ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە...

«بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە...

ۋاقتى: 2016-10-26 ئاۋاتلىقى: 25388 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان روزى مۇھەممەت (ئارتۇچ) ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە تەشەببۇسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي قىلغان بىر قىسىم نەتىجىلىرى بىلەن 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېرىنداشلاردا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى باشلىنىپ، ئالاھىدە ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى. 
مۇشۇنداق ياخشى ئىشلار داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەردە، بىزنىڭ ئەزىز ئوغلانىمىز نۇرئېلى ئابلىزمۇ بۇ يىلغا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سوۋغىسىنى تەقدىم قىلدى. 
نۇرئېلى ئابلىزنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك. نۇرئېلى ئابلىز يېڭى شەرق (新东方) مائارىپ تەربىيەلەش گۇرۇھىدىكى مەملىكەت ئىچىدە زور تەسىرگە ئىگە تالانتلىق ياش. ئۇ ئالاھىدە نۇتۇق قابىلىيىتى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان، يېڭى شەرقتىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىچىدە گۇرۇھ تەربىيەلىگۈچىسى (集团培训师) بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، «قالتىس ئېنگلىز تىلى (酷艾英语)» دەرسلىكىنى تۈزۈپ، 5 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەن، ماتاڭ ۋەقەسى قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك نۇتۇق قابىلىيىتى بىلەن مەملىكەت خەلقىگە توغرا چۈشەنچە بەرگەن، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېكرانىغا ئېلىپ چىقىپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشتا باشلامچىلىق رول ئوينىغان ئېسىل ئوغلان. 
بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نۇرئېلى ئابلىزنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق خەنزۇچە كىتابى نەشردىن چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مەنمۇ كىتاب چىققان تۇنجى كۈنىلار بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ، تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە دەرھال بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشردىن چىقىرىش خىيالى تۇغۇلۇپ، ئاۋۋال نۇرئېلى ئابلىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئىشى توغرىسىدا خەۋەرلەندۈردۈم، نۇرئېلى ئابلىز ناھايىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىمۇ بولمىدى، مەن تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا ئۇ شىياڭگاڭدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى نەشرىياتلار چىقىرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئەمما قايسى نەشرياتنىڭ تۇتۇش قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلىشىش پۇرسىتى بولمىدى. مەن ئۆزۈم شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئۈن-سىن نەشرىياتىغا بېرىپ كىتاب نەشر قىلدۇرۇشنىڭ رەسمىيەتلىرى ۋە قەدەم باسقۇچىلىرى ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بىر كىتابنى 3000 پارچە بېسىشقا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. (ئەلۋەتتە، ئەگەر نۇرئېلى مەزكۇر كىتابنىڭ ئېلكىتاب نەشرىنى تەمىنلەشنى خالىمىسا دەرھال تەمىنلەشتىن توختىتىلىدۇ!)
مەن ئەسلىدىكى ئۆز مەبلىغىم بىلەن يىل ئاخىرىغىچە بىرەر پارچە كىتاب نەشر قىلدۇرۇش ھەققىدىكى پىلانىم ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. بۈگۈنكى كۈندە كۆچمە ئالاقە ئىشلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن قولايلىقلىقى مەۋجۇت بولىۋاتقاندا، بىر كىتابقا 50 مىڭ يۈەن (تەرجىمە قىلىش، نەشردىن چىقىرىش قاتارلىق چىقىملارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى) مەبلەغ سالسام زادى بۇ پۇلنى ئۈنۈملۈك خەجلىگەن بولامدىمەن يوق دېگەن سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم. 
قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، مەن ئاخىرى بۇ خىيالىمدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى بۇنداق قىلسام مەن 50 مىڭ يۈەننى تازا ئۈنۈملۈك خەجلىگەن بولمايدىكەنمەن. ئەگەر باشقىچە ئۇسۇلدا خەجلىسەم بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە تېخىمۇ چوڭ ئۈمىد بارلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى مەن 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كىتاب نەشر قىلدۇرسام، تىراژى 3000 پارچە چىقىدىغان كىتاب ئەڭ تېز بولغاندىمۇ ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەتكە ئۆتسەم، ھەممە ئىشلار ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان شارائىتتا يىل ئاخىرى ئاندىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدىكەن. ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە يېرىم يىل ۋاقىت دېگەن ئاز ۋاقىت ئەمەس، ئەگەر يېرىم يىل ساقلاشقا توغرا كەلسە، نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن سىرت، يەنە خەلقىمىزگە نىسبەتەن بۇ زور ئىقتىسادىي چىقىم ئېلىپ كېلەتتى.نەشرىياتتىن چىقىۋاتقان كىتابلارنىڭ ئەھۋالى بويىچە ئېيتقاندا، نورمال ئەھۋالدا بىر كىتابنىڭ باھاسى 30~50 يۈەنگىچە چىقىشى تەبئىي ئەھۋال. يەنە كېلىپ بۇ كىتابلارنى تولۇق سېتىپ چىقارغاندا ئارانلا 3000 ئادەم نەپ ئالالايدىكەن. بۇ ناھايىتى تۆۋەن ئۈنۈم ھېسابلىنىدۇ. 
شۇڭا، ھەممە ئىشتا نەشرىياتلارغا زاڭاق ساڭگىلىتىپلا تۇرماي، ھازىرقى كۆچمە ئالاقە ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىن تولۇق پايدىلىنىش ھەققىدە ئىزدىنىپ (ئەمەلىيەتتە بۇ مېنىڭ ئىككى يىلدىن بىرى ئولتۇرسام-قوپسام ئويلايدىغان بىر مەسىلەم ئىدى. ئىككى يىلدىن بىرى قانداق قىلغاندا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ قىممىتى بار كىتابلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەلقىمىزگە سۇنغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش مېنى تولىمۇ قىيناۋاتاتتى) ئاخىرى بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپتىم. پات ئارىدا بۇ پىلاننىڭ نەتىجىسى كەڭ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز بىر كىتابنىڭ تەننەرخىنى 3~10 يۈەنگە چۈشۈرەلەيمىز. بۇ خىل ئۇسۇلدا خەلقىمىز بىر كىتاب ئۈچۈن پەقەت 3~10 يۈەن تۆلەپلا، ئەڭ يېڭى، ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ قىممىتى بار كىتابلاردىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ. ئەلۋەتتە، ئېغىر-ئېغىر كىتابلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئوقۇش ھاجەتسىز، پەقەت قولىدا ئەقلىي يانفون ياكى ھەر خىل پەدلەر بولسىلا بىز تەمىنلىگەن سۈپەتلىك ئەمما تەننەرخى ئالاھىدە تۆۋەن بولغان كىتابلاردىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ. 
مەن مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، ئەسلىدىكى يىل ئاخىرىغىچە 50 مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر كىتابنى نەشر قىلدۇرۇش پىلانىمدىن ۋاز كېچىپ، ئاشۇ 50 مىڭ يۈەننى مەبلەغ سېلىپ ئەڭ كەم بولغاندا 5 پارچىدىن 10 پارچىغىچە ئەڭ يېڭى، ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ قىممىتى بار كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەلقىمىزگە سۇنۇش پىلانىنى تۈزدۈم. 

مۇشۇ پىلان قارارىغا كەلگەندىن كېيىن، مەن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تېز سۈرئەتتە كىتاب تەرجىمە قىلىش ئىشىغا تۇتۇش قىلدىم. مانا بۈگۈن نۇرئېلى ئابلىزنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى تولۇق پۈتتى. جىددىي تەھرىرلىك ئىشلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ. پات ئارىدا كەڭ تورداشلارغا تەمىنلىنىدۇ. 

تۇنجى كىتاب «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى تاماملاندى، پىلانغا كىرگۈزۈلۈپ جىددىي تەرجىمە قىلىنىۋاتقان كىتابلاردىن يەنە ناھايىتى سەرخىل كىتابلار بار. ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسىلا، يىل ئاخىرىغىچە 13 پارچىدىن 17 پارچىغىچە كىتابنىڭ سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ تاماملىنىشىدا مەسىلە يوق. (ھازىرغا قەدەر تەرجىمىسى تاماملىنىپ، تەھرىرلىكىنى كۈتۈپ تۇرغان كىتابتىن كەمىدە 5 پارچىغا يېقىن كىتاب تەييار بولۇپ بولدى)
دۆلىتىمىزدە لېي جۈن شىياۋمى تېلېفونىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرى تېلېفونلارنىڭ باھاسى ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى. ئەمما لېي جۈننىڭ شىياۋمى تېلېفونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بۇ ساھەگە باشقىچە تۈس قوشۇپ، بارلىق ئەقلىي يانفونلارنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ، ئەسلىدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 3000 يۈەندىن كەم پۇلغا تېلېفون سېتىۋالغىلى بولمايدىغان شارائىتتىن بىراقلا ھازىرقى ئەينى ۋاقىتتىكى 3000 يۈەندىن يۇقىرى سەپلىمىلىك تېلېفونلار ئاساسەن 1000 يۈەندىن تۆۋەن باھاغا چۈشۈپ، لېي جۈن كەڭ ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ناھايىتى خوشاللىنارلىق ئىش قىلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ قاچانغىچە ئاسمان پەلەك باھا قويۇلۇپ نەشردىن چىقىۋاتقان ئاشۇ ساناقلىقلا كىتابلارغا قاراشلىق بولۇپ ئۆتىمىز، بىزمۇ ئەنئەنىۋى ساھەلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ ياكى بۇزۇپ تاشلاشقا ئورۇنۇپ باقساق تامامەن بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاخىرى نەپ ئالىدىغىنى بىزنىڭ كەڭ خەلقىمىز بولىدۇ، بىزنىڭ ئىستېمالچىلىرىمىزمۇ تۆۋەن تەننەرختە يۇقىرى قىممەت، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشسە تامامەن بولىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق بولمايدىغان يېرى يوق. 
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۈندىدار سالونلىرىمۇ كۈنسېرى سارغىيىپ كەتتى، نۇرغۇن ئۈندىدار سالونلىرىدىن پاكىزە مەزمۇن تاپماق تەس. خەلقىمىز ئاشۇنداق ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى پايدىلىق، نەپ بېرىدىغان مەزمۇنلارغا ئېھتياجلىق بولىۋاتقاندا، مەنچە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سۈپەتلىك كىتابلارنى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق خەلقىمىزگە سۇنۇش سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئىش دەپ قارايمەن. 
ئىلقۇتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ناھايىتى ئېنىق: قانداق قىلغاندا ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ قىممىتى بار، ئەڭ يېڭى كىتابلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەلقىمىزگە سۇنۇپ، خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. 
مەنچە ھەمىشە ئۆزتىللىقلار كىتاب ئوقۇمايدۇ، بىزدە كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلمىگەن دېگەندەك قاقشاپلا ئۆتمەي، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يار بەرگەن شارائىتتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزتىللىقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ تېپىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتسەك، ئۆزتىللىقلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى قانداق قىلىپ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسى كۆچمە ئالاقە ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. 
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى