سىز، مەن چوقۇم ئۇلارنى چۈشىنىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ قانداق لوگىكا پىرىنسىپى؟
-
سىز، مەن چوقۇم ئۇلارنى چۈشىنىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ قانداق لوگىكا پىرىنسىپى؟
ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 17099 قېتىميانفوندا كۆرۈش
سىز، مەن چوقۇم ئۇلارنى چۈشىنىشىمىز كېرەكمۇ؟
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
ئارىمىزدا ئۆزگىنى كۆرسە كۈچۈكلىنىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالىدىغان، ئۆزنى كۆرسە شىر، يولۋاس كەبى ھەيۋە قىلىدىغان كىشىلەر تولىمۇ كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇنداق كىشىلەر ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر قىسىم مونوپولىيە خاراكتېرلىق ئورۇنلاردا كۆپ بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن: بانكا خادىملىرى، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى دېگەندەك.
بۈگۈنمۇ بانكىدا مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقتۇم. ئاچچىقىم كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرسەم، ئەتراپىمدىكى «كۆڭلى كۆكسى كەڭ» خەلقىم مېنى ئەيىبلەپلا كەتتى. «بولدى قىلساڭ بولمامدۇ، ھەممىمىز ئۆز تىل كىشىلىرى بولغاندىكىن ئۇلارنىمۇ چۈشەنسەڭ بولمامدۇ»... دەپ ماڭا كايىپ كەتتى.
ئەجىبا سىز، مەن چوقۇم ئۇلارنى چۈشىنىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىزدە پىرىنسىپ دەيدىغان بىر ئۇقۇم بارغۇ، ئەجىبا ئۇلار ئۆز تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزگىگە كۈچۈكلىنىپ، ئۆز تىلدىكىلەرگە شىر، يولۋاس كەبى ھەيۋە قىلسىمۇ ئۇلارنى چۈشىنىش كېرەكمۇ؟ چۈشىنىشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. قارا-قويۇق ھەممىنى چۈشىنىۋەرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر پىرىنسىپسىزلىق قىلسا، چۈشىنىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارغا ۋاقتىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش، ئەگەر چەكتىن ئاشۇرىۋەتسە، يۇقىرىغا ئۇلارنى شىكايەت قىلىش كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ قانۇنغا خىلاپ ئەمەس. بەلكى ئىلمىي، مەدەنىي پۇقرا بولۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئۆز تىلدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پىرىنسىپسىزلىق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يامان دېگىنىمىز يوق، پەقەت قىسمەنلىرىنىڭ ئاشۇنداق پىرىنسىپسىزلىق قىلىشى ئۆز تىلدىكىلەرنىڭ ئوبرازىغا سەلبى تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن ياخشى قېرىنداشلىرىمىزمۇ بار، ھەر ۋاقىت ئۆز تىلدىكىلەرگىمۇ ئۆزگە تىلدىكىلەرگىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان، مەزكۇر يازمىمىزدا پەقەت ئاشۇ قىسمەن ئۆز تىلدىكىلەرنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە توختىلىمىز. شۇڭا ئوقۇرمەنلىرىمىزدە بۇنى ئىلغۇغىدەك ئىدراكنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئادەتتە، مۇلازىمەت پوكىيىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆكرىكىدە كىچىك بىر نومۇر تاختىسىدا ئۇلارنىڭ خىزمەت نومۇرى بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ پىرىنسىپسىزلىق قىلسا، مەيلى ئۇ ئۆز تىل بولسۇن ياكى ئۆزگە تىل بولسۇن، يۇمشاقباشلىق قىلىپ «مەيلى سەۋر» دەپ ئولتۇرماي، قولىڭىزغا تېلېفوننى ئېلىپلا، مۇلازىمەت نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ ئاشۇ خىزمەت نومۇرىنى پاش قىلسىڭىز، شىكايەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئومۇمەن ئۆزگە تىلدىكى مۇلازىمەتچىلەردە پىرىنسىپسىزلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ ياكى كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پىرىنسىپنى بەكرەك ياقىلايدۇ، بىزدەك زىيادە كۆڭۈلچەك ئەمەس. بىزلەردە ھەمىشە «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قالدى!» دېگەندەك ئىشلار سەل كۆپ يۈز بېرىدۇ.
شۇ نەرسىنى ئونۇتماڭكى، سىزنىڭ بىر قېتىم ئۇنى توغرا چۈشەنگەنلىكىڭىز ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ سەۋر قىلىشىڭىز ئۇلاردا مەن دېگەن نوچى، بۇ يالاڭتۆشلەر مېنى نېمە قىلالايتتى، مەن بىلگىنىمنى قىلسام بولىدۇغۇ دېگەندەك بارغانچە ئۆز تېرىسىگە پاتماي، ئۆز قېرىنداشلىرىغا تېخىمۇ پىرىنسىپسىزلىق قىلىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.
بالا بىر قېتىم خاتالىق سادىر قىلسا، ئۇنىڭغا ۋاقتىدا تەنبىھ بېرىپ، ياخشى تەربىيە بىلەن ئۇنىڭ كېيىنكى قېتىم ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماي، بولدى بالام كىچىك، ھېچقىسى يوق دەپ كارىڭىز بولمىسا، ھامان بىر كۈنى بالىڭىزنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە باشقىلارنىڭ ئالدىدار خار بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبكار بولۇپ قالىسىز، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەسىلىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، سىزنىڭ مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللانماسلىقىڭىز، ھامان بىر كۈنى ئاشۇ ئۆز تىلىڭىزدىن بولغان سۈيۈملۈك قېرىندىشىڭىز زىيادە غادىيىپ، ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئېڭىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھامان بىرىنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ قالىدۇ-دە، ئاشۇنداقلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىدۇ.
بەزىبىر پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى ئۈگۈتلەرگە قارايدىغان بولساق، باشقا دۆلەتلەردىكى ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا تولىمۇ «تاشيۈرەك» بولىدىغانلىقى، بالىسى ئەمدى مېڭىشنى ئۆگىنىۋاتقان مەزگىللەردە ماڭالماي يېقىلىپ چۈشسە، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئانىلىمىزدەك يۈرىكى قوقاسقا پۇچىلانغاندەك بولۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ بالىسىنى يۆلەپ كەتمەيدىغانلىقى، بەلكىم بالىسىنى ئۆز ئورنىدىن مۇستەقىل تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىدەك مىساللارنى ئۇچرىتىمىز.
بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپلا، زىيادە كۆڭۈلچەكلىك شەربەتلىرىدە سۇغۇرۇلۇپ چوڭ بولغان بولغاچقا، پىسخىكىمىزدىكى كۆڭۈلچەكلىك بىزنىڭ قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن، بىزدىكى كۆڭۈلچەكلىكنىڭ تارىختا پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىمۇ ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز دەرىجىدە خاتالىق سادىر قىلىنىشىغا سەۋەبكار بولغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ ئەمەس. بەلكىم «كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق» دېگەن بۇ ماقال-تەمسىل پەقەت ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىچىدىنلا چىقسا كېرەك، باشقا مىللەت، قەۋملەردە بۇنداق ماقال-تەمسىلنىڭ مەۋجۇت بولۇش تارىخى بولمىسا كېرەك. بىزدىكى ئاشۇ خىل كۆڭۈلچەكلىك بولغاچقىلا، يازمىمىزنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك باشقىلارنى چۈشۈنۈپ كۆنۈپ قالغان، ئۇلاردا ئۆزگىدىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە ھەيۋە قىلىشتەك ئېغىر خاتالىقنىڭ سادىر بولۇشىغا يول قويۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن بولسىمۇ بۇ خىل ئەھۋالغا ئاستا-ئاستا خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى ھازىرقى دۇنيا مىكرولىشىپ كەتتى، بۇنداق مىكرو دۇنيادا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان مەسىلە. ئەگەر ئۆز قەۋمىنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىۋېلىشىغا ئەينەكلىك رول ئويناپ بەرمىگەندە، ھامان بىر كۈنى ئۆزگىلەرنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولىدىغىنى يەنىلا ئۆز قەۋمىدىن بولغانلاردۇر. ئۆز قەۋمىگە قاتتىق قول بولۇش ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك ھېسابلانمايدۇ. ئەلۋەتتە، بىز بۇ يەردە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز قەۋمىڭگە دۈشمەن كەبى ئۆچ بولۇپ كەت دېمەكچى ئەمەسمىز، بەلكى ئۆز قەۋمىڭگە مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىل، كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي سادىر قىلىپ قويغان خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىشىغا ئەينەكلىك رول ئويناشنى ئونۇتما دېمەكچى.
دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈم، ئەمىر-پەرمانلىرىغا زىت ئىش قىلماي، خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماي، مەدەنىي، ئىلمىي پۇقرا بولغان ئىكەنمىز، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى، ئەمىر-پەرمانلىرى يول قويغان دائىرىدە ئۆزىمىزنىڭ بەھرلىنىشكە تېگىشلىك ھوقۇقىمىزدىن ياخشى بەھرلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىر كۈنى سىز بانكىغا ئىش بىجىرگىلى بېرىپ، ئوخشىمىغان پوزىتسىيەلىك مۇلازىمەتكە يولۇقسىڭىز، دەرھال ئۇنىڭ خاتالىقىنى پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، ئۇنى شىكايەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇ بىر خەلققە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن نېمىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان مىللەتكە ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولىدىكەن؟ دۆلىتىمىزنىڭ ھېچقانداق قانۇن-تۈزمىدە، ئەمىر-پەرمانلىرىدا ئۆزگىگە كۈچۈكلىنىپ، ئۆزگە شىر، يولۋاس كەبى ھەيۋە قىل دەپ بەلگىلەنمىگەن. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قەدرىڭىزنى، غۇرۇرىڭىزنى يەرگە ئۇرىدىغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا پاش قىلسىڭىز بۇ ھەرگىزمۇ قانۇنغا خىلاپلىق بولمايدۇ. ئەكسىچە قانۇندىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلمىي، مەدەنىي پۇقرا بولۇشنى ھەر قانداق قانۇن-تۈزۈم قوللايدۇ ھەم قوغدايدۇ.
بىزدە «بالا يىغلىمىسا، ئانا ئەمچەك سالمايدۇ.» دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار، ئەگەر سىز، مەن ئاشۇنداق پىرىنسىپسىزلىققا ۋاقتىدا تاقابىل تۇرمىساق، بۇ كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ، ۋابا كەبى يامراپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئەڭ ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى كىم بولىدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋابى ھەممىگە ئايان ئەلۋەتتە.
بىزدە كىچىكىمىزدىن تارتىپلا زىيادە كۆيۈنۈش ئېغىر بولغاچقا، ئاتا-ئانىلاردىكى كۆيۈنۈش ئاخىرى بېرىپ ئۆز پەرزەنتىنىڭ مۇستەقىل ئېڭىنىڭ يېتىلىشىگە زور دەرىجىدە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىزدە تۇرمۇش قۇرۇش يېشىغا يەتكەن ھەر چوڭ ئەركەكلىرىمىزدىمۇ مۇستەقىل ياشاش ئېڭى خېلى كەمچىل، نېمىلا ئىش بولسا ئاتا-ئانىغا بېقىنىۋېلىش پىسخىكىسى ئېغىر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم كىچىكىمىزدىن باشلاپ مۇستەقىل ياشاش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈش ئېڭىنىمۇ تەڭ يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ستېۋ جوبستىن كېيىنكى دۇنيانى ئۆزگەرتكۈچى: ئېلون
2016-02-11 16:52:258674خىزمەت ئۈنۈمى قانداق بولۇشى كېرەك؟
2015-06-23 11:52:326093ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىش-ھەرىك
2016-06-03 19:39:421814قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام با
2015-06-07 13:36:236125بىز 200 ياشقىچە ياشىيالامدۇق؟
2016-01-07 23:22:5112020ئوبامانىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆي سېتىش ھېكايىسى
2015-10-31 14:58:4212235جوۋ گوپىڭ: ئانا تىل مائارىپنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى
2015-05-18 23:49:186098ياشاشنىڭ قاتلىمى
2016-06-13 01:52:551809
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-