ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

لىفىت ۋەقەسى ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدە

لىفىت ۋەقەسى ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-10-27 ئاۋاتلىقى: 17762 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىزىق ئىش، ئادەم دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەنمىز دېسە. مەلۇم بىر ئىشتا بىرەر جانغا زامىن بولىدىغان ئىش-ھادىسە كۆرۈلمىسە، شۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئادەم چىقمايدىكەن. يەنە كېلىپ بەزىدە بىر قىسىم مەيلى شەخس بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت فونكسىيە تارماقلىرى بولسۇن، ئۆزىنىڭ فونكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرمايدىكەن. ھەمىشە بىرەر ئىش-ھادىسە چىققان ھامانلا، ئەتراپىمىزدىكى مەيلى شەخس بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بولسۇن ئۆزىنىڭ خىزمەت فونكسىيەسىنىڭ نېمىلىكىنى ئاندىن ئەسكە ئالىدىغاندەك، بولمىسا ئۆزىنىڭ خىزمەت فونكسىيەسىنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئۇنتۇپلا قالىدىغاندەكلا تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. 
بىرەر رايوندا تەيفېڭ بورىنى چىقمىسا ھېچ گەپ يوق، ئەمما قاچانكى تەيفېڭ بورىنى چىقسا، دەرھال بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم خەۋەرلىرى تەيفېڭ بورىنىغا يولۇققاندا خەتەردىن قانداق ساقلىنىش ھەققىدىكى ساۋاتلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ؛ بىرەر جايدا تەسىرى چوڭراق ئوت ئاپىتى ياكى سۇ ئاپىتى يۈز بەرمىسە ھېچ گەپ يوق، ئەمما قاچانكى بۇ خىل ئاپەتلەر يۈز بەردى، شۇ ھامانلا ھەممە تاراتقۇلار بەس-بەستە ئوت ئاپىتى ياكى سۇ ئاپىتىدىن قانداق مۇداپىيەلىنىش ھەققىدە خەۋەر-ئۇچۇرلارنى ياغدۇرىۋېتىدۇ؛ بىرەر جايدا يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ھەممە دەرھال يەر تەۋرەش ھادىسىسىدىن قانداق ساقلىنىش، قانداق مۇداپىيەلىنىش ھەققىدىكى ساۋاتلارنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشۋىق قىلىشىدۇ. 
ئەمما ئادەتتىكى ئەھۋالدا بولسا بۇ ئىشلار ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. خۇددى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بۇنداق ئىش-ھادىسىلەردىن مۇستەسنادەكلا. 


ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ھەر ۋاقىت ھەر خىل ئىش-ھادىسىلەردىن مۇستەسنا ئەمەس. مەيلى ئوت ئاپىتى بولسۇن، سۇ ئاپىتى بولسۇن، ماشىنا ھادىسىسى بولسۇن، يەر تەۋرەش بولسۇن ۋە ياكى باشقا ھادىسىلەر بولسۇن ھەر ۋاقىت ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى تامامەن مەۋجۇت. بىز ھەر ۋاقىت بۇ ھەقتىكى ساۋاتلارغا دىققەت قىلىشىمىز، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىمىزنى ھەرۋاقىت ئۆستۈرۈپ تۇرۇشىمىز، ھەر سكونت، ھەر دەقىقە ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ھەر خىل كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردىن مۇداپىيە كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك ئىدى. 

ھەممىمىزگە مەلۇم، يېقىندا خۇبىيدا بىر ئانا ئوماق قىزىنى يىتىلەپ مەلۇم بىر سودا-ساراينىڭ لىفىتىدىن چىقىۋاتقاندا، لىفىتتا تويۇقسىز كاشىلا كۆرۈلۈپ، بۇ ئانا لىفىت تەرىپىدىن بەختكە قارىشى رەھىمسىزلەرچە تارتىپ كېتىلىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ نەق مەيدان سىن ھۆججىتى توردا ئاشكارىلغاندىن كېيىن، بىردىنلا ھەر قايسى ئۈندىدار سۇپىلىرىنىڭ بەس-بەستە تارقىتىدىغان قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئاشۇ سىن ھۆججىتىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئانىنىڭ بەختسىزلىكىگە ئىچى سىيرىلماي قالمايدۇ، ئەمەلىيەتتە مۇشۇ قېتىملىق لىفىت ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، بىرەرسىگە مۇشۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن ئۇقتۇرۇلۇپ، مۇشۇنداق ھادىسىدىن ساقلىنىش ھەققىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتساق، ئىشىنىمەنكى ھېچكىم بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، ھەم ھەممە ئادەم بۇ ئىشلار خۇددى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك قىلچە پەرۋا قىلماسلىقى مۇمكىن. 

بۇ قېتىملىق لىفىت ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئىش-ھادىسىلەر ئادەمگە بىر خىل بىمەنە تۇيغۇ بېرىپ، ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايدۇ. 
مەسىلەن: بۇ قېتىملىق لىفىت ۋەقەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيە تارماقلىرى بەس-بەستە ھەر قايسى سودا-ساراي لىفىتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى «جان تىكىپ ئىشلەپ»، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. 

بۇنى چېكىڭ: «ئۈرۈمچىدىكى سودا-سارايلارنىڭ لىفىت بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلدى»

خۇددى، ئاشۇ ئىچكىرىدە بىر سودا ساراينىڭ لىفىتىدىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال ھەممە لىفىتلاردا زەنجىرسىمان رىئاكسىيە يۈز بېرىدىغاندەك، بارلىق لىفىتلاردا ئوخشاش ھادىسە كۆرۈلىدىغاندەكلا ئالاق-زادە بولۇپ كېتىشىدۇ. ئەمما كېسىپ ئېيتىمەنكى، بۇ قېتىملىق لىفىت ۋەقەسىدىن بۇرۇن، ھېچكىممۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر فونكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ ئاكتىپ ھالدا، قەرەللىك ھالدا سودا-سارايلارنىڭ لىفىتلىرىنى تەكشۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ باقمىغانغۇ دەيمەن. ئەجىبا، فونكسىيەلىك تارماقلا مۇشۇنداق بىرەر ئىش چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ فونكسىيەلىك رولىنى ئەسكە ئېلىشى كېرەكمۇ؟ ئادەتتە بىرەر جانغا زامىن ھادىسىلەر يۈز بەرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش زۆرۈرمۇ؟ ئەلۋەتتە، بىز بۇ يەردە مۇتلەقلەشتۈرەلمەيمىز، بەلكىم ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيەلىك تارماقلىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت فونكسىيەسىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇشى، لېكىن بۇ ھەقتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. دېمەك، بۇ يەردە يەنە بىر ئۆز خىزمەت فونكسىيەسىنى ياخشى ئىجرا قىلماسلىق قىلمىشى ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. 

مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بىرەر جانغا زامىن بولىدىغان ئىش-ھادىسە يۈز بەرمەي تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل فونكسىيەلىك تارماقلىرىدا ئازدۇر كۆپتۇر ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىجرا قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ فونكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرماسلىق ئەھۋاللىرى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى فونكسىيە تارماقلىرى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ فونكسىيەلىك رولىغا سەل قارىماي، ھەممە بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەممە تەرەپ ئۆزىنىڭ خىزمەت فونكسىيەسى دائىرىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى ئىشلىسە، مەنچە ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن جانغا زامىن بولۇش ھادىسىلىرى زور دەرىجىدە ئازلىغان ۋە مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. 
ئەمدى دىققىتىمىزنى ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيەلىك تارماقلىرىدىن ئەتراپىمىزدىكى سىز، ئۇ ۋە مەن قاتارلىقلارغا تاشلىساق، يەنە نۇرغۇن بىمەنە قىلمىشلارنىڭ سادىر بولىۋاتقانلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.
تۆۋەندىكى بىر قانچە سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ چىقىڭ:مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بىز ھەر ۋاقىت ئەتراپىمىزدا جانغا زامىن بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئاز سادىر بولۇشىنى، مۇمكىن بولسا پەقەت سادىر بولماسلىقىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەردە، ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيەلىك تارماقلىرى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ فونكسىيەسىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرسا، بۇ خىل جانغا زامىن بولىدىغان ئىش-ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولاتتى. 


بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى