ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نېمە ئۈچۈن خىزمەت تاپالمايسىز؟ سىزدە يىتەرلىك ئىقتىدار بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن خىزمەت تاپالمايسىز؟ سىزدە يىتەرلىك ئىقتىدار بارمۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 7589 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

__ بىزنىڭ بۇ يەردە سېنى باشقىلار خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ ئىلتىپاتىغا باغلىق بولسا، ھەتتا سەن ھۆكىمەت خىزمىتى ئىشلەيدىغان ئادەم بولساڭمۇ، كىشىلەر سېنى مەدىكار دەپ ئاتايدۇ. مەنمۇ ئۆزۈمنى پالانى ئالىي مەكتەپتە مەدىكارلىق قىلىمەن دەپ تۇنۇشتۇرىمەن. ئويلاپ باق، سېنى مەدىكار دېمەي نېمە دەيدۇ؟ چۈنكى سېنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتتىن بوشىتىش، قانداق مائاش بېرىش، ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ قولىدا تۇرسا، ئۆزۈڭنى مەدىكار دېمەي نېمە دەيسەن؟

شۇڭا بىز بۇ يەردە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك ياراتقان ئەقىل ئىگىلىرىنى، ھەتتا ئۇ ئاياق مايلىغۇچى بولسىمۇ ھۆرمەتلەيمىز. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزى باشقۇرىدۇ. ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولىدۇ. بىزگە ئوخشاش بىزنى ياللىغۇچىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ….

___ ئابدۇلئەھەت ئابدۇرەشىد بەرقى «ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟»

بېيجىڭ: ئوغلۇم ياخشى ئوقۇمىساڭ ھۆكىمەتنىڭ قولىغا قالىسەن. شۇڭا چوقۇم ياخشى ئوقۇشۇڭ كېرەك.

شىنجاڭ: ئوغلۇم ياخشى ئوقۇمىساڭ ھۆكىمەتكە كىرەلمەيسەن. شۇڭا چوقۇم ياخشى ئوقۇشۇڭ كېرەك.

ھازىرقى دەۋردىكى ئالىي ھەممە كىشى مەمۇرىي بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆمۈر تاۋاقتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي ھە دېسىلا مەمۇرىي بولىمەن دەپ دۆلەتنىڭ بېسىمى ئاشۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانلاردىن لاياقەتلىك بولالماي، ئاخىرى كېلىپ دۆلەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمىدى دەپ دۆلەتتىن ئاغرىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشى ۋە رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئادەم تاپالماسلىقتەك ئەھۋالنى كۆرۈپ كەمىنە بۇ ھەقتە ئاز-تۇلا بىر نەرسە يېزىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

كەمىنە ئالاھىدە نۇپۇزغا ئىگە ئادەممۇ ئەمەس، بەلكى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەت سېپىگە قۇشۇلغان بىر كاندىدات جەمئىيەت ئەزاسى بولۇپ، كەمىنە پەقەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە كەڭ كارخانىچىلارنىڭ مەيدانىنى چىقىش قىلغان ھالدا قەلەم تەۋرەتكەن. مەزكۇر ماقالە پەقەت كەمىنىنىڭ ئادەتتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىدىن ھېس قىلغان قاراشلار خالاس، شۇڭا بۇ ھەقتە ئىنىق چۈشەنچىدە بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدىشى ۋە كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى ئىزدىشى ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرگىنىمگە ئۇزۇن بولدى، بۇ ھەقتە بۇرۇنلا بىرەر پارچە ماقالە يېزىش توغرىسىدا پىلان سوققان بولساممۇ لېكىن خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن قولۇمغا قەلەم ئالغۇدەك (كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرغىدەك) پۇرسەت بولمىغاچقا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى رەتلەپ چىقىپ بولالماي يۈرگەن ئىدىم. بۈگۈن «ئېقىن ژورنىلى» نىڭ 2010-يىللىق 2-سان (2010.10) غا بېسىلغان ئالدۇلئەھەت ئابدۇرەشىد بەرقىنىڭ «ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟» ناملىق ماقالىسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەكلا بۇ ماقالىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتىپتىمەن. ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئىكەن، بولۇپمۇ ئاپتۇرنىڭ خېنەندىكى بىر سەزگۈرەشتىسىدە يۈز بەرگەن خېنەنلىكلەر بىلەن بولغان قىسقىغىنە دىئالۇگىدا بولۇپ ئۆتكەن قىسقىغىنە بىر نەچچە قۇر سۆزى بىزنىڭ كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.

كەمىنە ئالدىنقى مەزگىللەردىمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تاپالماسلىق مەسىلىسى ھەققىدە «بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالمايدۇ؟» ناملىق ماقالەمدە ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تاپالماسلىقىدىكى سەۋەبنى قانداقتۇر بىر نەچچە بەتلىك ماقالىدە تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. ھەمدە ئۇ ماقالىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن خىزمەت جەريانىدا ۋە جەمئىيەت كۆزىتىش جەريانىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تاپالماسلىقىنىڭ يېڭى سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىققاندەك بولدۇم، شۇڭا بۇ قېتىم بۇ كونا تېمىدا يەنە بىر قېتىم قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇرى بولدۇم.

رايۇنىمىزدا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ نېمە ئۈچۈن خىزمەت تاپالماي، پەقەت ئۆيدە ئېتىپ بەرگەن لەغمەن قاچىسىنى بىكارلاشقىلا كار كېلىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى دەۋر «ئىقتىساس ئىگىلىرى» قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ؟

بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئالدىنقى قېتىمقى ماقالىمىز «بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالمايدۇ؟» دىمۇ بىر قىسىم سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىم ئۇ سەۋەبلەرنى قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايمىز. شۇڭا قىزىققۇچىلارنىڭ ئەسلى ماقالىنى قايتا كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇ قېتىم سۆزلىمەكچى بولغانلىرىمىز:

1. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزى مۇستەققىل ئىش كۆرۈش ئېڭى بەك تۆۋەن، جۈرئىتى كەمچىل. بىزنىڭ ھازىرقى ئالىي مەكتەپتۈ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز شۇنداق ئاڭلىقكى، ئۇلار پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە بويسۇنۇپ «ياخشى» خىزمەتچى بولۇشقا شۇنچىلىك تەشناكى، ئەمما ئۇلاردا ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە مۇستەققىل ئىش كۆرۈش ئېڭى تۆۋەن، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش توغرىسىدا ئازراقمۇ باش قاتۇرمايدۇ، ئۇلاردا باشقىلارغا يۆنىلىۋېلىش (تايىنىۋېلىش) پىسخىكىسى ناھايىتى ئېغىر.

ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ باقايلى

1-1

يۇقىرىدىكى رەسىم بولسا بىر ئاددىي رەسىم، رەسىمدە بېرىلگىنى A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىشنىڭ ئاددىي سىخىمىسىدىن ئىبارەت. بۇ سېخىمىدا A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىشنىڭ 3 خىل ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بېرىلگەن. ئەلۋەتتە، A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىشنىڭ يۇقىرىدىكى رەسىمدە بېرىلگەندىن باشقا يەنە كۆپ خىل ئۇسۇلى بار. لېكىن بۇ يەردە بىز پەقەت مۇشۇ ئەڭ ئاددىي 3 خىل مېڭىش ئۇسۇلىنى تەھلىل قىلىمىز.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەگەر مەن بۇ يەردە A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىشتا ئەڭ ئاددى ئۇسۇل قايسى؟ دەپ سورىسام كۆپچىلىك ئەلۋەتتە A نوقتىدىن C نوقتىغا بىۋاستە بېرىش ئۇسۇلىنى تاللىشى ئىنىق. خوش، ئۇنداقتا بىز ھازىرقى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەتتە دەل يۇقىرىدىكى رەسىمدە سموۋول قىلىنغاندەك، ئۇلارنى بىز A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىڭ دېسەك ئۇلار بارالامدۇ؟ (ئېسىڭىزدە بولسۇن، خىزمەتتە A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىش يولى بۇنداق ئىنىق ئىپادىلەنمەيدۇ.) مېنىڭ كۆزىتىشىمگە قارىغاندا ئۇلار بارالمايدۇ، ئەلۋەتتە، ئاز بىر قىسىم ھەقىقىي ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ توغرا بارالايدىغانلىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.

1

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بارالمايدۇ؟ شۇنچە ئاددى يول تۇرسا ئۇلار نېمە سەۋەبتىن بارالمايدۇ؟ مانا بۇ بىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا ساقلانغان ئەڭ ئېغىر مەسىلە. ئۇلار يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىشتا ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسىدىن پايدىلانسا بولىۋەرسىمۇ لېكىن ئۇلار بۇ 3 خىل ئۇسۇلنىڭ بىرەرسىنى بولسىمۇ سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر سىز بىر باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىش ئۈچۈن مۇنداق ماڭىسەن دەپ سىز مېڭىش يۆنىلىشىنى سىزىپ بەرسىڭىز ئۇلار قىلچە خاتاسىز ماڭالايدۇ، ھەتتا سىز A نوقتىدىن C نوقتىغا بىۋاستە بېرىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرمەي، سەن ئاۋال A نوقتىدىن B نوقتىغا بېرىپ ئاندىن B نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىڭ دېسىڭىز ئۇلار، ئۇلار سىزدىن نېمە ئۈچۈن A نوقتىدىن C نوقتىغا بىۋاستە بارمايمىز؟ دەپ سورىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە بويسۇنۇشنى ئەڭ ئاقىلانىلىك دەپ قارايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ خاپا بولىشىڭىزنى خالىمايدۇ. ئەلۋەتتە A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىش ئۈچۈن ئاۋال A دىن D غا بېرىپ بولۇپ ئاندىن D دىن C غا بارساقمۇ بولىدۇ. لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا مۇشۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ بىرەرسىنى بولسىمۇ ئۆزلىكىدىن سىناپ بېقىش جۈرئىتى يوق. سىز سىزىقنى قنداق سىزىپ بەرسىڭىز شۇنداق ماڭىدۇ، ھەتتا سىز سىزىق سىزىپ بەرگەن ئۇسۇلدا قەتئىي خاتالاشمايدۇ. سىز ئۇلارغا «ئەمىسە ۋەزىپە مۇشۇ A نوقتىدىن C نوقتىغا بېرىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال A دىن B غا (ياكى D غا) بارىسەن، ئاندىن C غا بارىسەن ۋە ياكى A دىن بىۋاستە C غا بارىسەن.» دېسىڭىز ئۇلار قىلچە خاتاسىز يىتىپ بارىدۇ. چۈنكى سىز ئۇلارغا قانداق قىلىشنى ئىنىق كۆرسىتىپ بەردىڭىز. ئەگەر سىز ئۇلارغا «ئەمىسە ۋەزىپە مۇشۇ A نوقتىدىن C غا بېرىش.» دەپلا ئىنىق نىشاننى (قانداق مېڭىش ئۇسۇلىنى) ئەسكەرتىپ بەرمىسىڭىز، ئۇلار ئۆزلىكىدىن بۇ 3 خىل ئۇسۇلنى سىناپ باقمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇلار پەقەت سىزنىڭ يولنى ئىنىق سىزىپ بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ خالاس. مانا بۇ ھازىرقى دەۋردىكى ئىش ئىزدەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا كۆرۈلىدىغان بىر ئېغىر ئەھۋال. بەلكىم بەزىلەر: «سەن بەك ئاشۇرىۋېتىپسەن، بۇنچىلىك ئىشنى كىم قىلالمايدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن، ئەمما بىرەر شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغانلار بۇنى چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ.

2. ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەر پەقەت بىر تۈركۈم مىخانىك ئادەم توپى تەربىيىلەۋاتىدۇ خالاس. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەسىلە ئەمىلىيەتتە شۇنچە ئاددى بولسىمۇ، ھەتتا بىز ئەمىلىيەت جەريانىدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارىساقمۇ، ئەمما ئەمىلىيەت ھېچقاچان بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارىغان نۇرغۇن ئىشلار يەنىلا كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. خۇددى يۇقىرىدا بىز A نوقتىدىن C غا بېرىش ھەققىدە توختالغاندا، پەقەت بىز ئىنىق مېڭىش يولىنى سىزىپ بەرسەك بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز خاتاسىز بۇ يولدىن ماڭالايدۇ. ئەمما بىز ئۇلارغا پەقەت ئىككى نوقتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، قانداق مېڭىشنى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قويساق كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار توغرا ماڭالمايلا قالماي بەلكى بىر قەدەم ئېلىشتىنمۇ ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى ئۇلار دەل ھازىرقى دەۋردىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر تەربىيىلەۋاتقان مىخانىك ئادەملەر توپىدىن ئىبارەت. مىخانىك ئادەم پەقەت بىز ئۇلارغا چوڭ مىڭىسىگە بۇيرۇق بەرسەك ئاندىن ئۇنى ئىجرا قىلالايدۇ ئەمما ئۇلار ھەرقانداق ئەقىللىق بولسىمۇ، بىز ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىگە بۇيرۇق بەرمىسەك ئۇلار يەنىلا بىر دۆۋە كېرەكسىز نەرسە بولۇپ تۇرىدۇ خالاس. شۇڭا بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىز تەربىيە خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ بىر تۈركۈم مىخانىك ئادەم توپى شەكىللەندۈرمەسلىكى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن بىر مىخانىك ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ھازىرقى دەۋر قانداقتۇر مىخانىك ئادەملەر دەۋرى ئەمەس، بەلكى يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يۇقىرى، مۇستەققىل ئىش بېجىرەلەيدىغان، ساپاسى يۇقىرى بىر تۈركۈم ئىقتىساسلىقلار دەۋرى. ھازىرقى دەۋردە پەقەت سىزدە يىتەرلىك ساپا، ئىقتىدار بولىدىكەن سىز خىزمەت تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز.

3. بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىقتىساد ئېڭى ئالاھىدە ئۆسۈپ كەتكەن. ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھە دېسىلا ئۆزىنىڭ ناھايىتى تىزلىك بىلەن ئىقتىسادى كىرىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ياخشى قەدىرلىمەيدۇ. ھە دېسىلا ئىشتىن سىرتقى كىرىم قىلىشنىلا ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە سەل قارايدۇ.

بىزنىڭ شىركەتتە بىر قانچە نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پراكتىكا قىلىدۇ. كەمىنىمۇ تېخى ئالىي مەكتەپ قوينىدىن ئەمدىلا ئاجراپ چىققان، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن ئەمدىلا ھالقىپ كەڭ، مۇرەككەپ جەمئىيەت قوينىغا قەدەم باسقان ئادەم. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ شىركەتتە ھازىر بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ پراكتىكا قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆز ياتاقداشلىرى ئالدىدا بىر «ئەخمەق» ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئۇلارنى ياتاقداشلىرى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سېلىپ دېسۇن ياكى دېمىسۇن، ھازىرقىدەك «بىكارغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقامايدىغان» دەۋردە «بىكار قالسا ياتىقىدا ئارامىدا ئۇخلىماي، بىكار ئىشلەپ» پىراكتىكا قىلىۋاتقانلارنى «ئەخمەق» قاتارىغا چىقىرىپ بولىدۇ. ئەمما بىز ئۇلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ بىر ياتاقتا زادى كىمنىڭ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ئالدىرىماي ھېس قىلىۋالالايمىز.

مەن تۇنۇيدىغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بار. ئۇلار تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىدى. بەزىلىرى كېلەر يىلى 6-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ. بەزىلىرى يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ. ئۇلار مېنىڭ بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن مەندىن «شىركەت دېگەندە زادى نېمە ئىش قىلىدىكەن؟ قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىدىكەن؟» دېگەندەك سۇئاللارنى سوراپ ئۈلگۈردى. ئۇلار كېلەر يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپمۇ بىر شىركەتتە خىزمەت قىلغۇچىلار ئادەتتە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەلۋەتتە بىلمەيدۇ-دە. چۈنكى ئۇلار ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا بىرەر شىركەتكە بېرىپ «بىكارغا ئىشلەپ ئەخمەق» بولۇپ باقمىغاندە؟ ئىشىنىمەنكى بىر يىلدىن كىيىن مەكتەپ پۈتتۈرگەندە «شىركەت دېگەندە زادى نېمە ئىش قىلىدىكەن؟ قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىدىكەن؟» دەپ سورىغۇچىلارغا قارىغاندا «ھازىر مەكتەپتىكى بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئارامخۇدا ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ مەرىدىن كېچىپ، بىكارغا ئىشلەپ ئەخمەق» بولىۋاتقانلارنىڭ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ ھەمدە خىزمەت تاپقاندىن كىيىنمۇ ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن باشقىلارنى رازى قىلغۇدەك دەرىجىدە چىقىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تىزلىكتە ئاشۇرالايدۇ. ئەمما «مۈشۈكمۇ بىكارغا ئاپتاپقا چىقمايدۇ» دەپ مەكتەپتىكى بىكار ۋاقتىدا تور ئۇيۇنى ئويناپ، ئۇخلاپ، بىرەر شىركەتتە زادى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرگەنلەر بولسا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن كىمنىڭ ھەقىقىي ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەلەيدۇ.

بىزدە «كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن.» دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا مەكتەپتە بىكار ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ «ئەخمەق» بولۇپ قويغىنىڭىزنىڭ زىينى يوق، چۈنكى سىز مەكتەپتىكى بوش ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ «ئەخمەق» بولغاندا بىر شىركەتنىڭ ئىچكى خىزمەت كۈنتەرتىپى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقالايسىز، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت تەجرىبىسىنى توپلىيالايسىز. سىز بۇ جەرياندا ھەق ئالمىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمىلىيەتتە سىز ئالماقچى بولغان ھەقنى ئۆزىنىڭىزنىڭ «ئوقۇش پۇلى» غا تۆلىۋەتكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى سىز «بىكارغا ئەخمەق» بولۇش داۋامىدا ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىپ، مەكتەپتە ئۆگىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالىسز ئەمەسمۇ. ئەجىبا سىز مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىسىزيۇ بۇنداق مۇھىم بىلىملەرنى ئۆگەتكۈچى شىركەتكە «ئوقۇش پۇلى» تاپشۇرمامسىز؟ سىز شىركەتكە بىكارغا ئىشلىگەندەك قىلغان بىلەن ئەمىلىيەتتە شىركەت سىزنىڭ «ئوقۇش پۇلى»ڭىزنى تۆلىگۈچى ساخاۋەتچى ھېساپلىنىدۇ.

ئىسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادى كىرىم قىلىدىغان ۋاقتىڭىز مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن بولىدۇ. چۈنكى مەكتەپتە سىزگە كېرەكلىك ئىقتىسادنى ئائىلىڭىزدىكىلەر تەمىنلەپ بېرىدۇ. شۇڭا سىز ئارتۇقچە كىرىم قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرماي، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىڭ. دەرستىن سىرتقى بوش ۋاقتىڭىز يار بەرسە ئانچە مۇنچە «ئەخمەق» بولۇپ قويۇڭ، بىرەر شىركەتكە بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلىي ئىقتىدارىڭىزنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. ھە دېسىلا مەمۇرىي بولىمەن دەپ دۆلەتنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭ. شىركەتلەردە ئىشلەشكە سەل قارىماڭ. بولمىسا ئاۋۇ خېنەنلىكنىڭ سۆزى بويىچە «مەدىكار» بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى