ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۇ ئامېرىكا مائارىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بىل گايتىسمۇ ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ

ئۇ ئامېرىكا مائارىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بىل گايتىسمۇ ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 8482 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇ ئامېرىكا مائارىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بىل گايتىسمۇ ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ

ئەسەر تەمىنلىگۈچى: قادىرجان


بۇ كۆزگە چېلىقمايدىغان ياش يىگىتنىڭ ئىسمى سالمان خان (Salman Khan) بولۇپ، بۇ يىل 39 ياش. ئۇ ئامېرىكا مائارىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ماتېماتىكا ئاتىسىغا ئايلىنىپ، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن دەرس سۆزلىمەيدىغان قىلىپ، بىل گايتىسنىمۇ قايىل قىلدى. ئۇ «فوربېس» ژۇرنال مۇقاۋىسىغا چىقتى، ئەمما 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى رەت قىلدى.


توغرا، سىز خاتا ئاڭلاپ قالمىدىڭىز، ئۇ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى رەت قىلدى.
بۇ يىگىت نامراتلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، بېنگالدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بارغان. لېكىن ئۇ راستىنلا بىر ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئامېرىكا ماسسا تەبىئىي-پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپ، تۆت يىلدا ماتېماتىكا كومپيۇتېر ئىلىمىدىن ئىككى تولۇق كۇرس ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان، كېيىن يەنە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

تويۇقسىز ماتېماتىكا ئاتىسىغا ئايلىنىش
سالمان خاننىڭ بىر جىيەن قىزى بولۇپ ئىسمى نادىيە ئىدى، 2004-يىلى ئۇ يېڭى ئورلېئاندا 7-يىللىقتا ئوقۇيتتى، ماتېماتىكا نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولمىغانلىقتىن، خاننى ئۆزىگە تەكرار قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ. 28 ياشلىق خانغا نىسبەتەن، ماتېماتىكا ئۇنىڭ ئەڭ پىششىق دەرسى بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسا تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدىكى كەسپىنىڭ بىرى دەل ماتېماتىكا ئىدى.
خان بىلەن نادىيە بىر شەھەردە بولمىغاچقا، خان ئىنتېرنېت ئالاقە تورى ئارقىلىق نادىيەگە ماتېماتىكا ئۆگىتىشكە توغرا كېلىدۇ. جانلىق، قىزىقارلىق، ئۇقۇملارنى ئېنىق سۆزلىگەنلىكتىن، نادىيەنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسىدە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەش بولىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى تېزلا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا تەكرار قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. خان دەرس تەكرار قىلىپ بەرگەن بالىلارنىڭ نەتىجىسى تۈز سىزىق بىلەن ئۆرلەيدۇ.
خان بۇنداق تەكرارنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن دەپ قاراپ، يەنىلا ۋىدېئو ئىشلەپ تورغا چىقىرىپ، كۆپچىلىككە ھەقسىز كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئۆيىگە قايتىپلا ئۆزىنى كىيىم-كېچەك قويۇش ئۆيىگە سولاپ، تېلېكامېرانى ئېلىپ سىن ئېلىشقا باشلايدۇ. 
ئۇنىڭ ۋىدېئوسى ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، 10 مىنۇت ئىچىدە بىر ماتېماتىكا ئۇقۇمىنى سۆزلەپ بولىدىغان بولۇپ، توردا ئىنتايىن زور تەسىر قوزغايدۇ. نەتىجىدە بىر يوللاپ قويغان بىلەن توختىيالماي، ئۆزىنى كىيىم-كېچەك قويۇش ئۆيىگە سولاپ، باشلانغۇچ ماتېماتىكىسىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىدىكى دىففېرېسىئال ۋە ئىنتېگرال، يەنە ئالىي مەكتەپتىكى ئالىي ماتېماتىكىغىچە ھەممىنى بىر قېتىم سۆزلەپ چىققان بولۇپ، جەمئىي 4800 ۋىدېئو سىن ئالغان.
بۇ ۋىدېئولار ئىنتېرنېت ئالاقە تورىدا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، چېكىلىش قېتىم سانى 500 مىليونغا يېتىپ، جەمئىي 48 مىليون ئادەم كۆرگەن. ئامېرىكىدا 20 مىڭدىن كۆپرەك مەكتەپ بولۇپ، ماتېماتىكا دەرسى ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىمەيدىغان بولغان، ئوقۇغۇچىلارغا خاننىڭ ۋىدېئوسىنى قويۇپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلار پەقەت قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە مەسئۇل بولغان.
مانا مۇشۇنداق، ئۇ بىر ئادەم بىر تال تور سىمى ئارقىلىق پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بىر مەيدان ئىنقىلاب قوزغاپ،  ماتېماتىكا ئالىمىغا ئايلانغانلىقى بىر پاكىتقا ئايلانغان.
خان يەنىلا بىر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ سانلىق مەلۇمات قېزىش سىستېمىسىنى يېزىپ چىقىپ، تور بەت قۇرۇپ، ئۇنىڭغا خان ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘتى دەپ ئىسىم قويىدۇ، ئۇ ۋىدېئولارنى ئۇنىڭ ھەقسىز تور بېتىگە قويۇپ، بالىلارغا ماتىماتېكىنى خۇددى ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئۆزلەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن. 
خان ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘتى تور بېتىنىڭ ئايلىق چېكىلىش مىقدارى 5 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن! بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا ماسسا ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘتىنىڭ ئوچۇق دەرس تور بېتىنىڭ ئايلىق زىيارەت قىلىش مىقدارى 1.5 مىليونغا يەتمەيدۇ.
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ﭘﯧﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ دوكتورى، تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەن مەيېر مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز ئامېرىكىدا ماتېماتىكا ئۆگەتسىڭىز، سالمان خاننى ئاڭلاپ باقماسلىقىڭىز مۇمكىن ئەمەس.»


1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى رەت قىلىش 
خاننىڭ ۋىدېئوسى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن خەۋپ-خەتەرلىك مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرى ئۇنى ئىزدەپ، مەبلەغ سېلىپ شىركەت قۇرۇپ، ۋىدېئولاردىن ھەق يىغىشنى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاىن. بۇنداق بولغاندا، خانمۇ دەرھاللا 1 مىلياردلىق بايغا ئايلىنالايتتى. 
لېكىن بۇ كەمبەغەل بالا بۇ پۇرسەتنى رەت قىلىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بولۇپ، باشقىلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى خالىسىمۇ، پۇل يىغىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇشۇنداق ھەقسىز مائارىپ قىلىمەن، مۇبادا پۇل يىغسام، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بالىلار كۆرەلمەي قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ مەن ھاياتىمدىكى ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن تېخىمۇ مەنىلىك بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.»
خانغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ كىشىلىك قىممىتى = ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ياراتقان قىممىتى/ئۇنىڭ كىرىمى
بۇنىڭ نىسبەت قىممىتى قانچە چوڭ بولسا، كىشىلىك قىممىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 
2012-يىلى، خان ئوڭۇشلۇق ھالدا «فوربېس» ژۇرنال مۇقاۋىسىغا چىققان. «فوربېس» ژۇرنىلى بۇنى بىر 10 تېرىليونلۇق ياخشى سودا پۇرسىتى دەپ كۆرسەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا سودا ساھەسىدە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئالما شىركىتى بولۇپ، ئارانلا 7 تېرىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.
لېكىن، بۇ كەمبەغەل يىگىت قېرىشقاندەك رەت قىلىدۇ، ئۇ ھەقسىز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.


بىل گايتىس خاننىڭ بىر تەلۋە مەستانىسىدۇر
خان ئامېرىكا ماتېماتىكا مائارىپىنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئىلمىي رەھبەرلەرنىڭ چوقۇنۇشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئامېرىكا ماتېماتىكا مائارىپىنىڭ قانچىلىك قالاق ئىكەنلىكىنى، ماتېماتىكا سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەر قانداق ئادەمدىن ئېنىق بىلىدۇ. 2011-يىلى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئېلان قىلغان نەتىجىدە، ئامېرىكىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئىلىمى مائارىپ سۈپەت دەرىجىسى پۈتۈن دۇنيادا 52-ئورۇندا تۇرغان.
2011-يىلى 3-ئايدا، خان كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن TED يىغىنىدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن تاماشىبىنلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئالقىشلايدۇ. بىل گايتىسمۇ نەق مەيداندا بولۇپ، خان بىلەن ئۇنىڭ پىلانى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ.
بىل گايتىس ئۇنىڭ ئەڭ تەلۋە چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ 3 بالىسىغا ماتېماتىكا ۋە ئىلىمى ئاساسى ئۇقۇم ئۆگەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بالىلىرى ھەمىشە ئاڭلاپ بولۇپ گومۇشتەك تۇرغىنىچە دەرسلىك مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرەلمەيتتى. 2010-يىلىنىڭ بېشىدا، بەزىلەر ئۇنىڭغا خاننىڭ تور بېتىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن، ئاشۇ ئۇ قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمىگەن بىلىم نۇقتىلىرىنى خاننىڭ قىسقىغىنا 12 مىنۇتلۇق ۋېدىئوسى بالىلارغا تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ بەرگەن. بىل گايتىس تۈزلا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن راستىنلا ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلىۋاتىمەن.»
كېيىن، ئۇ نۇرغۇن سورۇنلاردا ئۇنى تىلغا ئالغان، ئۇنى مىكروسوفت شىركىتىگە بېرىپ يۈز تۇرانە پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلغان، ھەمدە فوند جەمئىيىتى ئارقىلىق خانغا 1.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان. «مەن سالمان خاننى بارلىقىنى تېخنىكىغا ئاتاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلىم ئۆگىتىدىغانلارنىڭ ئاۋانگارتى دەپ ئويلايمەن.» دەيدۇ بىل گايتىس، «بۇ بىر ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشى.»


گۇگول 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان 
گۇگولمۇ خان ئىنستىتۇتىنىڭ قوللىغۇچىسى. 2010-يىلى 9-ئايدا، گۇگول «10 تۈرلۈك» بەسلىشىش ئېلىپ بېرىپ، بەش «دۇنيانى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن» بولغان تەشكىلگە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات تەمىنلىگەن. خان ئىنستىتۇتى نۇرغۇن رىقابەتچىلەرنى يېڭىپ 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئامېرىكىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەۋەككۈل مەبلەغ سالغۇچى يوھان دوئېر ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئەن خان ئىنستىتۇتىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى ياردەم قىلغۇچىسىدۇر. 2010-يىلى ئەتىيازدا، خان توردا پۇل تۆلەش سۇپىسىدىن كەلگەن ئېلخەتتىن بىرىنىڭ ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەنلىك ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ئۇ ئادەم دەل يوھان دوئېر ئىدى.
خان خەت يېزىپ يوھان دوئېرغا رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ھازىرغىچە قوبۇل قىلغان ئەڭ چوڭ بىر ئىئانە ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئەگەر خان ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتىپى بولۇپ قالسا، ئۇ بىرىنچى ئوقۇتۇش بىناسىنى ئەننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئەن ئازغىنە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىئانە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، سېخىيلىق بىلەن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چېكىنى چىقىرىپ، خانغا مائاش سۈپىتىدە بېرىشنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ خان ئىنستىتۇتىنىڭ «قوللىغۇچىلار باشلىقى» غا ئايلىنىدۇ، ھەمدە دائىم خاننىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ « بەزى چاغلاردا ھەتتا تورت ئېلىپمۇ كېلەتتى».
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى