ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دىن تەسىرات

«كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دىن تەسىرات

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 8053 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇزۇندىن بېرى ھەر قايسى تور بىكەتلەردە ئىزچىل مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلگەن ئەسەر «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» نى بۈگۈن ئاخىرى ئوقۇپ تۈگەتتىم.

مەزكۇر ئەسەر تور ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارىتىپ كەڭ تور ئەدەبىياتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن يازغۇچىمىز ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى تور ساھەسىنى زىل زىلىگە سالغان غايەت زور ھەجىملىك ئەسەر «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دىن كىيىن، يەنە شۇ ئاپتۇر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن يەنە بىر غايەت زور ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.  مەزكۇر ئەسەر ئۇزۇندىن بېرى ھەر قايسى تور بىكەتلەردە مۇھىم مۇنازىرە تېمىسى ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىپ كەلگەن ئەسەر بولۇپ، بەزى تور بىكەتلەردە مەزكۇر ئەسەر ھەققىدە بەس-بەس مۇنازىرە قىزىپ كەتسە، بەزى تور بىكەتلەردە مەزكۇر ئەسەرگە بولغان ماختاشلار ئالاھىدە ئاۋۇپ كەتتى، يەنە بەزى تور بىكەتلەردە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتى ئىشلىنىپ تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ بەلگىلىك تەسىر دائىرىسىنى ھاسىل قىلدى.

كەمىنە ئىزچىل بۇ ئەسەر ھەققىدىكى تېمىلارغا دىققەت قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈم ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ئەسەرنى بىر قېتىم تۇلۇق ئوقۇپ چىقىشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى. بۇ قېتىم بىلىك تورىدا ئوتتۇرىغا چىققان «ئەنۋەر ھاجى بىلەن سۆھبەت» ناملىق تېما يوللانغاندىن كىيىن، مەن بۇ سۆھبەتنىڭ يەنە بىلىپ بىلمەي ئاخىرى مەزكۇر ئەسەرگە باغلىنىپ قالدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بىر ئامال قىلىپ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ تاماملاشنى نىيەت قىلىپ( ئەگەر مەن مەزكۇر ئەسەرنى تۇلۇق ئوقۇمىسام بەلكىم سۆھبەت تېمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تازا چۈشىنەلمەسلىكىم مۇمكىن.) ۋاقىت بولسىلا (ئاممىۋى ماشىنىدا، لىفىتتا، ئۇخلاش ئالدىدا، بىكەت كۈتكەندە دېگەندەك) مەزكۇر ئەسەرنى ئوقۇپ يۈرۈپ ئاخىرى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ئەسەرنى تۇلۇق ئوقۇپ تاماملىدىم.

مەن بىلىك تورىدا «ئەنۋەر ھاجى بىلەن سۆھبەت» ناملىق تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئەنۋەر ھاجىنىڭمۇ بۇ تېمىغا ئىزچىل كۈچ سەرپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۇئاللارغا ناھايىتى تەپسىلىي جاۋاپ بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ھەم مەنمۇ ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قولىقىنى كەس (چاقچاق) دېگەن ئەقىدە بويىچە ئۆزۈم بىر سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم. يەنى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم بەلكىم تەبئىيلا ھېس قىلىشى مۇمكىن، ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى بەك يۇقىرى، بولۇپمۇ تۇرمۇشتىكى جىنسىيەت جەھەتتىكى رىئاللىققا ناھايىتى يېقىن بولغان تەسۋىرلەر بىر ئاز كۆپتەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. مەن سۇئالىمدا ھاجىمنىڭ «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» دىن باشلاپ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلىرىنى توردا ئېلان قىلغاندىن كىيىن ھاجىمنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ چوقۇم بۇ ئەسەرلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھاجىمنىڭ مۇشۇنداق (باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەنۋەر ھاجى ھەمىشە جىنسىيەتنى يازىدۇ دېگەن ئاڭنىڭ يىتىلىشىگە سەۋەپچى بولغان ئەسەرلەر) نى يېزىشتا ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراش ئەھۋالى (يەنى ھاجىم مۇشۇنداق ئەسەر يازسا ئائىلە كىشىلىرى ھاجىمغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا ) بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۇئال سورىغان ئىدىم. ھاجىم ناھايىتى سالماقلىق بىلەن:

مەن تېخى ئائىلە كىشىلىرىم خېجىل بولۇپ ئوقۇيالمىغىدەك ئەسەر يازمىدىم دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. بەلكىم شۇنداقتۇ، لېكىن ئەسەرنى ئوقۇپ مەن ئۆزۈمچە بەزى بىر تەسۋىرلەرنى سەل ئۇچۇق دەپ ئويلاپ قالغاندىمەن (بۇ مېنىڭ گۈدەكلىكىمنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك).

ئىلگىرى داڭلىق مۇنبىرىدە گۈلەن ئىسىملىك ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟» ناملىق مۇنازىرە قاتتىق تەسىر قوزغىغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى قارىسام گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشقا يوللىغان «توردىكى جىنسىيەت ۋە ئەدەبىيات» ناملىق ماقالىسىنىڭ تېمىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. لېكىن تېمىنى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ.

مەن ئەينى ۋاقىتتا «ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟» دېگەن مۇنازىرىدە مەن تېخى «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» نى ئوقۇمىغان ھەم پەقەت «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» نى ئوقۇغاندىن كىيىنكى تەسىراتىم بويىچىلا مۇنازىرىگە چۈشۈپ «ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازمايدۇ بەلكى رىئاللىقنى يازىدۇ.» دېگەن قاراشتا پىكىر بايان قىلغان. لېكىن بۇ قېتىم «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» نى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كىيىن مەزكۇر ئەسەرنىڭ جنسىيەت ھەققىدە يېزىلغان جايلىرى نىسبەتەن سەل ئۇچۇق يېزىلغان بىراق ئەسەرنىڭ ئاشۇ جىنسىيەت جەھەتتىكى تەسۋىرلىرىگە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئەسەرنى ئوقۇۋاتقان كىشىنى ئۆز ئىتىقادى، ئىمانى بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن شۇنداق تەسىراتقا كەلدىمكى، مەزكۇر ئەسەرگە تېما تازا مۇۋاپىق قويۇلمىغان دەپ قارايمەن. ئەگەر مەزكۇر ئەسەرگە «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دەپ ماۋزۇ قويۇلمىغان بولسا بەلكىم ھېلىقىدەك «ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟» دېگەن تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولاتتى. مېنىڭچە ئەسەرگە «ھاياتلىق دوقمۇشلىرىدا» دېگەندەك تېما قۇيۇلغان بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولاتتى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى پۈتكۈل ئەسەر باشتىن ئاخىرى پىرسۇناژلارنىڭ ھايات سەپىرىدىكى ھاياتلىق دوقمۇشلىرىدا تېڭىرقاپ، ئۆز ۋىجدانى، ئىتىقادى، ئىمانى بىلەن جەڭ قىلىشتەك ۋەقەلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەن شۇنىڭغا ھەيران، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى «جىنسىيەتنى يازىدۇ.» دېگۈچىلەر نېمە سەۋەپتىن ھە دېسىلا ئەسەرنى جىنسىيەتكە تاقاپ پىكىر بايان قىلىدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆزىگە پۈتۈن ئەسەردە جىنسىيەتتىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەمدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئەسەردىكى ئاشۇ رىئاللىقتا (مەن شۇنداق قارايمەن) يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولغان ئىشلار جىنسىيەتتىكىدەكلا تەسىر قىلىدىغاندۇ؟ گەرچە مەن تېخى توي قىلىپ تۇرمۇشلۇق بولمىغان بولساممۇ لېكىن مەن ئەسەردىكى بەزىبىر تەسۋىرلەرنى يەنىلا رىئاللىقنىڭ سىموۋۇلى دەپ قارايمەن. چۈنكى ھەممىمىزگە ئايان بولسا كېرەك، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئىزچىل ئىچكىرىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كۈندە ئۇچرىشىدىغىنى شۇ ئىچكىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، شۇڭا ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئەينەن تەسۋىرلەنگەن. ئەگەر ئىچكىرىگە كىرىپ ئىچكىرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ باققانلار ئۈچۈن ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى نورمال، تەبئىي ئەسەردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. چۈنكى ئىچكىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى دەل ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغاندەك بولىدۇ. ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرى ئەمىلىيەتتە ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر كۆرۈنۈشى خالاس.

مەسىلەن «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» نى مىسالغا ئالساق («زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» نىڭ تەسۋىرلىرى تازا ئېسىمدە قالماپتۇ.) ئەسەردە ھاشىم دوغىلاقنىڭ ساتىراشخانىغا كىرىپ سېرىق چاچلىق سەتەڭنىڭ ئەۋرەز كۆلچىكىگە شۇڭغۇپ كېتىشى؛ يەنە لاۋبەت سەتەڭنىڭ ئىتى يۇقاپ كەتكەندەن كىيىن ئىت بولۇپ ئىتنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشى، ھەتتا تىلىنى ھېلىقى جايغا تىقىپ لاۋبەت سەتەڭنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىپ ئۇنىڭ رازىمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى؛ ئۆمەرنىڭ ئاۋال تورغا چىقىپ سېرىق رەسىم كۆرۈشى، ئاندىن تەرەققىي قىلىپ پاھىشىخانىغا كىرىپ ئاخىرى تۈرمىگە كىرىپ قېلىشى؛ ياسىن بىلەن رەيھاننىڭ تۇرمۇشتىكى ئەر-خوتۇنلۇق پاراڭلىرى؛ ياسىن بىلەن رەيھاننىڭ ئۆز-ئۆزىگە قىلغان سۆزلىرىدىكى جاۋاپسىز قالغان نۇرغۇن سۇئاللار؛ ساۋۇتنىڭ بەش ۋاق نامازنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئۆتەپ، ھەممە غەمدە قالسا شۇنچە غەمسىز يۈرۈشى بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك تەبئىي يۈز بەرگەنكى بەئەينى رىئاللىقنىڭ بىر كارتىنىسى. مەنمۇ ئىچكىرىدە 8 يىل ياشلىق باھارىمنى ئۆتكۈزدۈم، گەرچە مەن بۇنداق ئىشلارنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزمىگەن بولساممۇ (ئاللاھ ساقلىسۇن) لېكىن بەزىبىر ئابرويپەرەسلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدىن شۇنى ھېس قىلغام ھەم شۇنىڭغا ئىشەنگەن، يۇقىرى ياسىن، ساۋۇت، ئۆمەت، ھاشىم دوغىلاقنىڭ قىلمىشلىرى رىئاللىقتىن يىراق ئەمەس. شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ ھاجىمنى ھە دېسىلا جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ بۇنچە باش قاتۇرۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇۋاتقانلار بولسا، ھاجىمنىڭ ئىشلەتكەن ھەربىر سۆز-جۈملىلىرىدىن ئۆزىنىڭ نسىۋىنى ئالالايدۇ ھەم تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ دەپ قارايمەن.

شۇنداق ئەنۋەر ھاجى بىزنىڭ باشقا يازغۇچىلىرىمىز قەلەم تەۋرىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بۇ ئۇسلۇبتا ئەسەر يېزىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساقلانغان چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدە رىئاللىقتىكى دىنغا ئائىت ئىشلار شۇنچىلىك تەبئىي چىققانكى سىز ئۇنىڭ ئوبدان دىققەت قىلمىسىڭىز بايقىيالمايسىز.

ئەڭ ئاددىيسى، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دا غېنى شاڭجاڭنىڭ مەيلى ياسىنغا بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئايالى رەيھانغا قىلغان سۆزلىرى بولسۇن، دىققەت قىلىپ ئوقۇغان ئادەمگە ناھايىتى مۇھىم تۇرمۇش مىزانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. غېنى شاڭجاڭ گەرچە شەھۋەتپەرەسلىككە ئىنتىلسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئىمانى يەنىلا ئۇنى غۇرۇرلۇق ياشاشقا ئۈندىگەن. دېمەك ئادەمدە ئىمان بولسا يامان ئىش قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسەن بىزگە ئىمانلىق ياشاش ھەققىدە بىشارەت بەرگەن. يەنە بىرى ھاجىم ئەسەرلىرىدە پىرسۇناژلار خاراكتىرىگە سىڭدۈرىۋەتكەن، نۇرغۇن سۇئاللار بار. گەرچە بۇ سۇئاللارغا ئىنىق جاۋاب بېرىلمىگەن بولسىمۇ لېكىن بىز سۇئالغا قاراپ ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاسانلا بىلەلەيمىز. بۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ھاياتلىق يولىدا ئىمانلىق ياشاش ھەققىدە بىزگە يول باشلايدۇ. ھاجىمنىڭ ئەسەردە جاۋابسىز قالدۇرغان ھەر بىر سۇئاللىرى ئەمىلىيەتتە بىزگە قويۇلغان سۇئاللار. بىز كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلانساق ھاجىمنى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنىڭ تىگىگە يىتەلەيمىز.

تۆۋەندە مەزكۇر ئەسەردىكى بەزىبىر سۇئال خاراكتىردە بېرىلگەن تەسۋىرلەردىن ئۈزۈندە بېرىلدى:

1. بىز بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدۇق؟ قانداق تونۇشۇپ قالدۇق؟ قانداق بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق؟ ئويلىساڭ بىر تۇرۇپ ئەجەبلىنىسەن، خەق بىزنى ئەسكىلىكىدىن يۇرتىغا پاتماي چىقىپ كەتكەنلەر دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنداق ئەمەس. بىز يۇرتقا ئەمەس، ئىچىمىزگە پاتماي چىققانلار. توغرا، بىز ئىچىمىزگە سىغمىدۇق. نى نى ئارمانلىرىمىز، پىلانلىرىمىز ئىشقا ئاشمىدى.

2. نېمىشقا دەمسەن؟ بىز ھازىر ھەممە ئىشتا مۇشۇلارغا تايىنىۋاتىمىز. بۇ يەر مۇشۇلارنىڭ، فاڭدۇڭنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، دۇكىنىنى ئېچىپ پۇل تېپىۋاتىمىز؛ يەۋاتقىنىمىز، ئىچىۋاتقىنىمىز، كىيىۋاتقىنىمىزمۇ مۇشۇلارنىڭ… بىز مۇشۇ خەققە تايىنىپ پۇل تېپىۋاتىمىز، شۇنداققۇ؟… تىلىمىز خەنزۇچىغا كېتىپ بارىدۇ. ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەيمىز، ئەمما مۇشۇلاردەك ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىۋاتىمىز، مۇشۇلارنىڭ تاماكىسىنى چېكىۋاتىمىز. قېنى دەپ باقە، قايسى بىر نەرسەڭ بۇلارنىڭ ئەمەس؟

3. بىز كىم؟ بىز نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ بۇلاردىن پەرقىمىز نېمە؟

4. ياسىن نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ خوتۇنىدىن قورقۇپلا شۇنداق قىلامدۇ؟ ئائىلىدە راۋرۇس ئەر، ئاشخانىدا خوجايىن تۇرۇپ، خوتۇنىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان لامزەللە ئەر بولۇپ قالامدۇ؟ غېنى شاڭجاڭنىڭ، ھەتتا گۈلشەننىڭ ئالدىدىمۇ يۈزى تۆكۈلسە بولامدۇ؟

5. ياسىن گۈلشەننىڭ گېپىدىن ئويلىنىپ قالدى، دېمسىمۇ توغرا، ئىككى تۆت تال ئۇيغۇر بىر-بىرىگە كۆيۈنمىسە، كىم كۆيۈنىدۇ؟ تالاغا چىقسا خەقلەر ئوغرىدەك قارىسا، ئۆز ئىچىدە بولسا بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىپ، خۇدۇكسىرەپ يۈرسە، جاھاندا بۇنداقمۇ بىچارىلىك، ھاماقەتلىك بولامدۇ؟

6. ئۇزاقتىن بۇيان قىيناپ كەلگەن پەس ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئاجايىپ بىر پۇرسەتتە قېنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەندە ئادەمزاتى مۇشۇنداق پەسلىشىپ، رەزىللىشىپ كېتەمدىغاندۇ؟ بۇ دېگەن ئىنسان تەبىئىتى دەپ ئۇنى ئاقلايدىغانلار ھايۋان بىلەن ئىنساننىڭ پەرقى نېمە دېگەن سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىدىغاندۇ؟

7. ھاشىم تېخىچە ئېسىگە كېلەلمەيۋاتاتتى، ئەمما پۇل بەرمەي ئوينا دەۋاتسا، نېمىگە ئىككىلىنىپ تۇرىدۇ؟ ئەمما سەتەڭ ئۇ خالىمىغان ئىشقا زورلىسىچۇ؟ پۇتۇمغا سۆي دېسىچۇ؟ يەنە باشقا يېرىگە بېشىنى ئاپىرىشقا مەجبۇرلىسىچۇ؟

8. خوتۇنى تېلېفوننى ئېتىۋەتكەندىن باشلاپ ئۇ ئىختىيارسىز جىددىيىلىشىشكە باشلىدى، خاتىرجەملىكى بۇزۇلدى، ئەركىنلىكى خىرسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ خوتۇنىنى قانداق ئالداپ، قانداق يۇۋاشلىتىپ ، قانداق ئەل قىلىش كېرەك؟ ئەگەر ئۇ پەيلىنى بۇزسا بۇنى قانداق بېسىقتۇرۇش كېرەك؟ ئەگەر راستىنلا جېدەللىشىپ، ئۆي بۇزۇلغىدەك بولسا ئۇنىڭ بىلەن قانداق كېلىشىم تۈزۈش كېرەك؟ ”غەنىمەت“نى قانداق ئايرىش كېرەك؟ شۇنداقمۇ بولارمۇ؟…

9. ئەمدى ئۇلار قېنى؟ بىللە ياشىغان يىل، ئاي، كۈنلەرنىڭ، بىر-بىرىگە قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشلەرنىڭ ھېسابى قېنى؟ دۇنيادا پەقەت قان قەرزىلا ئۇنتۇلماي، ھېسسىيات قەرزى ئۇنتۇلۇپ كېتەمدۇ؟

10. بالا بېقىشنىڭ جاپاسىنى ئۆزەم بىلگەن تۇرۇقلۇق ئانامنىڭ قەدرىنى قىلالمىدىم، بالام بىلەن بولۇپ كېتىپ ئانامنى ئۇنتۇپ قالدىم، توي قىلغاندىن بېرى ئانامغا نېمە قىلىپ بەرگىنىمنى ئۇقمايمەن، ئېرىم، بالام دەپلا ئۆتۈپتىمەن. ئاكام كەل دېمىگەن بولسا ئېرىمنىڭ قوينىدىن چىقماي يۈرەر بولغىيمدىم؟ ئانام شۇنداق ياتسا نېمە ئويلاپ يۈرگەن بولغىيدىم؟ ئانامنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈكى قالغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، يېنىدا ئۇزاقراق ھەمراھ بولۇشنىڭ ئورنىغا، ساراڭدەك گەپ قىلىپ يۈرگىنىم نېمىسى…مېنى ئالدىغان بىر ئەرنى سېغىنىپ، ئەسلەپ يۈرگىنىم نېمىسى؟

11. ئۈچ تۆت يىللىق ئىناق ئائىلە، كۇلىدىكى مىڭبىر بوران-چاپقۇندىن ئامان كەلگەن قوۋناق ئائىلە شۇنداق ئاسان توزۇپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ شۇنچە ئۇز خوتۇنى خەقنىڭ خوتۇنىغا ئايلىنىپ، بالىسى خەقنىڭ ئالدىدا تېنەپ، ساغىرىپ يۈرۈشى كېرەكمۇ؟

12. سېنىڭچە مەن شۇنداق قىلارمەنمۇ؟ مەن بىر ئاخشاممۇ يالغۇز ياتالمايدىغان، خوتۇن خەقنى كۆرسە ھاڭگا ئېشەكتەك تۇرالمايدىغان شۇنچىلىك بۇزۇق، سويۇق نېمىمۇ؟ ئون نەچچە كۈندە مەن ئۆزەم تونۇمايدىغان بىر قىزنى ھۇجرىغا ئەكىرىپ كۈندە ئوينىغۇدەك نوچىلىشىپ كېتىپتىمەنمۇ؟! قېينانام تۈگەپ كەتسىمۇ شۇنداق ئىشنى قىلىپ يۈرۈيدىغان ھايۋانمىدىم؟! كاللاڭنى سىلىكۋېتىپ ئويلاپ باق، مەن زادى شۇنداق ئادەممىدىم؟

13. بۇ گەپكە قانداق جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ كىمنى ماختاپ كىمنى چۈشۈرىدۇ؟ ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئوخشىمايدىغان پەيزى بار دەپ مازلىشىپ يۈرەمدۇ؟ خوتۇنى ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە؟ ئاشنىمۇ، كۈتكۈچىمۇ، بالا باققۇچىمۇ؟ ئۇ ھېچنېمىدىن بىخەۋەر ئۇخلاۋاتقان شۇ بالىنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ؟ ئانىسىنى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويۇپ، ئۆزى مۇستەقىل ئانا بولۇشقا قەدەم قويغان ئايال ئەمەسمۇ؟

14. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ بەزىدە شۇنچە مۇلايىم، يۇۋاش ئاياللار نېمىشقا تۇرۇپلا ساراڭدەك ئەسكىلىشىپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا بەزى ئاياللار كوچىغا چىقىپ راستىنلا ساراڭ بولۇپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە مۇشۇنداق دەھشەتلىك خىياللار ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغانلىقنىڭ ئاقىۋىتى ئەمەسمۇ؟…

15. ھازىر دەز كەتكەن ئەينەكنى چۈشىدە كۆرۈۋاتقانمىدۇ؟ چۈشىدە بۇ ئەينەككە قاراپ چىرايىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەنمىدۇ؟ بالىدا نېمە گۇناھ، بالىغا نېمە ئۇۋال… بالا دېگەن بىر جۇپلەرنىڭ مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى دېيىشىدىكەن، ئەمما ھازىر نېمىسى؟…

پۈتكۈل ئەسەردە بۇنداق ۋىجدان سۇراقلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغان ئادەمگە بۇنداق ۋىجدان سۇراقلىرى ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئىتىقادى، ۋىجدانى ھەققىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇپ ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ. شۇڭا ئەنۋەر ھاجىنىڭ ئەسەرلىرىنى قانداقتۇر بىر جىنسىيەت تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەر دەپ قاراش تۈپتىن خاتا.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى