ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«شىركەتنىڭ كۈچى» قانداق فىلىم؟ «شىركەتنىڭ كۈچى»نى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم...

«شىركەتنىڭ كۈچى» قانداق فىلىم؟ «شىركەتنىڭ كۈچى»نى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم...

ۋاقتى: 2016-10-27 ئاۋاتلىقى: 9829 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يازمىمىزنى باشلاشتىن ئىلگىرى، بىر قىسىم چۈشەنچە بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈپ كەتمەكچىمەن، شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىركىتىمىز ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقىرىلغان «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنىڭ سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ مەزكۇر فىلىم ھەققىدە سورىغان بەزىبىر ئايدىڭ بولمىغان سوئاللىرىنى تاپشۇرىۋالدۇق. 

گەرچە تېلېفوندا شۇ سوئالنى سورىغۇچى خېرىدارلارغا ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش سوئالنىڭ تەكرار سورىلىشى سەۋەبلىك بۇ ھەقتە ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىشنى توغرا تاپتۇق، شۇڭا بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچىمىز. 

«شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق مەزكۇر فىلىم جەمئىي 5 دىسكا، 10 قىسىملىق مەخسۇس فىلىم بولۇپ، بىر قاپقا قاچىلانغان. بىر قاپنىڭ باھاسى 168 يۈەن بولۇپ، ناھايىتى سۈپەتلىك چىققان. مەزكۇر پىلاستىنكا قانۇنلۇق نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولغاچقا، پىلاستىنكىغا كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن، شۇڭا مەزكۇر پىلاستىنكىنى پەقەت كومپيۇتېر ياكى DVD ئاپپاراتىدا كۆرۈشكە بولىدۇ (مەزكۇر فىلىم سۈرەتلىك فىلىم بولۇپ، بۇ قانداقتۇر تەربىيەلەش ھەققىدىكى دەرسلىك ئەمەس، بەلكى شىركەت ۋە بازار ھەققىدە سىستېمىلىق، ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىلىپ، سىزنى بۇ ھەقتە نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ. ) 
مەزكۇر فىلىم مەيلى قاپ ئورالمىسى بولسۇن ياكى فىلىمنىڭ ئاۋاز سۈپىتى، تەرجىمە سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن ئالاھىدە سۈپەتلىك چىققان. مەزكۇر فىلىمنى قانچە كۆپ ئادەم كۆرسە شۇنچە ياخشى، ھەمدە پۈتكۈل قېرىنداشلارغا مەزكۇر فىلىمنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز، چوقۇم ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىڭ. ئەگەر دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە ياخشى سوۋغات بېرىشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، مەزكۇر پىلاستىنكىنىڭ ئەڭ ياخشى سوۋغات بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
مەزكۇر 10 قىسىملىق مەخسۇس فىلىمدە شىركەت، بازار، ئىگىلىك، پۇرسەت، ئۇتۇق، مەغلۇبىيەت، شىركەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، دۆلەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى، جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋەھاكازالار بولۇپ ناھايىتى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق چۈشەنچە بېرىلگەن. پۈتكۈل فىلىم شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق دېكتور رىياسەتچىسى جۇشقۇن جۇمەنىڭ ياندىن بايان شەكلىدە ئاۋاز بېرىشىدە ۋۇجۇدقا چىققان.
تۆۋەندە «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىرات بېرىلدى، ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمىز!

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 

«شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنىڭ توردا سېتىش ھوقۇقى شىنجاڭ ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىدە. شىركىتىمىز تەييارلىغان بىر قىسىم چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچە ماتېرىياللىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى شىركىتىمىزگە تەۋە، ھېچقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ ئۆزگەرتىش ھوقۇقى يوق! 

يېقىندىن بىرى بىر قىسىم ئەخلاقسىز كىشىلەر باشقا يوللاردىن مەزكۇر فىلىمنى قولغا چۈشۈرۈپ، شىركىتىمىز تەييارلىغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماقالە-يازمىلاردىكى شىركىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك تېلېفون نومۇرى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى خالىغانچە ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئالماشتۇرۇپ، ئۈندىدار سالونلىرىدا يوللاپ، قىلغان ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئاشۇ نۇمۇسسىز كىشىلەرنىڭ سېتىۋاتقان پىلاستىنكىلىرى ھەقىقىي پىلاستىنكىمۇ ياكى كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىمۇ بۇ بىزگە ۋە كەڭ ئاممىغا نامەلۇم؛ 
ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ قولىدىكى پىلاستىنكىنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىغا شىركىتىمىز كاپالەت بېرەلمەيدۇ، شۇڭا ئەگەر ھەقىقىي نەشردىكى پىلاستىنكىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى 6755584-0991 غا تېلېفون قىلىپ ياخشىراق سۈرۈشتۈرۈپ ئويلىنىپ ئىش كۆرۈڭ، شىركىتىمىز سېتىپ چىقارغان پىلاستىنكىدا ھەر قانداق سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە شىركىتىمىز شەرتسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتا باشقىلارغا ئالدىنىپ كېتىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ. 
ھەر خىل يوللار بىلەن «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنى قولغا چۈشۈرۈپ (شىركىتىمىزدىن توپ سېتىۋالغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا)، شىركىتىمىز تەييارلىغان ماتېرىياللاردىكى ئۇچۇرلارنى شەرمەندىچىلەرچە ئۆزگەرتىپ بازارنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلارغا:
ئەگەر ھەقىقىي بىڭسىڭىز بولسا ھەم سېتىۋاتقان پىلاستىنكىڭىز ھەقىقىي نەشردىكى پىلاستىنكا بولسا، مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى ئۆزىڭىز تەييارلاڭ، خالىغانچە شىركىتىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان چۈشەنچە ماقالىلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ شەرمەندىچىلىك قىلماڭ.

«شىركەتنىڭ كۈچى» فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

كۆرۈپ بولغان بىرىنچى ۋاقىتتىكى ئەڭ چىن، ئەڭ تەقەززالىق ھېسسىياتىم بولسا كۈچلۈك ھەيرانلىق ۋە ھالقىش تۇيغۇسى!
شىركەتنىڭ ماھىيىتى بىر قىممەت يارىتىدىغان ۋە پايدىنى ئەڭ زور چەككە يەتكۈزىدىغان تەشكىلىي ئورگان، تەشكىللەشنىڭ مەقسىتى بولسا ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن قالتىس ئىشلارنى قىلىش، پەقەت ھەربىر ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن قىممەت يارىتىشنى ئەڭ زور چەككە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. 
يەر شارىلىشىش سەۋەبلىك جۇڭگو ئىقتىسادىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا بولۇپ قالدى. چەتئەلدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەمئىيەت ئۆزگىرىشىدە، مەسىلەن: دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئىقتىسادىي جەمئىيەت ئۆزگىرىشى بولغان ئەنگىلىيەدە، شىركەتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، ئەنگىلىيە ئىقتىسادىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن. 
جۇڭگو ئىقتىسادىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى زېممىمىزگە ئالغان بىز، يېڭى ئىدىيە، يېڭى قىممەت قارىشى ۋە دۇنياغا بولغان پۈتۈنلەي يېڭى تونۇشنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. ھەم يېڭىلىق يارىتىپ ئۆگىنىپ، ھەم دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەرۋاقىت دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. دىككېنس يۈز نەچچە يىل بۇرۇن قىلغان سۆزنىڭ ئەكس ساداسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ياڭرىماقتا: بۇ بىر ئەڭ ياخشى دەۋر، شۇنداقلا يەنە ئەڭ يامان دەۋر؛ بۇ بىر ئۈمىدكە تولغان باھار، شۇنداقلا ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان جۇدۇنلۇق قىش؛ ئالدىمىزدا ھەممە نەرسە بار، ئالدىمىزدا ھېچ نەرسە يوق... بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئۆزگەرمەيدىغان ھېچنېمە يوق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەممە دەۋرنىڭ كەينىدە قالىدۇ، جەمئىيەت توختىماي ئالغا ئىلگىرلەشكە موھتاج.
پەقەت كۈچلۈك كرىزىس تۇيغۇسىغا ئىگە ئادەملا يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بۇ ئارقىلىق رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇرەككەپ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بىر شىركەت، بولۇپمۇ ئىجادىي خاراكتېرلىك شىركەت ۋە شىركەتتىكى ھەربىر خادىم چوقۇم ئۆزىنىڭ كرىزىس ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. تارىختا ئۆتكەن ھەربىر قېتىملىق ئىقتىسادىي كرىزىسقا قارايدىغان بولساق، 1929-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا ئىقتىسادشۇناسلار تا بۈگۈنگىچە بىر ھۆكۈم چىقىرالمىدى، ئەڭ يېقىن بولغان 2008-يىلىدىكى «ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى»نى ئېلىپ ئېيتساق، كرىزىس نۇرغۇن دۆلەتلەرگە كېڭەيدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى، بۇ كرىزىسنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن، تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز. بازار ئىقتىسادىدا، ھەرقانداق شىركەت، ھەرقانداق كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كېلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، بىز ئاۋۋال ھۆكۈمەتنىڭ قانداق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ۋە نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشماي تۇرايلى، بىز ئويلىشىشقا تېگىشلىك بولغىنى، شىركەتنىڭ ئەتىسى، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش ئەمەس، بەلكى مۇددەتتىن بۇرۇن قەدەم بېسىش، ھېچقانداق ئادەم ئۆزگىرىشنى نېرى-بېرى قىلالمايدۇ، پەقەت ئۆزگىرىش ئالدىدىلا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە تەييارلىقى تولۇق بولغان ھالدا ھەرقانداق سىناقنى قوبۇل قىلالايدۇ، ئاز ساندىكىلەر يەنە شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆسۈپ زورىيىدۇ. لېكىن مەيلى شىركەت قانداق كرىزىسقا تاقابىل تۇرسۇن، بازار مەڭگۈ ئۆزىنى قۇتقۇزىدىغان ۋە كرىزىستىن قۇتۇلۇپ چىقىدىغان ئۈنۈملۈك قائىدە.
شىركەت ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىستېمالچىلار توپىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغاچقا، كۆپ مەنبەلىك ئاۋازغا قۇلاق سېلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ھۆكۈمنى چىقارغىلى بولىدۇ. شۇڭا شىركەتنىڭ خادىملىرى ۋە ئابونتلىرىنىڭ شىركەت تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك، ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشى شىركەتنىڭ توختىماي تەرەققىي قىلىشىدىكى كاتالىزاتور. 
زامانىۋى كارخانا دەپ نېمىنى دەيمىز؟ بۇنى كەسپىي دىرېكتورنىڭ شىركەت باشقۇرۇش سەھنىسىگە قەدەم باسقانلىقىدىن باشلاش كېرەك. ئامېرىكىلىق ئالىم چەندلېر بىر كارخانىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمى ۋە يۇقىرى قاتلىمىنى مائاش ئالىدىغان دىرېكتورلار كونترول قىلغاندا مۇۋاپىق ھالدا زامانىۋىي كارخانا دەپ ئاتاشقا بولىدۇ دەپ قارىغان. مەن مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۆز قولى بىلەن قۇرغان شىركەتتىن ئايرىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ چەكسىز زورىيىشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىش دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە مايىل. چۈنكى بۇلار ئەسلىدىنلا بىر ئادەتتىكى ئادەم قىلالايدىغان ئىشلار ئەمەس.
ھەرقانداق شىركەت ئۆزى تەرەققىي قىلغان كارخانا مەدەنىيىتىنى ئۆزىنىڭ جېنى ۋە روھىي تۈۋرۈكى قىلىدۇ. ياپونىيەنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى مەن شەخسەن ئادەمنىڭ قەلبىنى تۇتۇپ قالالايدۇ دەپ قارايمەن، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ئەخلاق ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشكىسى كېلىدۇ. شىركەت قۇرغۇچىنىڭ ئەمەس، پايچىكلارنىڭ ۋە ھەرقايسى رەھبەرلەرنىڭمۇ ئەمەس، ئۇ ھەربىر خادىمغا ئورتاق. بۇنىڭ ئىككى تىپىك مىسالى بار. شىبۇساۋا ئىچى ۋە ماتسۇشىتا مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن كارخانا مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىراتىم بىرقەدەر چوڭقۇر بولغان ئىككى ئادەم. «ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىش سەھىپىسى»نىڭ بېشىدىكى بىرىنچى جۈملىسى: تەڭرى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىنى ياراتمايدۇ، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كىشىنىمۇ ياراتمايدۇ. بۇ جۈملە ئادەمنى ئاساس قىلغان كارخانا مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىدۇ. موتو ئونوسونجونىڭ ئايالى مۇنداق دەيدۇ: ئادەمنىڭ قەلبى ئەڭ قۇدرەتلىك. 
جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى كىشىلەرنىڭ توختىماي يېڭىلىق يارىتىشى ۋە يېڭى شەيئىيلەرنى قوبۇل قىلىشىدىن كەلگەن. ئاساسىي تەتقىقاتتىكى بۆسۈشلا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بالدىقىنى توختىماي يۇقىرى ئۆرلىتەلەيدۇ. يېڭىلىق ياراتماقچى بولغان ئىكەن، چوقۇم ئىدىيەگە ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان ئاسماننى بېرىش كېرەك، شۇنداق يېڭىلىق يارىتىشلا ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرالايدۇ. ھېچقانداق مەخپىيەتلىكى بولمىغان يېڭىلىق يارىتىش بىر توختىماي ياخشىلايدىغان جەريان، بۇ ئارقىلىق بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلگە ئاشىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىسمىتى، شىركەت ئىنسانىيەت يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئاۋانگارتى. كەلگۈسى ھامان تەسەۋۋۇردىن سىرت بولىدۇ...
ئەڭ ئاخىرىدا، ئىنسانلار مەڭگۈ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتماسلىقى، ئۆزى ھەم باشقىلارنى ئالدىماسلىقى كېرەك، ئېسىڭىزدە بولسۇن: نامراتلىقنى ئېتىراپ قىلىش نومۇس ئەمەس، تىرىشىپ تاقابىل تۇرماسلىق چۈشكۈنلۈك. شىركەتنىڭ كۈچى ھەربىرىمىزنىڭ كۈچىنىڭ يىغىندىسى، دۇنيانى ئۆزگەرتىش مىڭلىغان شىركەتلەردىكى تۈمەنلىگەن خادىملارنىڭ ئورتاق بۇرچى. 

***************************************************

ئەگەر مەزكۇر فىلىمگە قىزىققان ۋە سېتىۋېلىش ئىستىكىڭىز بولغان بولسا، 6755584-0991 غا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز ياكى تاۋباۋ تورىدىن 6755584 دەپ ئىزدەپ بىۋاسىتە توردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ!

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى