ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىقتىساد چېكىنگەن مەزگىلدە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ شىركىتىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈڭ!!!

ئىقتىساد چېكىنگەن مەزگىلدە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ شىركىتىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈڭ!!!

ۋاقتى: 2016-10-20 ئاۋاتلىقى: 18651 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى دىيارىمىزدا شىركەت قۇرۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ بىر دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر ئېھتىياجى بولۇپ، بۇ بىر دۇنيا خاراكتېرلىك ھادىسە. ئەمما شىركەتنى قۇرۇپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ ئەلۋەتتە، شىركەت ھەققىدە نىسبەتەن سىستېملىق، كونكرېت چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ھەر بىر شىركەت قۇرغۇچى، شىركەت باشقۇرغۇچى، شىركەت تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرغۇچى چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتلاردۇر. شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىسقىسى شىركەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نۇرغۇن كەسپىي بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ. 
گەرچە شىركەت چەتئەللەردىكى نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا ئاللىبۇرۇن تەرەققىي قىلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دىيارىمىزغا نىسبەتەن شىركەت ئۇقۇمى، ھازىرقى زامان كارخانىچىلىق ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمى، بازار ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇقۇملار نىسبەتەن كېيىن سىڭىپ كىرگەن ياكى شەكىللەنگەن.
تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە شۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىدا شىركەتنىڭ ئوينىغان رولى، شىركەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنى، قىممىتى زادى قانچىلىك؟ دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا شىركەت يەنە قانداق رول ئوينايدۇ؟ شىركەتنىڭ كۈچى زادى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلايدىغان، دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ئىستىكى كۈچلۈك بولغان قېرىنداشلار چوقۇم بىلىشكە، بىلىپلا قالماي بەلكىنى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر. 

ھەر قايسى تورداشلارغا خوش خەۋەر شۇكى، ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى زور ئادەم كۈچى، ئىقتىسادىي كۈچ، زېھىن كۈچ، ۋاقىت سەرپ قىلىش بەدىلىگە ۋۇجۇدقا چىقارغان زور ھەجىمدىكى فىلىم «شىركەتنىڭ كۈچى» 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلايدۇ. 

 

  بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:

بىزگە «شىركەتنىڭ كۈچى» فىلىمىنى كۆرۈش زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشىمىز كېرەك؟ مەزكۇر فىلىم قانداق تارىخى شارائىتتا ۋۇجۇدقا كەلگەن؟ مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق قانداق مەقسەتكە يېتەلەيمىز؟
تۆۋەندە بىز يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقايلى. 
ھەممىمىزگە مەلۇم، 2008-يىلى تويۇقسىز كەلگەن بىر مەيدان ئىقتىساد كىرزىسى پۈتۈن دۇنياغا زور زەربە بەردى. ئىقتىساد كىرزىسى گەرچە 2008-يىلى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بولغان تەسىرى نىسبەتەن روشەن بولسىمۇ، ئەمما دىيارىمىزغا نىسبەتەن روشەن تەسىر كەلتۈرمىگەن ئىدى. چۈنكى دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا بولغاچقا، شۇ قېتىملىق ئىقتىساد كىرزىسنىڭ دىيارىمىز ئىقتىسادىغا دەرھاللا تەسىر كۆرسىتىشى ئېھتىمالدىن يىراق مەسىلە ئىدى. 
بۈگۈنكى كۈندە «شىركەت» ئاتالغۇسى شۇنچە كۆپ قوللىنىۋاتىدۇ ھەم بىز بۇنىڭغا نىسبەتەن ئانچە بەك دىققەت ئېتىۋارىمىزنى سېلىپ كەتمىسەكمۇ، شىركەت ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بىزنىڭ بايلىق مەنبەيىمىز، ئىگىلىك تىكلەش غايىمىز، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش، ئولتۇراق-جاي، كىشىلىك ئالاقىمىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىركەت بىلەن زىچ باغلانغان مۇشۇنداق شارائىتتا، شىركەتنىڭ كۈچىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز، ھېس قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر. 
كىشىلەر شىركەتنى ھەم ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ. چۈنكى شىركەت بىر تەرەپتىن بارلىق مەھسۇلاتلارنى تاۋارلاشتۇرۇشنىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇپ قالسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىركەت نۇرغۇنلىغان يېڭى تېخنىكا، بىلىملەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى، يېڭىلىق ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتا ياراتقۇچى كاتالىزاتورىلىق رولىنى ئوينىماقتا. 
كىشىلەر ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىغاندا؛ كىشىلەر بازارنى قۇتقۇزۇشتا باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتە ھۆكۈمەتكە مۇراجەت قىلغاندا؛ كىشىلەر كېلەر قېتىم يەنە ئىقتىساد كىرزىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەۋاتقاندا... بىز چوقۇم دىققەت قىلىدىغان ۋە تەپەككۇرىمىزنى بەيگىگە سالىدىغان ئوبيېكتىپ دەل بىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلات بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىش تەسىر كۈچىگە ئىگە تەشكىلات--شىركەتتىن ئىبارەت. 
شىركەت زادى نېمە؟
ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە شەخسنىڭ بەختىگە نىسبەتەن، شىركەت نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟...
شىركەت ھازىرغا قەدەر، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئىقتىسادى تەشكىلات شەكلى ھېسابلانماقتا. شىركەتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى «ئىنسانلارنىڭ نەتىجىسى» دەپ قارالماقتا. بولۇپمۇ پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ھەيرانلىق دەرىجىدە قەد كۆتۈرۈشى ۋە ھازىرقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھۆكۈمران ئورنى، ھازىرقى زامان تارىخىدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان بىر ھادىسە دەپ قارالماقتا. 
شىركەت كىشىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ھەر قانداق يەككە ئادەمنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدىن زورايتىۋەتتى. 
شىركەت قانداشلىق، جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىرتىدىكى ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلىق پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
شىركەت ئىنسانلار ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ يېڭى بابىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى.
بىر نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شىركەت ئىقتىساد خاراكتېرلىق تەشكىلات بولۇپلا قالماي، دۆلەت ۋە شەخس ئوتتۇرىسىدىكى، ھەر قايسى ساھەلەردە زور تەسىر كۈچكە ئىگە ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كۈچىگە ئىگە تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، ئەركىن-ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇكەممەللىشىشى، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىش، دۆلەت ۋە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە رىقابەت شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىركەت كۈچىنىڭ كۈنسېرى زورىيىشى بىزنىڭ چوقۇم مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈپ چىقىشىمىزدىكى زۆرۈرىيەت بولۇپلا قالماي، ھەر قايسى ساھەلەردە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە قىسمەن شىركەتنىڭ كەمچىلىكلىرى ياكى تۈزۈم مۇھىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان پاسسىپ تەسىرنى تونۇپ يېتىشىمىزگە تولىمۇ پايدىلىقتۇر. 
نەزىرىمىزنى ئۆتمۈشكە تاشلىغىنىمىزدا، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر بىزنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئىستىكىمىزنى قوزغىماي تۇرمايدۇ:
شىركەت زادى قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەن؟ يەنە قانداق تەرەققىي قىلغان؟
شىركەت نېمىنى ئۆزگەرتتى؟ يەنە نېمە شىركەتنى ئۆزگەرتتى؟
نېمە ئۈچۈن شىركەتنىڭ كۈچى بولىدۇ؟ شىركەت كۈچىنىڭ چېكى بارمۇ؟
شىركەتنىڭ جەمئىيەتكە بولغان رولىنى قانداق تونۇش كېرەك؟
...
شىركەتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى--پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا بايلىقنى تونۇشى، بازارنى تونۇشى، ھاكىمىيەتنى تونۇشى، ئادەم ماھىيىتىنى تونۇشىدىكى تەپەككۇر مۇساپىسى--بازار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قان تومۇرىدۇر. 
شۇڭا، بۈگۈنكىدەك دىيارىمىز ئىقتىسادى كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كەلگەن، نۇرغۇن شىركەتلەر بۇ قېتىملىق ئىقتىسادى زەربىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ياكى قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان شارائىتتا، «شىركەتنىڭ كۈچى» ھەققىدە سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بىلىمگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىدۇر. 
«شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق بۇ فىلىمنىڭ توردىكى سېتىش ھوقۇقى شىنجاڭ ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىدە بولۇپ، ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى كەڭ خېرىدارلار ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل شارائىت يارىتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خېرىدارلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ. 
مەزكۇر فىلىم ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا بىۋاسىتە ئىشىككىچە مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغاندىن سىرت، قەشقەر، خوتەن شەھىرىدە شىركەت خادىملىرى تەرىپىدىن ئىمكانقەدەر ئىشىككىچە مال يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا رايونلاردا،  ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغان. دىيارىمىزدىكى كۆپ ساندىكى رايونلارغا مالنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن پۇل تۆلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
كەڭ خېرىدارلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلاردىن پارچە مال ساتقۇچى قوبۇل قىلىمىز.

ئالاقىلىشىش\مال زاكاس قىلىش تېلېفونى: 6755584-0991 (ئالدىن مال زاكاس قىلىشقا بولىدۇ!)

«شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنىڭ بىر تۇتاش باھاسى 168 يۈەن (جەمئىي 10 قىسىم) بولۇپ، توپ سېتىۋالغۇچىلار ياكى كۆپرەك سېتىۋالغۇچىلارغا باھادا ئېتىۋار قىلىنىدۇ. 


تاۋباۋ تور دۇكىنىدىن بىۋاسىتە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6755584 دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ!


بىر قىسىم نادىر ئۈزۈندىلەر:
تارىختىكى يېڭىلىق يارىتىشلار شىركەتلەردە بولغان، دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا بولمىغان.
--ھېرمان سىمون (گېرمانىيە-باشقۇرۇش ئىلمىشۇناس)
ھەر بىر ئادەمدە يېڭى بولغان ئوي-پىكىر بولۇشقا بولىدۇ، ئەمما يېڭى بولغان ئوي-پىكىرنى تاۋارلاشتۇرۇپ، قىممەتكە ئايلاندۇرۇپ جەمئىيەت قوبۇل قىلىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇشتا، شىركەتنىڭ كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. 
--جاڭ ۋېييىڭ (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتۇتى مۇدىرى)
بازار ئىگىلىكىدە ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەندە، بىر ئادەمنىڭ يىراققا نەزەر تاشلاپ، كەلگۈسىنى كۆرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىمىز. مانا مۇشۇنداق سەۋىيەگە ئىگە بولغان ئادەم كارخانىچى بولىدۇ.
--جاڭ ۋېييىڭ (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتۇتى مۇدىرى)
مېنىڭچە، ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نۇقتا شۇكى، كۆپچىلىك تەدرىجىي ھالدا شىركەت پايچېكلارنىڭ ئەمەس، تىجارەتنىڭمۇ ئەمەس، بەلكى خىزمەتچىلەرنىڭ دېگەن قاراشقا كەلگەن. بۇ ياپونىيە كارخانىچىلىقى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى.
--ۋۇتىيەن چىڭرېن (توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك ئىلمى پىروفېسسورى)
ياخشى شىركەتنىڭ بولۇش بولماسلىقى، سىزنىڭ كەلگۈسىدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىدارىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر كەلگۈسىدە ئۇدا ياخشى شىركەت دەپ قارالغۇڭىز بولسا، چوقۇم جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولالىشىڭىز كېرەك. 
--بو چېڭيۈ (جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىتلىكى باش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى)

فىلىمنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ تېمىسى:
بىرىنچى قىسىم: شىركەت، شىركەت، شىركەت!
ئىككىنچى قىسىم: بازارنىڭ چېكى يوق
ئۈچىنچى قىسىم: بايلىققا ئېرىشىش دەۋرى
تۆتىنچى قىسىم: ئىلگىرىلەشتىكى ئازابلار
بەشىنچى قىسىم: كىرزىسقا ئۇچرىغان ۋاقىت
ئالتىنچى قىسىم: ھوقۇقنى كىم يۈرگۈزىدۇ؟
يەتتىنچى قىسىم: ھەر قايسى ساھەنىڭ ئەدەبىياتى
سەككىزىنچى قىسىم: يېڭىلىق ياراتقۇچى ئاۋانگارت
توققۇزىنچى قىسىم: ئۆز زېمىندىكى ئۇلۇغ جاسارەت!
ئونىنچى قىسىم: يەر شارى چەكسىز

ئىشلىگۈچى: ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
نەشر قىلىپ تارقاتقۇچى: شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى
توردا بىۋاسىتە ساتقۇچى: شىنجاڭ ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى
ئالاقىلىشىش\مال زاكاس قىلىش تېلېفونى: 6755584-0991

مەھسۇلات سانى چەكلىك، پۇرسەت غەنىيمەت! كەڭ خېرىدارلارنىڭ تېزدىن ھەرىكەتلىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مال زاكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

تاۋباۋدىن بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئادرېسى:

 https://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.1.Yuk6PD&id=520703179195&ns=1&_u=hkj6h2od849&abbucket=12#detail

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى