ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كىملەر يېزىشى كېرەك؟

كىملەر يېزىشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-10-22 ئاۋاتلىقى: 27867 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىملەر يېزىشى كېرەك؟

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

«بىر ئادەمدە مەسئۇلىيەتچانلىق، پىكىرىنى ئىپادىلىيەلىگۈدەك جۈملە تۈزۈش ئىقتىدارى بولسىلا، ئۇنىڭدا يېزىشنىڭ شەرتلىرى ھازىرلانغان بولىدۇ.» دەيدۇ ئابدۇرېھىم دۆلەت. 

مۇشۇ يېزىش مەسىلىسىگە توغرا كەلگەندە، بىزدە ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرى مەۋجۇت. بەزىلەر: «مەن دېگەن يازغۇچى ئەمەس، قولۇمدىن يېزىش كەلمەيدۇ.» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ئۆزتىلدىكىلەر ھازىر ئۆز تىلدا ئەسەر ئوقۇمايدۇ، بىزنىڭ ئۆز تىللىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئۆزگە تىللاردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئۆز تىلدا ئەسەر يازسىمۇ ئوقۇمايدۇ، شۇڭا يېزىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن يازمىغان ياخشى...» دەپ بىر تالاي باھانىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەجىبا ئۆز تىلدا نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلسە، ئوقۇمايدىغان ئادەم چىقامدۇ؟ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» قاتارلىق توردا بارلىققا كەلگەن زور ھەجىملىك رومانلىرى تۇرمۇشقا يېقىنلىقى، ھېسسىياتنىڭ چىنلىقى بىلەن ناھايىتى كۆپ تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېشىتىغۇ. ئەجىبا مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەر يېزىلسا ئوقۇمايدىغان ئادەم چىقامدىكەن؟ ھەممە نەرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلچىمىگە سېلىپ، ئۆزىڭىز ئۆزتىلدىكى يازمىلارنى كۆرمىگىنىڭىزگە پۈتكۈل ئۆزتىللىقلار ئۆزتىلدىكى ئەسەرنى ئوقۇمايدۇ دەپ تون پىچىۋەتمەڭ. سەۋەبنى باشقىلارغا ئىتتىرىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇپ بېقىڭ، زادى مەن ئۆزتىلدىكىلەر قىزىقىپ، ئىز قوغلاپ ئوقۇيدىغان ئەسەر يازالىدىممۇ يوق؟ دەپ ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ. ۋىجدانىڭىز بىلەن قەلبىڭىزنىڭ تىۋىشىغا قولاق سېلىڭ.
ئۆتمۈشتە يېزىقچىلىق چەكلىمىلىككە ئىگە ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا نەشرى ئەپكارلاردا ئەسەر ئېلان قىلىش بەسى مۇشكۈل ئىدى. شۇڭا ئالاھىدە ئىشتىياقى تۇتۇپ كەتكەنلەر دەپتەر-خاتىرىلەرگە يېزىپ قالدۇرۇپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ساقلاپ قوياتتى، بىر ئادەم يازغاندا ئەگەر ئۇ يازغىنىنى نەشرى ئەپكارلاردا ئېلان قىلمىسا، ئاساسەن ئۇنىڭ ئوقۇرمىنى بولمايتتى. شۇڭا يازغانلىرىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزى كۆرۈپ ھوزۇرلانغاندىن باشقا ھوزۇرى يوق ئىدى. ئەمما ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى نۇرغۇن ساھەلەرگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئەسلىدىكى مونوپولىيە خاراكتېرىدىكى نۇرغۇن ساھەلەر ئىنتېرنېتتىن كەلگەن خىرىسقا دۇچ كېلىپ ئۇلارنىڭ بازارنى داۋاملىق مونوپول قىلىش چۈشى تەدرىجىي بەربات بولدى.
ئۆتمۈشتە بىرەرى سىزگە كەلگۈسىدە بانكا ساھەسى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، كارخانىچىلارنىڭ كۈچ كۆرسىتىشى بىلەن بانكا ساھەسىنىڭ مونوپوللۇق ئورنى تەۋرەيدۇ دېسە بەلكىم كىشىلەر ماۋۇ خەقنىڭ مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋاپتۇ، نەدىمۇ بانكىغا پۇت ئاتالايدىغان ئىش بار. بانكا بىلەن پۇت تېپىشىدىغان ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەسقۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا بۇنداق مۇمكىنچىلىكنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىۋاتىدۇ. ما يۈننىڭ چۆمۈلە پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھى دەل مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. 
ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ساھەسى بەلكىم نەشرىيات بولسا كېرەك. ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئەگىشىپ، بىر تور يازغۇچىلىقىغا ئىشتىياقى بار يازغۇچىلارغا قەلەم تۇلپارىنى چاپتۇرىغان بەيگە مەيدانى، تەپەككۇر مېۋىلىرىنى راسا ئوخشىتىدىغان مۇنبەت تۇپراق ھازىرلاپ بەردى. 
ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت ئەركىن بولغان يېزىقچىلىق مۇھىتى ھازىرلانغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن يازغۇچىلار تەدرىجى ھالدا بۇ ساھەگە دىققەت ئېتىۋارىنى قارىتىۋاتىدۇ. ئۆز تىللىق يازغۇچىلىرىمىزدىن ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ بۇ ساھەگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ نىسبەتەن چوڭقۇر ۋە بۇ ساھەنىڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ نىسبەتەن بالدۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھازىر ئۇ تور ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭىدىن قەلەم تۇلپارىنى بەيگىگە سالغان ياش تور يازغۇچىلىرىدىن ئەزىر ئىمىر يانغىن، ئابدۇسالام قاھار ئۈزۈمچى، ئالىمجان قۇربان ھېسلىرىم قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش قەلەم ساھىبلىرى تور ئەدەبىياتىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەپ، تور ئەدەبىياتىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى. 
خوش، ئۇنداقتا، پەقەت يازغۇچىلار، تور قەلەمكەشلىرىلا يېزىشى كېرەكمۇ؟ زادى كىملەر يېزىشى كېرەك؟
يېزىش يالغۇز يازغۇچىنىڭلا پاتېنتى ئەمەس، خۇددى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئېيتقاندەك، مەسئۇلىيەتچان، ئوي-پىكىرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆزتىلىدا راۋان جۈملە تۈزۈش ئىقتىدارى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يازسا بولىدۇ. قارايدىغان بولساق، بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ بىلىمگە بولغان خۇمارلىقى، ئۆزتىلىغا بولغان ھۆرمىتى، ئۆز خەلقىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە تۇرۇپ شۇنچە ئالدىراش بولۇشىغا قارىماي، توردا نۇرغۇن نادىر يازمىلارنى يېزىپ ئاز بولمىغان تورداشلارغا روھىي ئوزۇق، مەنىۋىي روھ ئاتا قىلدى. ئۇ ھېلى ھەممۇ يېزىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىكى بىلىمگە بولغان خۇمارلىق، ئۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتچانلىققا ئالدىراشچىلىق ۋە ۋاقىت قىس بولۇش كار قىلمايدۇ. ئۆزتىللىق بىرەر ئوقۇغۇچى، بىرەر تورداش ئۇنىڭغا بىرەر پارچە ئېلخەت يېزىپ قالدۇرسا، ئۇ قىلچە سەل قارىماستىن، ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ شۇ ئېلخەت يازغۇچى رازى بولغانغا قەدەر جاۋاب خەت يازىدۇ. 
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت (بىلگەجان) يېزىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىكىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق، ئىشتىياققا ئالدىراشلىق باھانە بولالمايدۇ. ئۇمۇ ئۆز ساھەسىدە خېلى زور قىممەت ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە ماقالىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئىنتېرنېتتا ئۆزتىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزتىللىقلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ۋاقتى چىقسا ئىزدىنىپ زور ھەجىملىك پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ماقالىلەرنى يېزىپ قالدۇرسا، ۋاقتى قىس بولۇپ قالغاندا يەنە دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە زەپەر قۇچقان ئۆزتىللىقلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئۆزتىللىقلارغا تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ۋە ئىلمىي ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. 
نۇرئېلى ئابلىزمۇ ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ 20 نەچچە كۈندە 90 كىلوگىرامدىن 70 كىلوگىرامغا ئورۇقلىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ يېڭى شەرق (新东方)دىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن ئۇتۇپ چىقىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن تەربىيەلىگۈچى، داڭلىق نۇتۇقچى بولغانلىقى يېزىپ ئۆزتىللىقلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىۋاتىدۇ.
ئالىم ئەھەت يېزىۋاتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرچىلىق ساھەسىنى چۆرىدەپ تىلشۇناسلىق، تەرجىمىچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئاز بولمىغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلىپ، ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. 
يۇقىرىقىلارنىڭ ھېچقايسىسى يازغۇچى ئەمەس ياكى ئۆزىنى يازغۇچى دەپ ئاتىمايدۇ. ئۇلارنىڭ شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقتى ئاجرىتىپ يېزىشى ھەرگىزمۇ يازغۇچى بولسامكەن دېگەن خىيال بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇخچۇپ چىققان مەسئۇلىيەتچانلىق. ئۇلار ھېچقاچان يېزىش مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، يازغۇچىنىڭ ئىشى دەپ ئويلاپ باقمىغان، بەلكى قانچىلىك يازالىسام شۇنچىلىك يازاي، تاما-تاما كۆل تولار دەپ ئويلىغاچقا، ۋاقتىنىڭ ۋە زېھنىنىڭ يار بېرىشىچە يېزىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ روھى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. 
دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە يەرلىكنىڭ سىياسەت-نىزاملىرىدىن چەتنىمىگەن، ئاڭلىق، مەدەنىي، ئىلمىي تور پۇخراسى بولۇش شەرتى ئاستىدا، ھەممە ئادەم يېزىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە، ئۆزىنىڭ ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىشى كېرەك. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئۈندىدار سۇپىسى كۈنسېرى سارغىيىپ، ئەخلەت ئۇچۇرلار توشۇپ كەتكەن، ئادەمگە ھەقىقىي نەپ بەرگۈدەك ئەسەرلەر يوقاپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە تېخىمۇ شۇنداق. ھەر قايسى ساھەلەردىن كەسپىي ماتېرىياللار ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئۆزىنىڭ قەلەم تۇلپارىنى ياخشى تەقلەپ، ئەدەبىيات ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىشى كېرەك. ئۇچۇرلىشىشنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۇچۇر قولايلىقى كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىت مەزگىلىدە، يانبىلوگقا ئوخشاش يېڭىچە شەيئىلەر ۋۇجۇدقا كېلىپ، يازارمەنلەر ئۈچۈن ئەركىن يېزىش مۇھىتى، قولايلىق پۇرسەت تەمىنلەۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تور دۇنياسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق يېزىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئادەم يېزىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتچان، قەلبى ئۆزتىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىزتىراپقا چۈشكەن، يۈرەك تىۋىشى ئۆزتىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سوقۇۋاتقان ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى يېزىشى كېرەك. 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى