ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت ھامان بەلگىلىك جەريان ۋە بەدەلنى سەرمايە قىلىدۇ

ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت ھامان بەلگىلىك جەريان ۋە بەدەلنى سەرمايە قىلىدۇ

ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 8444 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«چۈشىمىزدىمۇ ئويلايمىز» ناملىق فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇخچىغان خىياللار
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىرىشىپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىز مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە شەھەرلىرىدىكى داڭلىق پىروگراممىلاردا يۇلتۇز كەبى چاقناپ، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە قەدەم باسقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزغا ئابىھايات ئۈمىد ئۇرۇقى بېغىشلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقلىرىنى نامايەن قىلدى. 
مەيلى سەنئەت بېغىدا ئۈزۈپ چىققان گۈلمىرە بولسۇن، بەرنا سىڭلىمىز بولسۇن، ئارفا بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىسمى ئاتالماي قالغان، ئەمما ھەر خىل سەنئەت تۈسىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش پىروگراممىلىرىدا ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرغانلار بولسۇن؛ مەيلى يېڭى شەرق مائارىپ گۇرۇھىدا ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان نۇرئەلى ئابلىز بولسۇن؛ مەيلى «ماتاڭ شاھزادىسى» ئادىلجان بولسۇن ۋە ياكى جۇڭگو خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەن ياش، كارخانىچىلارنىڭ كارخانىچىسى، خەلقىمىز كارخانىچىلىرىنى بىر سەھنىگە جەم قىلغان مىرادىل (يازمىمىزدا بۇ ئىنىمىزنىڭ ھېكايىسى نۇقتىلىق سۆزلىنىدۇ) بولسۇن ئۇلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىپ، مەمىلىكەتنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق، نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ، باشقا مىللەت كىشىلىرىگە خەلقىمىزنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق، مېھمان-دوست، سېخىي، تالانتلىق خەلق ئىكەنلىكىدەك ئۆزگىچە خاسلىقلىرىنى جۇلالاندۇردى. 
ئاخشام تۇرۇپلا شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «شېرىن چۈش» پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم. فىلىمدىكى مىرادىلجان ئىسىملىك ئىنىمىزنىڭ غەيرىتىگە، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا، ئىزدىنىش روھىغا ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ قالدىم. ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغا چىققان ئىنىمىزنىڭ شۇنچە چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەرقانداق بىر ئۆزتىللىقلارنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. 
مىرادىلنىڭ تەييارلىق سىنىپقا چىقىپلا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، ئۆزى سىنارىيەسىنى يېزىپ (سەنئەت كەسپىدىن يىراق بىر ئىنىمىزنىڭ شۇنچە ياخشى سىنارىيەنى يېزىپ چىققانلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ) ئاندىن ئۇنى فىلىم قىلىپ ئىشلەش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلىرى، خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە 4 قېتىم كېلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئاخىرى خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، سېخى كارخانىچىمىز ئىلچى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ خوجايىنىنى تەسىرلەندۈرۈپ، 30 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە 200 قۇر كىيىمگە ئېرىشىپ، مۇشۇ ئازغىنە مەبلەغ، 6 ئاي ۋاقىت ۋە زېھىن كۈچنى سەرمايە قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان فىلىمى ئاخىرى پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق، نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا مەخسۇس زىيارەت قىلىنىشى قاتارلىقلارنى چوڭ بىر نەتىجە دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە مىرادىللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت چۈشى ئەمدىلا باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يەنىلا زور مۇۋەپپەقىيەت دېيىشكە تامامەن بولاتتى. 
«شېرىن چۈش» پىروگراممىسىنى كۆرىۋاتقان ھەر بىر ئادەم بەلكىم مىرادىلجانلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئۆزگىچە زوقلىنىپ، ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تىلىشى مۇمكىن. ئەمما مۇشۇنداق بىر نەتىجىنىڭ كەينىدە قانچىلىك تەرلەرنىڭ ئاققانلىقى، قانچىلىك بەدەللەرنىڭ سەرمايە قىلىنغانلىقى، قانچىلىك ئىزدىنىشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى بەلكىم كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نامەلۇم بولسا كېرەك. 
مەن ئاخشام «شېرىن چۈش» پىروگراممىسىنى كۆرۈپ چىقىپ، شۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، بۈگۈن مىرادىلجانلار ئىشلىگەن «چۈشىمىزدىمۇ ئويلايمىز» ناملىق فىلىمنى تېپىپ تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. فىلىم ھەقىقەتەن پاكىزە، جانلىق، تەسىرلىك، رىئال ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمنىڭ بەزى جايلىرى ھەقىقەتەن مەندە ھاياجان ياشلىرىنى پەيدا قىلدى. قەلبىم تەبئىيلا تەسىرلىك تۇيغۇ بولىقىدا سوغۇرۇلدى. ھازىرقىدەك ناھايىتى زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ ئىشلەنسىمۇ، ئاخىرى تۈزۈك سەۋىيە ۋە نەتىجە قازىنالمايدىغان بىر قىسىم ئەخلەت كىنو-فىلىملەر كۆپىيىپ قېلىۋاتقان كۈنلەردە، مىرادىلجانغا ئوخشاش تىرىشچان، ئىرادىلىك، ئىجتىھاتچان، ئىزدىنىشچان ئىنىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا بىر تەرەپتىن مەكتەپتە ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىققان فىلىمىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىلىرىدا قويۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كېلىدىغان نەتىجە ئەمەس. 
مەن مىرادىلجاننىڭ تىرىشچانلىقىغا، ئىزدىنىش رولىغا، ئىرادىسىگە تەبئىيلا قايىل بولۇش بىلەن بىرگە، تۇرۇپلا قەلبىمدە دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىزدىكى قىممەت قاراش، كىشىلىك قاراش ئېڭىدىكى پاسسىپلىق، زىيادە نەتىجىخۇمارلىق، ئىرادىسىزلىكلەر بىلەن تەبئىيلا سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى. 
شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، ھەر قانداق بىر مۇۋەپپەقىيەت ھامان بەلگىلىك جەريان ۋە بەدەلنى سەرمايە قىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ نۇرغۇن ياشلىرىمىزدا بۇنداق بەدەل تۆلەش ئېڭى يوق، ئۇلار بەدەل تۆلىمەيلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتەك خىيالى چۈش كۆرۈپ، خىيالى چۈش بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىۋاتقاندا بۇ دەۋر، زامان ئاللىبۇرۇن ئۇلاردىن ئۇزاپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇلار چۈش بۆشۈكىدىن ئېسىنى يىغىپ، كاللىسىنى سىلكىگەندە بولسا، پۇرسەت، ياشلىقى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇلار داۋاملىق پۇرسەتتىن ئىبارەت بۇ يۈگەنسىز ئاتنى قوغلاپ يۈرگىنى يۈرگەن بولىدۇ. 
ئادەتتە ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا بەلگىلىك مۇددىئا ۋە مەقسەت بولغان بولىدۇ. ئەگەر شۇ ئىشنى قىلىشتىكى مۇددىئا ياكى مەقسەت زىيادە پۇلنى مەركەز قىلىۋالغاندا، ئاخىرى شۇ ئىش ئاساسەن مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ كۆزى ۋە نەپسى پۇلغا دۈم چۈشكەن، ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى پۇلنى مەركەز قىلىپ بولىۋاتقان، زىيادە مەنپەئەت ئېڭى كۈچىيىپ كەتكەندە، ئادەمنىڭ شۇ ئىشنى قىلىشقا بولغان ساپ قەلبى ئاللىبۇرۇن پۇل تەرىپىدىن بۇلغانغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەم زىيادە نەتىجىنى قوغلىشىپ، ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بەرمەي، ئەسلىدىنلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئىشلاردا ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت ئىشىكىنى چېكىپ بولۇپلا، كەينىگە داجىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. 
يىراقنى دېمىسەكمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى جۇڭگو خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەن ياش، كارخانىچىلارنىڭ كارخانىچىسى، خەلقىمىز كارخانىچىلىرىنى بىر سەھنىگە جەم قىلغان مىرادىلغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساقلا سۆزىمىزنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى تولۇق تاپالايمىز. 
مىرادىلنىڭ ئەسلى مەقسەت-مۇددىئاسى پۇل ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ گۈلخان كەبى يېلىنجىغان كىچىككىنە ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرى نەتىجە قازانغاندىن كېيىن، پۇل-بايلىق تەبئىيلا ئۇنىڭغا كەڭ قۇچاق ئاچتى. ئىشىنىمىزكى مىرادىلنىڭ ھازىرقى بايلىقى (ئۇنىڭغا تىلىكگەن داڭلىق، نوپۇزلۇق تاراتقۇلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئۇنىڭغا تۇتاشقان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر) ئاخىرى مىرادىلجاننى شامال ئېغىزىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى بايلىق دېڭىزىغا چۆمدۈرىدۇ. 
ئەگەر مىرادىلجان دەسلىپىدىلا پۇلنى كۆزلىگەن بولسا، ئۇ ئاشۇ چەت-ياقا يۇرت چىرا ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە ئىقتىساد ئىزدەپ 4 قېتىم كەلمىگەن، ئۆزى سىنارىيە يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ 6 ئاي ۋاقىت ۋە زېھىن كۈچ سەرپ قىلىپ ئاشۇ جۇڭگو خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەن فىلىمنى ئىشلەپ چىقالمىغان بولاتتى. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ئەگەر ئۇ دەسلىپىدىلا بۇ ئىشتىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسا، ھازىرقى مۇۋەپپەقىيەت پەللىسىگە چىقىش جەريانىدا چوقۇم پۇل ئۇنىڭغا ھەر خىل سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولاتتى-دە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ساپ، غۇبارسىز گۈلخان كەبىي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى قىيىنچىلىقلارنى دادىللىق بىلەن يېڭىپ، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت پەللىسىگە چىقالمىغان ياكى بۇنچە تېز چىقمىغان بولاتتى. 
بىزنىڭ نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان كۆز قارىشى، ئىرادىسى، ئىزدىنىشى يېتەرلىك ئەمەس ياكى توغرا ئەمەس. مەيلى «ماتاڭ شاھزادىسى» ئادىلجان بولسۇن ياكى يازمىمىزنىڭ باش پېرسۇناژى مىرادىلجان بولسۇن، ئۇلارغا ئەڭ دەسلەپكى تۈرتكىلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ رولىنى ئوينىغىنى پەقەت ئۇلاردىكى ئاشۇ ساپ، غۇبارسىز ئارزۇدىنلا ئىبارەت. ئۇلاردىكى ئاشۇ پۇلدىن چەتنىگەن مەقسەت-مۇددىئا ئاخىرى ئۇلارنى تەبئىيلا بايلىق دېڭىزىغا چۆمۈلدۈردى. 
تارىختىكى نۇرغۇن ئىش-ھادىسىلەر شۇنداق بىر نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇكى، مەيلى كىم، قانداق مىللەت، قەيەرلىك، قانداق ئېرقتىكىلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ھەقىقىي چىن نەرسىلەر ھامان باشقا يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالالايدۇ ھەم قەلب ئىنتوناتسىيەسىنى ياڭرىتالايدۇ. مىرادىلجاننىڭ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈشىمۇ دەل ئۇنىڭ ھەر بىر ئىشىغا ھەقىقىي، چىن ھېسسىيات سىڭگەنلىكى ئۈچۈنلا ئوخشىمىغان تىل، ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان ئېرققا ئىگە كىشىلەردە ئورتاق تەسىرلىك تۇيغۇنى پەيدا قىلالالىدى. 
ئەگەر مىرادىلجان ئەڭ دەسلىپىدە چىرا ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە 4 قېتىم كەلمەي، 3 قېتىم كېلىپ بولۇپلا ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە قەدەم باسقان بولسا، سىنارىيە يېزىلىپ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا سەرپ قىلىنغان 6 ئاي ۋاقىتنى، زېھىن كۈچنى كۆپ كۆرۈپ ئۇنىڭدىن يالتايغان بولسا، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇتۇقلىرى بولمىغان بولاتتى. ئۇنىڭدىكى ئاشۇ ساپ، چىن ئارزۇسى ئۇنى ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگدۈرمەي، يولۇققان مەسىلىلەرنى بىردىن-بىردىن ھەل قىلىپ مېڭىشقا ئۈندىگە، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغان بولغاچقىلا، ئۇ بۈگۈنكىدەك ھەممىنى قايىل قىلىدىغان ئۇتۇق-نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز جىسمىغا غايەت زور شەكىلسىز بايلىقلارنى مۇجەسسەم قىلالىدى. 
شۇڭا مەيلى نېمىلا ئىش قىلمايلى، پەقەت بىزنىڭ نىشانىمىز ئېنىق، نىيىتىمىز دۇرۇس، ئىرادىمىز يېتەرلىك بولسىلا، زۆرۈر بەدەل ۋە جەرياننى سەرمايە قىلىشقا تەييارلىقىمىز پۇختا بولسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھامان بىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت پەللىسىگە قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلىشالايمىز. 
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى