ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھايات چاقچىقى (4)

ھايات چاقچىقى (4)

ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 7015 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

15
ۋاقىت ئۇ ئالتۇندىن قىممەت. «ۋاﻗﯩﺖ ـــ ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮق» دەﻳﺪۇ كونىلار. ئادەتتە شۇنچە تىز ئۆتۈپ كېتىدىغان بۇ ۋاقىت ئەمدى قەدىردان ئۈچۈن ناھايىتى ئاستا ئۆتىۋاتاتتى. قەدىردان گۈلنۇرغا خەت يېزىپ ئۇنى گۈلنۇرغا بەرگەندىن كىيىن گۈلنۇر ئىزچىل ھالدا قەدىردانغا قارىسىنى كۆرسەتمەي يۈردى. قەدىردان گۈلنۇرغا خەت يېزىپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى. ئەزەلدىن قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ باقمىغان قەدىردان بۇ قېتىم پۇشايمان قىلدى. چۈنكى ئۇ گۈلنۇرنى بىر نەچچە كۈن كۆرمىسە چىدىمايدىغاندەكلا قىلاتتى، لېكىن كۈن يەنە ئۆتىۋېرەتتى. ھەي ئادەم دېگەن تۇلىمۇ غەلىتە بولىدىكەن. ئوغۇللار بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسا «مەن سېنى كۆرمىسەم ئۆلىمەن، بۇ ھايات ماڭا مەنىسىز بولىدۇ…» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيدۇ يۇ لېكىن كۈنلەرنىڭ يەنىلا شۇ كونا ئىزدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
قارىسا كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن لېكىن ئۇلار نەچچە كۈندىن كىيىنمۇ يەنە شۇ مۇقامىنى توۋلاپ يۈرسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە بىرەرىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى كۆرمىگىنىگە ئۆلۈپ قالغىنىنى بىلمىدۇق، ئەلۋەتتە بەزى ئىرادىسىز ئەخمەقلەر ئازراق چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ باققان بولىشى مۇمكىن، بۇنى ھەرگىزمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى كۆرمىگىنىگە ئۆلۈپ قېلىش دېمەيمىز، بەلكى ئاشۇ ئىرادىسىزلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان مەسئولىيەتسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى دەيمىز.


قەدىردان شۇنچە كۈن گۈلنۇرنى كۆرمەي تازا تىت تىت بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە تۇيۇقسىز گۈلنۇردىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ گۈلنۇر مېنى رەت قىلىۋەتكەنمىدۇ؟ گۈلنۇردىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ دېگەن ئەندىشە بىلەن ئادەم يوق خالىي جايغا بېرىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى. خەتنى ئېچىپ بولۇپلا ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. چۈنكى خەت ناھايىتى پاساھەتلىك تىللار بىلەن مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قەدىردان، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ئالدى بىلەن سىزنى ساقلىتىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن. مېنى كەچۈرۈڭ. ئەمىلىيەتتە مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن. سىزنى ئۇزۇندىن بېرى غايىبانە ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما سىزنىڭ خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن نېمىشقىكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بىر مەھەل جاۋاپ قايتۇرغۇم كەلمىدى. بەلكىم بۇ مەندىكى نۇمۇس كۈچى بولسا كېرەك. بەلكىم سىزگە تىزلا خەت قايتۇرسام سىزنىڭ مېنى ”شاللاق قىزلار“ تىپىدىن ئىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىگەندىمەن. ئادەم ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىگە بەك تىز ئېرىشىپ كەتسە ئۇنى ياخشى قەدىرلىمەيدىغان پىسخىكا يىتلدۈرىۋالىدۇ. قىزلار ئاجىز ئۇلار سىلەر ئوغۇللاردەك ئەركىن ھالدا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقا ئامالسىز. شۇ سەۋەبلەر بولسا كېرەك، مەنمۇ ئاشۇنداق ئاجىز قىزلار سېپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە تىزلا جاۋاب قايتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. مەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرغانلىقىم راست، بىراق مەن بۇ كۈنلەردە ئىزچىل ھالدا سىزنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىڭىزنى كۈزىتىپ كەلدىم. مەن ئىزچىل ھالدا سىزنى كۈزىتىپ سىزنىڭ مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سىزگە دەرھال خەت قايتۇرمىدىم. نەتىجىدە سىز مۇشۇ كۈنلەردە ھەقىقەتەن چۈشكۈنلىشىشىكە قاراپ ماڭدىڭىز، مىجەزىڭىزمۇ بارغانچە چۇس بولۇپ كەتتى. بەلكىم بۇ سىزنىڭ مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسىدۇر، بىراق مەن بۇنى ھەقىقىي ئىسپاتلاش پۇرسىتىنى ۋاقىتقا ۋە ئۇلۇغ ئاللاھقا تاپشۇردۇم. ئەمىلىيەتتە سىز مېنى ياخشى كۆرگەن شۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىغان. ئەمما مەن بىر ئوغۇل بالا بولمىغانلىقىم ئۈچۈنلا سىزدەك ئەركىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا ئامالسىز قالغان. سىز خېتىڭىزدە ئۆزىڭىزنى تولىمۇ چۈشۈرۈپ كېتىپسىز. ئەگەر داۋاملىق بۇنداق ئويلىسىڭىز مېنىڭچە مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشۈمدىن گومان قىلىشىم مۇمكىن، چۈنكى بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئۇنىڭ ھازىرقى شارائىتى ھەرگىزمۇ ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. پەقەت سىزدە يىتەرلىك ئىرادە بولسىلا سىز ئېرىشمەكچى بولغان ھەر قانداق نەرسىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز. شۇڭا سىزگە تەكلىپىم ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى بۇنداق پەس كۆرمەڭ. ئىرادىلىك بولۇڭ، ئاللاھ خالىسا مەن سىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىمەن. مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشۈمگە سىزنىڭ ھازىرقى ئائىلە شارائىتىڭىز ھەرگىز توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ياخشى كۆرۈش قانداقتۇر بىر نەپنى كۆزلىسە ئۇ ھالدا بۇنداق ياخشى كۆرۈشنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق بولىدۇ. توغرا مېنىڭ ئائىلە شارائىتىم سىزنى ئائىلە شارائىتىڭىزدىن ياخشىراق، بىراق ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشكەن بىر جۈپلەر ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يارىتىشى كېرەك. بىز ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىلىرىمىز ياراتقان نەتىجىلەرگە تەييار تاپلىق بىلەن ئىگە بولۇپ قالماي بەلكى ئۆز كۈچىمىز ئارقىلىق كەلگۈسىمىزنى يارىتىشىمىز كېرەك.
سەل كۆپ سۆزلەپ قويدۇممۇ نېمە؟ سىزنىڭ توغرا چۈشىنشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزگە سەل قاراپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭىزنى، چوقۇم ئۈمىدۋار بولىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىپ، ساۋاقدېشىڭىز:
گۇلنۇردىن.
قەدىردان ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. ئۇ كۆزىنى ھەر قانچە سىلاپ باققان بولسىمۇ لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس ئىدى. قارىغاندا «قىزلار ئوغۇللاردىن بۇرۇن يىتىلىدۇ.» دېگەن سۆز توغرا ئوخشايدۇ. قارىغاندا قەدىردان ھەقىقەتەن گۈدەك ئوخشايدۇ، ئۇ گۈلنۇرنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىنى خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدى.
ھەي، گۈدەك ئىنسان، تېخى بىر نەچچە كۈن ئالدىدا گۈلنۇردىن جاۋاپ خەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈنىڭغا خەت يېزىپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئۈلگۈرگەن بۇ گۈدەك ئەمدى گۈلنۇرنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىش ئۇقمايدىغان گۈدەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى. يەنە ئۇ «ئەگەر بۇ قېتىم گۈلنۇرغا خەت يازمىغان بولسام مەڭگۈ پۇشايماندا قالغۇدەكمەنكەن.» دېگەنلەرنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدى. ئادەمگە پۇشايمان قىلىش شۇنچە ئاسانمۇ ھە؟ پۇشايمان قىلىش پەقەت ئاجىزلارنىڭ تۇرمۇش مەنتىقىسى، بىز شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، قىلغان ئىشقا پۇشايمان يەپ ئۆزىمىزنى چۈشكۈنلۈك دەرياسىغا غەرق قىلىپ تۇنتۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىپ، ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىپ، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ ئاندىن ھەر بىر قەدەمنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىشىمىز، ئاندىن بىر ئىشنى قىلىشنى قارار قىلغان ئىكەنمىز بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلماسلىقىمىز كېرەك. پۇشايمان پەقەر روھى چۈشكۈنلۈك ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ھەر ۋاقىت قىلغان ئىشىمىزدىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىپ، خاتا قىلغان ئىشلار بولسا بۇنداق ئىشنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشىمىز، ياخشى ئىشلار بولسا بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ داۋاملىق مۇشۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك. تۇرمۇش ھامان ئاجىزلارنى يىغلىتىپ كۈچلۈكلەرگە باش ئەگكۈچىدۇر. پەقەت بىز بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان جاپا-مۇشەققەتمۇ ئەمىلىيەتتە تۇرمۇشنىڭ بىر ئايرىلماس قىسمى بولۇپ، بىز مۇشۇ جاپا مۇشەققەتتىن تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلالايمىز. مۇشەققەتلىك بالىلىق ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ. ھاياتىدا قىيىنچىلىق ۋە مۇھتاجلىقنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتكەندىنمۇ بىچارە ئادەم بولمايدۇ.
ئادەمگە پەقەت موھتاجلىق ۋە ھەسرەتلا ھاياتنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. شۇندىلا سېنىڭ روھىي دۇنيايىڭ باشقىلار ھېس قىلالمايدىغان ھايات ھېكمەتلىرىنى ھېس قىلالايدۇ. روھىي قۇۋۋەت پەقەت مۇششەققەت ۋە موھتاجلىق ئىچىدىلا ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. ئۇلار ئايرىلالمايدىغان قوشكېزەكلەردۇر. شۇڭا تۇرمۇشتا ئازراق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسىلا چۈشكۈن بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەم ھاياتتا ئېغىر بېسىق بولىشى، ھەرگىزمۇ قەدىرداندەك ئاسان ھاياجانلىنىپ ئاسان چۈشكۈنلىشىدىغان كەيپىياتنى بالدۇر تۈگىتىشى، ھاياتقا ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار پۇزىتسىيە تۇتۇش كېرەك. قارىغاندا گۈلنۇر بۇ ھەقتە خېلى كۆپ چۈشىنىدىغاندەك قىلاتتى. بۇ سەبىيلەر تېخى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقماي تۇرۇپ مۇھەببەت قاينىمىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى سەل توغرا بولمىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار قانداق قىلار؟ مۇشۇ مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىپ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىمىسىلا بولاتتىغۇ. ھەي قەدىردان، ساڭا بۇنداق ئىشلارنى كىم قويۇپتۇ ھە؟ دىققىتىڭنى يىغىپ مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇپ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاشنى ئويلىساڭ بولمامدۇ؟ تۇرمۇشنىڭ ساڭا قىلغان چاقچىقى ھېلىمۇ ئازمىدى؟ سېنىڭ بۇ گۈدەكلىك بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭ سېنىڭ كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن يەنە قانداق چاقچاقلارغا پەش بولۇپ قالار ھە؟ پۇشايمان قىلىپ قالمىساڭلا بولاتتىغۇ…



16
قىش كېتىپ ياز كېلىدۇ، ياز كېتىپ كۈز كېلىدۇ. ھايات شۇنداق داۋاملىشىدۇ. تۇرمۇش ھەر كۈنى بىر خىل رېتىمدا ئۆتكەندەك قىلسىمۇ لېكىن ھاياتتا مۇھەببەت ئىسىملىك بۇ ئاتالغۇنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ھايات كىشىگە ھەرگىز بىر خىل رېتىمدا ئۆتكەندەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ. شۇڭا مۇھەببەتنى شائىرلار يېزىپ تۈگىتەلمىگىنىدەك ناخشىچىلارمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدۇ. شۇڭا بىز دائىم باشقىلارنىڭ «مۇھەببەت ئۇ مەڭگۈلۈك تېما»، «مۇھەببەت ئۆلمەس تېما» دېگەندەك ئەسەرلىرىنى كۆپ ئۇچتىرىمىز. بۇ دەل مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ نەرسە بىزنىڭ ھاياتىمىزنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزۈپ بىزگە ھاياتنىڭ مەسىنىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئادەم مۇھەببەت دېڭىزىغا كىرگەن ھامان ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئاتقان ئوقنىڭ قانداقلارچە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ.
قەدىردانمۇ گۈلنۇرنىڭ قايتۇرغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئىككىسى كۈندە دېگۈدەك دەسنى بىرگە تەكرار قىلىش، ئۆيگە بىرگە قايتىش جەريانلىرىدا مۇڭدىشىپ(گەرچە ئۇلار چوڭلاردەك ئۇنچە رومانتىك بولالمىسىمۇ، لېكىن ھەر يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ دېگەندەك ئۇلارمۇ شۇ ئۆزىنىڭ يېشىدىكىلەرگە نىسبەتەن مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ يۈگەنسىز ئاتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتاتتى.) ۋاقىتنىڭ شۇنچە تىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بولالمايلا ئەتىيازلىق دېھقانلار ئالدىراشچىلىق مەزگىلى كېلىپ قالدى.
ھەممىمىزگە ئايان، يېزىلاردا دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولۇپمۇ كېۋەز تېرىش مەزگىلى، پاختا تېرىش مەزگىلى بولسا مەكتەپلەر ھەپتىلەپ دەرس توختىپ بالىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش «پۇل تېپىش ۋەزىپىسى»گە سەپەرۋەر قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسەن رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتناشماستىن كىم مەكتەپكە كۆپ پۇل تاپشۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا «ياردەم» بەرسە شۇنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ. بۇ دىلى غۇبار سەبىي ئوقۇغۇچىلار شۇ ئەمگەككە قاتناشقانچە ئودا ھەپتىلەپ ئېتىز بېشىدىن چۈشمەي، چۈشلۈكى دەم ئالماي ئىشلەپ كېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە كەچلىكى قاراڭغۇ چۈشمىسە ئوقۇغۇچىلار قويۇپ بېرىلمەيدۇ (چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، پۇل تېپىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي، ئاچ-توق قالسىمۇ جان دىلى بىلەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىمىسا بولمايدۇ.) ئەتىگىنى بولسا ئالەم تاڭ ئاتماستىن ئېتىز بېشىغا چىقىپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى دېمەيلا قويايلى، قىسىقىسى ئوقۇغۇچىلار چۈش مەزگىلىدە بىرەر يېرىم سائەتتەك دەم ئېلىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولالمايدۇ. بەزى ئوقۇغىچىلارنى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مەكتەپكە پۇل تاپشۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا تۆھپە قوشالمىغان بولغاچقا ئائىلە ئىشلىرىغا يىتىشەلمەي، ئادەم بولغانغا جاق تويۇپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۆز پەرزەنتلىرىگە مەكتەپ تەرىپىدىن رۇخسەت بېرىلمىگەچكە كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىشتىن توسىدۇ.
مانا قەدىرداننىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەمگەك قىلىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى. ۋەزىپە ئېغىر، ھاۋا ئىسسىق، يەنە كېلىپ بۇ ئېغىزىدىن ئانا سۈتى تاپچىپ تۇرىدىغان، مۇسكۇللىرى تېخى يىتىلمىگەن سەبىي بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا «تۆھپە قوشقان» پۇلدار دېھقانلارنىڭ ئېتىزىدا چوڭ ئادەملەردىن قېلىشماي ئەمگەك قىلىپ تاز ھارغىنلىقمۇ يېتىپ قالدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ قەدىردان ئازراقمۇ ۋايسىماي، ئەمگەكنى باش بولۇپ، ئەمگەك جەريانىدا ئۆزىنىڭ سىنىپ باشلىقىلىق بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ يۈكىنى خېلى ئاۋۇتۇپ بېرىپ كېلىۋاتاتتى. لېكىن يېقىندىن بېرى گۈلنار مۇئەللىم دائىم دېگۈدەك قەدىردانغا چىراي ئاچمايلا يۈرەتتى. ھە دېسە قەدىردانغا چېچىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا قەدىرداننى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. بۇ ئىشلارغا يەنىلا ھەپتە بۇرۇنقى بىر سائەتلىك ئەدەبىيات مۇزاكىرە ۋاقتى سەۋەپچى بولىۋاتاتتى. ئۇ كۈنى مۇزاكىرە ۋاقتىدا گۈلنار مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلگەن دەرسلەردىن مەزمۇن بەلگىلەپ بېرىپ كىم شۇ مەزمۇننى يادىغا ئۆگىنىپ مۇئەللىمگە يادلاپ بېرەلىسە ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئالدىراش دەرس يادىلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن بالىلار قول كۆتۈرۈشكە باشلىدى. دېمەك ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىم بەلگىلەپ بەرگەن مەزمۇننى يادىلاپ بولغان ئىدى. لېكىن قول كۆتۈرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا قەدىردان يوق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مۇئەللىم قەدىرداننى قەستەن قو كۆتۈرمەيۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، ئاۋال قەدىرداندىن سوراشقا باشلىدى. لېكىن بۇ قېتىم قەدىردان راستىنلا يادىلاپ بولالمىغان ئىدى. مۇئەللىمنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەن قەدىردان قاتتىق خىجىل بولۇپ تۇرغان پەيتتە، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك مۇئەللىم ئۇنى تەنقىدلەشكە باشلىدى. ئادەم بەزىدە بەك ياخشى بولۇپ كەتسىمۇ ئۆزىگە زىيان. قەدىردان ھازىرغىچە مۇئەللىمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بولغاچقا بۇ قېتىم جاۋاپ بېرەلمەسلىكىدىن مۇئەللىم ھەقىقەتەن بەك خاپا بولۇپ كەتتى.
شۇ ئىشتىن كىيىن، گۇلنار مۇئەللىم قەدىردان بىلەن بەك قېيدىشىغان بولۇپ قالدى. ئادەتتە مۇنداقلا ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولىدىغان ئىشلارنىمى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ قەدىرداندىن قۇسۇر ئىزدەپ ئۇنى ھەدېسىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. بەزىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇشۇ خىل ئۆچمەنلىك ساقلايدىغان مىجەزى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشتىن يىرگەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
مانا بۈگۈنمۇ ئەمگەك مەيدانىدا قەدىردان ئۆزى باش بولغان بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەشكىللەپ بۆلۈنگەن ۋەزىپىسنى تۇلۇق تاماملاپ بولۇپ، چۈشلۈك تاماققا يەنە بىر سائەت بولغاچقا باشقا گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئارقىدا قالغان بىر گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسىنى تامالىشىغا ياردەملىشىپ ئىككى گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەشكىللەپ بىردەمدە ئۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ تاماملاپ بولدى. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار قەدىردانغا بەك قايىل بولغاچقا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بەك ئاڭلىق ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم قەدىردان ئۆزى باش بولىۋاتقان گۇرۇپپا ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولۇپ يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭمۇ ۋەزىپىسىنى تىز سۈرئەتتە تاماملىشىدا قەدىرداننىڭ ياخشى يىتەكلىشى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. مانا سائەتمۇ 11:30 بولدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قورساقلىرىمۇ ئېچىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ قەدىردان ئەتىگەن تاماق يىمەي كەلگەن (چۈنكى ئەتىگەندە قەدىرداننىڭ ئاپىسى ئۇنى بۈگۈن ئەمگەككە بارماي ئۆيىدە چىگىت تىكىشكە ياردەملىشىشنى ئېيتقىنىدا، قەدىردان ئۆزىنىڭ سىنىپ باشلىقىلىق بۇرچىنى ئويلاپ، ئاپىسىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلماي، چوقۇم مەكتەپكە بارىمەن دەپ تۇرىۋالغاچقا، ئاپىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ تاماقمۇ يىمەي ئەمگەك مەيدانىغا كەلگەن ئىدى.) بولغاچقا ئۇنىڭ قورسىقى تېخىمۇ ئېچىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يەنە داۋاملىق ئىشلەشكە زادىلا مادارى قالمىدى. لېكىن ئىش ئىگىسى ئوقۇغۇچىلارغا ھېچ چۈشلۈك تاماق بېرەي دېمەيتتى. خۇددى ئۇلار ئاللىبۇرۇن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق يەيدىغان ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئاچ قورساققا ھارغىنلىق قېتىلىپ ئوقۇغۇچىلار بەك ھالسىزلىنىپ كەتتى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار (ئەمگەك ۋەپىسىنى تامالىغان ئىككى گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار) ئېتىز بېشىغا چىقىپ، ئىش ئىگىسىنىڭ چۈشلۈك تاماق (ئەمىلىيەتتە شۇ قاتتىق نان) ئەكىلىپ ئۇلارغا چۈشلۈك قورساقنى ئەستەرلىگۈدەك بىر نەرسە بېرىشىنى كۈتۈپ ھالسىز ھالدا ئولتۇرۇشقا باشلىدى. قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچ مۇئەللىم (ئادەتتە ئەمگەك مەزگىلىدە ھەر بىر سىنىپقا ئۈچ ئوقۇتقۇچى بەلگىلىنىدۇ.)نىڭ باشقۇرۇشىدا خوش ياقمىغان ھالدا ھالسىزلىق بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتاتتى. گۇلنار مۇئەللىم يەنە قەدىرداننى چىشلەپ تارتىپ ئۇنىڭغا توۋلاشقا باشلىدى.
— ھەي، قەدىردان دېگەن ماز، نېمە ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرماي، قىر بېشىغا چىقىپ ئولتۇرىسەن.
قەدىرداندىن سادا چىقمىغاندىن كىيىن، مۇئەللىم يەنە چىچاڭشىغىلى تۇردى.
— ھەي، ماز مەن ساڭا گەپ قىلدىم، نېمە گەپ قىلسام يەنە خىيالىڭدا يوق ئولتۇرىسەن. ماڭ بالىلارنى باشلاپ ئەمگەك قىل. قوپا ماز، سەن باشلىمىساڭ مۇشۇ ئوقۇغۇچىلار بۇ يەرگە كېلىۋالمايدۇ.
مۇئەللىم شۇنداق دېگەنچە كېلىپ قەدىرداننىڭ يانپېشىغا قاتتىق تەپتى.
قەدىردان بۇ قېتىم چىداپ تۇرالمىدى. ئۇ جان ئاچچىقىدا مۇئەللىمگە ۋارقىرىدى.
— بىز ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىكىن كېلىپ ئولتۇردۇق.
— قايسى ۋەزىپەڭنى تۈگەتتىڭ لالما؟ ئاچاڭنىڭ ئىشىمىكەن ئۇ؟
— ئەتىگەندە ئايرىلغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولۇپ يەنە 4-گۇرۇپپىغا ياردەملەشتۇققۇ.
— ياردەملەشمىسەڭ، بېرىپ ئاچاڭنىڭ ئۇچىقىغا ئوت قالامتىڭ. يەنە مەن بىلەن گەپ تالىشىۋاتىدىغۇ ماۋۇ بىر نېمە.
قەدىردان زادىلا چىداپ تۇرالماي، ئۇمۇ ئېغىزىنى بۇزۇشقا باشلىدى.
— ئېغىزىڭغا بېقىپ سۆزلە. ئەتىگەندە نېمە دەپ ۋەزىپە ئايرىغان؟ ئۆزۈڭ مۇشۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغانلار دەم ئالسا بولىدۇ دېمىدىڭمۇ؟ بىز تېخى يەنە 4- گۇرۇپپىغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ تۈگىتىپ بولدۇق. يەنە بىزنى نېمە قىل دەيسەن.
— ھە، مېنى سەنلەپ گەپ قىلغۇچى بولدۇڭما؟ ئېيتە سەن نېمە؟
— نېمە كەنمە؟ شۇ ئوقۇغۇچى.
– يەنىچۇ؟
– يەنە نېمىكەنمە؟
– سەن ماۋۇ سىنىپتا نېمە؟
– سىنىپ باشلىقىغۇ.
– بىلىدىكەنسەن ھە؟
– ھە، نېمە بوپتۇ؟
– ئېسىڭدە بارمۇ؟ سېنى كىم سىنىپ باشلىقى قىلغان؟
– بىلمەيمەن (قەدىردان داۋاملىق گەپ قىلىشنى خالىمىدى.)
– ھەي، ماز، سېنى سىنىپ باشلىقى قىلغان مەن ئۇقتۇڭما؟
– ساڭا سىنىپ باشلىقى قىلىپ قوي دەپ ئېسىلمىغان بولغىيدىم. بولمايمەن دېسەم بولىسەن دەپ قىلىپ قويغان ئۆزۈڭغۇ شۇ.
– ماۋۇ نېمە؟
مۇئەللىم قەدىرداننىڭ مەيدىسىدىكى ئىتتىپاق ئىزنىكىنى نوقۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
— ئىزنەك
— نېمە ئىزنەك؟
— ئىتتىپاق ئىزنىكى بولمامدۇ؟
— بۇ نېمىنىڭ بەلگىسى؟
— ئىتتىپاق ئەزاسىنىڭ.
— سېنى كىم ئىتتىپاق ئەزاسى قىلغان؟
— بىلمەيمەن.
— ماز، بىلمەيمەن دەيسىنا، سېنى مەن ئىتتىپاق ئەزاسى قىلغان بىلدىڭمۇ. قاراپ تۇر ھەممە نەرسەڭنى نۆل قىلىۋېتىمەن.
— قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل.
— مېنى قىلالمايدۇ دەپ قالدىڭمۇ؟ مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىڭدىن باشلاپ نۆل قىلىۋېتىمەن.
— ۋاي، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل دېدىمغۇ.
— سەن بىر ئوقۇغۇچى تۇرۇپ ئوقۇتقۇچى بىلەن تاكاللىشىشنى كىم ئۆگەتتى ساڭا؟ لەنەت سەندەڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ھالىغا.
— سەن ئوقۇتقۇچىما؟ ئوقۇتقۇچى سەندەك بولامدا؟ سېنىڭ ھالىڭغا لەنەت.
— زۇۋانىڭنى يىغ ماز.
— ئۆزۈڭمۇ ئېغىزىڭغا بېقىپ سۆزلە.
— سەندەك ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
— مەنمۇ سەندەك ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈپ باقمىغان.
— كىچىككىنە مۇشتەك تۇرۇپ قىلغان گەپلىرىنى ما مازنىڭ.
— سەندىن ئۆگەندۈق. ئېسىڭدە بولسۇن. سەن ئۆگەتكۈچى مەن ئۆگەنچى. سەن قانداق ئۆگەتسەڭ مەنمۇ شۇنداق ئۆگەنگۈچى بۇنى بىلىپ قوي.
— ھەي، ماز، مەن ساڭا ئوقۇتقۇچى بىلەن تاكاللاش دەپ ئۆگەتتىمما؟
— ئېغىزىڭدىن چىققان سۆزگە دىققەت قىلىپ سۆزلە. سەن بۇنداق سۆزلىگەندىكىن بىزدەك ئوقۇغۇچى ئەلۋەتتە سەندىن ئۆگىنىمىزدە. ئۆزۈڭنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپلىرىڭگە دىققەت قىل.

قەدىردان بىلەن مۇئەللىمنىڭ تاكاللىشىشى مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىۋاتاتتى. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدىمۇ گۇلنار مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا قەدىرداننى سۇندۇرۇپ خېلى گەپ قىلغان ئىكەن. بۇنى ئۇ ئوقۇغۇچىلار قەدىردانغا يەتكۈزگەن ئىدى. قەدىردۇن شۇ ئاچچىقىدا، يەنە كېلىپ بۈگۈن ئۆيدە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر ۋە شۇنداقلا قورساقنىڭ ئاچلىقى قوشۇلۇپ كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى. پەرھات مۇئەللىم بىلەن گۇلزار مۇئەللىم ئۇلارنى توسقانمۇ بولاتتى. لېكىن گۇلنار مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلەردىن ئۇلارمۇ قاتتىق سەسكىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار قەدىرداننى توختاپ قېلىشقا ئۈندەپ گۇلنار مۇئەللىمگە كۆپ سۆزلىمىدى. قەدىردان گۈلزار مۇئەللىم ۋە پەرھات مۇئەللىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۆزىنى تۇتىۋالدى. لېكىن گۇلنار مۇئەللىم توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ ئېغىزىغا كەلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ قەدىرداننى تىللاۋاتاتتى. بەزىدە قەدىردان چىداپ تۇرالماي تىل قايتۇرماقچى بولغىنىدا گۈلزار مۇئەللىم ئۇنىڭغا:
— قەدىردان ئىنىم بولدى قىل.
— قاراڭ مۇئەللىم ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرگە.
— بولدى، ئۆزۈڭنى بېسىۋال. سۆزلەپ ھارغاندا ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ. تىل دېگەن ئۇچۇپ كېتىدۇ.
— لېكىن مۇئەللىم ئۇ ئاشۇنداق ئېغىزىنى بۇزۇپ ئادەم تىللىسا ماۋۇ سىنىپتا مەن يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن.
— كۆپ ئويلانما. ھەممە ئىش كۆپچىلىككە ئايان.


17
شۇنداق قىلىپ قەدىردان بۇ قېتىم گۇلنار مۇئەللىمنىڭ قىلغانلىرىغا زادى چىداپ تۇرالماي «تاز بولسا گەدەنگىچە» دەپ مۇئەللىم بىلەن تەڭ بەيگىگە چۈشتى. ئەمىلىيەتتە بۇ قېتىم مۇئەللىممۇ سەل چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەن ئىدى. قايسى بىر مۇئەللىم ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى (يەنە ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان شۇنچە كۆپ دېھقانلار ئالدىدا) ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى ھېلىقىدەك «ماز»، «لاتا» دېگەندەك تىللار بىلەن تىللىغان بار. ئوقۇتقۇچى بولغۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىرىنى ئەمەسمىدى؟ ئۇلار شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئاشۇ سەبىي ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇنداق ھاقارەتلىسە، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرسە بىز بۇنداق ئوقۇتقۇچىنى يەنە ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى دەپ ئاتىيالامدۇق؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىززەت-ئابرويى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرويى مۇۋاپىق قوغدالمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ئادەمگە بولغان بېسىم ھەقىقەتەن ئېغىر بولىدۇ. ھاياتلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن دېسەك ئۇزۇن، قىسقا دېسەك قىسقا بولغان يولدا، ئادەم چوقۇم ئۆز ئىززەت-ئابرويىنى ساقلىغان ئاساستا مەغرۇر، دادىل ياشىشى كېرەك. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆز ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن قاتتىق ھاقارەتكە ئۇچرىسا، يەنە كېلىپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا شۇنداق بولسا، بۇ ئوقۇغۇچى كەلگۈسىدە قانداق قىلىشى كېرەك؟ ھاياتلىقتا ئادەمنىڭ دوستىدىن دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ. كىم بىلىدۇ ئاشۇ قەدىردانلارنىڭ سىنىپىدىمۇ قەدىردانغا ئورا كولايدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ ئادەم دېگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمايدۇ، ئېغىزدا دېگىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە قىلىغىنى ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدىغان كىشىلەر بۇ جاھاندا كۆپ. ئۇلار بەلكىم ئېغىزىدا سىنى ماختاپ، سەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلىشىمۇ تامامەن مۇمكىن، ئەمما سېنىڭدىن ئىككى قەدەم يىراققا بارسىچۇ؟ جاھان شۇنىڭ، ئادەم دېگەن يۈزىدە تۈكى بار مەخلۇق، سېنىڭ ئالدىڭدا سېنىڭ ياخشى گېپىڭنى قىلغانلار سېنىڭ كەينىڭدا داۋاملىق ياخشى گېپىڭنى قىلىشى ناتايىن. ئۇلار سېنىڭ ئىچكى سىرلىرىڭنى بىلىپ بولغان ھامان سېنىڭ مەغلۇبىيىتىڭنى تىلەپ، ھە دېسىلا ساڭا قەست قىلىشى مۇمكىن. مانا بۇلار ھاياتلىقتا تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار..
قەدىردان بۇ قېتىم ھەقىقەتەن چوڭ ھاقارەتكە ئۇچرىدى. گۇلنار مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ بەزىلەر ياقىسىنى چىشلىسە، بەزىلەر چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ كۈلۈشتى. مانا بۇ ھاياتلىقتا يۈز بەرگەن بىر مەيدان دىرامما، ھەقىقىي دوستۇڭ سېنىڭ غېمىڭنى قىلىدۇ، دۈشمىنىڭ خوشاللىقتا يايرايدۇ.
گۇلنار مۇئەللىم قەدىرداننى ھە دېسىلا ھەر خىل تىللار بىلەن تىللايتتى، قەدىردان نەچچە رەت ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بەيگىلەشمەكچى بولاتتىيۇ لېكىن گۇلزار مۇئەللىم بىلەن پەرھات مۇئەللىم ئۇنى بەيگىدىن ياندۇراتتى.
__ بولدى قىل قەدىردان، ھېچقىسى يوق، تىل دېگەن ئۇچۇپ كېتىدۇ.

__ ئۆزۈڭنى بېسىۋالغىن، سۆزلەپ ھېرىپ قالغاندا ھەر قانداق ئادەم ئۆزلۈكىدىن سۆزلەشتىن توختاپ قالىدۇ.

__ ئۆزۈڭنى بېسىۋال ئۇكام، سەن تېخى كىچىك، بەك ھاياجانلانما..
مانا بۇلار پەرھات مۇئەللىم بىلەن گۇلزار مۇئەللىمنىڭ قەدىرداننى بەيگىدىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىلغان گەپ-سۆزلەر.
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى پۈتۈن سىنىپ بۇ يەردىكى ئەمگەكنى تاماملاپ چۈشتىن كىيىن يەنە بىر ئىش ئورنىغا يۆتكىلىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى. ھەر ھالدا مۇۋۇ خەقلەرنىڭ ئىنسابىمۇ بار ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئۈچۈن بىر سائەت بولسىمۇ ۋاقىت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىزدىن تامىقىنى يەپ (ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار چۈشلۈك تامىقىنى ئېلىپ كېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىش ئىگىسى ئۇلارنىڭ ئاشۇ قاتتىق-قۇرۇق نانلىرىنى ھۆللەپ يىگۈدەك چاي ياكى سۇ تەييارلاپ بەرسىلا بولىدۇ، قىسمەن تامىقىنى ئەكەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز يېنىدىن قاتتىق-قۇرۇق نان بەرسىلا كۇپايە، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تاماق تەييارلىشى ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس) ئاندىن كىيىن يەنە بىر ئىش ئورنىغا بېرىپ، تىزدىن ئەمگەككە چۈشۈپ ۋەزىپىسىنى تىزدىن ئورۇنداپ كەچتە بالدۇر ئۆيگە قايتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى ( قۇرۇپ كەتسۇن ئۇ بالدۇر ئۆيگە قايتىش دېگەن سۆزلەر، بۇنداق ۋاقىتتا دۇنيادا ئوقۇتقۇچىدەك يالغانچى ئىنسان بولمىسا كېرەك. ئۇلار ئاشۇ سەبىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ھەر دائىم مۇشۇنداق گەپ سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئۇلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئىش ئايرىپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەسلەپتە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ بىر گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ ئۆزلىرىگە ئايرىلغان ۋەزىپىنى تىزدىن ئورۇنداپ بولسىمۇ لېكىن يەنە بىر تالاي گۇرۇپپىلار تېخىچە ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولالمىغان بولىدۇ-دە، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغانلار بالدۇر قايتىدۇ دېگەن سۆزلىرىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغان ئوقۇغۇچىلارغا يەنە بىر تالاي ئىش ئايرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئىشقا بولغان قىزغىنلىق يوقايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ-دە، بەرىبىر مۇشۇ ئىش ئورنىدىكى ئىش تۈگىمىگىچە مۇئەللىم ھەر قانچە تاتلىق ۋەدە بەرسىمۇ نۆلگە تەڭ، مۇشۇ مەيداندىكى ئىش تۈگىسىلا ئاندىن ئۆيگە قايتىشقا بولىدۇ. بۈگۈن تۈگىمىسە كەچتە كۆز كۆرمىگەندە ئۆيگە قايتىپ ئەتە ئەتىگە كېلىپ تۈگىتىمىز. بەرىبىر بىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ۋەزىپىمىز توختىماستىن ئەمگەك قىلىش… دېگەندەك قاراشلا شەكىللىنىدۇ-دە ئەمگەككە ئىزچىل سۇس مۇئامىلە قىلىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى بىر تىراگىدىيە. ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇ سەبىيلەرنى ھەر ۋاقىت راسچىل بولۇشقا ئۈندەيدىيۇ، لېكىن ئۆزلىرىگە كەلگەندە ئەمەل قىلمايدۇ. ئەمگەك ۋاقتىدا مۇشۇ مۇئەللىملەردەك يالغانچى ئادەم بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ سەبىيلەردە كوللىكتىپ روھى چۈشىدۇ. راستچىللىققا گۇمانلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالغان ئېيتتىمۇ بولدى، ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئىلىك ئالمايدۇ. ئۇلار مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى سېنىڭ دېگەن گېپىڭ ئوسۇرۇققا تەڭ دەپ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى مائارىپنىڭ نەتىجىسى.)
ئوقۇغۇچىلار چۈشلۈك تامىقىنى ئىش ئورنىدىلا يەپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر ئىش ئورنىغا ئالماشتى (قەدىردان تاماق يېمىدى. باشقىلار شۇنچە زورلىغان بولسىمۇ گېلىدىن تاماق ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن قەدىردان قەتئىي تاماق يىمىدى). بۇ ئىش ئورنىدىن يېڭى ئىش ئورنىغا بېرىش جەريانىدا پەرھات مۇئەللىم قەدىردانغا چۈشتىن كىيىن قايتىپ كېتىپ ئارام ئېلىپ، ئەتە كېلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ قەدىردان ئۇنىمىدى. ئادەتتە ئەمگەك ۋاقتىدا ھېچقانداق ئوقۇغۇچىغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. بۇ قېتىم پەرھات مۇئەللىم قەدىردانغا ئۆز رۇخسەت بېرىۋاتاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن قەدىردان بۇنى رەت قىلدى. قەدىردان نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇ تاماقمۇ يېمىدى. رۇخسەت بەرسە قۇبۇل قىلمىدى. ئۇ زادى قانداق قىلماقچىدۇ؟
قەدىردان گەرچە كىچىك بولسىمۇ، كىچىكىدىن دادىسىدىن يىتىم قېلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى خېلى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن، تۇرمۇشقا نىسبەتەن خېلى مۇستەققىل قاراشقا ئىگە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەگەر پەرھات مۇئەللىمنىڭ سۆزىگە كىرىپ قايتىپ كەتسە، ئاۋۇ مۇئەللىم چوقۇم راسا خوشال بولغان بولىدۇ. چۈنكى قەدىردان ئۇنىڭغا باش ئەگكەن بولۇپ قالىدۇ. بىر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بولمىغان (ئەگەر ئوقۇتقۇچىلىققا سالاھىيىتى بولسا ئىدى، شۇنچە كۆپ ئادەمنى قارىتىپ قويۇپ ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى شۇنداق ھاقارەتلىك تىللار بىلەن ھاقارەتلىمىگەن بولاتتى) ئوقۇتقۇچىغا باش ئەگكۈسى كەلمىدى. قەدىردان مەيلى قانداق بولمىسۇن بۈگۈن كەچكىچە چوقۇم ئەمگەك مەيدانىدىن ئايرىلماسلىق قارارىغا كەلدى. شۇڭا ئۇ پەرھات مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، قەتئىيلىك بىلەن يەنە ئەمگەك مەيدانىغا باردى. ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئەمگەككە چۈشۈپ كەتتى. ئۇلارغا يەنىلا چۈشتىن بۇرۇنقى گۇرۇپپىلار بويىچە ئىش تەقسىملىنىپ قايسى گۇرۇپپا ۋەزىپىنى بۇرۇن ئورۇنداپ بولسا بۇرۇن قايتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. قەدىردان قانداقتۇر بىر خىل ئىپادىدە كۈلۈپ قۇرۇپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتى. ئالاھەزەل بىرەر سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن ئەتىگەندىن بېرى تاماق يىمىگەنلىك ۋە قاتتىق ئىسسسىق سەۋەبىدىن قەدىرداننىڭ بېشى قېيىشقا باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاۋۇ مۇئەللىمگە كۆرسەتكۈسى كەلمىدى. لېكىن ئۇنىڭ تىنى ئۇنىڭ رايىغا باقمايۋاتاتتى. قەدىردان ئاخىرى بۇلالمىدى. بېشىپ قېيىپ ئولتۇرغان ئورنىدا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا يېقىلدى.
قەدىردان كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى دوختۇرخانىنىڭ ياتاق كارىۋىتىدا كۆردى. قېشىدا پەرھات مۇئەللىم بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچقىنىنى كۆرۈپ پەرھات مۇئەللىم تولىمۇ خوشال بولۇپ كەتتى.
__ ھەر ھالدا كۆزۈڭنى ئاچتىڭ ئۇكام، مېنى بەك ئەنسىرىتىپ قويدۇڭ. قورقۇپ كەتتىم دېگىنە.
پەرھات مۇئەللىم قەدىردانغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. بىراق قەدىردان قاتتىق خىجىل بولدى.
__ كەچۈرۈڭ مۇئەللىم.
__ ئاھاي، بولدى قىلە، نەدىكى كەچۈرۈم-پەچۈرۈملىرىڭ بۇ. ھازىر دېگەن قانداق ۋاقىت. كەچۈرۈم سوراشقا توغرا كەلسە مەن سەندىن سورىسام بولىدۇ. ئەسلىدە سېنى گۇلنار مۇئەللىم بىلەن بەيگىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۆيۈڭگە قايتۇرۋەتمىگىنىمگە پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. گۇلنار مۇئەللىمنىڭ بۇنداق قىلىشىنى مەن بىلمەپتىمەن. يەنە كېلىپ ئۇ دېگەن سىنىپ مۇدىرى بولغاچقا مەن ئالدىراپ قول تىقالمىدىم. كىم بىلسۇن ئىشنىڭ بۇنچە تىز تەرەققىي قىلىشىنى. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ مۇشۇنداق تىز بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە!
ئۇلار تەڭ كۈلۈشتى.
__ بولدى، سەن ئولتۇرغاچ تۇر، مەن دوختۇرنى چاقىراي، دوختۇر بىر قاراپ باقسۇن بولامدۇ؟
__ بولىدۇ.
پەرھات مۇئەللىم ياشتا ئانچە يوق ئەمەس، يېڭى ئىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ئادەتتە دەرستىن چۈشكەندە ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستانە مۇئامىلىدە بولاتتى. ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ مۇئەللىمگە باشقىچە ئامراق ئىدى. مۇئەللىمنىڭ دەرسلەرنى شۇنداق مېغىزلىق، جانلىق ئۆتۈشىدىن ھەممە ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ دەرسىنى باشقىچە ياخشى كۆرەتتى. بۇ مۇئەللىم ھەرگىز باشقا مۇئەللىمدەك ئۆزىنىڭ قانداقتۇر بۇ ئوقۇغۇچىلار چۈشەنمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ «بېن كېسىڭ» ئىكەنلىكىنى پەش قىلمايتتى.
پەرھات مۇئەللىم چىقىپ كەتتى. قەدىردان بولغان ئىشلارنى بىر قۇر ئويلاپ باقتىيۇ لېكىن ھەممىسى خۇددى بىر قېتىملىق چۈشتەكلا بىلىنىپ كەتتى. قەدىردان چۈشىنى داۋاملاشتۇرغانمۇ بولاتتى، لېكىن ئۇنىڭ دىققىتىنى دوختۇرنىڭ سۆزى بۆلىۋەتتى.
__ ھېچقىسى يوق، ئازراق چارچاپ كېتىپتۇ. ئارام ئالسىلا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. سىز بۇ بالىنىڭ نېمىسى بولىسز؟
__ ھە، مەن ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
__ مۇنداق دەڭ. ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن بالىغا ئوبدان قاراڭ. بالىلار ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا سالامەتلىكى بەك مۇھىم. ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىڭ. بولۇپمۇ بۇ مەزگىل بۇ ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار پىسخىكا جەھەتتە ئەڭ مۇھىم باسقۇچتا تۇرىۋاتقان مەزگىلى. بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئېغىر تەسىر قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش تۇلىمۇ خەتەرلىك. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ…
دوختۇر ھەممە ئىشنى بىلىۋالدىمۇ نېمە؟ خۇددى ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگەندەكلا سۆزلەۋاتىدىغۇ؟ پىسخىكا؟ بۇ پىسخىكا دېگەن نېمىدۇ؟ ھە راست، ما دۆتلۈكنى، پىسخىكا دېگەن ئالدىنقى يىلى ئۆتكەن دەرسلىكقۇ. پىسخىكا دېگەن ئادەمنىڭ ئىچكى ھېس تۇيغۇلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەنغۇ.
قەدىرداننىڭ قولاق تۈۋىدە دوختۇرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى قايتا تەكرارلىنىشقا باشلىدى:
بالىلار ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا سالامەتلىكى بەك مۇھىم. ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىڭ. بولۇپمۇ بۇ مەزگىل بۇ ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار پىسخىكا جەھەتتە ئەڭ مۇھىم باسقۇچتا تۇرىۋاتقان مەزگىلى. بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئېغىر تەسىر قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش تۇلىمۇ خەتەرلىك. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ…
ئۇنىڭ دىققىتىنى يەنىلا دوختۇرنىڭ سۆزى بۆلدى.
__ ھازىر باشقا مەسلە يوق. بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بالا چوقۇم ياخشى ئارام ئېلىشى كېرەك.
__ بولىدۇ، رەھمەت سىزگە دوختۇر.
قەدىردان دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇ ۋاقىتتا ئالەم ئاللىبۇرن كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئۆيگە بىر ئاز كەچ قايتتى. ئۆيگە قايتقاندا بۇسارىخان ئانا بالىسىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى ئەتىگەندە قەدىرداننى مەكتەپكە بارما دېسە ئۇنىماي تاماقمۇ يېمەي بىر چىقىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە خەۋىرىنى ئالالمىغاندىن كىيىن مەكتەپكە بېرىپ باقتى. لېكىن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ئەمگەككە كەتكەن بولغاچقا، قەدىرداننىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەلمەي تۇلىمۇ ئەنسىرەپ كەتتى. بىر مۇئەللىمدىن قەدىرداننىڭ سىنىپىنىڭ قەيەردە ئەمگەك قىلىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. ئۇ مۇئەللىم بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى.
ئانا دېگەن تۇلىمۇ ئۇلۇغ ئىنسان، گەرچە ئۆز پەرزەنتىگە ئازراق ئاچچىقلانغاندەك قىلغان بىلەن يەنىلا ئۆز يۈرەك پارىسىدىن ھەر ۋاقىت غەم يەپلا يۈرۈيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ شائىرلىرىمىز ئانا مېھرىنى كۈيلەپ شائىرانە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ ئانىلارنى مەدھىيلەپ كەلسە، ناخشىچىلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئانا مېھرىنى كۈيلەپ ھارمايدۇ.
بۇسارىخان ئانا قەدىرداننىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئازراق قېيدىغان بولسىمۇ لېكىن قەدىرداننىڭ چىرايىدىكى باشقىچە ئالامەتلەرنى كۆرۈپ قېيداش نىيىتىدىن ياندى.
قەدىردان ئەمدى قانداق قىلار؟ ئۇنى يەنە قانداق ئىشلار كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟ ئەگەر تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز ئەسەرنىڭ داۋامىدا بولسۇن.


18
بۇ قېتىم قەدىرداننىڭ مەكتەپتىن ھەقىقەتەن كۆڭلى ياندى. ئۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ شۇنچە قارىشى تۇرغىنىغا قارىماي مەكتەپكە بارغىنىغا پۇشايمان قىلىدى. ئويلا-ئويلا، قەدىردان ئاخىرى مەكتەپتىن ئۈمىد ئۈزۈش (مەكتەپكە بۇنىڭدىن كىيىن بارماسلىق) قارارىغا كەلدى. ئۇ ئەتىسىدىن باشلاپ مەكتەپكە بارمىدى. بىر لېكىن ئۆيدە داۋاملىق تۇرىۋەرسە چوقۇم مەكتەپتىكىلەرنىڭ ئىزدەپ كېلىپ ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، يىراق يېزىدىكى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىش قارارىغا كەلدى ھەم شۇ كۈنى كەچتىلا ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە يول ئالدى.
ھەي، ئادەم دېگەن كۆڭلى سۇ ئىچمىگە جايدىن ھامان قاچىدىغان گەپكەن. قەدىردان ئىلگىرى ئۆيدىكىلەر بىلەن ھە دېسىلا زىددىيەتلىشىپ، ئۆيدىكىلەر مەكتەپكە بارما دېسە بارىمەن دەپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرمەيۋىدى، مانا ئەمدى مەكتەپتىنمۇ كۆڭلى سۇۋىدى. ئۇ ھەتتا مەكتەپكە قايتىلاپ بېرىشتىنمۇ يالتىيىپ قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ مەكتەپكە بارمىسا بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم بىر ئىش قىلىشى كېرەكتە، كۈندى ئاپتاپ ئىسنىپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ-دە…
قەدىردان، ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاكىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئائىلە بويىچە چىگىت تىكىۋاتاتتى، قەدىردان نەق ئېتىش بېشىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ چىگىت تىكىشىگە ياردەملىشىپ بەرگەچ، ئۇلارنىڭ يامغۇردەك ياغدۇرىۋەتكەن سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە باشلىدى.
— مەكتەپكە بارماي يەرگە كەپسەنغۇ؟
— بارغۇم كەلمىدى؟
— نېمە؟ بارغۇن كەلمىدى؟ بۈگۈن قۇياش قاياقتىن چىققان بولغىيدى؟ سېنىڭمۇ مەكتەپكە بارغۇڭ كەلمەيدىغان ۋاقتىڭى بولىدىكەن ھە؟
— شۇ بارغۇم كەلمىدى شۇ. كېلىپ ئىشىڭلارغا ياردەملىشىپ بەرگىنىم خاتا بوپتۇمۇ ئەمدى؟ خالىمىساڭلار كەتسەملا بولمىدىمۇ؟ نېمانچە كۆپ سۇئاللار بۇ؟
— ياق، بىز ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، ئادەتتە سەن مەكتەپكە بارىمەن دەپ كۆزۈڭگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدىغان، شۇڭا بۇ قېتىم سەل ھەيران قىلىۋاتىمىز.
— ھەيران قالغۇچىلىك نېمىسى بار؟ تازىمۇ بىر..
قەدىردانغا گەپ قىلىش تازا خوش ياقمايتتى، ئۇنىڭ كەيپىياتى شۇنچە ئوسال ئىدىكى، بىرەرسى سەل ئېغىر گەپ قىلىپ قويسىلا ئۇ شۇ ھامان پارتلاپ كېتىدىغاندەك ھالەتتە ئىدى.
— ئۇنداق بولسا بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلاي دەيسەن قەدىردان؟
— ماڭا ياردەملىشىپ يەر ئېلىپ بەرسەڭلار بىر يەر تېرىپ باقايمىكىن دەيمەن.
— بۇنىڭدىن كىيىن راستلا مەكتەپكە بارمامسەن؟
— بارمايمەن.
— ئۇنداق بولسا مەن ئەتە يەر ئوقۇشۇپ باقاي، قانچىلىك يەرنى تېرىپ بولارسەن؟
— تۆت مو يەر تېرىسام قانداق بولار؟ ھازىرچە چىقىمنى سىلەر بېرىپ تۇرساڭلار مەن يەرنى تېرىپ يەردىن ھوسۇل ئالغاندا سىلەر بەرگەن پۇللارنى قايتۇرسام.
— بولىدۇ، ساڭا يەر ئېلىپ بېرەي، ئۆزۈڭنى بىر دەڭسەپ كۆرگىن…
شۇنداق قىلىپ بۇ بەدىنى تۈزۈك ئاپتاپ كۆرۈپ باقمىغان، خام مۇسكۇل يەر تېرىپ ئۆزىنى سىناپ باقماقچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بۇ يەر تېرىش چۈشى ئەمەلگە ئاشارمۇ؟ ئىشلار شۇنچە ئاسانمىدۇ؟ بىز نەزىرىمىزنى قەدىرداننىڭ مەكتىپىگە قارىتىپ باقايلى…
قەدىردان ھېلىقى كۈنى گۇلنار مۇئەللىم بىلەن قاتتىق سوقۇشۇپ، كىيىن بىر كۈن تاماق يىمەي ئېغىر ئەمگەك قىلغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندىن كىيىن، بۇ ئىش ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ناھايىتى تىز سۈرئەتتە پۈتكۈل مەكتەپكە تارقاپ، مەكتەپتە زور تەسىر قوزغىدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن گۇلنار مۇئەللىمنى قەدىرداننىڭ ئۆيىگە بۇيرۇپ بالىنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ لېكىن مۇئەللىم قەدىرداننى تاپالماي ئىش زادىلا ئەپلەشمىدى. مۇئەللىم بۇسارىخان ئاچىمىزدىن قەدىرداننى سورىغان بولسىمۇ لېكىن قەدىرداننىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بۇسارىخان ئاچىمىزمۇ بىلمىگەچكە، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمىدى. لېكىن ئۇ قەدىرداندىن بەك ئەنسىرەپ كەتتى. (ھەر ھالدا شۇ ئاخشىمى قەدىرداننىڭ ئاكىسى ئۆيگە خەۋەر بېرىپ قەدىرداننىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئوقتۇرۇپ بۇسارىخان ئاچىمىزنى خاتىرجەم قىلدى) گۇلنار مۇئەللىم قەدىرداننىڭ ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان بولغاچقا، مەكتەپكە قايتىپ ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە يەتكۈزدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ قەدىرداننى قەتئىي ئىزدەش قارارى چىقاردى. كۆپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى پەرھات مۇئەللىمنىڭ قەدىرداننىڭ ئاكىسى تۇرۇشلۇق يېزىدا ساقچىخانىدا ئىشلەپ تۇرغۇچى ئىسىنى پەيزۇللا ئارقىلىق قەدىرداننىڭ قارا دۆڭ مەھەللىسىدە ئاكىسىنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتقانلىقى ئىنىقلاندى. بۇنىڭ بىلەن پەرھات مۇئەللىم ئىنىسى ئارقىلىق قەدىرداننى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئىنىسىگە ئەھۋالنى ئېيتتى، پەيزۇللا دەسلەپ قەدىرداننىڭ ئاكىسىغا ئەھۋال ئېيتقان بولسىمۇ قەدىردان بۇ قېتىم مەكتەپكە بارماسلىق ھەققىدە چىڭ تۇرىۋالدى، كىيىن زادى ئامال بولمىغاچقا پەيزۇللا ساقچىخانىنىڭ زورلاش كۈچى ئارقىلىق قەدىرداننى ئۆيىگە يولغا سالدى.
قەدىردان ئۆيگە چىققاندىن كىيىنمۇ مەكتەپكە بېرىشقا زادى ئۇنىمىدى.
مەكتەپ گۈلنار مۇئەللىمگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ قەدىرداننى قانداق قىلمىسۇن چوقۇم مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىش، بولمىسا بۇ ئىش مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قولىقىغا يېتىپ قالسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ گۇلنار مۇئەللىمنى يەنە بىر قېتىم قەدىرداننىڭ ئۆيىگە ئىۋەتتى.
قىززىق، مۇئەللىم دېگەندىمۇ ئەدەپ-قائىدە بولمايدىكەن دېسە…
گۇلنار مۇئەللىم قەدىرداننىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن ئۇدۇللا ئۆيگە كېرىپ ئۇچاق بېشىدا ئولتۇرغان بۇسارىخان ئاچىمىزغا سالاممۇ قىلماستىن:
— ۋۇي، قەدىردانچۇ؟
دەپ بۇسارىخان ئاچىمىزنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇسارىخان ئاچا ھېچ نېمىنى ئاڭلىمىغان بولۇپ خىيالى ئۆز ئىشى بىلەن بەنت بولۇپ ئولتۇردى. بۇنى كۆرگەن گۇلنار مۇئەللىم يەنە:
— ۋۇي، سىزدىن سورىدىم قەدىردان قېنى؟
— ماڭا دەۋاتامسىز؟
— شۇنداق، ماۋۇ ئۆيدە سىزدىن بىلەك ئادەم بولمىغاندىن كىيىن كىمگە دەيمەن ئەمىسە سىزگە دېمەي؟
— قارىسام ئالدىنقى قېتىم كەلگەن مۇئەللىم ئىكەنسىز.
— ھە، مەن شۇ، نېمە بوپتۇ. تولا بىكار گەپنى قويۇپ ماڭا قەدىرداننى چاقىرىپ بېرىڭە.
— نېمە گەپ قىلمىسا شالدىرلاۋېرىدۇ ماۋۇ. قەدىردانغا بىرەر نەرسىلىرى ئۆتۈپ قالغانمۇ يا چوكان؟
— شۇ، مەكتەپ ئۇنى تېپىپ كېلىڭ دېگەن بولغاچقا كەلگەن
— مەكتەپ قەدىرداننى تېپىپ كېلىڭ دېسە قەدىرداننى تاپالمىغان ئاچچىقلىرىنى مەندىن ئېلىۋاتاملا چوكان. مۇئەللىمكەن دەپ ھۆرمىتىنى قىلسا نېمانداق بىلمەيدىغان بىر نېمە ماۋۇ.
— تولا بىلجىرلىماي قەدىرداننى تېپىپ بەرسىلە.
— ماڭە چىقە ئۆيدىن. قەدىردانغا ئۆتۈپ قالغان بېر نېمەڭ بارمىدى يا؟ نېمە ئەدەپ قائىدىنى ئۇقمايدىغان بىر نېمە بۇ؟ قەدىرداننى سەندەك بىلىمسىز پاسكىنىلار بۇزۇپ بولۇشتۇڭمۇ نېمە؟ مۇئەللىم دېگەننىڭ چىرايلىق ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن ئىش قىلغىنىنى كۆرگەنمەن. قەدىرداننى سەندەك بىر پاسكىنىلار ئوقۇتسا ئۇمۇ كەلگۈسىدە سەنلەرنىڭ ئىز باسارىڭ بولۇپ چىقىدۇ شۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزۈملا تەربىيەلىگىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ.
بۇسارىخان ئاچا شۇنداق دېگەچ گۈلنار مۇئەللىمنى ھويلىدىن قوغلاپ چىقاردى.
گۇلنار مۇئەللىم بۇ قېتىممۇ قۇرۇق قول قايتقاندىن كىيىن مەكتەپ پەرھات مۇئەللىمنى ئىشقا سالدى.
ھەر ھالدا پەرھات مۇئەللىمنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى ۋە كۆپ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى ئۈنۈم بەردى. قەدىردان ئاخىرى مەكتەپكە بارىدىغان بولدى. لېكىن ئۇ مەكتەپتە بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىق بىلەن ئوقارمۇ؟ يەنە سىنىپتا جانلىق پىكىر قىلارمۇ؟


19
ئادەم دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن. بىرەر نەرسىگە ياكى بىرەر ئىشقا قىزىقىپ قالسا ئۇ ئىش مەيلى قانچە قىيىن بولسۇن ياكى شۇ نەرسىگە ئېرىشىش قانچە تەس بولسۇن  ھامان ھاردىم تالدىم دېمەي شۇ نەرسىگە ئېرىشىشكە تىرىشىدىكەن. شۇڭىمۇ ھاياتلىقتا مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس تېما تالاي شائىرلارنىڭ بىر ئۆمۈر يازغان شىئىرلىرى، تالاي ناخشىچىلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئېيتقان ناخشىلىرى، تالاي يازغۇچىلارنىڭ توم توم كىتابلىرى بىلەنمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئېچىپ تۈگىمەس سىرلىرى بىلەن ياشلىرىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى ئوينىتىپ، مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بىزنىڭ ياشلىرىمىز يەنىلا مۇھەببەتتىن قول ئۈزمەيدۇ. ھەتتا داۋاملىق مۇھەببەت ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇھەببەتكە ئېرىشىشكە قىزىقىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم قىزىققان نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ. سىز ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ ئاشۇ نەرسىگە ئېرىشىش يولىدىن توختىتالمايسىز. قەدىردانمۇ ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ شۇنچە كۆپ جاپالارنى تارتسىمۇ قەتئىي ۋايساپ قالمىغان ئىدى. ئۇ مەكتەپ ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىدى. ئۆيىدىكىلەر ئۇنى ھەر قانچە قىلىپمۇ مەكتەپتىن مېھرىنى ئۈزدۈرەلمەيتتى.
ئەمما بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىدى. بۇ قېتىمقى مۇئەللىم بىلەن تاكاللىشىشتىن كىيىن (گۇلنار مۇئەللىم بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىش) قەدىرداننىڭ مەكتەپكە بولغان قىزغىنلىقى يۇقالدى. گەرچە پەرھات مۇئەللىم ئۇنى قايتا مەكتەپكە بېرىشقا قايىل قىلغان بولسىمۇ ئۇ مەكتەپكە بۇرۇنقىدەك قىزىقمايدىغان، دەرسلەرگىمۇ بىر خىل سۇسلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى. گۈلنار مۇئەللىممۇ بىر قېتىم قەدىرداننىڭ پارتلىغاندىكى ھالىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭمۇ سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قەدىردانغا ئانچە كۆپ كايىپمۇ كەتمىدى. دەرستە قەدىرداننىڭ پىكىر بايان قىلىشىنىمۇ ئانچە زورلاپ كەتمىدى. قىزىقىش بولمىغان ئوقۇشنىڭ نەقەدەر ئازاپلىقلىقىنى بۇنى باشتىن كەچۈرگەنلەر بىلىدۇ. قەدىردان ھازىر بۇرۇنقىدەك دەرستە ئاكتىپ ئەمەس، دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندىمۇ بولدى، ئۇ كۆرىۋاتقان كىتاپلىرىنى دەرھال يىغىشتۇرىدۇ-دە مۇئەللىمنىڭ سىنىپنى بىكارلاپ چىقىپ كىتىشىگە تەققەززا بولۇپ كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.
كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ھەش-پەش دېگۈچە 5-ئايمۇ كىرىپ قالدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى 7 كۈن قويۇپ بەردى. قەدىردان ئۈچۈن بۇ 7 كۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت بولدى. بۇرۇن ئۇ مەكتەپنى دەپ ئائىلە ئىشلىرىغا سەل قارىغان بولسا، ھازىر ئائىلە ئىشلىرىنى جان دىل بىلەن ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىسى پەخىردىنمۇ باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ ناھىيىلىك قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ناھىيىلىك خەنزۇچە مەكتەپكە كىرىپ كەتكەندىن بېرى ئۇنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى. بولۇپمۇ قەدىردان ئەزەلدىن ئۆگىنىپ باقمىغان ئىنگىلىز تىلى دەرسىنى پەخىردىن ئۆگىنىۋاتاتتى، دېمەك پەخىردىن بۇنىڭدىن كىيىن سېرىق چاچلىق چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان ئادەم بولاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن قەدىردان شۇنچە كىرىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ نىسىپ بولمىغان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى پەخىرىدىنگە نىسىپ بولغان ئىدى. قەدىردان بۇ پۇرسەتلەرگە ئۆزى ئېرىشەلمىسىمۇ ئىنىسىنىڭ بولسىمۇ ئېرىشكىنىدىن تۇلىمۇ خۇرسەن ئىدى. كۈنلەرنىڭ بېرىدە پەخىردىن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ چوڭ چوڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ كەتسە قەدىردان ئىنىسىنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ مەكتەپكە نىسبەتەن ھېچقانداق قىزىقىشى قالمىغان ئىدى. شۇڭا ھازىر قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەت تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ ئىنىسى پەخىردىننى ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىش ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭغا ئايان بولغاچقا بۇ نوقتىنى ئۇ بۇرۇنلا تۇنۇپ يەتتى. بۇ قېتىملىق 7 كۈنلۈك ئارام ئېلىشتا قەدىردان ئائىلە ئىشلىرىنى ئالاھىدە بېرىلىپ ئىشلىدى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىلگىرىكىدەك ھە دېسە كىتاب كۆرۈش ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىدى. ئىنىسى پەخىردىننىڭ تاپشۇرۇقلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ئۇنىڭ كۆپرەك ئۆگىنىشى ئۈچۈن قەدىردان تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەشكە باشلىدى. مانا ھەش پەش دېگۈچە 5 كۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. 6-كۈنى قەدىردان ئاكىسى مەرۇپ بىلەن بۇغدايلىققا قۇناق تىكىشكە باردى. مەرۇپ بۇغدايلىق ئارىسىدىكى بوش ئورۇننى كەتمەن بىلەن يۇمشىتىپ بەرگەندىن كىيىن قەدىردان ئۇرۇق سالدى. مەرۇپ بىر كەتمەن تۇپىنى ئالغاندىن كىيىن قەدىردىن ئۇرۇق سېلىپ ئاندىن مەرۇپ تۇپىنى ئەسلى ئورنىغا قويۇپ قوياتتى. بۇ دېھقانچىلىقتىكى بىر ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل ئىدى. بۇ ئىككى ئاكا ئۇكا ئىشقا بەك بىرىلىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر بىر ۋاقىتتا قەدىردان قولىنىڭ بېغىچىغا بىر نەرسىنىڭ تەككەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە ئۇنىڭ قولىنىڭ بېغىچىدىن قان ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. قەدىردان دەسلەپتە ئاغرىقنى سەزمىگەن بولسىمۇ لېكىن ئېتىلىپ چىققان قاننىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قولىنىڭ بىردىنلا قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئوغۇل بالىنىڭمۇ يىغلايدىغان ۋاقتى بولىدۇ دەپ بىكار ئېيتمىغان دانالار. قەدىردان ئاغرىققا چىدىماي يىغلاپ سالدى. ئۇنىڭ قولىدىغان ئېتىلىپ چىققان قاننى كۆرۈپ مەرۇپمۇ تەمتىرەپلا قالدى. بۇ ۋاقىتتا قەدىرداندىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەنمۇ قانداق، ئۇ ھۇشسىزلىنىشقا باشلىدى.
ئىشلار قانداق بولدى؟ قەدىردان بۇنى بىلمەيدۇ. پەقەت كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. قولىنى مىدىرلاتماقچى بولىۋىدى قولى بەك ئېغىر تۇيۇلۇپ كەتتى، بۇ ۋاقىتتا بۇسارىخان ۋە قەدىرداننىڭ كىچىك ئاچىسى ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىشىنى كۈتۈپ ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى. قەدىرداننىڭ قولىنى مىدىرلاتماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەن بۇسارىخان دەرھال ئۇنىڭ قولىنى مىدىرلىتىشىنى توسۇپ قويدى.
ـــ بالام قولۇڭنى مىدىرلاتما.
ـــ قولۇمغا نېمە بولدى؟
ـــ قولۇڭنى كەتمەن كېىۋېتىپتۇ. خېلى ئېغىر بولغاچقا دوختۇرلار قولۇڭنى تىكىپ قويدى. بىزنى بەكمۇ ئەنسىرىتىۋەتتىڭ بالام.
ـــ قولۇمنى كەتمەن كېسىۋېتىپتۇ؟
ـــ شۇنداق، بولدى بالام ئەنسىرىمە، دوختۇرلار قولۇڭنىڭ پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بەك ئەنسىرىدىم بالام.
ـــ مەن بۇنىڭدىن كىيىن يەنە ئىش قىلالامدىم؟
ـــ ۋاي بالام قىلالايسەن، سەن ئىش قىلىشتىن ئەنسىرىمە بالام. ھازىر سېنىڭ سالامەتلىكىڭ مۇھىم. ھېلىمۇ ۋاقتىدا ھوشىڭغا كەلدىڭ بولمىسا مەن نېمە بولۇپ كېتەتتىمكىن تاڭ.
ـــ مېنىڭ قولۇم يەنە بۇرۇنقىدەك ساق ھالەتكە كېلەمدۇ؟
ـــ كېلىدۇ بالام. دوختۇرلار ئېيتتى، سەن ياخشى ئارام ئېلىپ، داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بەرسەڭلا سىز يەنە مەكتەپكە بېرىپ داۋاملىق ئوقۇيالايسەن، گەرچە كەتمەن ئوڭ قولۇڭنى كېسىۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن سەن يەنىلا قەلەم تۇتۇپ خەت يازالايسەن. چوڭ چوڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالايسەن بالام،
ـــ مەن مەكتەپكە بارمايمەن. مەن خەت يازالايدىغان بولۇشنى ئارزۇ قىلمايمەن. پەقەت مەن ئىش قىلالىساملا بولدى. ئەگەر مەن خەت يازالمىسام مەكتەپكە بېرىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئۇ ۋاقىتتا خانىملارمۇ ئۆيگە كېلىپ مېنى مەكتەپكە بار دېيەلمەيدۇ.
ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭ بالام؟ سەن مەكتەپكە شۇنچە ئامراق ئىدىڭغۇ؟
ـــ مەن ھازىر ئۇنداق مەكتەپكە ئۆچ. مەن ياخشى ئىشلەپ ئىنىمنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بەرسەملا بولدى. مەن بۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپكە بارمايمەن.
ـــ بولدى بالام، بولدى، بۇ ئىشلارنى تالاشمايلى. ھازىر ئەڭ مۇھىمى سالامەتلىكىڭدە بالام. بۇنىڭدىن كىيىن قولۇڭنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرمە بالام.

قارىغاندا قەدىرداننىڭ مەكتەپتىن راستىنلا كۆڭلى بەك ئاغرىغاندەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ ئۆز ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ۋاي مەكتەپ دەپ مەكتەپكە بارسا، مۇئەللىم بولغۇچىمۇ ئۇنىڭ بۇنچە قۇربانلىق بېرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۈگۈل ئۇنى ھاقارەتلەپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئىززىتىنى قويماي ھە دېسە ئۇنى تىللاپ يۈرسە ھەر قانچە مەكتەپكە ئامراق بالا بولسىمۇ مەكتەپتىن يىرگىنىدۇ-دە.
ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن قەدىردان گەرچە قولىنى ھەرىكەتلەندۈرەلمىسىمۇ لېكىن سالامەتلىكى ئاساسەن تۇلۇق ئەسلىگە كېلىپ بولدى. بىراق مەكتەپتىن ھە دېسىلا مۇئەللىم ئىۋەتىپ ئۇنى ئارامىدا قويمىدى. پەرھات مۇئەللىممۇ بۇسارىخاننىڭ ئۆيىگە كۆپ قاتىراپ كەتتى. بۇسارىخانمۇ ئاخىرى قەدىرداننى مەكتەپكە بېرىشقا ئۈندەشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇ 7 يىل مەكتەپتە ئوقۇپ، 2 يىل قالغاندا مەكتەپكە بارمىسا «غۇلاچقا چىداپ غېرىچقا چىدىمىغان» لىق بولۇپ قالاتتى. قەدىردان بۇنىڭدىن كىيىن راستىنلا مەكتەپكە بارمىسا ئۇنىڭ 7 يىل ئوقۇغىنىمۇ بىكار بولاتتى. ئۇنىڭ قولىغا 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى تاماملىغانلىق گۇۋاھنامە بېرىلمەيتتى. ئەگەر بۇ گۇۋاھنامە بېرىلمىسە قەدىرداننىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىغا كۆپ تۇسالغۇلارنى ۋە ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. پەرھات مۇئەللىم بۇلارنى سۆزلەپ بۇسارىخانغا چۈشەندۈرگەندىن كىيىن بۇسارىخان ئاچاش قەدىرداننى مەكتەپكە بېرىشقا ئۈندەپ ئۇنى قايىل قىلدى.
قەدىردانمۇ مەكتەپكە كەلدى. ئەتىسى گۇلنار مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كونسىپ تۇلۇقلاپ كېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ كونسىپىنى تەكشۈرۈپ كەلدى. ئادەتتە يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات كونسىپىنى ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەر بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مۇئەللىملەر دەرس تەييارلىقنى قىلىپ بولۇپ، سىنىپ ھەيئەتلىرىگە ئۆزىنىڭ دەرس تەييارلىقىنى تاشلاپ بېرىپ ئۇلارنىڭ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونسىپلىرىنى تۇلۇقلىتىشىنى بۇيرۇيتتى. لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئۇنچە ئاڭلىق بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ كونسىپلىرىنى تۇلۇق يېزىپ مېڭىشى ناتايىن ئىدى. شۇڭا ئادەتتە مۇئەللىملەر قەرەللىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونسىپىنى تەكشۈرۈپ تۈراتتى. قەدىردان ئەزەلدىن كونسىپنى چالا قويمايتتى. ئۇ ئاساسەن كونسىپىنى تۇلۇق يېزىپ ماڭغاچقا ئادەتتە مۇئەللىم كونسىپ تەكشۈرەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قەدىرداننىڭ كونسىپ دەپتىرى تېپىلغۇسىز گۈھەر ھېساپلىناتتى. شۇڭا مۇئەللىملەر ئادەتتە قەدىرداننى كونسىپلىرىنى ئانچە تەكشۈرۈپ كەتمەيتتى. بۇ قېتىم قەدىرداننىڭ كونسىپى بەك ئارقىدا قالغان ئىدى. ئۇدا ئۇ گۇلنار مۇئەللىم بىلەن سەن-پەنلەشكەندىن بېرى گۇلنار مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى قەتئىي كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمايدىغان بولىۋالغان ئىدى ھەم شۇنىڭدىن بېرى كونسىپ يېزىپ باقمىغان ئىدى. دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ كونسىپ يېزىش خىيالىغا كىرىپ باقمىدى. بۈگۈن مۇئەللىم كونسىپ تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەدىردان خىيالىدا يوق باشقا كىتاپلارنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى (ئەمىلىيەتتە قەدىردان بۇنى قەستەن قىلغان ئىدى.) مۇئەللىم ئۇنىڭ كونسىپىنى چىقىرىشىنى، ئۆزىنىڭ كونسىپنى تەكشۈرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. قەدىردان يەنىلا ئېتىبارسىزلا كونسىپ دەپتىرىنى ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ ئولتۇردى. مۇئەللىم ئۇنىڭ كونسىپ دەپتىرىنى ئېچىپ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ قەدىرداندىن نېمە ئۈچۈن كونسىپ تۇلۇقلىمىغانلىقىنى سورىدى.
ـــ كونسىپنى يازماپسىزغۇ؟ (مۇئەللىم بۇ قېتىم ئۇنى بىراقلا «سىز»لەپ سۆزلەۋاتاتتى.)
ـــ يازالمىسام.
ـــ نېمىشقا يازالمايسىز؟
ـــ قەلەم تۇتالمىغاندىكىن يازالمايمەن-دە!
ـــ قولىڭىز نېمە بولدى؟ (گۇلنار مۇئەللىم تېخى قەدىرداننىڭ قولىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى)
بۇ قېتىم قەدىرداننىڭ پارتىدېشى جاۋاپ بەردى.
ـــ ئۇنىڭ قولىنى ياغاچ قىسىۋاپتىكەن. قولىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. ( قەدىرداننىڭ پارتىدېشى ئۇنىڭ قولىنى كەتمەن كېسىۋېتىپتىكەن دەپ سىنىپتا كۈلكە كۆتۈرۈشنى خالىماي ياغاچ قىسىۋاپتىكەن دەپ جاۋاپ بەردى. شۇنى ئىنىققۇ، ئادەمنىڭ قولىنى قانداقمۇ كەتمەن كېسىۋەتسۇن؟ يەنە كېلىپ قولنىڭ بېغىچىنى تېخى، شۇڭا بۇ گەپ سىنىپتا بولۇنغان ھامان ساۋاقداشلارنىڭ پاراققىدە كۈلكىگە كىرىشى ئىنىق. بۇنىڭ بىلەن سىنىپنىڭ ئىتىزامنى بۇزىلىدۇ)
ـــ قولڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
قەدىردان خوش ياقمىغان ھالدا قولىنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ مۇئەللىمگە كۆرسەتتى.
مۇئەللىم ئۇنىڭ قولىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ھېسداشلىقى كەلدى بولغاي، باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ:
ـــ ساۋاقداشلار ساۋاقدېشىڭلار قەدىرداننىڭ قولى زەخمىلىنىپتۇ، شۇڭا ئۇ كونسىپىنى يازالمايدۇ. سىلەر بوش ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ ساۋاقدېشىڭلارنىڭ كونسىپىنى تۇلۇقلىشىپ بېرىڭلار. ساۋاقدېشىڭلار ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالسا بولمايدۇ.
ساۋاقداشلار بەس بەستىن ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە قەدىرداننىڭ دەپتىرىنى ئالدىن كېلىشىپ كونسىپ تۇلۇقلاپ بېرىدىغان بولۇشتى.
قەدىرداننىڭ ئەدەبىيات كونسىپنىغۇ ساۋاقداشلىرى تۇلۇقلاپ بېرىدىغان بولدى. ماتىماتىكىنىچۇ؟ ماتىماتىكىدىن ھېساپ ئىشلەش، مەشىق ئىشلەشكە توغرا كەلسىمۇ ساۋاقداشلىرى ئىشلەپ بېرەرمۇ؟ بۇنىڭدىن كىيىن قەدىردان قانداق قىلار؟ (دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ بىمالال ھالدا قەلەم تۇتالايدىغان بولىشىغا ئاز كەم دېگەندە 1 ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ 1 ئاي قەدىردان باشقا دەرسلەرنى قانداق قىلار؟ ماتىماتىكىدىن مەشىق ئىشلىسە، فېزىكىدىن مەسىلىلەرنى ئىشلەشكە توغرا كەلسە قانداق قىلار؟) يەنە قانداق قىسمەتلەر قەدىرداننىڭ بېشىدىن ئەگىپ يۈرۈيدىغاندۇ؟


داۋامى بار…

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى