ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھايات چاقچىقى(2)

ھايات چاقچىقى(2)

ۋاقتى: 2016-10-16 ئاۋاتلىقى: 7994 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

6
شۇنداق قىلىپ قەدىردانمۇ قايتا مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدى. دەسلەپتە مۇئەللىملەر سەل قارىغان قەدىردان ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە مەكتەپتە ئاستا-ئاستا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بۇلىشىغا ئەگىشىپ مۇئەللىملەرمۇ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. قەدىردان بۇ قېتىم مەكتەپ قوينىغا قايتىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشال بۇلغان ھالدا، ئۆزىگە بۇ قايتا كەلگەن پۇرسەتنىڭ ئاسان كەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە باشلىدى. كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ ھەش-پەش دېگۈچە قەدىردانمۇ باشلانغۇچنىڭ بەشىنچى يىللىقىغا چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلىنىپ ماڭدى.
ئەدەبىيات مۇئەللىمى قەدىردانغا ھەر دائىم مەسلىھەت سېلىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىۋالغاندەك قىلاتتى:
ـــ قەدىردان، ماۋۇ ماقالىنى سىزنىڭچە قانداق يازساق ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمى بۇلار؟…
ـــ قەدىردان، سىز بۈگۈن ماۋۇ تېمىغا بىر پارچە ماقالە يېزىپ كېلىڭ، ئەتە ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئوقۇيسىز، سىز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ ماقالىڭىزنى كۆچۈرۈۋېلىپ ئۈلگىلىك ماقالە سۈپىتىدە ئۆگىنىدۇ…
ئەدەبىيات مۇئەللىمىنىڭ قەدىرداننى «مەسلىھەتچى» قىلىۋالغىنى يەتمىگەندەك، سەندىن مەن قالارمەنمۇ دېگەندەك ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتقۇچىسى كېلىپ:
ـــ قەدىردان ئىنىم، سىزنىڭ پىكرىڭىز خېلى جانلىق، ماۋۇ مۇلاھىزە تېمىسىغا كىتابتىن جاۋاب تېپىپ چىقىڭە، ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز تاپقان جاۋابنى باشقا ئوقۇغۇچىلار كۆچۈرۈپ شۇ بۇيىچە ئۆگىنىدۇ.
ـــ قەدىردان، ماۋۇ تېمىغا قانداق قىلساق بىر قەدەر ياخشى جاۋاب تاپقىلى بۇلار؟ مۇلاھىزە تېمىسىنى تەييارلاش ھەقىقەتەن ئاۋارىچىلىقكەن، شۇڭا سىز ماڭا ياردەملىشىپ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن…
دېگەندەك تەلەپلەرنى قويۇپ قەدىرداننىڭ ئەسلىدىمۇ ئالدىراش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىپ ئۇنى ئىككى قوشۇقتا تاماق يېگۈدەك قىلىپ قوياتتى. بۇنى ئاز دېگەندەك سىنىپ مۇدىرى قەدىرداننى سىنىپ باشلىقى، ئۆگىنىش ھەيئىتى دېگەندەك سىنىپ كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەڭ دەپ ئۇنى تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قۇياتتى.
قەدىرداننىڭغۇ سىنىپتا سىنىپ باشلىقى ياكى ئۆگىنىش ھەيئىتى بولۇپ باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن ئۆلگە بولغۇسى يوق دەمسىز؟ لېكىن ئۇ ئاپىسى بۇسارىخاننىڭ قايتا مەكتەپكە ئەكىلىپ بېرىش ئالدىدا ئېيتقان:
ــــ ئىسىڭدە بولسۇن بالام، مەكتەپكە قايتا بارمىقىڭمۇ ئاسانغا چۈشمىدى، شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگەنگىن، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ۋە كەنت رەھبەرلىرىنىڭ ئۈمىدىنى ياخشى ئاقلا. لېكىن ئىسىڭدە بولسۇن، سىنىپتا ئەگەر سىنىپ باشلىقى ياكى ئۆگىنىش ھەيئىتى بولىدىغان بولساڭ سېنىمۇ ئاكاڭدەك مەكتەپتىن چىقىرىۋالىمەن. مەسۇم ئاكاڭنىڭ قانداق مەكتەپتىن قالغانلىقى ئىسىڭدە بارغۇ، شۇنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت. مۇئەللىمىڭ سىنىپ كادىرى بول دېسە مۇئەللىمگە توغرا چۈشەندۈرۈپ، سىنىپ كادىرى بولىدىغان ئىشنى قىلما. ئەگەر گېپىمنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇتماي سىنىپ كادىرى بولىدىغان بولساڭ مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇيمەن دەپ خام خىيال قىلما…
دېگەن سۆزلىرىنى ئويلىسا سىنىپ كادىرى بۇلۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچەتتى. لېكىن قېرىشقاندەك، سىنىپ مۇدىرى ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي سىنىپ باشلىقى ياكى ئۆگىنىش ھەيئىتى قىلىپ قۇياتتى. شۇڭا قەدىردان ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى بىلەن دائىم تىركىشىپ قالاتتى. قەدىردان سىنىپ ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيمەن دېگەنسېرى مۇئەللىم شۇنچە مەجبۇرى ھالدا ئۇنى سىنىپ كادىرى قىلىپ قۇياتتى. شۇڭا قەدىردان دائىم دېگۈدەك سىنىپ مۇدىرىغا گەپ ياندۇرۇپ، خۇددى چۈجە خورازدەك مۇئەللىم بىلەن تاكاللىشاتتى.
ھەي، ئامال قانچە؟ بۇ ھاياتنىڭ چاقچىقى نېمانداق كۆپتۇ ھە؟ ئاشۇ مۇئەللىم بۇ بالىنىڭ كۆڭلىنى بىر چۈشەنسە نېمە بولۇپ كېتەر ھە؟ سىنىپتا قەدىردان سىنىپ كادىرى بولمىسا بۇ سىنىپ سىنىپ بولماي قالارمۇ ؟ شۇڭىمۇ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىز «بۇ ھاياتنىڭ شادلىقىدىن قايغۇسى كۆپ، جاۋابىدىن سوئالى كۆپ» دەپ بىكار ئېيتمىغان دە!
قەدىردان سىنىپ كادىرى بولمايمەن دېسە، ماۋۇ مۇئەللىم قېرىشقاندەك ئۇنى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويغىنى نېمىسى؟ ئەتە-ئۆگۈن باشقا ساۋاقداشلىرى ئاتا ئانىسىغا قەدىرداننىڭ ئۇلارغا سىنىپ باشلىقى بولغانلىقى ئېيتسا، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قەدىردانغا ھەۋەسلىنىپ بۇ «خوش خەۋەر»نى بۇسارىخان ئاچىغا دېسە، بۇسارىخان ئاچا بۇنىڭدىن خۇشال بۇلۇش تۈگۈل قەدىرداننىڭ:
ـــ ھەي داۋزا قۇلاق تەتۈر پېشانە ، مەن سېنى سىنىپ باشلىقى بولما، دېسەم يەنە سىنىپ باشلىقى بولدۇڭمۇ ھە؟ ئېيتە قېنى، مەكتەپتە ئوقۇغۇڭ بارمۇ يوق؟ سېنى بولسىمۇ خاتىرجەم ئوقۇۋالسۇن دېسەم سەنمۇ ئاكاڭنىڭ ئىز باسارى بولماقچىمۇ ؟ بوپتۇ، مەن ئەتىلا سېنى مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالمىسام بولمىدى…
دەپ ئۇنى مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالسا بۇنىڭغا كىم جاۋاب قىلار؟ قەدىرداننىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتا قايتىشى ئاسانغا چۈشكەنمۇ ھە؟ ئەمدى ئۇ مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنسا كىممۇ ئۇنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلەر؟ بۇسارىخان ئاچا ئۇنى قايتا يەنە مەكتەپكە بېرىشكە قوشۇلارمۇ ھە؟ توۋا، نېمانداق كۆپ سوئاللاردۇ بۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ماۋۇ مۇئەللىملەر نېمانداق چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ ئۇلار قەدىرداننىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنى خالىمامدىغاندۇ يا؟ ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ؟ مۇئەللىم قانداقمۇ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىنى خالىمايدىغان ئىش بار؟ يەنە كېلىپ قەدىردان شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتقان تۇرسا.
شۇنداق قىلىپ، قەدىردان ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئوقۇشى ئۈچۈن ئۆزىگە بىلىم بېرىپ دىلىنى يورۇتقان مۇئەللىملەر بىلەن دائىم دېگۈدەك تاكاللىشىدىغان، ئۇلارغا گەپ ياندۇرىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئۆگىنىشى يەنىلا ياخشى ئىدى.
ئالدىراش كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىر قوغلىشىپ ئۆتۈپ قىش كەتسە ئەتىياز، ياز كەتسە قىش كېلىپ قەدىرداننىڭ ئالتە يىللىق باشلانغۇچ ھاياتىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. بۇ قىسمىتى تولا ھاياتتا ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئۇنىڭغا قانداق سوئاللارنى قۇيۇپ، ئۇنىغا قانداق سىناقلارنى تەقدىم قىلار ھە؟


7
شۇنداق قىلىپ قەدىردانمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ھەر ھالدا خاتىرجەم پۈتتۇرىۋالدى. ئەمدىكى مەسىلە ئۇنىڭ تۇلۇقسىزنى قانداق ئوقۇشىدا قالغان ئىدى.
زېھنىياتلىق ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك، قەدىردان باشلانغۇچقا ئەمدىلا كىرىپ ساۋاتىنى چىقىراي دەپ قالغاندا، مەكتەپتىن ئايرىلىپ قېلىپ بىر يىل مەكتەپتىن قالغاندا كەنت ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بۇسارىخان ئاچىغا ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە كىتاب پۇلىنى كۆتۈرۈۋېتىش شەرتى بىلەن بىر يىلدىن كىيىن ئەسلى سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئەمدى بۇ باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ بولغان قەدىردان ئاشۇ شارائىتتىن(كىتاب پۇلىنى كۆتۈرۈۋېتىش) داۋاملىق بەھرىمەن بولۇپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ خاتىرجەم تۈگىتەلەرمۇ؟
بۇنىسى تېخى بىزگە ئېنىق ئەمەس، قېنى بىز دىققىتىمىزنى داۋاملىق بۇ تىرىشچان بالىنىڭ تەقدىرىگە قارىتىپ باقايلى، يەنە قانداق قىسمەتلەر ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدىكىن؟
قەدىردان باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، گەرچە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ باشلانغۇچتىكى كىتاب پۇلىنى مەكتەپ ۋە كەنتتىن كۆتۈرۈۋېتىش سىياسىتى تۇلۇقسىزدا داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولماي قالدى. ئەمدى كىتاب پۇلىنى مەكتەپ ۋە كەنت كۆتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان ئىكەن قەدىردان قانداق قىلار؟ ھازىر بۇسارىخانلارنىڭ ھال ئەھۋالى ياخشىلىنىپ قالغاندۇ؟ ئەمدى بولسىمۇ قەدىرداننىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى تەمىنلەپ بىرەر؟ بۇنىسى نامەلۇم. بۇسارىخان يولدىشى مەمەتئاخۇن بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقاندىن بىرى 9 بالىنى قاتارغا قوشىمەن دەپ ئاز جاپا تارتتىمۇ دەيسىلەر؟ ھەي، بالا باقماق نېمە دېگەن جاپالىق ھە؟ گەرچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇسارىخان ئائىلىسىدە تېخى ئۆز ئائىلە چىقىمىدىن ئېشىپ قەدىرداننىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى تەمىنلەپ بېرىش ئىقتىدارى يەتمىگەن ئىدى.
«كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك قەدىرداننىڭ ئىنىسى پەخىردىننىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىمۇ تازا تەسكە توختىغان ئىدى. گەرچە پەخىردىن ئىزچىل ھالدا قەدىرداننىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىمۇ بۇنىڭلىق بىلەن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئەمەس ئىدى. چۈنكى پەخىردىنمۇ قەدىردانغا ئوخشاشلا مۇئەللىملەرنىڭ سىنىپ كادىرى قىلىپ قويۇشىدىن مۇستەسنا بولالمىغان ئىدى. مۇئەللىملەر خۇددى قەدىرداننى قانداق «باشلىق» (سىنىپ ھەيئىتى) قىلىپ قويغان بولسا ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىپ قويغان ئىدى. تېخى ئۇ قەدىرداندەك باشلىق بولۇشنى رەت قىلسا ئاۋۇ مۇئەللىملەر تېخى قەدىرداننى «پەش» قىلىپمۇ ئۈلگۈرەتتى.
__ پەخىردىن، تولا ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ جۇمۇ، ۋاي، ۋاي دەپ قويسا نېمانداق ئۆزىڭىزنى بىلەلمەيسىز؟ سىزنىڭچە سىنىپتا باشلىق بولۇش شۇنچە ئاسانمۇ؟ كىم بولسا بولىۋېرىدىغان باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئەمەس ئۇ. ئاكىڭىز قەدىرداننىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىگە قاراپ سىزنىمۇ ئاكىڭىزنىڭ ئىزىنى باسىدۇ (قاراڭ ماۋۇ گەپنى، قارىغاندا بۇ مۇئەللىملەر پەخىردىننىڭمۇ قەدىردانغا ئوخشاش مەكتەپتىن توختاپ قېلىشتەك ئىز باسارى بولۇشىنى ئارزۇ قىلامدۇ نېمە؟) دەپ مۇشۇنداق قىلساق ئەمدى بىزگە ئېشىۋېلىپ بارامسىز؟ قەدىردانمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇپ، سىنىپ كادىرلىق ۋەزىپىسىنى شۇنداق ياخشى ئۆتەپ(ۋاھ، مۇئەللىملەرمۇ گەپ دېگەننى خېلى قىلىپ قويىدىكىنا؟ قەدىردان ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن سىنىپ كادىرى بولمايمەن دەپ شۇنچە كۆپ سوقۇشقان ئەمەسمىدى؟) مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ. شۇڭا سىزمۇ ئاكىڭىزنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىڭىز كېرەك، شۇڭا سىنىپ كادىرى بولىسىز دېگەندىكىن تۇلا غۇدۇ-غودۇڭ قىلماي سىنىپ كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتەڭ.
قارىغاندا بۇ ئاكا-ئۇكىلار راستتىنلا ئىز باسارلاردىن بولۇپ قالامدۇ نېمە؟ ئەتە قوپۇپ ئۆگۈنلۈككە قەدىرداننىڭ سىنىپ كادىرى بولۇپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاز دەپ ئەمدى ماۋۇ پەخىردىننىڭ سىنىپ كادىرى بولغانلىقى بۇسارىخاننىڭ قۇلىقىغا يەتسە ئۇ نېمە بولۇپ كېتەر؟ ئاكىسى مەسۇمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن بۇلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلەرمۇ؟ مەسۇمنى بۇسارىخاننىڭ ئوقۇتقۇسى يوقمىدى؟ ئەجەبا بۇسارىخان ئۆز ئوغلىنىڭ كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قېلىشىنى شۇنچە خالامدىغاندۇ؟ ياق، ھەرگىز بۇنداق ئەمەس، ئەسلى بۇسارىخان ئۆزى ھەر قانچە بولۇپ كەتسىمۇ بالىلىرىنى ئوبدان ئوقۇتۇش (چۈنكى بالىلارنىڭ چوڭ بەشى ئاساسەن قارا ساۋات بولۇپ قالغانلىقىمۇ بۇسارىخاننى كۆپ ئازابلايتتى .) ئۈمىدى بار ئىدى. لېكىن قېرىشقاندەك مەمەتئاخۇننىڭ بالدۇرلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقىنىنى ئاز دېگەندەك ئاشۇ كەنتتىكى قارا قورساق دېھقانلار مەيلى بالامنى ياخشى ئوقۇ دېسە گېپىنى ئاڭلىمىغاندىكىن قولى تېگىپ كېتىپتۇ، ھەرگىز مەسۇمجاندىن ئاغرىنىشقا بولمايدۇ دەپ ئويلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە مەسۇم بالاڭ بالامنى ئۇرۇپتۇ بالامنى سەن باققانمىدىڭ؟ بالا مېنىڭ تۇرسا سېنىڭ سېنىڭ ئوغلۇڭ نېمە دەپ بالامنى ئۇرىدۇ؟ سېنىڭ بالاڭنىڭ بالامدا نېمە ھەققى بار؟… دېگەندەك زەھەر خەندە گەپلەرنى تازا قىلىپ بۇسارىخاننىڭ يۈرىكىنى لەختە-لەختە قان قىلىۋەتكەن ئىدى. بۇسارىخان بۇ ئىككى بالىنى مەكتەپكە بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئاشۇ ئىشلارنىڭ يەنە قايتا بىر قېتىم يۈز بېرىشىدىن ناھايىتى ئەنسىرەيتتى. شۇڭا مەيلى قەدىردان بولسۇن ياكى پەخىردىن بولسۇن مەكتەپكە بېرىشنىڭ ئالدىدا بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ تاپىلىغان. بۇ ئىككى بالىغىمۇ ئاسان ئەمەستە…ھەي، ھايات!
قەدىردان ئۆزىگە ھاياتنىڭ ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەجەبمۇ باش ئاغرىتتىغۇ بۇ نامراتلىق دەردى. قەدىردان كۆپ ئويلاندى. ئويلىغاندىمۇ خېلى ئەتراپلىق ئويلاندى. ئويلا-ئويلا ئۇ ئاخىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئانىسىدىنمۇ ئاغرىنمايتتى. چۈنكى ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇ تۆت قولدەك بىلەتتى، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى شۇنداق تۇرسا، ئانىسىنىڭ يەنە نېمە ئىلاجى بار دەيسىز؟
قەدىردان ئاخىرى مەھەللىدىكى يېرى كۆپ خەنزۇ دېھقانلارنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ كېۋىزىنى ئۇتىشىپ بېرىپ ئاز-تولا ھەق ئېلىپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى قامدىماقچى بولدى. شۇڭا ئۇ خەنزۇ دېھقانلارنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ كېۋىزىنى ئۇتىشىغا ياردەملىشىپ بېرىش ئۇيىنى ئۇلارغا ئۇقتۇردى. بۇ مەھەللىدە ئۇيغۇر ئائىلىسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا مەھەللىدىكى دېھقان خەنزۇلارمۇ ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنەتتى. ئۇلار قەدىرداننىڭ ئۈستى-بېشىغا بىر قاراپ چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ قاقىراتما ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ۋە «مۇۋاپىق ھەق بەرسەڭ» دېگۈدەك ئىش قىلالىشىغا ئىشەنمىدى. ئۇلار قەدىردانغا چىرايلىقچە ئۇنىڭ بۇ نىيىتىدىن يېنىشىنى، كېۋەز ئۇتاشنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇ ئويلىغاندەك ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى قايىل قىلماقچى بولغاندا، قەدىردان قەتئىي چىڭ تۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلالايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئىش ھەققىنى ئاۋۋال ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا قاراپ ئۆزى رازى بولغان ئاساستا بەرسە بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئىشىتىن رازى بولمىسا ھەق بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ پۇلغا ئىشلەپ ئوقۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئويىدا بۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇنى ئاڭلاپ خەنزۇ دېھقانلارمۇ ئۇنىڭغا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىش قارارىغا كەلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىچىك بولغىنىغا قارىماي ئىشلەپ ئوقۇش خىراجىتىنى ھەل قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ خەنزۇ دېھقانلار ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ قالغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن قەدىرداننىڭ ئەتىگەن تاڭ سەھەردە كېۋەزلىككە چىقىپ كەچتە كۈن ئولتۇرۇپ كۆز كۆرمىگۈدەك بولغىچە ئىشلەپ كېۋەز ئوتاش ئىشى باشلىنىپ كەتتى. دەسلىپىدە بۇ ئىش خەنزۇ دېھقانلار دېگەندەك ئۇنىڭغا راستتىنلا تەس كەلدى. بۇسارىخانمۇ ھەر كۈنى ئوغلىنىڭ شۇنچە ھېرىپ ھالىدىن قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىشلىمەسلىكىنى، مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ ئۇنچە جاپا تارتىپ يۈرمەسلىكىنى ئېيتىپ ئوغلىنىڭ بىرەر ھۈنەرگە كىرىپ ھۈنەر ئۆگىنىشىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن قەدىردان ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئىشلىسە چوقۇم قايتا ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئانىسىغا:
ـــ بولدى ئانا، مەندىن ئەنسىرىمەڭ. مەن ھارمىدىم، سىز مېنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقانغۇ؟ بۇنچىلىك جاپا دېگەنگە چىدىمىسام مەن قانداقمۇ ئوغۇل بالا بولىمەن. كەلگۈسىدە قانداقمۇ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىپ سىزنىڭ ئۈمىدىڭىزنى ئاقلىيالايمەن. مەن مۇشۇنداق ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇشۇم كېرەك ئانا، شۇڭا سىز مەندىن ھەرگىز ئارتۇقچە ئەنسىرىمەڭ.
دەپ ئانىسىنى خاتىرجەم قىلاتتى. لېكىن ئۇ شۇنداق دېگەن بىلەنمۇ ئىش ئۇنىڭغا خېلىلا ئېغىر كەلگەن ئىدى، چۈنكى چۈشتىكى قاتتىق قۇياش نۇرىنىڭ خۇددى تونۇردىكى ئوتتەك قىزىپ ئادەمنى كۆيدۈرۈشى قەدىرداننىڭ يۇمراق بەدەنلىرىنى باشقىچىلا ھارغىن ھالەتكە كەلتۈرۈپ قوياتتى. شۇنداق بولسىمۇ قەدىردان ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇيىنىڭ تۈرتكىسىدە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
مانا ھەش-پەش دېگۈچە قەدىردان ئىشلىگىلى ساق بەش كۈن بولۇپ قالدى. ھېلىقى خەنزۇ دېھقانمۇ قەدىرداننىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئىشنى شۇنچە كۆيۈنۈپ قىلىشىغا قايىل بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ قەدىردانغا ھەپتە ئىشلىگىنى ئۈچۈن 55.00 يۈەن(بۇ ۋاقىتتا ئادەتتە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئېغىر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭمۇ كۈنلۈك ئىش ھەققى ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 يۈەن بولاتتى. قەدىرداننىڭ بۇ 55.00 يۈەنگە ئىشلىشىنى ھەرگىزمۇ ئەرزان بولۇپ قالدى دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.) نەق پۇل بەردى. قەدىردان بۇ پۇلنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بەش كۈن ئىچىدىلا بۇنچە كۆپ پۇلغا ئىشلىيەلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ خەنزۇ دېھقانغا كۆپ رەھمەت ئېيتتى ۋە پۇلنى قولىغا ئالغاندا بولسا بۇ بەش كۈندىن بىرى تارتقان ھارغىنلىقىنىڭ ئاللا قاياقلارغا يوقالغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدى.
قەدىردان بەش كۈن ئىشلەش ئارقىلىق تۇلۇقسىز بىرىنچى يىللىقنىڭ كىتاب پۇلى ۋە ئوقۇش بەدەل پۇلىغا يەتكۈدەك پۇلنىمۇ تېپىپ بولدى. ئەمدى ئۇ ئۆيدە ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ تەتىلنىڭ توشۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا بولىدۇ.


8
كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ تەتىلمۇ ئاخىرى توشتى. قەدىردان خۇشال-خۇرام ھالدا مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا قايتا قەدەم باسقىنىدا ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدى. ھەرقايسى سىنىپلارغا يېڭىدىن بېكىتىلگەن سىنىپ مۇدىرلىرىمۇ ئۆز سىنىپلىرىغا كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىققاندىن كىيىن ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ سىنىپىدا تۇنجى قېتىملىق سىنىپ يېغىنىنى ئېچىشقا باشلىدى.
قەدىردانلارنىڭ سىنىپغا سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ بەلگىلەنگەن مۇئەللىم بولسا مەكتەپتە خېلى «نامى» بار ئېگىز بوي، قاڭشارلىق، ئىسمىنى ئاڭلىسىلا ھەممە ئوقۇغۇچىلار قارا تەرگە چۆمىدىغان سادىق مۇئەللىم ئىدى. ئۇ سىنىپقا كىرىپ كەلگىنىدە ئوقۇغۇچىلار ئۇنى كۆرۈپ تىنى شۈركىنىپ كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بەستىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ تېنىنى قورقۇنچ باساتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىمۇ بۇ مۇئەللىمنىڭ «نامى»نى خېلى كۆپ ئاڭلىغان (چۈنكى قەدىردانلار باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىزنى مەكتەپ ئالماشماستىن بىر مەكتەپتە ئوقۇيتتى) ھەتتا بەزىلىرى مەكتەپ ھويلىسىدا بۇ مۇئەللىم بىلەن «تار كۇچا»دا ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيتتى. شۇڭا مەكتەپتە ھەممە ئوقۇغۇچىلار تۇلۇقسىزغا چىققاندا مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەيتتى. كىم بىلسۇن؟ «بارمايمەن دېگەن يەرگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ. ئۆچ بولماڭ سېزىك بولۇپ قالارسىز.» دېگەندەك بۇ «تەتۈر پېشانە » ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن شۇنچە ئەنسىرىسە قېرىشقاندەك دەل شۇ مۇئەللىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغىنىنى دېسە.
مۇئەللىم سىنىپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كىيىن ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمايلا سىنىپ ھەيئەتلىرىنى سايلاشقا باشلىدى. قەدىردان مۇئەللىمنىڭ كۆزىدىن ئۆزىنى شۇنچە قاچۇرغان بولسىمۇ لېكىن مۇئەللىمنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن قۇتۇلالمىدى. مۇئەللىم دەرھاللا ئۇنى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويدى. قەدىرداننىڭ باشلانغۇچتىكى ئىشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار بۇ مۇئەللىم ئۇنى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قۇيۇپلا مۇنۇ سۆزلەرنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى.
ــــ قەدىردان يىگىت، باشلانغۇچتىكى نامىڭلىنىمۇ خېلى ئاڭلىغان. دەرستە يامان ئەمەس ئىكەنسىلەر، بىراق مۇئەللىم بىلەن چۈجە خورازدەك ئېتىشىدىغان ئىشىڭلارنى مەن ئانچە ياقتۇرمايمەن، ھازىر ھەر قايسىڭلار تۇلۇقسىزغا چىقتىڭلار، باشلانغۇچتىكى بالىلىقىڭلار باشلانغۇچتا قالدى. شۇڭا باشلانغۇچتىكى مۇئەللىملەرگە ئەركىلىگەندەك ماڭا ئەركىلەپ بەرمەي بۇنىڭدىن كىيىن سىنىپنى ئوبدان باشقۇرۇڭلار.
بۇ گەپلەر قەدىردانغا سەل ھار كەلدى. ئەھۋالنى ئۇقماي نېمانداق قارىسىغا سۆزلەۋېرىدۇ ماۋۇ «ئاداش» دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە، خۇددى مەن باشلىق بولاي دېگەندەك…
ئەمدى مۇئەللىم باشقا ساۋاقداشلارغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى.
ــــ بۇنىڭدىن كىيىن سىنىپنىڭ ئىشلىرىنى قەدىردان تۇتىدۇ. مەن بۇ سىنىپنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلاشمايمەن. شۇڭا ھەر قايسىڭلار قەدىردانغا ئوبدان ماسلىشىپ سىنىپنىڭ مەكتەپ بۇيىچە ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشىڭلار كېرەك. ئەگەر بىرەر پىكىرىڭلار بولسا ھازىر ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ.
بالىلار مۇئەللىمنىڭ سۈرلۈك تەلەتىدىن قورقۇپ بىرەر ئېغىز پىكىر ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئەمەس بەلكى قاتتىقراق نەپەس ئېلىشتىنمۇ قورقۇپ ئاران ئولتۇرۇشاتتى.
مۇئەللىم سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى.
ـــ مېنى مەكتەپتىن سىلەرگە سىنىپ مۇدىرى قىلىپ بەلگىلىدى. شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن سىلەرنىڭ سىنىپنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى مەن ئۆتەيمەن. مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ يۈرمىسەممۇ ھەر قايسىڭلار مېنى ئوبدان بىلىسىلەرغۇ دەيمەن. شۇنداقمۇ يا قادىرئاخۇن؟ خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپلىغۇ؟ چاشقانغا مارىغان مۈشۈكتەك خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرماي، خىيالنى ئاز سۈرسىلە دەيمەن.
دەپ ئالدىدا ئولتۇرغان قادىر ئىسىملىك ئوقۇغۇچىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
مۇئەللىم سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى.
ـــ بۈگۈن سىنىپ يىغىنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. بۇنىڭدىن كىيىن سىنىپ يىغىنىغا ئاساسەن مەن قاتناشمايمەن. سىنىپ يىغىنىنى سىنىپ ھەيئەتلىرى ئاچىدۇ. ھازىرچە باشقا ئىشلارمۇ يوق، قالغان ئىشلارنى سىنىپ ھەيئەتلىرى ئاستا-ئاستا ھەل قىلىپ كېتىدۇ. بىراق ئۈچ كۈن ئىچىدە كىتاب پۇلىنى تۇلۇق ئەكىلىشنى ئۇنتۇماڭلار، ئەگەر كىمدىن كىم كىتاب پۇلىنى ئۈچ كۈنگىچە تۇلۇق ئەكەلمەيدىكەن، بۇ سىنىپقا كىرىمەن دەپ ئويلىمىسۇن. بۇ سىنىپتا كىتاب پۇلىنى تۇلۇق تاپشۇرغانلار ئوقۇيدۇ. سىنىپ يىغىنى تۈگىدى. ئەمدى سىنىپ ئىنتىزامىنى بۇزماي، ۋاقىت توشقاندا دەرستىن چۈشسەڭلار بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى سىنىپ يىغىنىغا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت ئاز بولسىمۇ لېكىن ھەممەيلەننى بىرخىل سۈرلۈك كەيپىيات ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى. ئۆزلىرى ئەڭ ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. سادىق مۇئەللىمنىڭ قولىغا قالمىساق بۇلاتتى، دەپ ئويلىغان بۇ سەبىي بالىلار ئاخىرى ئۇنىڭ قولىغا قالدى. ئەمدى ئۇلارنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىكىن؟
9
سادىق مۇئەللىمنىڭ ئۆزلىرىگە سىنىپ مۇدىرى بولغانلىقىنى ئۇققان بۇ سەبىي بالىلار بىر بىرلەپ مەكتەپ ئالمىشىشقا باشلىدى. ئۇلار ھەر كۈنى ئىلاج بار سادىق مۇئەللىمنى كۆرمەسلىككە، ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشاتتى. سادىق مۇئەللىم سىنىپ مۇدىرى بولغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە بالىلارغا كىتاب پۇلى ۋە ئوقۇش بەدەل پۇلىنى تاپشۇرۇپ بۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دېھقان بالىلىرى بولغاچقا ئۇلارغا كىتاب پۇلى ۋە ئوقۇش بەدەل پۇلىنى بىراقلا تاپشۇرۇپ بۇلۇش راستتىنلا ئېغىر كېلەتتى. يەنە كېلىپ بۇ مەزگىل دەل دېھقانلارنىڭ پاختىلىرى ئېچىلىشقا باشلىغان. ئەمما دېھقانلار تېخى پاختىسىنى سېتىپ پۇل قىلمىغان ۋاقىت بولغاچقا 40~50 يۈەن پۇلنى نەدىنمۇ تاپسۇن دەيسىز. پەقەت سىنىپتىكى بىر نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىشچى-خىزمەتچى بولغاچقا ئۇلار ئاۋۋال تاپشۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ سېسىق گەپلىرىدىن يىراق تۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. قەدىردانغۇ بۇ قېتىم بۇ توساقتىن كۆپ قىينالمايلا ئۆتۈۋالدى. چۈنكى ئۇ ئۆزى ئىشلەپ تاپقان پۇلىدىن 45 يۈەننى كىتابقا ، 6 يۈەننى ئوقۇش بەدەل پۇلى( بۇ ۋاقىتتا ئوقۇش بەدەل پۇلى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنداق نامرات كەنتلەردە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىغا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى.) ئۈچۈن تاپشۇرۇپ، مۇئەللىمنىڭ سېسىق گەپلىرىدىن ساقلىنىپ قالدى.
مۇئەللىم تۈنۈگۈن ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك پۇلنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەكىلىپ بۇلۇشنى تاپشۇرغان بولسىمۇ لېكىن بالىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى تېخى كىتاب پۇلىنى ئەكەلمىگەن ئىدى. مۇئەللىم چۈشتە پۇل ئەكەلمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن نېمە ئۈچۈن ئەكەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ پاختا زاۋۇتىغا كەتكەنلىكىنى، چۈشتە ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئامال بار تىز ئەكىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا، كەچتە قۇيۇپ بېرىشتىن بۇرۇن يەنە پۇلنى ۋاقتىدا ئەكىلىشنى تاپىلىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەتە چوقۇم پۇل ئەكىلىشنى تاپىلاپ بولۇپ سۆزىنى ئاخىرىغا مۇنۇ سۆزنى قىستۇرۇپ قويدى:
ـــ قايسىڭلارنىڭ ئانىسى ياكى ئاچىسى كەچتە ئۆيگە قايتمايدۇ؟ بۇنداق ئىشلار يوقتۇ؟ شۇڭا پۇلنى ۋاقتىدا ئەكىلىڭلار، ئەگەر ئەتە يەنە ئەكەلمىسەڭلار مەندىن ئاغرىنىپ قالماڭلار. ئەگەر ئاپا-ئاچىلىرىڭلار كەچتە ئۆيگە كىرمەيدىغان ئىش بولسا ماڭىمۇ دەپ قويۇڭلار، مەنمۇ ياش بولغاندىكىن…
ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدى. مۇئەللىمنىڭ مۇنداق گەپ قىلىشىنى كىم ئويلىغان دەيسىز. ھەر ھالدا بەزى ئوغۇللار ئىلگىرى بۇ مۇئەللىمنىڭ بەزى سۆزلىرىنى يۇقىرى يىللىقتىكىلەردىن ئاڭلىغان بولغاچقا ئانچە ھەيرانمۇ قالمىغان بولدى.
ئەمما بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇنداق سۆزنى قىلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. شۇڭا ئەتىسىلا بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئالدىراشلا بازاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىپ كېتىشتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ داۋاملىق مۇئەللىمدىن بۇنداق «چىرايلىق»سۆزلەرنى ئاڭلىغۇسى يوق ئىدى. قەدىردانمۇ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ كېتىشنى ئويلاپ، ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئېيتقان بولسىمۇ لېكىن 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى سىنىپنىڭ ئاللىبۇرۇن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، بوش ئورۇن يوقلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. قەدىردان بۇرۇن كىرگەن بىر نەچچە ساۋاقدىشىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كىرسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ مۇدىر بىلەن خېلى تاكاللاشتى. شۇنىسى ئېنىق بولدىكى، ئۇ ئوقۇغۇچىلار بۇرۇن كىرگەچكە قوبۇل قىلىنىپتۇ، ئەمما ھازىر بوش ئورۇن قالماپتۇ.
ۋاھ، ماۋۇ گەپلەرنى كۆرۈڭ، شۇنچە چوڭ مەكتەپكە قەدىرداندەك بىر بالا ئەجەب ئارتۇقلىق قىلىپتۇغۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەسىلە بۇ يەردە ئەمەس ئىدى. مەسىلىنىڭ نېگىزى يەنىلا قەدىرداندەك بىر نامرات دېھقان بالىسىنىڭ نەدىمۇ گېپى ئورۇنلۇق بۇلاتتى. شۇڭا كونىلار «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» دەپ بىكار ئېيتمىغان-دە. ئەگەر قەدىرداننىڭمۇ ئاتا-ئانىسى ئاشۇ بىر نەچچە ساۋاقدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك ئىشچى-خىزمەتچى، ئوقۇتقۇچى بولغان بولسا ھېلىغۇ بىر كىشىلىك ئورۇنكەن، ئىككى كىشىلىك بولسىمۇ ھەل قىلىنغان بۇلاتتى.
ھەي، نېمىسىنى دەيسىز، كىم قەدىرداننى بىر نامرات دېھقان بالىسى بولۇپ قالسۇن دەپتىكەن. بۇ ئۇنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بىر «نامرات» دېگەن تامغىسىنىڭ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولماي نېمە ؟
قەدىردان ھېلىقى مۇدىر بىلەن خېلى تالىشىپ باققان بولسىمۇ ئۇ مۇدىر قىلچىمۇ ئېرىيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. قەدىرداننىڭ بۇنداق يالۋۇرۇشلىرى ئارقىسىدا تاش بولسىمۇ ئېرىپ كەتكەن بۇلاتتى. قەدىردان ئۇ مۇدىرنىڭ ئەلپازىغا قاراپ زادىلا چىداپ تۇرالمىدى. ئۇ مۇدىرنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا قەدىرداننىڭ بۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى خۇددى قوچقارنى تۇغدۇرۇشتەك قىيىن، پاقىنى قونداققا چىقىرىش مۇمكىن بولمىغاندەك مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بۇ يەردىن كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەن ھالدا ئايرىلدى.
ھەي، نېمە ئامال، بازارلىق مەكتەپكە ئالمىسا، بۇ مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ سېسىق گەپلىرىدىن ئادەم زادى چىدىمىسا. قەدىردان زادى قانداق قىلسا بۇلار؟ بىراقلا ئوقۇمىسا قانداق بۇلار؟ ياق، ئوقۇمىسا بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ئوقۇشى كېرەك، يەنە ئوقۇغاندىمۇ تازا ئوبدان ئوقۇپ ئاشۇ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان مۇدىرغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك. ۋاقتى كەلگەندە ئۇ مۇدىر:  «ۋاي ئىسىت ئاشۇ بالىنى ئەينى ۋاقىتتا قوبۇل قىلىۋالغان بولسامچۇ، سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى چىقىشىغا پايدىسى بۇلاتتى ئەمەسمۇ؟» دەپ قالمىسا قەدىردان قانداقمۇ ئۇ مۇدىرنىڭ بۇنداق مۇئامىلىسىگە چىداپ تۇرالايدۇ؟
شۇڭا ئۇ يەنىلا قەتئىي ئوقۇش، سىنىپ مۇدىرى مەيلى قانداق سۆزلەرنى قىلمىسۇن، ياخشى سۆزلەر بولسا قوبۇل قىلىش، يامان سۆزلەر بولسا كارى بولماسلىق، يەنى« مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى تاشلاش» پىرىنسىپى بۇيىچە ئوقۇش قارارىغا كەلدى.
بىراق مۇئەللىمنىڭ ھەرخىل سېسىق گەپلىرى ئازلاي دەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ ئوقۇغۇچلار ئالدىدا ئازراقمۇ ئەدەپ-قائىدە دېگەننى ئويلاشمايتتى. ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرسى ئىنتىزامغا رىئايە قىلمايدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلدىمۇ بولدى، تۈگەشكىنى شۇ ئىدى.
مانا كىتاب پۇلىنى تاپشۇرۇش كۈنىنىڭ ئاخىرىقى مۆھلىتىمۇ يېتىپ كەلدى. لېكىن يەنىلا شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇل تاپشۇرمىغانلىقى ئېنىقلاندى . ئەگەر قەدىردانمۇ تەتىلدە ئىشلەپ ئازراق پۇل توپلىمىغان بولسا بۇ زەمبىرەكتىن ئېتىلىپ چىققان سېسىق گەپلەرگە كۆمۈلۈپ كەتكەن بۇلاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ غۇرۇرى سەل كۈچلۈك بولغاچقا راستتىنلا شۇنداق بىرەر ئېغىر گەپ سۆزگە يولۇقسا مۇئەللىمكەن دېمەي ئۇنىڭ بىلەن بەيگىگە چۈشەتتى.
مۇئەللىم پۇل ئەكەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىر قۇر ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ سەۋەبنى ئۇققاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى.
ـــ مەن ھەرقايسىڭنىڭ ئاچىسىنى ئالمىغاندىكىن، ماڭا ئەكىلەشمەي پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش، ئەگەر ئاچاڭ بولسا تونۇشتۇرۇپ قويساڭمۇ بولىدۇ. چىقىشىپ قالسام سەنلەرنىڭ پۇلۇڭنى تاپشۇرۇپ قويۇشۇممۇ مۇمكىن. مېنى ئانام ئوغۇل بالا دەپ مانداق نەرسەم(مۇئەللىم شۇنداق دېگەچ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ قولىنى بالىلارغا بىر كۆرسىتىپ ئۆتۈپ كەتتى.) بىلەن تۇغقان . شۇڭا ئوغۇل بالا بولغاندىكى ئاچاڭنى ئالساممۇ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن. ئەمما ماڭا ئەركىلەيدىغان ئىشنى قىلىشما، ئۇقۇشتىڭمۇ، قاسماقلار، مەن ھەرقايسىڭنىڭ نەچچە بىر يۈكىنى كۆتۈرىمەن ھە؟ تولا مېنىڭ جۇدۇنۇمنى ئۆرلىتىشمە، مەن بىلەن ئېتىشساڭ ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسەن …
ۋاھ، ماۋۇ گەپلەرنى كۆرۈڭ، بۇ قانداقمۇ بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپ بولدى ھە؟ بۇ سەبىي بالىلار ئانىسىدىن تۇغۇلغانغا تويدىغۇ ئەمدى. ئۇلارنىڭ بۇ پاك، غۇبارسىز قەلبى مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن بۇلغىنىپ تەربىيەلىنىپ چىقسا كەلگۈسىدە نېمىمۇ بولۇپ كېتەر؟ ئۇلارنىڭ جەمئىيەت داشقىلى بولۇپ كۇچا چىقىشىدىن ھەيران قالمىسىمۇ بولغۇدەك؟…
مانا تويە ئوقۇغۇچى بولغانغا، كىم ساڭا بۇنداق ئوقۇغۇچى بول دەپ قويۇپتۇ؟ ئاتا-ئاناڭنىڭ سېنىڭ ئوقۇش خىراجىتىڭنى تۆلىگۈدەك مادارى بولمىغاندىكىن ئۇلارنى قىينىماي ئۆيۈڭدە جىگدەڭنى تەرسەڭ بولمامدۇ؟ ئوقۇتقۇچىلىرىڭنىڭ سەۋىيەسى مۇشۇنداق تۇرسا، سېنىڭ سەۋىيەڭ قانداق بولماقچى ھە؟


10
توۋا، تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، كىشىلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىمۇ تۆۋەن بولامدۇ نېمە ؟ قەدىردان دائىم باشقىلاردىن ئاڭلايدىغان «ئوقۇتقۇچى دېگەن ۋەتەننىڭ كەلگۈسى قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ھەممىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلار دېگەن ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر، ھاياتىڭدا ھېچكىمنى ھۆرمەتلىمىسەڭمۇ بىلىم بېرىپ كۆزۈڭنى ئاچقان ئوقۇتقۇچۇڭنى ھۆرمەتلە…» دېگەندەك گەپلەرگە ھازىر ئانچە ئىشەنمەس بولۇپ قالغانىدى. بولۇپمۇ سادىق مۇئەللىم ئۇلارغا سىنىپ مۇدىرى بولغاندىن بىرى قەدىردان يۇقىرىقى گەپلەرنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇنداق گۇمانلىنىشىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى. سادىق مۇئەللىمنىڭ خىزمىتىگە «سادىقلىق» بىلەن ئېيتقان «چىرايلىق» گەپلىرى ئۇنىڭ مۇشۇنداق گۇمان قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. سادىق مۇئەللىم بۇ سىنىپقا سىنىپ مۇدىرى بولۇپ كېلىۋاتقىلىمۇ يېرىم يىلدەك بولاي دەپ قالدى.
بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. مۇئەللىم دەرس سۆزلەۋاتقاندا سىنىپتا پاتىمە ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىز ئەسنەپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئەسنىشىنى سادىق مۇئەللىم بايقاپ قالدى-دە، ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى.
ـــ ھەي، نېمىگە ئەسنەيسەن، تۇرە ئورنۇڭدىن، ئاخشام نېمە ئىش قىلغان؟ چىراغ تۇرۇپ ساناپ بەرگەنمۇ؟ نېمە دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ يۈرۈيسەن؟…
بۇنداق گەپلەرنىڭ بىر مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىشىنى كىم ئويلىغان دەيسىز. مۇئەللىمنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشى سىنىپتىكى بەزى ئويۇن خۇمار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق كۈلۈۋېلىش «پۇرسىتى» بولغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئېغىزلىرىنى تۇتۇپلا قالدى. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىگەندەك ئالامەتلەر چىقىپ تۇراتتى. مۇئەللىمنىڭ بۇ سۆزى ئاشۇ بىر بىر نەچچە نەپەر ئويۇم خۇمار ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق كۈلكىگە تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭمۇ مۇئەللىمنىڭ زەمبىرەكتىن چىققان ئوقتەك سېسىق گېپىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ ئولتۇردى. ئەمما پاتىمە خىجىل بولغىنىدىن سىنىپتا يەر قاتتىق، ئاسمان ئېگىز بولۇپ ئاران-ئاران قالدى. لېكىن ئۇنى شۇنچە يىغا تۇتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇ يىغلاشقا زادىلا پېتىنالمايتتى. دېمىسىمۇ شۇ ئەگەر ئۇ شۇنداقلا يىغلاپ سالسىلا مۇئەللىمنىڭ ۋالاقتەگكۈر ئېغىزىدىن ھەر قانداق گەپنىڭ چىقىشى ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ يىغلاپ سېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيلا قالدى. ئاخىرى دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقىمۇ چېلىندى، مۇئەللىم بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك دەرستىن چۈشۈپلا ئىشخانىسىغا چىقىپ كەتتى. سىنىپنى بىر ئاز ۋەھىمە باستى. ئوقۇغۇچىلار گەرچە پاتىمەنى ئاز تولا مازاق قىلىپ كۆڭلىنى ئېچىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ لېكىن كېلەر قېتىم ئۆزىنىڭ ئاھانەت ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىدىن ھەمدە تېخىمۇ سەتچىلىككە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزلىرىنى تۇتىۋالدى. بىچارە پاتىمە بولسا سىنىپتا ئۈستەلگە بېشىنى قويغىنىچە بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي يىغلاپ ئولتۇراتتى.
نېمە ئامال دەيسىز، تەقدىر پېشانە ئاشۇنداق تەتۈر بولۇپ قالغاندىكىن ئامال يوقتە. بۇ بىچارە بالىلار ئەگەر بۇ ئەھۋاللارنى مەكتەپكە ئىنكاس قىلاي دېسە سادىق مۇئەللىمنىڭ خۇي-پەيلىنى ئوبدان بىلگەن مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ ئۇنىڭغا چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلىشى مۇمكىن ئەمەستە، ھەر قانچە قىلسىمۇ سادىق مۇئەللىم تۇلۇقسىز يىللىقلارنىڭ مۇئاۋىن ئىلمى مۇدىرى تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇنداق سېسىق گەپلىرىگە ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارمۇ دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ بۇنداق يېزا مەكتەپلىرىدە كىمنىڭ سۆزىنى كىم ئاڭلايدۇ دەيسىز.
قەدىرداننىڭ ئىسىدىن مۇنداق بىر ئىش غىل-پال ئۆتۈپ كەتتى. سادىق مۇئەللىم سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي سىنىپتىكى بىر نەچچە ئوغۇل بالىلارنى باشلاپ مەكتەپ تەجرىبىخانىسىنى تازىلاشقا ئېلىپ چىقتى. مۇئەللىم تەجرىبىخانىنىڭ ئاچقۇچىنى مەغرۇب ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ئۆزى ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى، مەغرۇب ھەر قانچە قىلىپمۇ تەجرىبىخانىنىڭ ئىشكىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچالمىدى. باشقا بالىلارمۇ سىناپ باققان بولسىمۇ لېكىن قۇلۇپ زادىلا ئېچىلمىدى. بۇ ۋاقىتتا سادىق مۇئەللىم ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەلگەن بولۇپ ئۇ ئىشكنى ئاچالماي تۇرغان مەغرۇپقا قاراپ:
ـــ توۋا، مۇشۇ ئىشىكنىمۇ ئاچالمىدىم دەڭلا، مۇشۇنداق بىر قۇلۇپنىمۇ ئاچالماي يۈرسەڭلار كېيىنچە باشقا نەرسىلەرنى قەتئىي ئاچالمايدىغان ئوخشايسىلەر، سىلەرنىمۇ ئوغۇل بالا دەمدۇ؟ ئاناڭلارنىڭ سىلىنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقىنىغا ئىسىت، كىينىچە سىلەرنىڭ ئېچىشىڭلارنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلار كۆپ، ئەگەر سىلەر ئۇ نەرسىنى ئاچالمىساڭلار كىيىن خوتۇن ئالساڭلار ئىش بار ئوخشىمامدۇ؟…
قەدىردان مۇئەللىمنىڭ بۇ سۆزىنى ئەينى ۋاقىتتا ئانچە چۈشەنمىگەن بولسىمۇ ھازىر بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە غۇۋا يەتكەندەك بولدى.
ئىشلار ھەقىقەتەن ئۆزگىرىۋاتىدۇ ھە!
ئوقۇتقۇچى دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەمەسمىدى؟ يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى ئەمەسمىدى؟ ئۇلار ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەردەك بۇ سەبىي بالىلار چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ھەم ئاتا ئانىسىنىڭمۇ بۇ ھاياتىدا بۇنداق جايلارغا بېرىشى نېسىپ بولمىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولمىغانمىدى؟ قېنى ئۇ مۇئەللىملەرنىڭ يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسى؟ ياكى ئۇلارنىڭ بۇ يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسى بۇ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان كىشىلەر توپىغا كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كىيىن ئۆز خۇسۇسىيىتىنى يوقاتتىمۇ؟…
قەدىردان مۇشۇلارنى ئويلاپ، ئەگەر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىپ كېلىپ ئېرىشكەن مەدەنىيەت سەۋىيە مۇشۇ بولسا بولدى، بۇنىڭدىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇمايمەن، دەپ ئويلىدى.

داۋامى بار….

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى