ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مو تىيەن: ھوقۇقنىڭ كېشەنى (قەپىسى) قانداق بولۇشى كېرەك؟

مو تىيەن: ھوقۇقنىڭ كېشەنى (قەپىسى) قانداق بولۇشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 9673 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قانداق قىلغاندا ھوقۇقنى كېشەنلەش (قەپەسكە سولاش) مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ ياكى قانداق كېشەن (قەپەس) ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئاۋال، تۆۋەندىكى ئويۇننى كۆرۈپ چىقايلى:
ھازىر بولكا بۆلۈشكە باشلايمىز.
بۇ بىر يۇمىلاق بولكا، ئا ب ئىككى ئادەمگە بۆلىمىز. مەقسەت قانداق قىلغاندا بۇ ئىككى ئادەمگە تەڭ بۆلگىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل تاللاش بار:
بىرىنچى خىل ئۇسۇل، ئورمانلىق قانۇنىيىتى. يەنى ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ ياۋايى ئۇسۇل، ئېنىق قىلىپ ئيېتقاندا، تالىشىش. كىمنىڭ كۈچى بولسا شۇ كۆپ ئېلىش. تەبئىي تالىشىش، ئاجىزنى كۈچلۈك يېيىش. ئاجىزلار شاللىنىپ، كۈچلۈكلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش. تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار ئاساسەن مۇشۇنداق. 

ئىجتىمائىي دارۋىنىزم داۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ئاددىيلا ئىنسانلار جەمئىيىتىگە قوللىنىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى «ئاجىزلار شاللىنىپ، كۈچلۈكلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش» دەپ قارايدۇ. سپېنس مۇنداق قارايدۇ: سۈپەتلىكلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، سۈپەتسىزلەر شاللىنىدۇ، ماسلاشقانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى. 

ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيىتى ئاساسەن ئىجتىمائىي دارۋىنىزمنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدۇر. كىمنىڭ مۇشتى قاتتىق بولسا، شۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، رىقابەت جەمئىيەتتىكى بىردىنبىر قانۇنىيەت دەپ قارىلىدۇ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولىدىغىنى كۆرەش ۋە شاللىنىش مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: باھالاش ھازىر پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىكى شاللاش تۈزۈمى بولۇپ قالدى. بۇ ئېنىقلا ئىجتىمائىي دارۋىنىزمنىڭ ئىپادىسىدۇر. 
بۇ خىل ئەھۋالدا، ئا ب بولكىنى بۆلۈشكەندە، ئاجىز تەرەپ تەبئىيلا ئورمانلىق قانۇنىيىتىگە قارىشى تۇرىدۇ. ئەمما ئورمانلىق قانۇنىيىتىگە قارىشى تۇرۇشتىمۇ ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە قارىشى تۇرغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر، ئا نىڭ قارىشى تۇرۇشتىكى ئاساسى ب نىڭ زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقىدىن، بولكىغا ئېرىشەلمەسلىكىدىن قارىشى تۇرغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۆزىدىن ئاجىز بولغان س غا نىسبەتەن ئۇ ئەلۋەتتە بۇ قانۇنىيەتكە قوشۇلغان بولىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ تېخىمۇ خاتا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشى تۇرۇشتىكى ئاساسى پەقەت قارىشى تەرەپنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئۇسۇلنى ياۋايى دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى بۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر. شۇڭا، ئا نىڭ قارىشى تۇرىشىنىڭ ھەرگىزمۇ ئەخلاق جەھەتتىن قىممەت ئاساسى يوق. شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ئورمانلىق قانۇنىيىتى چوقۇم ئىنسانلار جەمئىيىتىدىن شاللىنىشى كېرەك. چۈنكى ئىنسانلار جەمئىيىتى ھايۋانلار دۇنياسىغا ئوخشىمايدۇ. 
ئېنىقكى، شاللىنىشقا تېگىشلىكى ھەرگىزمۇ ئاجىز تەرەپ بولماستىن، بەلكى ئورمانلىق قانۇنىيىتى بولۇشى كېرەك. 
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل، گىراماتېكىلىق پىرىنسىپتىن پايدىلىنىش. ئالدىنقى شەرتى، بۇ يەنىلا يۇمىلاق بولكا بولۇپ، گىراماتېكىلىق پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، چەمبەر مەركىزىنى تېپىپ چىقىپ، چەمبەر مەركىزىدىن كېسىپ ئۆتكەن بىر تۈز سىزىق ئارقىلىق بۆلگەندە، بۇ يۇمىلاق بولكىنى تەڭ ئىككىگە بۆلگىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل قارىماققا ناھايىتى ئادىلدەك تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا مەسىلە مەۋجۇت. 

ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل، تارازىدىن پايدىلىنىپ بۆلۈش. يەنى بولكىنى پارچىلاپ، تارىزىغا سېلىپ، ئېغىرلىقى بويىچە بۆلۈش. بۇ خىل ئۇسۇلمۇ قارىماققا ناھايىتى ئادىلدەك تۇرىدۇ، ئەمما يەنىلا مەسىلە مەۋجۇت. 

يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تېخنىكىلىق ۋاسىتە دېيىلىدۇ، قارىماققا ئادىلدەك، ئەمما يەنىلا مەسىلىدىن مۇستەسنا ئەمەس. 
بۇ يەردە ئا ب ئىككى تەرەپنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ھوقۇقى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ھوقۇق ئا تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنغان، ب مۇتلەق ھوقۇق تەڭسىزلىكى ھالىتىدە دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا ئا چەمبەر مەركىزىنىڭ ئورنىنى خالىغانچە بېكىتىدۇ ياكى تارازىنىڭ تەڭپۇڭ نۇقتىسىنى خالىغانچە بېكىتەلەيدۇ. بۇ خىل خالىغانچە بېكىتىپ چىقارغا چەمبەر مەركىزىدىن ئۆتكەن تۈز سىزىق ئېنىقكى بولكىنى بىر چوڭ، بىر كىچىك بۆلۈپ قويۇشى تەبئىي. ئەلۋەتتە، تارازىنىڭ تەڭپۇڭ نۇقتىسىمۇ خالىغانچە بېكىتىلگەن بولغاچقا، يەنىلا بولكىنىڭ بىرى ئېغىر (چوڭ)، بىرى يىنىك (كىچىك) بولۇشى تەبئىي. 
بولكىنى بۆلۈش ھوقۇقى ئا نىڭ مونوپۇللۇقىدا بولغاچقا، ئۇ يەنە چوڭنىڭ كىمگە، كىچىكنىڭ كىمگە تېگىشىنى خالىغانچە بېكىتەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، چوڭ بولكا تەبئىيلا ئا غا تېگىشى ئېنىق. ب بولسا كىچىك بولكىغا ئېرىشىدۇ. شۇڭا ب نىڭ ناھەقچىلىككە ئىچى قايناپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا، ب نىڭ قارىشى تۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. 
ئەمما، ھازىرقى مەسىلە ئا ئومۇمىيەتنىڭ مۇقۇملىقى، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، بىرنى قۇربان قىلىپ، كۆپنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، ئۇنىڭدىن باشقا ۋەتەنپەرۋەرلىك قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ب نىڭ قارىشى ئاۋازىنى باستۇرۇۋېتەلەيدۇ. ئەگەر ب يەنىلا نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ بىر ئاممىۋىي ۋەقەگە ئايلىنىدۇ-دە، ئا نىڭ ناھايىتى ئاچچىقلانغانلىقىنى دېمەيلا قويايلى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىرلىقى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزغانلىقى، ھەتتا ھۆكۈمەت ئىشىغا دەخلى قىلغانلىق دەپ قارىلىپ ب نى تۇتۇپ سولايدۇ. 
بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. چۈنكى تېخنىكىنىڭ ئەخلاقچانلىقى يوق. يادرو ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقارغىلى، ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە ئاتوم بومبىسى ياساپ، ئىنسانىيەتكە ئاپەت كەلتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ؛ كومپيۇتېردا كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلغىلىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە جىنايەت سادىر قىلغىلىمۇ بولىدۇ؛ پىچاقتا سەي توغرىغىلىمۇ، ئادەم ئۆلتۈرگىلىمۇ بولغىنىغا ئوخشاش، تېخنىكا بىر قورال خالاس، كىم تېخنىكىنى ئىگىلىسە، بۇ قورال شۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ھوقۇقنى بىر تەرەپ مونوپۇل قىلىۋالغاندا، ئۇ تېخنىكا ۋاسىتىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. ھەتتا تېخنىكا ۋاسىتىسىنى ئورمانلىق قانۇنىيىتىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇپ، تېخنىكا ۋاسىتىسىنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يېيىشتىكى قورال قىلغىلى بولىدۇ. كىمدە ھوقۇق بولسا، شۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، ھوقۇقى بولمىغانلار شاللىنىپ كېتىدۇ. يەنى، ھوقۇق تېخنىكا ۋاسىتىسىنى ئورمانلىق قانۇنىيىتىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇق قىلالايدۇ. 
ئەلۋەتتە، يەنە بىر خىل ئەھۋالمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغان تەرەپ مەلۇم مەقسەتتە، بولكىنى ئوخشاشلا بىر چوڭ، بىر كىچىك بۆلۈپ، چوڭىنى قارىشى تەرەپكە بېرىپ، كىچىكىنى ئۆزىنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما قارىشى تەرەپنىڭ بولكىنىڭ چوڭ پارچىسىنى ئېلىشى ھەرگىز شەرتسىز بولمايدۇ، ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغۇچى قارىشى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھىممەت ۋە شەپقىتىدىن مىننەتدار بولۇشنى تەلەپ قىلىشى، قارىشى تەرەپتىن ياش-پوتلىرىنى ئېقىتىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا باش قويۇشنى تەلەپ قىلىشى، قارىشى تەرەپتىن ئۆزىگە قۇللارچە ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغۇچى بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قارىشى تەرەپكە ئۆزىگە مىننەتدارلىقىنى، ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلىتىشى مۇمكىن. 
بولكىنى بىر چوڭ، بىر كىچىك بۆلۈپ، ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغۇچى چوڭىنى ئېلىپ كېتىشى ئادىلسىزلىق. بۇنى ھەر قانداق ئادەم ھېس قىلالايدۇ. ئەكسىچە، ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغۇچى چوڭ پارچىسىنى قارىشى تەرەپكە بېرىپ، ئۆزى كىچىكىنى ئېلىپ قالسا، ئۇ ھالدا بىر خىل ئالدامچىلىق مەۋجۇت بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئوخشاشلا ئادىلسىزلىق، يەنىلا ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغۇچىنىڭ خالىغىنىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قارىشى تەرەپكە چوڭىنى بېرىش ياكى كىچىكىنى بېرىشتە ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە مەنپەئىتىنىڭ نېمىلىكىگە قاراش كېرەك. ئاجىز تەرەپ ئالاھىدە ۋەزىيەتتە چوڭ بولكىغا ئېرىشكەن بىلەن، ئەمما بۇ يەنىلا ئادىل بۆلۈنمىگەن بولىدۇ. چۈنكى ئاجىز تەرەپ يەنىلا ئاكتىپ تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. باشقىلار تەرىپىدىن سەدىقە قىلىنغان بولىدۇ. 
شۇڭا، ئاجىز تەرەپ كۈچلۈك تەرەپتىن: سېنىڭ بولكىنى خالىغانچە بىر چوڭ، بىر كىچىك بۆلۈشكە نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟ ھەمدە خالىغانچە چوڭىنى ئۆزۈڭ ئېلىپ قېلىش ياكى قارىشى تەرەپكە بېرىشكە قانداق ھوقۇقۇڭ بار؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. 
يەنە بىر خىل ئەھۋالمۇ مەۋجۇت. ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغۇچى تەرەپ بولكىنى بۆلۈش جەريانىنى ئاشكارىلىماي، قارا ساندۇقتا مەخپىي مەشغۇلات قىلىش. گەرچە كىچىك پارچىسىنى قارىشى تەرەپكە بەرسىمۇ، ئەمما چوڭىنى بەردەم دەپ جاكارلاپ، جامائەت پىكىرى توپلاپ، پۈتكۈل ئاۋامغا بىلدۈرۈپ، ئاجىز تەرەپنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى باستۇرۇش. شۇڭا، ئاجىز تەرەپنىڭ سوئال قويۇش پۇرسىتى ۋە ھوقۇقىمۇ تارتىۋېلىنغان بولىدۇ. 
كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىدە مەسىلە مەۋجۇت. ھوقۇقنىڭ ئۆكتەملىكى ھەر قانداق جايدا مەۋجۇت، چۈنكى ھوقۇق قەپەسكە سولانمىغان (كېشەنلەنمىگەن.)
ھوقۇقنىڭ ئۆكتەملىكىنىڭ ئاقىۋىتى ھەقىقەتەن ئېغىر بولۇپ، ئۇ تېخنىكا ۋاسىتىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. شۇڭا بولكىنى قانداق بۆلۈش مۇھىم ئەمەس، ياكى، بولكىنى قانداق بۆلۈشتىكى تېخنىكا ۋاسىتىسى مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى، بولكىنى بۆلۈشتىن ئىلگىرى، ئا ب ئىككى تەرەپ ئاۋۋال ھوقۇقنى بۆلۈشى، يەنى ئاۋۋال ئا ب ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقىنىڭ نېمىلىكىنى بەلگىلەش. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھوقۇق تەڭ بولغاندىلا، ئاندىن تەقسىملەش ئادىل بولىدۇ؛ ھوقۇقنىڭ تەڭ بولۇشىلا، قارىشى تەرەپنىڭ كېشەن (قەپەس)ىدۇر. مۇتلەق ھوقۇق چوقۇم مۇتلەق چېرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چەكلەشكە ئۇچرىمىغان ھوقۇق چوقۇم باشباشتاقلىقتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. 
ئۇنداقتا، بۇ بولكىنى قانداق بۆلۈش كېرەك؟
بۇ دەل تۆتىنچى خىل ئۇسۇلدۇر. كونكرېت پىرىنسىپى: بولكىنى بۆلۈش جەريانىنى ئايرىۋېتىش، يەنى پارچىلاش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئىككى تەرەپنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشقا بولمايدۇ. بولكىنى پارچىلاش ۋە ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ مونوپۇللۇقىدا بولماسلىقى، چوقۇم ئىككى تەرەپكە تەۋە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئا نىڭ ھوقۇقى بولكىنى بۆلۈش بولسا، ئۇ ھالدا ب نىڭ ھوقۇقى ئاۋۋال تاللاش بولۇشى كېرەك. ئەگەر ب نىڭ ھوقۇقى بولكىنى بۆلۈش بولسا، ئۇ ھالدا ئا نىڭ ھوقۇقى ئاۋۋال تاللاش بولۇشى كېرەك. 
ھوقۇق بۆلۈنۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بولكىنى بۆلگەندە، مەيلى قانداق ئۇسۇل ياكى قانداق تېخنىكا ۋاسىتىسى بولۇشىنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى، مەيلى كىم بۆلمىسۇن، ئەگەر ياخشى بۆلمىسە ئۆزىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. شۇڭا ئۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ۋە چارىنى قوللىنىپ، بۇ بولكىنى ئىمكانقەدەر تەڭ بۆلۈشكە تىرىشىدۇ. ھېچكىممۇ تېخنىكىلىق ۋاسىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. 
شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بۇ يەنىلا ئەڭ ئاقىلانە چارە ئەمەس، پەقەت ئەڭ ناچار بولمىغان ئۇسۇل خالاس. چۈنكى، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بولكىنى بۆلۈپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ: يەنى، ئا بەلكىم بولكىنى يەپ بولالماسلىقى، ب بولكىغا تويماسلىقى مۇمكىن. پىرىنسىپ جەھەتتىن ئادىل بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا يېڭىدىن ئادىلسىزلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا كېيىنكى قەدەمدە ھەل قىلىدىغىنىمىز ئادىللىقتىن ھەققانىيلىق ۋە ئادالەتلىككە ئۆرلەشتىن ئىبارەت. 
بۇ ئۆلگۈر بولكىنى ھەر ھالدا بۆلۈپ بولدۇق.
شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ھوقۇقنىڭ كېشەنى (قەپىسى) دەل ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىشى، ھوقۇقنىڭ تەڭلىكى. ئۈچ خىل ھاكىمىيەت ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ داۋلىسى دەل مۇشۇ يەردە. ئەنگىلىيە پەيلاسوپى لوكېر ئۈچ خىل ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى نىسبەتەن بالدۇر ئوتتۇرىغا قويغۇچى پەيلاسوپتۇر. ئۇ چەكلىك ھاكىمىيەت نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھوقۇق مونوپۇل قىلىنماسلىقى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. پەقەت ھوقۇق تەڭ بولغان شارائىتتا، ئاندىن ياخشى بولغان ئەخلاق شەكىللىنىدۇ، يەنى ياخشى ھاكىمىيەت مەيدانغا كېلىدۇ. 
ئادەم ماھىيىتىدىكى ياخشى نىيەت ئۈچ خىل ھاكىمىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدۇ؛ ئادەم ماھىيىتىدىكى يامان نىيەت ئۈچ خىل ھاكىمىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى مۇقەررەلىككە ئىگە قىلىدۇ. چۈنكى بۇ دەل ھوقۇقنىڭ كېشەنى (قەپىسى)دۇر.

----------------------

مەنبە: ئورتاق تونۇش تورى

ئەسلى يازما ئادرېسى: http://www.21ccom.net/articles/thought/bianyan/20150630126255.html

تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى