ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىدىكى 180 گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىش...

ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىدىكى 180 گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىش...

ۋاقتى: 2016-09-26 ئاۋاتلىقى: 23638 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىدىكى 180 گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىش...

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

بىر ئىشقا ئەقلىم تولىمۇ ھەيران. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىمەن دېسەم، «سېنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشۈڭ مۇمكىن ئەمەس. ھەر قانچە قىلساڭمۇ بەرىبىر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيسەن!» دەپ ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز دەرىجىدە كۆڭۈل يارىسى بەرگەن؛ مەن تاساددىپىي پۇرسەتتە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئىچكىرىدە سەككىز يىللىق ئوقۇش ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە قېلىپ شىركەت قۇرىمەن، ئىگىلىك تىكلەيمەن دېسەم، «سەن دۆت نېمە، ئىچكىرىدە سەككىز يىل ئوقۇپ، كادىر بولماي، ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ يۈرگىچە، كۆتۈڭنى قىسىپ ئىمتىھان بېرىپ، كادىر بولساڭ، مائاش ئېلىپ كۈنۈڭنى خاتىرجەم ئۆتكۈزسەڭ بولمامدۇ، تولىمۇ ئەخمەق نېمە ئىكەنسەن!» دەپ ماڭا يەنە بىر قېتىم تەنبىھ بەرگەن ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىدە تويۇقسىز 180 گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم. 

ئۇنىڭ ئاخشام ماڭا ئېيتقان مۇنۇ سۆزى مېنى خېلى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ ماڭا: «سەن ئىلگىرى شىركەت قۇرىمەن دېسەڭ چۈشەنمەپتىكەنمەن، ئەسلى شىركەت قۇرساڭ، ئىگىلىك تىكلىسەڭ بەك ياخشى بولىدىكەن ئەمەسمۇ. سەنمۇ رادىل ئابلادەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىكەنسەن ئەمەسمۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭگە، شىركىتىڭنى راۋاجلاندۇرۇشۇڭغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەمدە بولىمەن. تىرىشقىن، چوقۇم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسەن. چۈنكى ئارقاڭدا بىزدەك ھىمايىچىڭ بار...» دېگەن ئىدى.

يۇقىرىقى سۆزلەر مېنىڭ كىچىك ھەدەمنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن چىققان كۆڭۈل سۆزلىرى ئىدى. بەلكىم سىزمۇ مېنىڭ بۇ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان، ئاشۇ تەكلىماكاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقىقىدىكى كىچىككىنە ناھىيەدىن چىقىپ باقمىغان، تۇنجى قېتىم ھەقىقىي مەنىدە ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەرگە كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئەسلىدىكى جاھان دېگەن مۇشۇ شۇ دەپ ئاشۇ كىچىككىنە ناھىيەنى ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان، نېمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نېمىنىڭ شىركەت، نېمىنىڭ ئىگىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ بولالمايدىغان ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن 180 گىرادۇس بورىلىپ كەتكەنلىكىگە قىزىقىۋاتقان بولسىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى گەپلەرنىڭ مېنىڭ ئاشۇ ھەدەمنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن چىققانلىقىغا تازا ئىشەنچ قىلالماي بىر مەھەل گاڭگىراپ قالغان يەردە، سىزنىڭ ئۇنىڭغا قىزىقماي قالماسلىقىڭىزدىن ھەيران قالمىساممۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ھېكايە مۇنداق باشلانغان:
مەن 2002-يىلى تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشتەك ياخشى پۇرسەتنىڭ پايدىسىنى ئاشۇ تەكلىماكاننىڭ بۇلۇڭىدىكى نىيە ناھىيەسىدەك كىچىك ناھىيەدىكى كىشىلەر تازا ئاڭقىرالماي قالغان مەزگىلدە، ئۆيدىكىلەرگە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىمەن دېگىنىمدە، كىچىك ھەدەم «سېنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشۈڭ مۇمكىن ئەمەس. ھەر قانچە قىلساڭمۇ بەرىبىر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيسەن!» دېگەن ئىدى. ئەمما مەن ئۇلار بىلەن قەتئىي قارشىلىشىپ ئۇلار قانچە قارىشى تۇرسا، مېنىڭ جاھىللىقىم شۇنچە كۈچىيىپ، جاھىللارچە ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ يۈرۈپ ئىمتىھانغا ئوغرىلىقچە تىزىملىتىپ، ئاخىرى ئۇلار بىلەن جىدەللىشىپ يۈرۈپ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئاخىرى تاساددىپىي پۇرسەتتە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قېلىپ جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرىدىكى چىڭشەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ ئىچكىرىدىكى ئوقۇش ھاياتىمنى باشلىغان ئىدىم. 
2010-يىلى مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، شىركەتلەردە ئىشلەپ تەرەققىي قىلىمەن دېگەندە، مېنىڭ ئاشۇ كىچىك ھەدەم يەنە ماڭا: «سەن دۆت نېمە، ئىچكىرىدە سەككىز يىل ئوقۇپ، كادىر بولماي، ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ يۈرگىچە، كۆتۈڭنى قىسىپ ئىمتىھان بېرىپ، كادىر بولساڭ، مائاش ئېلىپ كۈنۈڭنى خاتىرجەم ئۆتكۈزسەڭ بولمامدۇ، تولىمۇ ئەخمەق نېمە ئىكەنسەن!» دېگەن ئىدى. ئەمما مەن يەنىلا ئۇلار بىلەن جاھىللارچە قارشىلىشىپ، جىدەللىشىپ يۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە يەككە-يىگانە، سەرسانلىق، ھىماتسىز ھاياتىمنى باشلىغان ئىدىم. 
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى مېنىڭ كىچىك ھەدەم ئىككىنچى ھەدەمنىڭ قىزى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ھېيتنى بىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزدى. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەقىقىي مەنىدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈرۈمچىنى تاماشا قىلماقچى بولغىنىدا بولسا، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى تازا ئىسسىپ، تۇرپاندىكى يالقۇن تاغنى ئۈرۈمچىگە  يۆتكەپ ئەكىلىۋالغاندەكلا ئادەمنى تىرىك كاۋاپ قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتاتتى. شۇڭا بۇ كۈنلەردە سىرتلارغا چىقىشمۇ ئانچە خوش ياقماي، ئاساسەن ئۆيدە ئولتۇرۇشقا، ئىشخانىغا كېلىپ ئىشلەشكە مەجبۇرى بولدۇق. ھەدەممۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بولالماي، ئىچى سىقىلىپ ئارىلاپ-ئارىلاپ ئىشخانىغا كېلىدىغان بولدى. ئۇ ئىشخانىدا مېنىڭ ئىشلەۋاتقىنىمغا، تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىۋاتقىنىمغا ئانچە-مۇنچە دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشر قىلىپ بازارغا سالغان «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق پىلاستىنكىنىڭ سېتىش ھوقۇقىنى بىزنىڭ شىركەت ئۈستىگە ئالغانلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر پىلاستىنكىنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى 24-چېسلا بولغاچقا، مەنمۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلەشكە باشلىدىم. بۇ كۈنىمۇ ھەدەم شىركەتكە كېلىپ مېنىڭ ئىشلىرىمنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتاتتى. بۇ كۈنى قېرىشقاندەك، مەسلىھەت سوراپ پىلاستىنكا سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار ئالاھىدە كۆپ بولۇپ، بىر كۈن تېلېفون قولۇمدىن چۈشمەي، ھەدەمگىمۇ تۈزۈك قارىيالماي قالدىم. مېنىڭ تېلېفوندا باشقىلارغا «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق پىلاستىنكا ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشىم، زاكاس تالونىنى خاتىرلىشىم، شىركەت خادىملىرىنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تالون چىقىرىپ مال قاچىلىشى قاتارلىق ئالدىراشچىلىقلار ھەدەمنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسا كېرەك، ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە تۇرۇپلا مەندىن «ماڭا شىركەتنىڭ كۈچى ناملىق پىلاستىنكىنى قويۇپ بەرسەڭ بوپتىكەن، كۆرۈپ باقاي دېگەن ئىدىم» دەپ سوراپ قالدى. مەن ھەدەمنىڭ چاقچاق قىلغان ياكى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئازراق گاڭگىراپ قالدىم-دە، قايتۇرۇپلا، قويۇپ بەرسەم چۈشىنەلەمسىز؟ دەپ سورىدىم. 
چۈنكى مېنىڭ بۇنداق سورىشىم، ھەدەمنىڭ خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ «شىركەتنىڭ كۈچى»دىن ئىبارەت بۇ فىلىمگە قىزىپ قالغانلىقى ۋە ئۇنى كۆرگۈسى بارلىقى بىنورمالسىزلىقتەك بىلىنگەن ئىدى. ھەدەم ماڭا «كۆرۈپ باقاي، چۈشىنەلەرمەن، چۈشىنەلمىسەم سەن چۈشەندۈرۈپ قويارسەن.» دەپ جاۋاب بەردى. شۇڭا مەن ئىككىلەنمەيلا بىر پىلاستىنكىنىڭ پېچىتىنى ئېچىپ، ھەدەمگە قويۇپ بەردىم. ھەدەم ئاشۇ كەچ سائەت 10:00 دىن ئاشقاندا كۆرۈشكە باشلاپ، بىر ئولتۇرغانچە ئىككى قىسىمنى تولۇق كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن ئۇخلاپ قالدى. 
ھەيرانلا قالدىم، ھەدەمنىڭ مۇشۇنداق بىر كەسپىيلىكى يۇقىرى بولغان فىلىمگە قىزىقىپ قېلىشى، يەنە كېلىپ بىر ئولتۇرغانچە زېرىكمەي ئىككى قىسىمنى تولۇق كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن ئۇخلىشى ھەقىقەتەن ماڭا چۈشتەكلا بىلىنىشكە باشلىدى. چۈنكى ئادەتتە ھەدەم «يېپەك يولىدىكى سادا»، «تالانت سەھنىسى»، «شېرىن چۈش» قاتارلىق پىروگراممىلارنى ياقتۇرۇپ كۆرسىمۇ، ئەزەلدىن شىركەت، ئىگىلىك، باشقۇرۇش دېگەنلەرگە قىلچە قىزىقمايتتى.
ھەدەم ئاخشام «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمى «شىركەت، شىركەت، شىركەت» ۋە ئىككىنچى قىسمى «بازارنىڭ چېكى يوق»نى تولۇق كۆرۈپ بولۇپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ماڭا «سەن ئىلگىرى شىركەت قۇرىمەن دېسەڭ چۈشەنمەپتىكەنمەن، ئەسلى شىركەت قۇرساڭ، ئىگىلىك تىكلىسەڭ بەك ياخشى بولىدىكەن ئەمەسمۇ. سەنمۇ رادىل ئابلادەك چوڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىكەنسەن ئەمەسمۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭگە، شىركىتىڭنى راۋاجلاندۇرۇشۇڭغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەمدە بولىمەن. تىرىشقىن، چوقۇم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسەن. چۈنكى ئارقاڭدا بىزدەك ھىمايىچىڭ بار...» دېگەن ئىدى. 
دېمەك، ھەدەمنىڭ ئاشۇ قاتمال ئىدىيەسىنىڭ بىردىنلا 180 گىرادۇس بورىلىشىغا سەۋەبچى بولغان نەرسە دەل «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىم ئىدى. مەن مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاشۇ كاللىسى نىسبەتەن ئاددىي، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىنى 180 گىرادۇس بورىۋېتىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ھەدەم مەزكۇر فىلىمنى تېخى تولۇق كۆرمەستىن، پەقەت ئىككى قىسىم كۆرۈپلا، ئەسلىدىكى مېنى قوللىماسلىق، جان-جەھلى بىلەن ماڭا قارشى تۇرىدىغان ئىدىيەسىدىن بىراقلا مېنى قوللاش تەرەپدارى بولغانلىقىنى بىر مۆجىزە دەپ چۈشىنىشكە بولاتتى. مەزكۇر فىلىم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىسىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئەمەلىي ئىشلار خاتىرىسىگە شاھىت بولغان سىز مۇشۇ دەقىقىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ سىزدىمۇ «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق پىلاستىنكىنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى بولدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بىر ئىستەك بولغان بولسا، ئىككىلەنمەڭ، دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ، 09916755584 سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. 
ئىشلىرىڭىز ناھايىتى ياخشى يۈرۈشىۋاتقان بولسا، 168 يۈەن خەجلەپلا مەزكۇر فىلىمنى سېتىۋېلىپ كۆرۈڭ، چەكسىز بايلىق ۋە بىلىمگە ئېرىشىپ قېلىشىڭىزغا ئىشەنچىمىز كامىل. ئەھۋالىڭىز ياخشى ۋاقتىڭىزدا ئامال قىلىپ ئۆزىڭىزنى مەغلۇب قىلىشىڭىز، ئەھۋالىڭىز ياخشى ئەمەس ۋاقتىڭىزدا ئامال قىلىپ ئۆزىڭىزنى كۈچلۈندۈرۈشىڭىز تولىمۇ مۇھىمدۇر. ئېسىڭىزدە بولسۇن «ئىككىلىنىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، باشقىلار سىزدىن ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن!» 
ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان فىلىمنى تاۋباۋدىن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، تاۋباۋدىن 6755584 دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى