ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

گېرمانلار روھى: (1) پادىشاھ بىلەن تۈگمەنچى

گېرمانلار روھى: (1) پادىشاھ بىلەن تۈگمەنچى

ۋاقتى: 2016-06-28 ئاۋاتلىقى: 9469 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەرجىماندىن
«گېرمانلار روھى» ناملىق بۇ كىتاب ناھايىتى قىسقا ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق گېرمانلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئىش بېجىرىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پوزىتسىيەسى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كىتاب بولۇپ، بىزنىڭمۇ ئازتولا ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن دەپ قارىغان بولغاچقا، ئىمكانبار كۈندە بىر پارچىدىن تەرجىمە قىلىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئىلقۇت يانبىلوگى ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئۇيغۇرچىسىنى ھەمبەھرلەندىم. ئەگەر سىزمۇ بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئىلقۇت يانبىلوگىنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويغايسىز.
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

بىرىنچى توپلام: ئىنتىزام ۋە تەرتىپ
ئىدراكلىق كىشىلەر بىز ئىنقىلابچىلارنىڭ گېرمانىيە جاھانگىرلىكىدىن ئۆگىنىشىمىزگە قارىشى تۇرمايدۇ. بىز گېرمانلارنىڭ ئىنتىزامچانلىقىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، خەلقىمىز ھالاك بولۇپ، مەڭگۈ قۇل قىلىنىدۇ. 
---(رۇسىيە) لېنىن

نېمىس فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرەپ پولشا، چېخ بىلەن چىگرىداش؛ جەنۇبىي ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە بىلەن تۇتىشىدۇ؛ غەربىي گوللاندىيە، بېلگىيە، لۇكسېمبۇرگ، فىرانسىيە بىلەن چىگرالىنىدۇ؛ شىمالىي دانىيە بىلەن تۇتىشىدۇ؛ شىمالىي دېڭىز ۋە بالتىق دېڭىزىغا يېقىن. دېڭىز قىرغاق لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1333 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي شىمال قىسمىدا دېڭىز ئوكيان ھاۋارىيى روشەن بولۇپ، شەرق ۋە جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي ھالدا قۇرۇقلۇق ھاۋارايىغا ئالمىشىدۇ. كۆلىمى 356970 كىۋادىرات كىلومېتىر، نوپۇسى 82 مىليون ئەتراپىدا. ئاساسلىق مىللەتلەردىن نېمىسلار، دانىيەلىكلەر، سىگانلار، سوبلۇقلار بار. ئاساسلىق تىلى گېرمان تىلى. ئاساسلىق دىنلاردىن: كاتولىك دىنى، خىرىستىيان دىنى، پروتېستانت دىنى قاتارلىقلار بار. پايتەختى بېرلىن. ھازىرقى ئاساسلىق پۇلى ياۋرۇنى ئاساس قىلىدۇ.

پادىشاھ بىلەن تۈگمەنچى
گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلليام Ⅰ پوتسدامدا بىر ئارامگاھ (كۆچمە ساراي) قۇرغان. 
بىر قېتىم ئۇ پوتسدامغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەچ، ئارامگاھتا تۇرۇپ قالغان. ئۈستىگە چىقىپ يىراققا نەزەر تاشلاپ پوتسدام شەھىرىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتقاندا، كۆز ئالدىدىكى ئېگىز بىر تۈگمەن ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. پادىشاھنىڭ قاتتىق كەيپى ئۇچۇپ، بۇ تۈگمەننىڭ شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىدىن خاپا بولىدۇ. شۇڭا پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ تۈگمەنچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ تۈگمەننى چېقىۋېتىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئۇنى سېتىۋېلىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 
پادىشاھنىڭ ئىش بېجىرىشى ناھايىتى ئىلمىي بولىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ كۈچىگە تايىنىپ باشقىلارنى بوزەك قىلمايدۇ. ئىلكىدىكى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، تۈگمەنچىنى شەرتسىز كۆچۈپ كېتىشكە، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئېھتىياجىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇمايدۇ. ئۇنىڭ قوللانغىنى بىر خىل ئادىل سودىلىشىش ۋاسىتىسى بولىدۇ.
كىم بىلسۇن، تۈگمەنچى: بۇ تۈگمەن مېنىڭ ئاتا-بوۋامدىن قالغان، شۇڭا مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولسا بولمايدۇ. قانچىلىك پۇل بېرىلىشىدىن قەتئىينەزەر قەتئىي ساتمايمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ. 
پادىشاھ قاتتىق خاپا بولۇپ، مۇھاپىزەتچى ئەترەتكە مەجبۇرى ھالدا تۈگمەننى چېقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ. جاھىل تۈگمەنچى پادىشاھنى ئەرز قىلىدۇ. پادىشاھنىڭ جاۋابكار سالاھىيىتىدە سوتقا چىققانلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. ئەڭ ھەيران قالارلىقى سوتتىن پادىشاھقا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، تۈگمەننى ئەسلىدىكى قىياپىتى بويىچە قايتىدىن سېلىپ بېرىشكە ھەمدە تۈگمەنچىنىڭ ئىقتىسادىي زىينىنى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. پادىشاھ سوتنىڭ ھۆكۈمى بويىچە تۈگمەننى قايتىدىن سېلىپ بېرىدۇ. 
سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ھېكايىمىز تېخى تۈگىمىدى. 
نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، ۋىلليام Ⅰ بىلەن تۈگمەنچى قازا قىلىپ كېتىدۇ. تۈگمەنچىنىڭ ئوغلىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولمىغاچقا، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھ ۋىلليام Ⅱ غا خەت يېزىپ، تۈگمەننى ئۆزى خالاپ پادىشاھ Ⅱ غا سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 
پادىشاھ Ⅱ خەتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، قاتتىق خۇرسىنىدۇ. ئۇ تۈگمەن ئىشىنى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە مۇستەقىللىقى ۋە سوت ئادىللىقى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇ بىر ئابىدە، چوقۇم مەڭگۈ ساقلىنىشى كېرەك دەپ قاراپ، ئۆز قولى بىلەن جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كىچىك تۈگمەنچىنى بۇ تۈگمەننى ساقلاپ قېلىشقا، ئۇنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ ھەمدە كىچىك تۈگمەنچىگە 6000 يۈەن بېرىپ، ئۇنىڭ قەرزىنى قايتۇرىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. 
كىچىك تۈگمەنچى خەتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، تۈگمەننى قايتا ساتماسلىق، بۇ ئىشنى كېيىنكىلەرگە خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. 
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى