ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھايات چاقچىقى(3)

ھايات چاقچىقى(3)

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 7565 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

11
ئۇنى بۇنى دەپ تۇلۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىمۇ پۈتۈپ قالدى. قەدىردانلارمۇ سادىق مۇئەللىمدىن ئۇيان قېچىپ، بۇيان قېچىپ يۈرۈپ بەزىدە سادىق مۇئەللىمنىڭ تىل ئاھانىتىگە ئۇچراپ دېگەندەك بىرىنچى يىللىقنى پۈتتۈرۈپ ئىككىنچى يىللىققا چىقىپ قالدى.
يېڭى ئوقۇش يېلى باشلىنىپ قەدىردانلار قىن-قېنىغا پاتماي قالدى. چۈنكى سادىق مۇئەللىمنى ئەسلىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن رەسمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ داۋاملىق سىنىپ تۇتۇشى مۇمكىن بولماي، قەدىردانلارنىڭ سىنىپىنى يېڭىدىن بىر ئايال مۇئەللىم تۇتىدىغان بولدى. بۇ قەدىردانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىق ئىش ئىدى. چۈنكى ئەمدى سادىق مۇئەللىمنىڭ ھېلىقىدەك«يۇقىرى سەۋىيەلىك سۆزلىرى» نى ئاڭلىمايدىغان، سىنىپتا ئۇنداق دەككە-دۈككىدە يۈرمەيدىغان پۇرسەت كەلگەن ئىدى. گەرچە بۇ قېتىم مەكتەپنىڭ سادىق مۇئەللىمنى مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىدىن ئۆستۈرۈپ رەسمىي قىلىش قارارى بەزى بالىلارنىڭ تازا ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ سادىق مۇئەللىمدىن قۇتۇلغىنىغا مىڭ مەرتىۋە خۇشال ئىدى.
لېكىن قەدىردان يەنىلا ئويلىنىپ قالدى، مەكتەپنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىدۇ؟ ئاشۇنداق ئېغىزىدىن ئادەمنى تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرىۋېتىدىغان گەپلەر چۈشمەيدىغان مۇئەللىمنىڭ بىر مۇدىر بولۇپ قالغىنى يەنە كېلىپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە دېسە، ھېچ ئادەمنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمەيدۇ. مائارىپ رەھبەرلىرىنىڭ بېشى ئىششىپ قالغانمىدۇ نېمە ؟
قەدىردان خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ قېشىغا دوستى دىلشات كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن نېمە خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى سورىدى، ئۇ شۇ ئارلىقتا يەنە چاققانلىق بىلەن قەدىردانغا چاقچاق قىلىپمۇ ئۈلگۈردى.
ـــ ھە، قەدىردان، خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەنغۇ؟ قايسى قىزنىڭ پېيىغا چۈشەي دەۋاتىسەن؟
__ يەنە سەنمۇ، ئادەمنى بىردەم ئارامىدا قويساڭ بولمامدۇ؟
__ نېمە ئارامىمدا قوي؟ ھە قاچان شۇ بىرەر قىزنىڭ كويىدا ئۇنى قانداق ئىندەككە كەلتۈرسەم بولار دەپ ئولتۇرغانسەن شۇ؟ ئەگەردە بىرەر قىزغا كۆزۈڭ چۈشكەن بولسا بارغۇ ماڭىلا دېسەڭ مانا مەن ھەممە ئىشنى توغرىلايمەن. بۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇش ساڭا ياراشمايدۇ.
ـــ دىلشات، نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ، تولا ۋالاقلىمىساڭچۇ، مەن نەدىمۇ قىز پېيىغا چۈشۈپ يۈرۈپتىمەن. بىزدەك ئەمدى ئانىسىنىڭ سۈتىدىن ئايرىلغان ئېغىزىدىن سۈت تېمىپ تۇرىدىغانلارغا قىز پېيىغا چۈشۈش نەدە تۇرۇپتۇ دەيسەن.
ـــ ھاھاھا، ئانا سۈتىدىن ئەمدى ئايرىلغان دېدىڭما؟ ماۋۇ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ بارمۇ نېمە؟
__ ھە نېمە دەۋاتىسەن، ئەمدى شۇنچە ئاددىي سۆزنىمۇ چۈشەنمەي تېگىدە گەپ بار دەۋاتىسەنغۇ؟
__ بىز دېگەن ئاللىبۇرۇن تۇلۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا چىققان ئوقۇغۇچىلار، ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئىمىش دېگەن قايسى دەۋردىكى ئىشلار دەيسەن. ياكى سەن ئەمدى ئەمچەكتىن ئايرىلدىڭمۇ يا؟ ھاھاھا… بىز دېگەن بارغۇ قارام ياشلار جۇمۇ بۇنداق گۆدەكلەرچە گەپلىرىڭنى ئەمدى باشقىلارغا دەپ يۈرمە، سەت تۇرىدۇ.
ـــ بولدى قىلەۋا لاۋزا. نەدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەنسەن. سېنىڭ مۇشۇ ۋالاقتەگكۈر ئېغىزىڭنىزە. بەزىدە زادى پېچەتلىۋەتسەملا دەيمەن.
ـــ ھە بولدى بولدى. ھە خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپسەنغۇ؟ نېمىش بولدى؟
ـــ بىرەر ئىشقۇ يوق، شۇ زادى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. سەنمۇ بىلىسەن سادىق مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپلەر زادى ئادەمنىڭ چىدىغۇسىز قىلىۋېتىدۇ. ئەمما ئۇ قانداقسىگە رەسمىي مۇدىر بولۇپ تەيىنلىنىپ قالدىكىنە؟
ـــ ھە، مۇشۇ گەپمىدى؟ بۇنداق بولغىنى ياخشى بولدىغۇ. بىزمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ چوشقا ئېغىلىدەك سېسىق ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇق. ئەمدى ماۋۇ چىرايلىق سەتەڭ مۇئەللىم بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولدى. قارىسام بۇ مۇئەللىم خېلى بولۇپ قۇيىدىغان چىراي.
ـــ نېمە ، نېمە ؟ سەن يېڭى سىنىپ مۇدىرىنى سەتەڭ دېدىڭما؟ سېنىڭ بۇ سېسىق ئېغىزىڭنىزە، يەنە باشلاندى. مۇئەللىمنىمۇ ئاشۇنداق ئاتامدۇ كىشى؟ يا سەن ئۇ مۇئەللىمنىڭ سەتەڭلىكىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ بۇنىڭدىن كىيىن سۆزدە دىققەت قىل جۇمۇ
بولدى قىلە، زادى ئارتۇقچە ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىسەنسەن. قانداق قىلىسەن ۋاقتىڭنى بۇنداق ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ئۆزۈڭنى ئاۋارە قىلىپ؟ ئەمدى بارغۇ  ماۋۇ يېڭى سىنىپ مۇدىرىغا قانداق قىلىپ ياخشى چاق بۇلۇش ئۈستىدە باش قاتۇر. بۇنىڭدىن كىيىن بىز بىرنەچچە ئاغىنىلەر يەنىلا ساڭا قارايمىز جۇمۇ، سىنىپتا سەن بىزگە ئوبدان باش بولمىساڭ بولمايدۇ.
__ ھە نېمە باش بولاتتىم، شۇ سەندەك لاۋزىلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەمدىم؟ قەدىردان شۇنداق دېگەچ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
ـــ ھە، بولدى بولدى. ساڭىغۇ گەپ قىلغىلى بولمايدۇ. مەن ئەيىبلىك بولدىمۇ. كۆرىمىز تېخى سەن قانداق قىلىسەنكىن. بۇ مۇئەللىم ئاڭلىسام بىزگە بىرىنچى يىللىقتا جۇغراپىيە بەرگەن گۈلشەن مۇئەللىمنىڭ ئاچىسى ئىكەن. گۈلشەن مۇئەللىمغۇ تازا ئوڭلۇق مۇئەللىم. ھە راست بىلدىڭمۇ؟ بىزگە بۇقېتىم بىرىنچى يىللىقتا بىيولوگىيە دەرسى بەرگەن گۈلزار مۇئەللىم قۇشۇمچە سىنىپ مۇدىرى بولىدىكەن.
ـــ ھە، مۇنداق دە. گۈلشەن مۇئەللىممۇ ياخشى مۇئەللىم ئىدى. ئاچىسىمۇ ياخشى بولىشى ئېنىق . گۈلزار مۇئەللىمگە كەلسەك، بۇ ھەقىقەتەن بولىدىغان مۇئەللىم، بۇ قېتىم بىزگە قۇشۇمچە سىنىپ مۇدىرى بولغان بولسا ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپتۇ . بۇ مۇئەللىم ئادەمنى خېلى چۈشىنىدۇ دېگىنە.
قەدىردان بىلەن  دىلشات داۋاملىق پاراڭلاشقانمۇ بۇلاتتى لېكىن قوڭغۇراق چېلىنىپ ھەممە ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا كىرىپ كېلىشتى. شۇڭا ئۇلارمۇ ئاستا ئۆز ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى.
يېڭى مۇئەللىممۇ سىنىپقا كىرىپ كەلدى. ئۇ ئاستا دەرس مۇنبىرىگە كېلىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
ـــ ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر. مەن گۈلنار مۇئەللىم بولىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن سىلەرگە سىنىپ مۇدىرى بولۇپ سىنىپنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىشلىرىنى باشقۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سىلەرگە تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىرىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن ساۋاقداشلارنىڭ دەرسكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ ھەرقايسى پەنلەردە ياخشى تىرىشىپ مەكتەپتە ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى قۇرۇپ چىقىپ مەكتەپنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن ساۋاقداشلارنىڭ مېنىڭ خىزمەتلىرىمگە ئاكتىپ ماسلىشىپ بېرىشىنى بىز ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ سىنىپىمىزنىڭ ئۆگىنىشتە ئەلا، كوللىكتىۋېزمچانلىقى ياخشى سىنىپ قىلىپ چىقىشقا تىرىشساق دېگەن ئۈمىدتە مەن.
سىنىپتا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭراپ كەتتى. ھەممە ساۋاقداشلار بۇ مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىدىن ھەقىقەتەن رازى بولغان ئىدى. ھەم ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇنداق بىر مۇئەللىمنىڭ ئۆزلىرىگە سىنىپ مۇدىرى بولىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ئىدى.


12
شۇنداق قىلىپ گۈلنار مۇئەللىم سىنىپ مۇدىرى بولغىلىمۇ بىر ئىككى ئايدەك بولۇپ قالدى. بۇ قېتىممۇ قەدىردان سىنىپ باشلىقى بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى. گۈلنار مۇئەللىم بىرىنچى قېتىملىق سىنىپ يىغىنىدىلا قەدىرداننى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويدى. قەدىردان مۇئەللىمگە قايتا-قايتا ئىلتىماس يوللاپ سىنىپ باشلىقى بولماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ لېكىن مۇئەللىم ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى.
قەدىرداننىڭ بۇ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغۇ ياخشى، ھەر ھالدا قەدىرداننىڭ سۆزىنى يامان ئەمەس ئاڭلاپ قويىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ سىنىپ باشلىقى بولغانلىق خەۋىرى بۇسارىخاننىڭ قۇلىقىغا يەتسە، بۇسارىخان ئوغلى مەسۇمنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتلىرى ئېسىگە كېلىپ قالسا، ئاشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر يەنە يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ قەدىرداننى مەكتەپكە بارغىلى قويمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئىشلار ئاز كەلگەندەك ھازىر قەدىرداننىڭ ئىنىسى پەخىردىنمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قالدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىلەن مىللىي مەكتەپ باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يېڭىچە يولغا قويۇلغان قوش تىللىق سىناق سىنىپلىرىغا قۇبۇل قىلىنىپ ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكىمەتنىڭ ئالاھىدە قوللىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ مىللىي مەكتەپلەرگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولغان قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپلىرىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. قەدىردانلارنىڭ يۇرتىدا بۇ تەجرىبە سىنىپى ناھىيىلىك خەنزۇچە مەكتەپكە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ سىنىپقا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ناھىيىلىك خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيتتى.
خۇددى تەڭگە پۇلنىڭ ئىككى يۈزى بولغىنىدەك، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭمۇ ياخشى ھەم يامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ. بۇ پەخىردىن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت ئۇنى ناھىيىلىك خەنزۇچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاز-تۇلا باش ئاغرىقىمۇ تەڭ كەلگەن ئىدى. ناھىيىلىك خەنزۇچە مەكتەپنىڭ چىقىملىرى بۇ يېزا مەكتەپتەلگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. ئەڭ ئەقەللىسى بۇ يېزا مەكتەپلەردە مەخسۇس مەكتەپ فورمىسى كىيىش تەلەپ قىلىنمىغان بىلەن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار چوقۇم مەخسۇس مەكتەپ فورمىسى كىيىشى شەرت ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم مەكتەپ فورمىسى ئېلىش كېرەك، يەنە خەنزۇچە مەكتەپ دەرسلىكىنىڭ ھەرخىل يانداشما ماتىرىياللىرىمۇ كۆپ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇل تەلەپ قىلاتتى. شۇڭا بۇ قېتىم بۇسارىخان ئائىلىسىنىڭ يۈكى يەنە بىر بالداق ئېغىرلىغان ئىدى. باشلانغۇچنى ئاساسەن دېگۈدەك قەدىرداننىڭ كىتاب-ماتىرىياللىرىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن پەخىردىن ئەمدى چوقۇم يېڭى ماتىرىيال ئېلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى تەجرىبە سىنىپتا قەدىرداننىڭ كىتاب ماتىرىياللىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىش مۇمكىن بولمايتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىرداننى ئەندىشىگە سېلىپ قوياتتى. ھېلىمۇ ياخشى پەخىردىنمۇ قەدىرداننىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتاتتى. مەيلى قايسى جەھەتتە بولمىسۇن بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىلار ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلگەچكە ئىلاج بار ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىشقا تىرىشاتتى. مەسىلەن كىر قاتلىرىنى ئۆزى يۇيۇش، ئاش تامىقىنى ئۆزلىرى ئېتىپ يېيىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى قىلاتتى. بۇسارىخان ئاچا ياشىنىپ قالغان، ئۆيدىكى قىزلار ئاللىبۇرۇن ياتلىق بولۇپ ئۆز ئائىلىسىدە ئۇلارمۇ ئۆز تۇمۇش ھالەكچىلىكىدە ئالدىراش، ئاكىلىرى بولسا ئىلاج بار سىرتلاردا ئىشلەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ ئاز-تۇلا بولسىمۇ ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغان بولغاچقا ئۆيدە ئاساسەن كۆپ ئادەم بولمىغاچقا كىر قاتلىرىنى ئۆزى يۇيۇش، ئاش تاماقنى ئۆزلىرى ئېتىپ يېيىشنى بۇ بالىلار  ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئاش تاماقنىمۇ خېلى ئوخشۇتۇپ ئېتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ قەدىردان ئۆزى ئامراق بولغان لەغمەننى خېلى ئوبدان ئوخشىتىپ ئېتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
تۇرمۇش ئادەمنى ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. لېكىن بۇنىڭمۇ ياخشى تەرىپى بار. ئەگەر تۇمۇش مۇشۇنداق قىيىنچىلىقتا ئۆتمىسە، قەدىردان، پەخىردىن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاكىلىرى تاماق ئېتىش، كىر قاتلىرىنى ئۆزلىرى يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنەلەمتى؟ بۇنى ئۆگىنىپ قويغاننىڭ زىينى يوقتە. قورساقتا ھۆنەر بولسا ئادەم نەگىلا بارسا جېنىنى جان ئېتىپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا بۇسارىخان ئاچاشمۇ دائىم بالىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزلىرى چىقىشقا ئۈندەيتتى.
بۇسارىخان ئاچا دائىم بالىلىرىغا: داداڭلارغۇ بۇرۇنلا بۇ ئالەمدىن كېتىپ قالدى، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بېرىدە مەنمۇ تۇيۇقسىز كېتىپ قالسام تەمتىرەپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالساڭلار قورسىقىڭلار ئاچ، كىيىملىرىڭلار يىرتىق، كىر يۈرسەڭلار مەن ھەم داداڭلار گۆردە خاتىرىجەم بولالمايمىز. شۇڭا بالىلىرىم كىچىكىڭلاردىن باشلاپ ئۆز ئىشىڭلارنى ئۆزۈڭلار قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭلار، بۇ چوڭ بولغاندا سىلەرگە كۆپ پايدىلىق دەپ نەسھىيەت قىلاتتى. قەدىردان مۇشۇلارنى ئويلاپ ھەم خوشال بولاتتى ھەم كۆڭلى يېرىم بولاتتى.
بىر كۈنى گۈلنار مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپلا قەدىرداننى چاقىرىپ ئۇنىڭ يېڭىدىن ئىتتىپاق ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى، ھەمدە تىزدىن مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىغا بېرىپ ئىتتىپاق ياچېيكا شۇجىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتتى. قەدىردان بۇنى ئاڭلاپ سەل گاڭگىراپ قالدى. ئۇ ئىچىدە ئويلىنىشقا باشلىدى: «بۇ قانداق بولغىنى، مەن قاچاندىن بىرى ئىتتىپاق ئەزاسى بۇلۇپ قالدىمكىنە؟ يا مەن ئىتتىپاققا كىرىش ھەققىدە ئىلتىماس يېزىپ باقمىغان تۇرسام، ئىتتىپاققا كىرىش شۇنچە ئاسانمىدۇ؟ باشلانغۇچتا پىئونېر بولغاندىمۇ بۇنداق ئاسان بولمىغان، قايتا-قايتا ئىلتىماس يېزىپ، مۇئەللىملەرنىڭ قايتا-قايتا قاراپ چىقىشى نەتىجىسىدە ئاندىن پىئونېر بولغان تۇرسام، ئەمدى ماۋۇ ئىتتىپاق ئەزاسى دېگەن پىئونېردىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرسا، بۇنىڭغا شۇنچە ئاسان كىرىپ قالغىنىمنى دېمەمدىغان…..»
قەدىردان مۇشۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ مۇئەللىمنىڭ تاپىلىغىنى بۇيىچە مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىغا يۈرۈپ كەتتى.
قەدىردان مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىىغا بارغاندا بۇ يەردە قەدىرداندىن باشقا يەنە تۇلۇقسىز 3-يىللىقتىن ۋە 1-يىللىقتىن يېڭىدىن ئىتتىپاققا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىراش قانداقتۇر بىر جەدىۋەلنى تولدۇرۇۋاتاتتى. گۈلشەن مۇئەللىم(گۈلشەن مۇئەللىم بۇ ۋاقىتتا مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىدى) ئۇلارغا جەدىۋەلنى قانداق تولدۇرۇش ھەققىدە چۈشەنچە بېرىۋاتاتتى. گۈلشەن مۇئەللىم قەدىرداننى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بىر جەدىۋەلنى بەردى ھەمدە ئۇنىڭ تىزدىن تولدۇرۇپ بۇلۇپ تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. قەدىردان جەدىۋەلنى قولىغا ئېلىپ بىر قۇر قاراپ چىقتى. قولىدىكى جەدىۋەل بولسا «جوڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق ئارخىپ جەدىۋىلى» ئىدى. قەدىردان جەدىۋەلگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ راستىنلا جوڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىغا ئىشەندى.
ۋاھ! نىمىدېگەن تىز. قەدىردان ئۆزىنىڭ بۇنچە تىزدىن ئىتتىپاققا كىرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ خىيالىدا ئىتتىپاققا كىرىش ئاسان ئەمەس، شۇڭا چۇقۇم پۇختا تەييارلىق قىلىپ، تۇلۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىغا چىققۇچە ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن چېنىقتۇرۇپ، 3-يىللىققا چىققاندىن كىيىن ئاندىن بىر ئامال قىلىپ ئىتتىپاققا كىرىشنى ئويلاشقان ئىدى. ئەمما ھازىر 3-يىللىق ئەمەس بەلكى 2-يىللىقتىلا ئۆزىمۇ سەزمەستىن ئىتتىپاققا كىرىپ قالغانلىقىدىن سەل ھەيران قالدى. قەدىردان جەدىۋەلنى تولدۇرىۋاتقاندا، گۈلشەن مۇئەللىم باشقا ساۋاقداشلارنىڭ جەدىۋىلىنى يېغىۋاتاتتى. بۇ يەردە قەدىرداننىڭ 3-يىللىقتىكى بىر ئىككى تۇققىنى(قەدىرداننىڭ ئاپىسنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى)مۇ بار ئىدى. قەدىردان ئۇنىڭدىن بەزى كونكىرت جايلارنى سوراپ ئىنچىلىك بىلەن تولدۇردى.
جەدىۋەلنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قەدىردان ھېلىقى ئىككى تۇققىنىدىن سورىدى:
ـــ قەيسەر، سەن قاچان ئىتتىپاققا كىرىشكە ئىلتىماس قىلغان ئىدىڭ؟
ـــ نېمە بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مەن 2-يىللىقتا ئىلتىماس قىلغان، ئودا ئىلتىماسىمنى قايتۇرىۋېتىپ مانا ئەمدى قۇبۇل قىلىندىم. بۇ ئىتتىپاققا كىرىش ھەقىقەتەن بەك تەسكە توختىدى دېسە. ھە راست، سەن ئەجەپ تىز قۇبۇل قىلىنىپسىنا؟ تېخى 2-يىللىققا چىقا-چىقمايلا مانا بىز بىلەن تەڭ قۇبۇل قىلىنىپ قاپسەن. ھەر قاچان سەنمۇ 1-يىللىققا چىقىپلا ئىلتىماس يېزىشقا باشلىغان بولغىيدىڭ؟
ـــ نەدىكىنى، مەن ھازىرغىچە بىرەر پارچە ئىلتىماسمۇ يېزىپ باقمىغان تۇرسام، ھەم ئىلتىماسنى قانداق يېزىش ھەققىدىمۇ بىرەر نەرسە بىلمەيمەن. شۇ سىنىپ مۇدىرىمىز بۈگۈن تۇيۇقسىز مېنىڭ ئىتتىپاققا قۇبۇل قىلىنغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ مېنى بۇ يەرگە كېلىشكە بۇيرۇدى. ئۆزۈممۇ گاڭگىراپلا قېلىۋاتىمەن. ئىشلار سېنىڭ ئويلىغىنىڭدىن تىز يۈز بەرسىمۇ قۇبۇل قىلىپ بولالمايدىغان گەپكەن ئەمەسمۇ؟
ــــ نېمە؟ سەن تېخىچە ئىلتىماس يېزىپ باقمىدىم دېدىڭما؟ بۇ قانداق بولغىنى؟
ـــ بىلدىم، مەنمۇ بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تۇرىۋاتىمەن.
ئۇلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ پاراڭلاشقانمۇ بۇلاتتى. لېكىن بۇ ۋاقىتتا گۈلشەن مۇئەللىم قەدىرداننى چاقىرىپ قالدى. ئۇ قەدىردانغا ئەتە كەچكىچە بولغان ئارىلىقتا بىر پارچە ئىتتىپاققا كىرىش ئىلتىماسى يېزىپ تاپشۇرۇشنى ئېيتقىنىدا، قەدىردان مۇئەللىمدىن ياندۇرۇپ سورىدى:
ـــ مۇئەللىم، مەن ھازىرغىچە ئىتتىپاققا كىرىش ئىلتىماسى يېزىپ باقمىغان، قانداق يازىمەن؟
ـــ سىز قەيسەردىن سوراڭ، ئۇ سىزگە قانداق يېزىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
قەدىردان ئۆزىچە نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى، ھەم ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاشقا باشلىدى. ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈك، ھېچقانداق ئىلتىماس يازماي تۇرۇپ ئىتتىپاققا كىرىپ قالدىم، ئەمدى ئىلتىماس يازغىن دېسە قانداقمۇ يازارمەن بۇنى؟ قىززىق، ئاۋال ئىتتىپاققا كىرىپ ئاندىن ئىلتىماس يېزىش……….. بۇ نېمە دېگەن قىزىقارلىق ئىش ھە؟ ئاۋۇ گۈلنار مۇئەللىممۇ قىززىق، ئادەمگە بۇرۇنراق ئۇقتۇرۇپ قويماي، خۇددى تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك تۇرۇپلا سەن ئىتتپاق ئەزاسى بولدۇڭ دەپ ئادەمنى بۇ يەرگە بۇيرۇپ قۇيۇپ، مانا ئەمدى قۇبۇل قىلىنىپ بولۇنغان ئىتتىپاقنىڭ ئىلتىماسىنى يېزىش تەسكە توختىدى مانا، قانداقمۇ يازارمەن بۇ ئىلتىماسنى؟ يەنە كېلىپ ماۋۇ مۇئەللىم ئەتە كەچكىچە يېزىپ تاپشۇر دەۋاتسا، تازىمۇ بىر، ئادەمگە خۇشاللىق بەك تىز كەلسىمۇ بولمايدىكەن جۇمۇ…………….. ياكى ماۋۇ كىشىلەر ماڭا چاقچاق قىلىۋاتامدۇ يە؟ بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ بولماق نېمە دېگەن تەس؟
قەدىردان مۇشۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ سىنىپىغا قايتىپ كەتتى، بۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن كەچ بۇلۇپ كەتكەن بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىسىگە قايتقان بۇلۇپ، سىنىپتا پەقەت ئەتىكى سىنىپ دىجۇرنىلىرى سىنىپنى تازىلاۋاتاتتى. قەدىردان سىنىپقا كىرىپلا ئەتىكى سىنىپ دىجۇرنىلىرىگە تازىلىقنى ئەستايىدىل قىلىش ھەققىدە تاپىلاپ قۇيۇپ ئالدىراشقا ئۆيىگە قايتتى.
قەدىردانغا بۇ قېتىم ئىتتىپاققا كىرىش ئىلتىماسىنى يېزىپ تاماملاش ھەقىقەتەن تەس كەلدى، گەرچە قەيسەر ئۇنىڭغا قانداق يېزىش ھەققىدە ئاز-تۇلا سۆزلەپ بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۆزى قول سېلىپ يېزىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۇيان-ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى دېگەندە بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ قېتىمقى ئىلتىماسنىمۇ يېزىپ تاماملىدى، ئەمدىكى گەپ مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۈلشەن مۇئەللىم ئۇنىڭ يازغىنىنى كۆرۈپ تەستىقتىن ئۆتكۈزسىلا بولاتتى.
قەدىردان ئەتىسى ئەتىگەندىلا مەكتەپكە كېلىپ ئاخشام ۋاقتى چىقماي ئىشلىمەي قالغان ماتىماتىكىدىن بىر نەچچە مىسالنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ئەمىلىيەتتە قەدىردانغۇ ئەزەلدىن ئائىلىسىگە بارغاندا تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغان، مۇئەللىملەرمۇ ئادەتتە تاپشۇرۇق بەرمەيدىغان، بەرسىمۇ ناھايىتى ئاز بېرىدىغان.  بۇ قېتىم ماۋۇ ماتىماتىكا مۇئەللىمى قەدىرداننىڭ ئىلتىماس يېزىشغا توغرىلاپ بەرمىگەن تاپشۇرۇقلارنى بەرگىنىنى دېسە.
بۈگۈن ھاۋا باشقىچە ئۇچۇق ئىدى، مەكتەپ ھويلىسىمۇ باشقىچە جانلانغان بۇلۇپ ھەممە بىردەك ئادەتتىكىدىن سەل ئالدىراش كۆرۈنەتتى. چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تىزلا ئۆتۈپ كەتتى. قەدىردان ئاخشام يازغان ئىلتىماسىنىڭ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش-ئۆتمەسلىكى ھەققىدە دىلىغۇل بۇلۇپ، تۆتىنچى سائەتلىك دەرس ئارىلىقىدا ئىلتىماسىنى مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىغا ئېلىپ كەلدى. گۈلشەن مۇئەللىم ئادەتتىكىدىن باشقىچە ئالدىراش بۇلۇپ، قەدىرداننىڭ قولىدىن ئىلتىماسنى ئېلىپ كۆرمەستىنلا تەسىتىق سېلىۋەتتى ۋە ئۇنى ئىتتىپاق ئەزالار ئارخىپ خالتىسىغا سېلىۋەتتى. ھەمدە قەدىردانغا ئەتە مەكتەپكە ناھىيىدىن تەكشۇرۇش ئۆمىكى كېلىدىغانلىقى، بۇلۇپمۇ ئىتتىپاق خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ بەزى مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە، بۇلۇپمۇ باھالاش ئۈمىكى سوراپ قىلىش ئېھتىمالى بولغان سۇئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بېرىش ھەققىدە ئالاھىدە تاپىلىدى.
قەدىردان ئىشخانىدىن چىقىۋېتىپ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق تۇيۇقسىز ئىتتىپاققا قۇبۇل قىلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدى، ئەسلى ناھىيىدىن تەكشۇرۇش ئۆمىكى مەكتەپنىڭ ئىتتىپاق خىزمىتىنى تەكشكۇرۇشكە كېلىدىغان بولغاچقا قەدىردانغا ئاۋال ئىتتىپاققا كىرىپ ئاندىن ئىلتىماس يېزىشتەك «ياخشى» پۇرسەت نىسىپ بولغان ئىدى.
ھەي، بۇ جاھاننىڭ چاقچىقى كۆپ ئىكەن ئەمەسمۇ، ئەگەر بۇ قېتىمقى باھالاش ئۆمىكىنىڭ بېسىمى بولمىغان بولسا قەدىردان ئىتتىپاققا كىرەي دەپ ئىلتىماس يازغان بولسا قاچانمۇ تەستىقلانغان بولغىيدى، شۇ قەيسەرلەردەك بۇيىل يازسا كىلەر يىلى تەستىقلىنىش نىسىپ بولغان بولغىيدى ھەر قاچان.
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر ئۇيۇن مەيدانى، بۇ ئۇيۇن مەيدانىدا ھەرقانداق مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار، ھايات بەزىدە ئادەمگە ھەر قانداق چاقچاقلارنى نىسىپ قىلىشى مۇمكىن. بىز پەقەت ھاياتقا توغرا مۇئامىلە قىلىپ ئۇنى مەنىلىك ئۆتكۈزسەك، قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ۋەتەن-خەلقنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىساق بىزنىڭ ھاياتىمىز مەنىلىك ئۆتكەن بولىدۇ.
بىز چۇقۇم بۈگۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئەتىكى ھايات ئېلىپ كەلگەن چاقچاقلارنى كۈتىۋېلىشىمىز كېرەك.


13
ھايات ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇرەككەپ كەچمىش. بۇ مۇرەككەپلىككە تولغان ھاياتتا ھەرخىل ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئادەم بالىسى قىل دېگەننى قەتئىي قىلمايدۇ، قىلما دېگەننى تۆتنى ئارتۇق قىلىدۇ، شۇڭىمۇ «ئىنسان بالىسى خام سۈت ئەمگەن.»، «ئىنسان پۇشايمىنى ئارقىسىدا بولغان ھايۋان(ئالىي دەرىجىلىك، چوڭ مېڭىسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان، يەرشارىدىكى بىردىن بىر ئەقلى تەپەككۇرى تەرەققىي قىلىغان ھايۋان)» دەپ بىكار ئېيتمايمىز-دە.
كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ، ھايات چاقى توختىماستىن چۆرگىلىمەكتە، ياز كەتتى كۈز كەلدى، كۈز كەتتى قىش كېلىدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەدىرداندا ئاز-تۇلا پىسخىك ئۆزگىرىشلەر بولۇشقا باشلىدى. خۇددى كۈزدىكى سارغايغان غازاڭلار گەرچە دەرەختىن ئايرىلىشقا چىدىمىسىمۇ لېكىن سۇغۇق شامالنىڭ كۈچلۈك ئۇرۇشىدىن، كېلىش ئالدىدا تۇرغان قىشنىڭ ئۆتكۈر نەشتىرىنى سانجىشى سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى ھاياتنىڭ شاھىتى بولغان ياپيېشىل يۇپۇرماقلار ئۆز قىسمىتىگە ئېچىنغان ھالدا سارغىيىپ ئاخىرى يەردىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ زېمىننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىش ئالدىدا ھاياتقا بولغان  ئىزتىراپقا تولغان، ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاچچىق ئىزتىراپ ئىلكىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدىكى روھى چۈشكۈنلۈككە ئوخشاش قەدىرداننىڭ روھىمۇ خۇددى ئاشۇ غازاڭلارنىڭ ھاياتىدىكى ئىزتىراپلىرىنىڭ جۇلاسى ئىدى. لېكىن بىر نەرسە ئېنىق ئىدىكى، ئاشۇ قىشنىڭ رەھىمسىزلەرچە نەشتىرىگە بەرداشلىق بېرىشكە تىرىشسىمۇ لېكىن يەنىلا ئاجىز كەلگەن غازاڭلار بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ، لېكىن قەدىردان بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان تۇرسا، ئەمما قانداقسىگە ئۇنىڭدا مۇشۇنداق ئادەم بىلىپ بولمايدىغان مۇرەككەپ روھى كەيپىيات پەيدا بولدىكىنە؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم، بۇنى بىر قەدىردان ئۆزى ۋە بىر ئاللاھ  بىلىدۇ خالاس. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ ئۆز بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر. شۇڭا ھازىر قەدىرداننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىر ئۆزى ۋە ئاللاھلا بىلىدۇ خالاس.
كۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتۈپ بىزگە قىش كېلىۋاتىدۇ، بالدۇر ئۆيگە كىرىپ كېتىڭلار دېگەندەك سادالارنىڭ ياڭرىتىپ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەدىردان بۇ خەيرى-خاھلىق بىلەن بېرىلگەن سادالارغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن مەكتەپ مەيدانىدا، ئۆيگە قايتىش يولىدا خۇددى روھى چۈشكۈن ھالدا ئۆز خىيالىنى سۈرۈش، خىيالى دۇنيادا غايىبانە بىر خىل تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرىۋاتاتتى. قەدىردان مۇشۇ كۈنلەردە بەك غەلىتىلا بولۇپ قالغان بولۇپ، بىرەر دوستى ئۇنىڭدىن نېمە بولغىنىنى سورىسىمۇ جاۋاپ بەرمەستىن ھېچ ئىش يوق، سەن ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىسىكەن، مېنى ئارامىمدا قويغىن، مېنىڭ ئىشىم بىلەن كارىڭ بولمىسۇن…. دېگەندەك سۆزلەر بىلەن دوستلىرىنىمۇ ئۆزىگە يېقىن يولاتمايدىغان بولۇپ قالدى.
ئۇنداقتا قەدىردانغا زادى نېمە بولغاندۇ؟ قارىغاندا مەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قەدىرداننىڭ روھى دۇنياسىغا باشلاپ بارسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. بولىدۇ ئەمسە زېھنىياتلىق ئوقۇرمەنلىرىم، بىز قەدىرداننىڭ روھى دۇنياسىغا بولغان سەپىرىمىزنى باشلايلى.
توۋا، ئەسلى مۇنداق ئىش ئىكەندە، ماۋۇ قەدىرداننى كەمىنە بۇ ئەسەردە ئىلاج بار ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تۇنۇشتۇرۇپ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ياخشى بولغان بىر پېرسۇناژ ئوبرازىنى قالدۇراي دەپ جاپا تارتىۋاتسام، ئەمما بۇ قەدىردان «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ» دېگەندەك ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ھالىغا قارىماي قىزلارغا كۆڭۈل تاشلاپ يۈرگىنىنى قارىمامدىغان. قارىغاندا كەمىنە سەل ئارتۇقچە كايىپ قالدىممۇ نېمە؟ بولدىلا، گەرچە كەمىنە مەزكۇر ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشكەن ئىكەن، يەنىلا داۋاملاشتۇرۇپ باقاي، قېنى قەدىردان كەمىنىنى يەنە قانداق تۇرمۇش قىسمەتلىرىنى يېزىشقا دەۋەت قىلىدىكىن.
تۇلۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىغا چىققاندىن بىرى قەدىرداننىڭ سىنىپىدىكى ساۋاقداشلار سادىق مۇئەللىمنىڭ «چىرايلىق» سۆزلىرىدىن ئاساسەن قۇتۇلغان بولۇپ(سادىق مۇئەللىم داۋاملىق دەرس بەرگەن بولغاچقا ئۇنداق «چىرايلىق» گەپ سۆزلەر يەنىلا ئاز-تۇلا بولۇپ تۇراتتى، قارىغاندا، قەدىردانلارنىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاشۇ سادىق مۇئەللىمنىڭ «چىرايلىق» سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئىزچىل نائىل بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.)، ئوقۇغۇچىلار خېلى ئەركىن بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇ ئوقۇغۇچى دېگەننى زادى بوش قۇيۇپ بەرسە بولمايدىكەن ئەمەسمۇ، سادىق مۇئەللىم گەرچە ئۇلارغا دائىم «چىرايلىق» سۆزلەرنى ھەدىيە قىلىپ تۇرسىمۇ لېكىن ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمدىن ھودۇقۇپ بولسىمۇ بىر خىل ئالاھىدە تەييارلىق ھالىتىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن(چۈنكى سادىق مۇئەللىم قەرەلسىز، دائىم تۇيۇقسىزلا ھەر خىل سىناقلارنى ئېلىپ تۇراتتى) ئۆگىنىش نەتىجىسى بىر قەدەر ياخشى ئىدى. مانا ئەمدى سادىق مۇئەللىمنىڭ قولىدىن قۇتۇلىۋېدى بۇ بەڭۋاشلار ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ، دائىم ئوقۇتقۇچىلارنى قاقشىتىپ، دەرسنى ياخشى ئۆگەنمەي، ئويۇنغا بېرىلىپ خۇددى جاھان ئاشۇلار ئۈچۈنلا بولىدىغاندەك ئۆتىۋاتاتتى، ماۋۇ قەدىردانمۇ تېخى ئۆزىنىڭ ھالىغا باقماي قىزلارغا كۆڭۈل تاشلاپ يۈرگىنىنى دېمەمدىغان. ئۇلارنىڭ ئالدى تېخى ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى كەينى 13 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان تۇرسا.
خۇددى قايسى بىر كىتابتا ئېتىلغاندەك: «ئىنسانلار تاشقى دۇنياسىدىن ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنياسىدىن ـ ۋىجدانىدىن ـ باشقورىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان، ھەقسىزلىككە يول قويمايدىغان، ئادالەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتا، دۆلەت قانۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەت دائىرلىرى يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى جازادىن، تۈرمىدىن ۋە جەرىمانىدىن قورقۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلار ۋە قورقۇپ تۇرۇپ، ھەق ـ ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلار، قانۇننىڭ ئارغامچىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چىقىش يولى تاپقىچىلىك شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار قانۇننىڭ كونترولدىن چىققان ھامان، ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. ئەمما ئاللاھتىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇشتىن قورققان ۋە ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغان ھالدا، ھەق ـ ھوقۇقلارنى قوغدايدىغانلار ۋە ھاياتلىقتىكى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تولۇق ئادا قىلىدىغانلار، مەيلى ئاشكارا، مەيلى يوشۇرۇن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ھېچ ۋاقىت ئاللاھنىڭ كونترولدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىمانى بولغاچقا، ئۇلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقىغا بوزغۇنچىلىق قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلرىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىدۇ ـ دە، ھەر ئىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچلىرىنى ئادا قىلىشىنى ئاۋۋالقى ئورۇندا قويىدۇ.» دېگەندەك قەدىردانلارغا يەنىلا ئاشۇ سادىق مۇئەللىمنىڭ «چىرايلىق» سۆزلىرى ھەق ئوخشايدۇ.
بوپتۇ، زېھنىياتلىق ئوقۇرمەنلىرىم، بىز يەنە سەۋرچانلىق بىلەن قاراپ باقايلى، قەدىردان يەنە «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.» دېگەندەك بۇنداق ئىشتىن قانچىلىك قىلىدىكىن؟
قەدىردان تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندىن باشلاپ سىنىپىدىكى گۈلنۇرنى باشقىچىلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. گۈلنۇرنىڭ تاتلىققىنە كۈلۈشلىرى، خۇددى كىچىك بالىلاردەك شاد-خۇرام، ھېچنىمىدىن غەمسىز يۈرگەن خۇشال ھالىتىگە قاراپ قەدىردان ئۆزىچە ئويلىنىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى، ئەگەر مەنمۇ ئاشۇ گۈلنۇردەك غەم-ئەندىشىسىز ياشىسام قانداق بۇلار ھە؟ مېنىڭمۇ دادام بولغان بولسا، مەنمۇ تۇرمۇشتا ئىقتىساد قىيىنچىلىقى ۋە باشقا قىيىنچىلىققا يولۇقمىغان بولسام، مەنمۇ ئاشۇنداق خۇشال-خۇرام ياشىسام، دادام بۇرۇن كېتىپ قالمىغان بولسا باشلانغۇچتىكى ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا ھەدىيە قىلغان مۆھۈرى «يىتىم ئوغلاق»قا ئېرىشمىگەن بولاتتىم………
قەدىردان دەسلەپتە گۈلنۇردىن ئەيمىنىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئەپ قېچىپ يۈردى، چۈنكى گۈلنۇردەك بۇنداق ھەممىسى تەل، ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتى بار، دۆلەتنىڭ تۆمۈر قاچىسىدىن تاماق يەيدىغان كىشىلەر قانداقمۇ قەدىرداندەك بۇنداق «يالاڭتۆش»نى ياقتۇرىدۇ دەيسىز. شۇڭا قەدىردان گۈلنۇردىن ئۆزىنى قاچۇرغانسېرى گۈلنۇر ئۇنىڭدىن دەرستە چۈشەنمىگەن سۇئاللىرىنى سوراپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا، قەدىردانغا بۇ  خۇددى «يېپىشقاق يىلىم» دەك ئۆزىنى تارتالمىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. چۈنكى قەدىردان كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلنۇرنىڭمۇ ئۆزىگە ئوتتا كۆيمەس، سۇدا ئېرىمەس مۆھۈر «يىتىم ئوغلاق» نى ھەدىيە قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. لېكىن شۇنداق بولغىنىغا قارىماي گۈلنۇر ئۇنىڭغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوست بۇلۇش ھەققىدە كۆپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ لېكىن قەدىردان ئۇنىڭ دوستلۇق دېگىنىنىڭ زادى قانداق دوستلۇق ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدى. چۈنكى ئادەتتىكىدەك دوست بۇلاي دېسە ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىدا ئاسمان زېمىن پەرق بار، قەدىردان بولسا ھېچ نىمىسى يوق «يالاڭتۆش» بىراق گۈلنۇر بولسا توققۇزى تەل قىز تۇرسا، بۇنداق ئىككى تەبىقىدىكىلەرنىڭ دوست بولالىشى مۇمكىنمۇ؟ قەدىردان كۆڭلىدىن مۇشۇلارنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئۆزىنى يەنىلا گۈلنۇردىن يىراق يۈردى، لېكىن ئۇ سىنىپتا سىنىپ ھەيئىتى بولغاچقا يەنىلا گۈلنۇرنىڭ دەرستە چۈشەنمىگەن ھەرخىل سوئاللارنى سورىشىدىن خالىي بۇلالمىدى، شۇ ۋەجىدىن «قورقماڭ ئامراق بۇلارسىز.»، «بارمايمەن دېگەن جايغا يەتتە قېتىم بېرىپتۇ.» دېگەندەك قەدىردان ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي گۈلنۇر بىلەن خېلى ياخشى چىقىشىپ قالدى.
شۇ كۈنلەردە قەدىردان نېمىشقىدۇر ئۆزلىكىدىن خاتىرە يازىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ خاتىرىسىنىڭ بىرىنچى بېتىنى «كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل» ناملىق كىتابتىن كۆچۈرىۋالغان مۇنۇ سۆزلەر بىلەن يازغان ئىدى: «تەنھالىق مېنىڭ يالغۇز قالغان غېرىپ كېمەمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. پايانسىز دېڭىز ئوكياندا شۇ غېرىپ كېمەمنى ھەيدەپ مېڭىۋاتقىنىمدا شاۋقۇن-سۆرەنلەرگە، جۇدۇن-چاپقۇنلارغا ئۇچراپ قالىمەن. كىيىملىرىمگە، چاچلىرىمغا، ئەمدىلا خەت تارتقان بۇرۇتۇمغا مۆلدۈر ياغىدۇ، بەدىنىمنى مۇزلاتماقچى بولىدۇ……. يولۇم ھەقىقەتەن ئۇزۇن ئىدى، غېرىپ كېمەم نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىدى. بىراق بۇ غېرىپ كېمەمگە ئۆزۈمدىن بىسوراق كىم-كىملەرنىڭ چىقىۋالغانلىقىنى ھېسابلاپ ئولتۇرالمايمەن…….
مەن رېئاللىقنى ئۆزۈمگە بويسۇندۇردۇممۇ ياكى رېئاللىق مېنى بويسۇندۇرىۋالدىمۇ؟ ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ھەم تەبىئەت بىر-بىرلەپ جاۋاپ بەرمەكتە….»
قەدىرداننىڭ غېرىپ كېمىسىگە ئۇنىڭدىن بىسوراق چىقىۋالغان زادى كىمدۇ؟ ئەلۋەتتە گۈلنۇر بولمامدۇ. قەدىردان گۈلنۇرغا دەرس چۈشەندۈرۈپ قۇيۇش، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دەرس تەكرارلاش جەريانىدا گۈلنۇرنىڭ ئۆزىنى مەھلىيا قىلىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاستا-ئاستا گۈلنۇرغا كۆڭلىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.
توۋا ئىنسان بالىسى راستىنلا خام سۈت ئەمگەن-دە. مانا ئەمدى قەدىرداننىڭ روھى سۇلغۇن بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك غېرىبانە، مىسكىن يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە دەرسكە قارىغاندا بەكرەك خاتىرە يازىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى كۆڭلىدىكىنى خاتىرىگە يېزىپ قالدۇرۇپ، ئاشۇ جانسىز خاتىرە بىلەن خىيالى مۇڭدىشىشمۇ ئادەمگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايتتى.
ئادەم ئازاب تارتماي تۇرۇپ ئازابنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. قارىغاندا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى قەدىرداننى بۇرۇنلا يىتىلدۇرۇپ قويغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاۋال ئائىلىسىدىكى بەخىتسىزلىك سەۋەبىدىن كىچىك تۇرۇپلا تۇرمۇش قاينىمىغا چۆكتى، ئۆزىنىڭ ئوقۇپ بىلىم ئېلىش ئىشى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان بولدى. ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنى ئۈزۈلدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىش ئورنىغا بېرىپ ئىشلىدى. مانا ئەمدى ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ «مۇھەببەت»تىن ئىبارەت مۇناسىۋەتكە كەلگەندىمۇ ئۇ باشقا بالىلارغا قارىغاندا بالدۇر پىشىپ قالغاندەك قىلاتتى.


14
قىش كېتىپ باش باھارمۇ كەلدى، ئەتراپ يېشىللىققا پۈركىنىشكە باشلىدى. دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار ھەدەپ ئالدىراپ ئەتراپنى يېشىللىققا پۈركەشكە ئورۇنىۋاتاتتى. دەل مۇشۇ ئەتراپ جۇشقۇن ھايات قاينىمىغا تولغان پەيتتە قەدىردان ئۆزىنىڭ گۈلنۇرغا تېخىمۇ باغلىنىپ قالغانلىقىنى، گۈلنۇرنى بىركۈن كۆرمىسە زادى ھېچ ئىش قولىغا كەلمەيدىغان، كۈن بۇيى روھسىز، چۈشكۈن يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى.
ھەر قانداق بىر ئەركەك ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەتنى يېڭىپ چىقالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۆز كۆڭلى چۈشۈپ قالغان قىزنىڭ دىدارىغا ئېرىشەلمەي چۈشكۈنلەشكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى ئاسانلىقچە بۇ چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلدۇرالماسلىقى، ھەتتا مۇشۇ چۈشكۈلۈك سەۋەبىدىن تۈگىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ھەي، قەدىردان تېخى تۇلۇق يېتىلمەي تۇرۇپ مۇنۇ كۈنگە قالغىنى نىمىسى؟ ئۇ ياشلار ئۆتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمدىغاندۇ؟ بىرىنى ياخشى كۆرسە زادى قانچىلىك بەدەل تۆلەش كېرەكلىكىنى ئۇقامدىغاندۇ؟ بۇنىسى بىزگەنامەلۇم، بەلكىم قەدىردان ئاتىسىدىن كىچىك قالغاندىن بىرى كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتكە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرالماي(گەرچە مېھرىبان ئاپىسى ئۇنىڭغا ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئانا مېھرىنى بىرىشكە ئورۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئاتا مېھرىنى بېرەلمەيدۇ-دە، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە بالا كۆپ ئاپىسى قانداقمۇ بۇنچە كۆپ بالىغا يىتەرلىك بولغان مەنىۋىي ئۇزۇق ــــ مېھرى-مۇھەببەتنى تۇلۇق ئاتا قىلالىسۇن؟) زادى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئىنتىلىپ ئاخىرى بۇ مېھرى-مۇھەببەتكە پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىز ئارقىلىق ئېرىشىشكە ئىنتىلگەنمىدۇ؟ ئەمما ئۇ ياخشى كۆرگەن قىز ئۇنىڭغا مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلالارمۇ؟ قارىغاندا قەدىردان ھاياتنى سەل ئاددى چاغلاپ قالدىمۇ نىمە؟ بۇ ھايات بىر چاقچاق سەھنىسى ئىكەنلىكىنى ئۇ بىلمەمدىغاندۇ؟
كۈنلەر ئۈتۈپ فېۋرال ئايلىرىمۇ كېلىپ قالدى، قەدىردان ئاخىرى گۈلنۇرغا خەت يېزىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش قارارىغا كەلدى.
 
گۈلنۇر ياخشىمۇ سىز،
مەن سىزگە بۇ خەتنى يېرىش ياكى يازماسلىق ھەققىدە كۆپ ئويلانغان بولساممۇ لېكىن ئاخىرى يەنىلا يېزىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى مەن بۇ خەتنى يازمىسام زادى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
مەن ئىلگىرى بۇنداق خەت يېزىپ باقمىغاچقا بۇ خەتنى زادى قانداق يېزىش ھەققىدە پەقەت بىلەلمىدىم، شۇڭا سىزنىڭ مېنى مەخسىرە قىلماسلىقىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مەن دەسلەپتە ئۆزۈمنى سىزدىن قاچۇرۇپ يۈرگىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ئىككىمىزنىڭ ئائىلە شارائىتىمىزغا قاراپ سىزگە يېقىنلىشىشتىن قورقاتتىم، بولۇپمۇ مەندەك ھېچ نىمىسى يوق بىر دېھقان ئوغلىنىڭ سىزدەك قىزغا يېقىنلىشىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايتتىم، چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە ئائىلە شارائىتى ياخشى بالىلار ھامان بىزدەك ئائىلە شارائىتى ناچار بالىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ دەيدىغان قاراش بار ئىدى. ئەمما سىز بىلەن ئۇزۇندىن بىرى بىرگە تەكرار قىلىش، مەكتەپتىن ئۆيگە قايتقۇچە بولغان ئارىلىقتا پاراڭلىشىش ئارقىلىق سىزنىڭ ئۇنداقلاردىن ئەمەسلىكىڭىزنى، قىسقىسى ئۆزۈمنىڭ چوڭ خاتالىق سادىر قىلغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم. سىزنىڭ شۇنچە ۋاقىت ماڭا تۇتقان پۇزىتسىيىڭىز باشتىن ئاخىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ سىز ماڭا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى تۇنۇتتىڭىز، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كۆڭلۈمنىڭ سىزگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
گۈلنۇر مەن راستىنلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، شۇڭا ناھايىتى تەستە سىزگە بۇ خەتنى يېزىشقا جۈرئەت قىلالىدىم، چۈنكى مەن سىزنىڭ بۇ خەتنى كۆرۈپلا مەندىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ ئىزچىل ئۆزۈمنى تۇتۇپ كەلگەن بولساممۇ لېكىن بۇ قېتىم كۆڭلۈم زادى ئۇنىمىدى، شۇڭا ئاخىرى جۈرئىتىمنى يېغىپ سىزگە بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. سىزنىڭ خېتىمنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى، ھەمدە سىزگە بولغان كۆڭلۈمنى رەت قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىلىمەن، بەلكىم سىز بىز تېخى كىچىك دەپ ئويلايدىغانسىز؟ لېكىن كۆڭۈلدىگەنگە بىر نەرسە دېمەك تەس ئىكەن، سىزگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدىن باشلاپ مەن باشقىچە ئادەم بولۇپ قالغاندەك قىلىمەن، زادى قىلغان تۇتقىنىمنى بىلەلمەيديغان، كۈنبۇيى چۈشكۈنلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىم. سىزنىڭ مېنىڭ بۇ ساپ كۆڭلۈمنى قەتئىي رەت قىلماسلىقىڭىزنى، مېنىڭ بۇ بارغانچە چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان قەلبىمنى چۈشكۈنلۈك چۆلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ:
                  سىزگە ئاشىق سەۋدا بولغۇچى:  قەدىرداندىن
 
قەدىردان خەتنى يېزىپ بولۇپ بىر كۈنى گۈلنۇر مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىش يولىدا ئىككىسى ئايرىلىش دوقمۇشىغا كەلگەندە خەتنى ئاستاغىنا گۈلنۇرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، گۈلنۇرنىڭ بۇ خەتنى چۇقۇم ئۆيىگە قايتىپ خالىي جايدا ئوقۇشىنى تاپىلاپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى. ئەمدى گۈلنۇر خەتنى كۆرگەندىن كىيىن قانداق جاۋاب قايتۇرار؟ گۈلنۇر خەتنى زادى ئوقۇغانمىدۇ؟ مېنى قانداق ئويلاپ قالغاندۇ؟ مەن مۇشۇ خەت سەۋەبىدىن گۈلنۇردىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟…….
قەدىرداننىڭ كاللىسىدا يۇقارقىدەك تۈگىمەس سۇئاللار قايناپ كەتتى. بولۇپمۇ گۈلنۇرنىڭ قەدىرداننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بىر نەچچە كۈن ئۇنىڭغا ئۆزىنى كۆرسەتمەي يۈرۈشى ئۇنى تېخىمۇ كۆپ خىياللار چۆلىگە غەرق قىلىۋەتتى.

داۋامى بار…

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى