالغان قوينىڭ قورسىقىدەك، يوغان قورسىقى يېنىغا ھەددىدىن زىيادە سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن بويىنى تولىمۇ پاكار كۆرسىتىپ تۇرىدىغان چوڭ قورساق سالغان بىر ئەر مۇئەللىم سوغۇقلا كۈتۈۋالدى. بۇ مۇئەللىم بۇسارىخاننى كۆرۈپ بىرخىل سوغۇق تەلەت بىلەن بۇسارىخاندىن سورىدى.
ـــ ھە، ئاچا كېلىپ قاپسىزغۇ؟
ـــ شۇ تۈنۈگۈنكى ۋەدەمگە ئاساسەن قەدىردان بالامنى مەكتەپكە ئېلىپ كەلدىم.
ـــ نېمە ۋەدە ئۇ؟ كىم بىلەن ۋەدىلەشكەن؟
ـــ تازىمۇ بىر، كىم بۇلاتتى شوجاڭ بولمامدۇ. تۈنۈگۈن شوجاڭ بىلەن سېكرىتار ئۆيگە بارمىغان بولسا مەنمۇ بۈگۈن كېلىپ يۈرمەيتتىم.
ـــ ھە، مۇنداق دېسىلە، شوجاڭ سېلىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپتىكەندە. بوپتۇ، بالىنى مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسام بۇلار؟
ـــ شوجاڭ بولمىسىمۇ بۇلارمۇ؟
ـــ بولىدۇ.
ـــ ئەمىسە قايسى سىنىپقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي دەيلا مۇئەللىم؟
ـــ قايسى سىنىپ بۇلاتتى. ئەلۋەتتە بىرىنچى يىللىقتە.
ـــ مۇئەللىم بالىنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سىنىپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغىلى بولماسمۇ؟
ـــ نېمە، نېمە؟ ئەسلىدىكى سىنىپ؟ بولمايدۇ. سېلىنىڭ بالىلىرى مەكتەپتىن چىقىپ كەتكىلى بىر يىل بولدى. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سىنىپىدىكى بالىلار بىر يىلدىن بىرى ھەلەپ يەپ يۈرمىدى. ئۇلار دەرس ئۆگەندى، ھازىر ئۇلار ئىككىنچى يىللىققا چىقىپ بولدى. سېلىنىڭ بالىنى ئۇ سىنىپقا ئەكىرىپ بەرسەك بالىلىرى ئۇ بالىلارغا قانداق يېتىشىپ بولىدۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇ بالىلار دۆت بالىلار ئەمەس، بىر يىلدىن بىرى نۇرغۇن دەرسلەرنى ئۆگەندى، بىراق سىلىنىڭ بالىلىرىچۇ؟ ھېچنېمە ئۆگەنمىگەن تۇرسا.
ـــ بالىغا بۇنداق سەل قارىمىسىلا مۇئەللىم، سىلى مۇئەللىم تۇرۇپ بالىلارغا مۇشۇنداق سەل قارىسىلا قانداق بولىدۇ . ئاۋۋال ئۆزىنىڭ سىنىپىغا ئەكىرىپ بەرسىلە، ئەگەر دەرستە يېتىشەلمىسە ئاندىن تۆۋەن يىللىققا چۈشۈرۈۋەتسىلىمۇ بولىدىغۇ؟
ـــ سېلىنىڭ بالىلىرى ئەۋلىيامىدى؟ بىر يىل دەرسكە كەلمىگەن بالىنى يەنە ئەسلى سىنىپىغا ئەكىرىپ بەرسەك دەيلىغۇ؟ سىنىپ دېگەن سامانلىق ئەمەس قايسى موزاي كەلسە ئۇدۇللا كىرىۋېرىدىغان. شۇڭا تولا مەن بىلەن گەپ تالاشمىسىلا، بالىلىرىنى بىرىنچى يىللىق سىنىپقا ئەكىرىپ بەرسەكلا بولىدۇ.
ـــ مېنى ئەسلىدىكى سىنىپىمغا ئەكىرىپ بەرمىسەڭلار مەن مەكتەپكە كەلمەيمەن. مېنىڭ كىچىك بالىلار بىلەن بىرگە دەرس ئۆگەنگۈم يوق.
ـــ بىر يىل دەرسكە كەلمىگەن بالىنى يەنە ئەسلى سىنىپقا ئەكىرىپ بەرگىلى بولمايدۇ. نېمانداق گەپ چۈشەنمەيدىغان خەقلەر بۇ؟ تازىمۇ بىر…
بۇ ۋاقىتتا ئىشخانىغا مەكتەپ مۇدىرى يېتىپ كەلدى. بۇسارىخان مەكتەپ مۇدىرىنى كۆرۈپ ئەھۋال ئېيتىشقا باشلىدى.
ـــ قارىسىلا شوجاڭ، مەن تۈنۈگۈنكى ۋەدەم بۇيىچە بالىنى مەكتەپكە ئەكەلدىم. بىراق ماۋۇ مۇئەللىم بالىنى بىرىنچى يىللىققا ئەكىرىپ بېرىمىز دەيدۇ. مەن بالىنى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سىنىپىغا ئەكىرىپ بېرەيلى، ئەگەر دەرستە يېتىشەلمىسە ئاندىن چۈشۈرۈۋېتەرسىلەر دېسەم زادىلا ئۇنىمايۋاتىدۇ.
ـــ بولىدۇ، بالىنى ئەسلىدىكى سىنىپقا ئەكىرىپ بېرەيلى، ئەگەر يېتىشەلمىسە سىلى دېگەندەك تۆۋەن يىللىققا چۈشۈرۈۋېتەرمىز.
مەكتەپ مۇدىرى كۆڭلىدە، بۇ بالا يېتىشەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپ، ھازىر پەقەت بۇسارىخاننى يولغا سېلىۋەتسەكلا قالغان ئىشلارنى ئالدىرىماي ھەل قىلىۋالىمىز دەپ ئويلىغان ئىدى.
مەكتەپ مۇدىرى بۇسارىخاننى ئېلىپ قەدىرداننىڭ ئەسلىدىكى سىنىپى، يەنى ھازىرقى ئىككىنچى يىللىق سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى چەكتى. سىنىپتىن قەدىرداننىڭ بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇتقۇچىسى دىلبەر مۇئەللىم چىقىپ كەلدى. ئۇ قەدىرداننى كۆرۈپ دەسلەپتە خۇشال بولغان بولسىمۇ لېكىن مەكتەپ مۇدىرىدىن قەدىرداننىڭ مۇشۇ سىنىپتا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى. چۈنكى بۇنداق ئوقۇشتىن توختىغىلى بىر يىل بولغان بالىنى سىنىپقا قوبۇل قىلغاندا دىلبەر مۇئەللىمدەك سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتەتتى. چۈنكى قەدىرداندەك بۇنداق بىر يىل مەكتەپتىن قالغان بالىلارنىڭ سەۋىيەسى يەنە قانداق بولماقچىدى؟ شۇ تايىنلىق ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئوڭلاپ يازالمايدۇ شۇ. ئاخىرى كېلىپ مۇئەللىمنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بۇ بالىلارنى يېتەكلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ھەي، تازىمۇ بىر، ئەمدى بۇ بالىنىڭ ساۋاتىنى قاچانمۇ چىقىرىپ بولغىلى بۇلار؟ مەكتەپ مۇدىرى بۇنى ئويلىمامدىغاندۇ؟ دىلبەر مۇئەللىم كۆڭلىدىن مۇشۇلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغىنىدا، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى ئۇنىڭ پىكىرىنى بۆلۈۋەتتى. دىلبەر مۇئەللىم بالىنى سىنىپقا ئەكىرىپ ئۇنىڭغا ئورۇن بەلگىلەپ بېرىپ دەرسىڭىزنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. بۇسارىخان ئاچاممۇ قايتىپ ئۆز ئىشىنى قىلسۇن.
ـــ لېكىن. مۇدىر، قەدىردان مەكتەپتىن چىقىپ كەتكىلى بىر يىل بولدى. ئەمدى بۇ سىنىپقا كىرسە قانداق بۇلار؟ باشقا بالىلارغا يېتىشەلەرمۇ؟
ـــ قانداق بۇلاتتى. سىز ئۆزىڭىزنىڭ دەرسىنى ئۆتۈپ باشقا بالىلارنى بۇرۇنقىدەكلا ئوقۇتۇپ ماڭسىڭىز بولىدۇ. قالغان ئىشلار ئاستا-ئاستا ھەل بولۇپ كېتىدۇ.
دىلبەر مۇئەللىمنىڭ چىرايدىكى مۇرەككەپ ئىپادىدىن ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ خوش ياقمىغان ھالدا قەدىرداننى سىنىپقا باشلاپ كىرىپ ئۇنىڭغا ئوتتۇرا قاتاردىكى ئالدىنقى پارتىدىن ئورۇن ھەل قىلىپ ئۇنىڭ شۇ يەردە ئولتۇرۇشىنى تاپىلاپ ئۆزى دوسكىغا «تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» دېگەن تېكىستىنى يېزىپ بالىلارغا ئۇنى كۆچۈرۈشنى تاپىلاپ قۇيۇپ كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر خىل خىياللارنى قىلىپ مەشكە ئوت قالاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتتى. ئالاھازەل 20 مىنۇت ئۆتكەندە، قەدىردان دوسكىدىكى مۇئەللىم كۆچۈرۈشنى تاپشۇرغان خەتلەرنى چىرايلىق قىلىپ دەپتىرىگە كۆچۈرۈپ بولدى. ئۇ مۇئەللىمگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قۇلىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ ئەتراپىغا قارىغان ئىدى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى پارتىغا دۈم ياتقىنىچە خۇددى ئۈستەل ئۈستىدىن بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك ئالدىراش خەت كۆچۈرۈۋاتاتتى. قەدىردان بۇنى كۆرۈپ خاتا يېزىپ قويدۇممۇ نېمە دېگەن خىيال بىلەن دەپتىرىدىكى خەتلەرنى بىرمۇ بىر دوسكىدىكى خەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتى. مەلۇم بولدىكى قەدىرداننىڭ يازغىنى دوسكىدىكى بىلەن ئوخشاش چىقتى. شۇڭا قەدىردان يەنىلا قولىنى كۆتۈردى. بۇ ۋاقىتتا مۇئەللىم قەدىرداننىڭ دەپتىرىنى كۆرمەستىنلا:
ـــ ھە، قەيەرنى يازالمىدىڭىز؟ دوسكىغا ئوبدان قاراپ ئاشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. سىزگە ئايرىم ئۆگىتىشكە مېنىڭ ۋاقتىم يوق. داۋاملىق كۆچۈرۈڭ. دەپلا يەنە مەشكە ئوتۇن سېلىپ ئولتۇردى. بۇ ۋاقىتتا قەدىردان مۇئەللىمگە قاراپ:
ـــ مۇئەللىم مەن كۆچۈرۈپ بولدۇم. سىز مېنىڭ يازغىنىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئەگەر خاتا بولسا مەن قايتا يازسام بولمىدىمۇ؟ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇئەللىمنىڭ سەل ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا ئېرىنچەكلىك بىلەن قەدىرداننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ دەپتىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى. قەدىرداننىڭ دەپتىرىگە قارىدىيۇ لېكىن شۇ ھامان ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى قەدىرداننىڭ يازغان ھەر بىر خېتى شۇنداق چىرايلىق، توغرا كۆركەم بولۇپ ، ئاق دەپتەر ۋارىقىدا خۇددى يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجاندەك شۇنچە رەتلىك ئىدى. مۇئەللىم بۇ خەتلەرنى قەدىرداننىڭ يېزىپ چىققىنىغا ئىشەنمەيلا قالدى. شۇڭا ئۇ قەدىرداننىڭ دوسكىدىكى بىرىنچى قۇر خەتنى يەنە بىر قېتىم قايتا يېزىپ بېقىشنى بۇيرىدى. قەدىردان ناھايىتى تىزلا ناھايىتى كۆركەم قىلىپ بۇ بىر قۇر خەتنى يېزىپ چىقتى. بۇنى كۆرۈپ مۇئەللىم ھەيران بولغىنىدىن سورىدى:
ـــ سىز مەكتەپتىن چىقىپ كەتكىلى بىر يىل بولغان تۇرۇقلۇق ئەجەب يەنە باشقا بالىلاردىن تىز يېزىپ بولۇپسىز ، ھەمدە يازغان خەتلىرىڭىز ناھايىتى كۆركەم بولۇپتۇ . سىز بۇنداق خەت يېزىشنى كىمدىن ئۆگەندىڭىز؟
ـــ مۇئەللىم مەن گەرچە مەكتەپكە كەلمىگىلى بىر يىل بولغان بولسىمۇ لېكىن ھەر كۈنى ئۆيدە ئۆزۈم خەت يېزىشنى ۋە كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆزۈم ئۆگەنگەن دەپ جاۋاب بەردى.
دېمىسىمۇ قەدىردان مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنغاندىن بىرى ھەر كۈنى ئۆيدە ئىش تۈگەپ ھەممەيلەن تېلېۋىزور كۆرگەندە ئۇنىڭ ئاستا سىرتقا چىقىپ كىتاب ئوقۇپ، خەت يېزىشنى مەشىق قىلغىنى بىكار كەتمىگەن ئىدى. مانا ھازىر ئۇ ئاشۇ جاپالىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىۋاتاتتى. باشقا بالىلار تېخىچە يېزىپ بولالمىغان بىر تېكىستنى ئۇ بىردەمدىلا يېزىپ بولۇپ ، مۇئەللىمنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.
ئەمدى مۇئەللىم ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى، ئۆزگەرتمەيمۇ بولمايتتى. بايا قەدىردانغا سەل قاراپ قىلغان گەپ سۆزلىرىنى ئويلاپ سەل خىجالەت ھېس قىلىپ قالدى بولغاي دەرھال باشقا بالىلارغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى.
ـــ ساۋاقداشلار، ھەممىڭلارغا ئايان، قەدىردان ساۋاقدىشىڭلار ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن مەكتەپكە كېلەلمىگىلى بىر يىل بولغان ئىدى. بىراق قاراپ بېقىڭلار، ساۋاقدىشىڭلارنىڭ يازغان خەتلىرى ھەممىدىن چىرايلىق، خەت يېزىش سۈرئىتى ھەممىدىن تىز بولۇپ كېتىپتۇ. بىز ھەممىمىز بىرلىكتە قەدىرداننىڭ تەبرىكلىۋېتەيلى . قېنى ساۋاقداشلار سىلەرمۇ قەدىرداندىن كۆپرەك ئۆگىنىڭلار. ئۇنىڭ گەرچە ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن مەكتەپكە داۋاملىق كېلىشكە مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەي ياخشى ئۆگىنىپتۇ شۇڭا سىلەرنىڭمۇ ئۇنىڭ بۇ روھىدىن كۆپلەپ ئۆگىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىنىپتا بىردىنلا ئالقىش ساداسى ياڭراشقا باشلىدى. ساۋاقداشلار بىردەك قىزغىن چاۋاك ساداسى ئىچىدە قەدىرداننى ئورىۋېلىشتى.

داۋامى بار….

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى