ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىزنىڭ يەھۇدىيلاردىن نېمىمىز كەم؟

بىزنىڭ يەھۇدىيلاردىن نېمىمىز كەم؟

ۋاقتى: 2016-10-02 ئاۋاتلىقى: 20091 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىزنىڭ يەھۇدىيلاردىن نېمىمىز كەم؟
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
تۇرۇپلا كاللامغا شۇنداق سوئال كېلىپ قالدى. بىزنىڭ يەھۇدىيلاردىن زادى نېمىمىز كەم؟
ھەر قايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا بارساق ھەمىشە يەھۇدىيلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى، يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى... دېگەندەك كىتابلار دىققىتىمىزنى ئازدۇر كۆپتۇر تارتىدۇ. لېكىن نېمە ئۈچۈن نوپۇس جەھەتتە شۇنچە ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدىغان يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى نەتىجىلىرى، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوينىغان رولى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرلىرىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئاز ئويلىنىمىز ياكى بۇ ھەقتە قىلچە تەپەككۇر قىلىپ كەتمەيمىز.
يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيا نوپۇسى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە قازانغان نەتىجىلىرى، ھەر قايسى ساھەدىكى داڭلىق ئالىملىرىنىڭ سانىنىڭ تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى، بۇ جەھەتتىكى نوپۇسنىڭ ئازلىقى، ئەمما ئالىملارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىكى نىسبىتىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتتىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۈچلۈك مىللەتكە ئايلانغانلىقى ھەققىدە ئازراق ئىزدەنسەكلا يەھۇدىيلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى زور ئېزىلىش تالاپەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، دۇنيا تارىخىدا ئەڭ ئېغىر مىللىي مەۋجۇتلۇق خىرىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ شۇنچە زورىيىپ كېتىشىدىكى ئەڭ نىگىزلىك مەسىلىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن ئايرىپ قالغىلى بولمايدىغانلىقى ئايدىڭ بولىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ تارىختا دۇچ كەلگەن زۇلۇم-جەبىرلىرى، مىللىي مەۋجۇتلۇق خىرىسلىرى بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ باقساق، بەلكىم بىزنىڭ بېشىمىزغا ئۇلارغا كەلگەن دەرىجىدە تالاپەت كېلىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. (ئەلۋەتتە، زادى قانداق ئىكەنلىكى تارىخنىڭ ئىسپاتلىشىغا مۇھتاج، يازمىمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى بۇ نۇقتىنى يورۇتۇش بولمىغاچقا، بۇ جەھەتتە كۆپ توختالمايمىز.) باشقا جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتە مەنچە يەھۇدىيلاردىن چوڭ پەرقىمىز بولماسلىقى مۇمكىن. بىزنىڭ ئۇلاردىن بىردىن-بىر پەرقىمىز دەل كىتاب ئوقۇش، ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىش ئېڭىمىزنىڭ زىيادە تۆۋەنلىكى ياكى يوق دېيەرلىك بولغانلىقى بولسا كېرەك.
بىزدە پەرزەنت تەربىيەسىگە بولغان تونۇش ئايدىڭ ئەمەس. ھامىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرمەيمىز. پەرزەنتىمىزنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى مەنىۋىيىتىگە سەل قارايمىز. بولۇپمۇ بۈگۈنكى ھەممە شەھەرلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن، ئەسلىدىكى ھويلا-ئاراملىق ئۆيلىرىمىزدىن قەۋەتلىك بىنالارغا كۆچۈش داۋامىدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتى تېخىمۇ قورغاقچىلىققا يۈزلەنمەكتە.
بىزنىڭ بالىلىرىمىز باشلانغۇچنى تۈگىتىپ، تولۇقسىزغا چىققاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، بالىلارغا بولغان ھەر خىل كۆيۈنۈشلىرىمىز شۇنچىلىك ئەۋجگە چىقىدۇكى، بالىلىرىمىز بىزنىڭ كۆيۈنۈشلىرىمىزدىن نەپىسىنى ئالالمىغۇدەك دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇ.
بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا كۆيۈنۈشىمىز ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بىزدە پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاساس سېلىشقا سەل قاراش، ئاخىرىدا بېرىپ «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» خاھىشى زىيادە كۈچلۈك بولۇش ئېڭى ھەقىقەتەن ئېغىر.
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم ھامىلە تەربىيەسىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك. پۈتكۈل پەرزەنت تەربىيەسىدە ھامىلە تەربىيەسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر بۇنى زور بىر بىنا سېلىش بىلەن سېلىشتۇرساق، ھامىلە تەربىيەسى دەل ئاشۇ غايەت زور بىنانىڭ يەر يۈزىدىكى بىنا ئاساسىدىن ئىبارەت. بىنانى قانچە ئېگىز، قانچە زور سالماقچى بولساق، ئۇنىڭ ئاساسىغا شۇنچە بەك كۈچىشىمىز كېرەك. بۇ ھەممىگە ئايان ھەقىقەت. ئەمما پەرزەنت تەربىيەسىدىمۇ ئوخشاشلا داۋلى مەۋجۈت. پەرزەنتىمىزنى قانچە ياراملىق بولسۇن، كەلگۈسىدە قانچە زور ئۇتۇق قازانسۇن دېسەك، ئۇ ھالدا چوقۇم ھامىلە تەربىيەسىگە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

پەرزەنت تەربىيەسىنى ھامىلە تەربىيەسىدىن باشلاپ چىڭ تۇتقاندا، كېيىنكى تەربىيەدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ھامىلە تەربىيەسىنى ياخشى قىلىپ، بالا تۇغۇلۇپ باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىغا توشقۇچە بولغان ئارىلىقتا، بالىنىڭ مەنىۋىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە، بالىنىڭ تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالساق، ئۇ ھالدا ئاساسىي كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، كېيىنكى كۈنلەردە بالىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىدىن، بالىمىزنىڭ يارامسىز ئادەم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىمىز ھاجەتسىز.

ھامىلە تەربىيەسىدە قايسى نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئەڭ مۇھىم نۇقتا ھامىلىگە كىتاب ئوقۇپ بېرىش. بەلكىم ھامىلىگە كىتاب ئوقۇپ بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى، بەرىبىر ئۇ ئاڭلىيالمايدىغان تۇرسا دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى ئادەتتە بالىنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ھامىلە 28 ھەپتىلىك بولغاندا تولۇق يېتىلىپ بولغان بولىدۇ.
تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ھامىلىنىڭ بىر قانچە سەزگۈ تۇيغۇسى ئىچىدە، ئەڭ تەرەققىي قىلغىنى ئاڭلاش سىستېمىسى بولۇپ، ھامىلىدار بولۇپ، 4-ھەپتىسىدىن باشلاپ، ھامىلىنىڭ ئاڭلاش ئەزالىرى يېتىلىشكە باشلايدىغان بولۇپ، 8-ھەپتىسى قولاق شەكىللىنىشكە باشلايدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ئاڭلاش نېرۋىسى مەركىزى تۈگۈنىنىڭ يېتىلىشى تېخى تولۇق بولمىغاچقا، ھامىلە تاشقى مۇھىتتىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدىكەن. ئەمما 25-ھەپتىگە كەلگەندە، ھامىلىنىڭ ئاۋاز يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئاساسى جەھەتتىن يېتىلىپ، 28-ھەپتىگە كەلگەندە ئاۋاز يەتكۈزۈش سىستېمىسى تولۇق يېتىلىپ، ھامىلە تاشقى مۇھىتتىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولىدىكەن. شۇڭا، ھامىلە قورساقتىكى ۋاقىتتىلا ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن تولۇق ھوزۇرلىنالايدۇ.
يۇقىرىقى نۇقتىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھامىلىنىڭ يېتىلىش مەزگىلىدە ئانا ئۈنلۈك ئاۋازدا كىتاب ئوقۇپ بېرىشكە قەتئىي سەل قارىماسلىقى كېرەك. ھامىلىنىڭ ئاڭلاش سىستېمىسى ئەمدىلا يېتىلىپ، ئۇنىڭدا ئاۋازدىن ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسى باشلانغاندىن باشلاپ، بالىغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە، ئۇنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى قوزغاشقا مۇھىم ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
مۇنداق بىر ئەمەلىي مىسال مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
بىر تونۇشۇمنىڭ ئايالى ھامىلىدار بولۇپ 3-ئايدىن باشلاپ ھەر كۈنى ھامىلىگە شىنجاڭ مۇئەللىم شىركىتى تەتقىق قىلىپ بازارغا سالغان مۇئەللىم ئەللەيچىسىنى قويۇپ بېرىپ، ھامىلىگە ئاۋازلىق چۆچەك، مەسەل قويۇپ بەرگەن. كېيىن بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بالا يىغلاپ خاپا قىلسىلا، بالىغا يەنە مۇئەللىم بىلگەك، مۇئەللىم ئەللەيچى مەھسۇلاتلىرىدىكى ئاۋازلىق چۆچەك-مەسەللەرنى قويۇپ بەرگەندە بالا شۇھامانلا يىغلاشتىن توختايدىغان بولغان، ھەتتا بەزىدە ئۆزى كىتاب ئوقۇپ بەرسىمۇ بالا يىغلاشتىن توختايدىغان بولغان. دېمەك، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئاللىبۇرۇن ئۇ ھامىلە ۋاقتىدا ئاڭلىغان ئاشۇ چۆچەك-مەسەلگە كۆنگەن.
شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ نۇقتىغا قەتئىي سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھامىلە ۋاقىتتىن باشلاپ ھەر كۈنى ئانا ھامىلىگە كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئەگەر زادى ۋاقىت چىقىرالمىسا ياكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىتاب ئوقۇشقا پۇرسەت بولمىسا، مەنچە مۇئەللىم شىركىتى يېڭىدىن ئىشلەپ بازارغا سالغان بىلگەك، ئەللەيچى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭدىكى مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئاۋازلىق چۆچەك-مەسەللەر، بالىلار ناخشىلىرى، بالىلار مۇزىكىلىرى قاتارلىقلارنى كۈندە كەچلىكى ھامىلىگە قويۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ ھەر كۈنى ئۇنىڭغا داۋاملىق ھالدا چۆچەك-مەسەل ئوقۇپ بېرىش ياكى ئوقۇشقا پۇرسەت چىقمىسا يۇقىرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن پايدىلىنىپ بالىدا كىچىكىدىن باشلاپ كىتابقا ھېرىسمەنلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر خىل بالىلار چۆچەكلىرى ۋە مەسەللىرىنىڭ ۋەقەلىكى ئارقىلىق بالىنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ، بالىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تېخىمۇ جانلىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆرۈر.
بالا كىچىك ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ياكى ئاۋازلىق ئەسەر، چۆچەك، مەسەللەرنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق بالىدا كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكنى يېتىلدۈرگەندە، بالا چوڭ بولغاندا تەبئىيلا كىتابخۇمار بولۇپ يېتىلىپ چىقىشتا زور ئەھمىيىتى بار.
ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەك، مەنچە بىزنىڭ يەھۇدىيلاردە ھېچنېمىمىز كەم ئەمەس، پەقەت بىزدە كىتاب ئوقۇش ئادىتى، كۆپرەك تەپەككۇر قىلىش ئادىتى، ئىزدىنىش روھى كەمچىل دەپ قارايمەن. كىتاب ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. ھەر خىل تىپتىكى كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، تەپەككۇرنىڭ تېخىمۇ جانلىق، ئەتراپلىق بولۇشىغا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
بىزدە بالا كىچىك ۋاقتىدا بالىنىڭ مەنىۋىيىتىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمەسلىك، پەقەت ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ تويۇشى ۋە كىيىم-كېچىكىنىڭ كۆپرەك بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنىڭ رەڭدارلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئەھۋالى بەك ئېغىر. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان بالىلىرى بىنا ئۆيلەردە تۆت تامنىڭ ئىچىگە سولىنىپلا چوڭ بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يوق دېيەرلىك بولىۋاتقان دەۋردە تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارغا ھەر خىل ئەقلىي تەپەككۇرنى يېتىلدۈرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ بېرىشكە قەتئىي سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئىلگىرى بۇنداق قوراللار يوق دېيەرلىك ئىدى، ئەمما ھازىر شىنجاڭ مۇئەللىم شىركىتىگە ئوخشاش شىركەتلەر ئىشلەپ بازارغا سالغان بىلگەك، ئەللەيچى دېگەندەك مەخسۇس بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان، بالىلارنىڭ ئانا تىلدىن، خەنزۇ تىلىدىن، ئېنگلىز تىلىدىن، ماتىماتىكىدىن ساۋادىنى چىقىرىش جەھەتلەردە ئۇلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلگەن مۇشۇنداق شارائىتتا، بىرەر ئۈستەللىك ھەشەمەتلىك تاماقلىنىش خىراجىتىمىزنى تىجەپ، شۇنىڭغا كەتكەن ئىقتىسادقا بالىلارغا بىلگەك مەھسۇلاتىغا ئوخشاش تەپەككۇرنى يېتىلدۈرىدىغان ھەم ساۋات چىقىرىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلساق، بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ئانا تىل، خەنزۇ تىلى، ئېنگلىز تىلى، ماتىماتىكىدىن ساۋادىنى تولۇق چىقىرىشىغا، كېيىنچە چاڭلاش تىلدا سۆزلەش ياكى بىر تىلنى بىلىپ يەنە بىر تىلنى سۆزلىيەلمەي قالىدىغان ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئاساسىنى پۇختا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى كۈنلەردىكى «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» خاتالىقىنى سادىر قىلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، بالىنىڭ كىچىكىدە ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىگە كۆڭۈل بۆلمەي، بالىنىڭ مائارىپ ئاساسىنى ياخشى پۇختىلىماي، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلارنى ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالمىدىڭ دەپ ھەر جەھەتتىن قىستاپ، ھەر خىل كۇرسلارغا بولۇشىغا تىزىملىتىپ، بالىغا نەپەس ئالغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەي، كېيىنكى نەتىجىنى قوغلىشىش بالا تەربىيەلەشتىكى ئەڭ زور خاتالىق بولۇپ قالىدىغانلىقىغا قەتئىي سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر بىنانىڭ ئاساسى پۇختا بولسا، كېيىن بىنانى قانچىلىك ئېگىز، قانچىلىك زور سېلىشتا قىينالمايلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيمىز، ئەگەر ئاساسى پۇختا بولمىسا ئۇ ھالدا ئاساسىغا ئىشلىمەي، ئەكسىچە كېيىنكى قىسمىغا ھەر قانچە ئىشلىگەن بىنامۇ ئوخشاشلا ئەخلەت، بىخەتەرلىكى ياخشى بولمىغان ناچار ئىمارەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، بالا كىچىك ۋاقتىدا بىرەر ۋاق ھەشەمەتلىك تاماقلىنىشقا سەرپ قىلغان پۇلىمىزغا بالىغا مۇئەللىم بىلگەككە ئوخشاش مەھسۇلاتنى ئېلىپ بېرىشكە قورسىقىمىز ئاغرىپ، بالىنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ئاساسىغا كۆڭۈل بۆلمەي، كېيىنكى كۈنلۈكتە بالىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ھەر قانچە كۈچىسەكمۇ، ئۇنىڭغا ھەر قانچە ئەجىر سىڭدۈرسەكمۇ، يەنىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ نۇقتىغا قەتئىي ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئەگەر بالىنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ئاساسىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ كىتابخۇمارلىق، ئىزدىنىشچان، تەپەككۇرغا باي ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ چىقساق، ئۇ ھالدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىزدىمۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش دۇنياۋى ئالىملارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى تامامەن مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا مىللىتىمىزدىن چىقىۋاتقان ھازىرقى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئالىملىرىمىزنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىشى، ھەتتا دۇنيا مىقياسىدا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى تامامەن مۇمكىن.
ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىمىز، پەقەت بىزدە كىچىكىمىزدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇيدىغان، ئىزدىنىشچان، تەپەككۇرغا باي ئاڭ يېتىلىپ، كۆپلەپ كىتاب كۆرۈپ، ساپايىمىزنى ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەقىل-ئىداراكىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئادىتى يېتىلسە، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ يەھۇدىيلاردىن ھېچنېمىمىز كەم ئەمەس.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى