ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مۇنەۋۋەر كىشىلەر كۆپ، ئەمما ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغىنى پەقەت بىرلا

مۇنەۋۋەر كىشىلەر كۆپ، ئەمما ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغىنى پەقەت بىرلا

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 9301 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇنەۋۋەر كىشىلەر كۆپ، ئەمما ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغىنى پەقەت بىرلا
تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە خىزمەت سىتودىيىمىزگە خادىم قوبۇل قىلغاندا، بىر قىزچاق كۈلۈمسىرىگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئەسىرىنى كۆردۇق، ھەقىقەتەن يامان ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-قىزچاق، سىز قايسى خىزمەت ئورنىغا يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىسىز؟
-كېسىش، تەھرىرلەش (فىلىم).
ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئۇنى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما سىتودىيىمىزنىڭ كېسىش (تەھرىرلەش) خىزمىتى تولىمۇ جاپالىق، ئىقتىدارغا بولغان تەلەپ يۇقىرى، تولىمۇ زىددىيەتلىك ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم:
-باشقا خىزمەت ئورنىغا ئالمىشىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟ مەسىلەن: ئالاھىدە ئۈنۈم دېگەندەك.
-ئۇ ئىشلارنى بىلمىسەم دېدى. 
-ئۇنداقتا سىز يەنە نېمە ئىش قىلىشنى بىلىسىز؟
ئۇ تولىمۇ ھەيران بولغان ھالدا تۇرۇپلا قالدى-دە، داۋاملاشتۇردى.
-مېنىڭ كېسىش ئىقتىدارىم يامان ئەمەس، مېنىڭ ئەسىرىمنى كۆردىڭىز، بۇنى بىلىسىز.
بۇ ۋاقىتتا، مەن تولىمۇ زىددىيەتتە قالدىم. چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر ئىدى. ئەمما خىزمەت ئورنى توشۇپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم.
مۇنەۋۋەر كىشىلەر كۆپ، ئەمما باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدۇ. كىم بۇرۇن كەلسە، شۇ پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. شۇڭا بىز مۇزاكىرىلەشكەندىن كېيىن، ئۇ قىزچاقنى باشقا بىر سىتودىيەگە تەۋسىيە قىلدۇق. ئەسلىدە ھېكايە مۇشۇ يەردە تۈگىگەن ئىدى. ئەمما، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ قىزچاق ماڭا ناھايىتى ئۇزۇن بىر پارچە ئۇچۇر يوللاپتۇ. ئۇ مەندىن: «مېنىڭ سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلارغا شۇنداق قوشۇلغۇم بار ئىدى. ھەمدە مېنىڭ ئىقتىدارىممۇ يامان ئەمەس، نېمە ئۈچۈن مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. 
ئەمەلىيەتتە، باشقا ئادەم بولغان بولسا، جاۋاب قايتۇرمىغان بولاتتىم. ئەمما مەندىكى مۇشۇ خەققە نەسىھەت قىلىشقا ئامراقلىق كېسىلى سەۋەبلىك، قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۇزۇن بىر پارچە ئۇچۇر يوللىدىم. ئۇچۇردا ئۇنىڭغا: «سىڭلىم، بىز سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى ھەقىقەتەن كۆردۇق، ئەمما كېسىش خىزمىتىنى سىز تېخى ۋايىغا يەتكۈزمەپسىز، ئەمەلىيەتتە بىز سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئىقتىدارىڭىزنىڭ تېزلا ئاشىدىغانلىقىنى، سىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇشۇرۇن كۈچىڭىز بارلىقىنى بىلسەكمۇ، ئەمما بىزدە تەھرىرلەش ئۇستىسى بار. خىزمەت ئورنى توشۇپ كەتكەن. سىز گەرچە مۇنەۋۋەر بولسىڭىزمۇ، ئەمما تەلىيىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەسكەن. ئەمما سىزمۇ بىلىسىز، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمىسا، ئۇنىڭ تەلىيى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كۆپرەك ئۆگىنىڭ، بۇنداق بولغاندا پۇرسەت چوڭ بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىزگە بىر جۈملە سۆز ھەدىيە قىلاي: بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، خىزمەت جەريانىدا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇنەۋۋەرلىك يېتەرلىك ئەمەس. چوقۇم قالتىس بولۇشىڭىز، ئورنىڭىزغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. 
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ قىزچاق بىلەن ياخشى دوست بولۇپ قالدۇق. بىز ھەمىشە بىرگە تاماق يەپ، ئالاقە قىلىپ تۇردۇق، تاكى بۈگۈن ئۇ بىزنىڭ چوڭ سىتودىيە بىلەن ئايلىقى 10 نەچچە مىڭ يۈەنلىك توختام تۈزگەنگە قەدەر. ئۇنىڭ مىكروبىلوگىدىكى ئىمزاسىدا مۇنداق يېزىقلىق: مۇنەۋۋەرلىك يېتەرلىك ئەمەس، چوقۇم ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان بولۇش كېرەك!
ئەمەلىيەتتە، سىز تېخىچە بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، ھەر كۈنى چۈش بولغۇچە ئۇخلىمىغان، ئويۇن ئويناپ يېرىم كېچىگىچە تۈنىمىگەن، ھاراق ئىچىپ كېچىنى تاڭغا ئۇلىمىغان بولسىڭىزلا، ئۇنداقتا سىز تىرىشىۋاتقان بولىسىز. بىر ئادەم ئىزچىل قوياش نۇرىغا، پارلاق كەلگۈسىگە ئىنتىلسە، ئۇ چوقۇم مۇنەۋۋەر ئادەم. ئەمما، نېمە ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئادەملەر كۆڭۈلدىكىدەك شىركەتلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ؟ چۈنكى بۇ دۇنيادا، ھېچقانداق ئىشتا پەقەت تىرىشچانلىق بولسىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، تىرىشىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. چوڭ شەھەرلەردە، ئەڭ كەمچىل بولمىغىنى غايە، ئەڭ كۆپ بولغىنى مۇنەۋۋەر كىشىلەر. ئەمما، سىز مۇنەۋۋەر بولسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇنەۋۋەرلىكنى باھالاش ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ. مۇنەۋۋەرلىك يېتەرلىك بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا، ئورنىڭىزغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان بولۇڭ. 
ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكلى بولمايدىغان بولۇشنىڭ ئۇسۇلى ئىككى خىل: بىرى، باشقىلار قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشنى قىلىش؛ يەنە بىرى، باشقىلار ياخشى قىلغان ئىشنى قالتىس قىلىش. مۇشۇنداق ئادەملەرگە جەمئىيەت ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەدىمىي بىئولوگىيە كەسپىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئۇنۋانى توردا قاتتىق تارقاپ كەتتى. چۈنكى، ئاشۇ فاكولتېتتا پەقەت ئاشۇ بىرلا ئوقۇغۇچى بار ئىدى. باشقىلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇ دەرستە قەتئىي قاچالمايدۇ دېسە؛ يەنە بەزىلەر ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ، ئۇ خىزمەت تاپالماسلىقتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر جەمئىيەتتە پەقەت بىرلا مۇناسىپ خىزمەت ئورنى بولسا، ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ خىزمەت ئورنىغا ئۇ قوبۇل قىلىنماي ئامال يوق. ئەگەر خىزمەت ئورنى ئىككى بولۇپ قالسىچۇ؟ ئۇ ھالدا ئىككى ئورۇن رىقابەتكە چۈشىدۇ-دە، ئاخىرىدا ئۇنىڭ مائاش-تەمىناتى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدۇ. 

بۇ دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشاش، باشقىلار قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشنى قىلىپ، ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. لى شىياۋلۇڭ ھوللېۋۇدقا بېرىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇن چامباشچىلىق ماھىرلىرى كىنولاردا جۇلالىنىشقا باشلىغان. ئەمما، پەقەت لى شىياۋلۇڭلا ئامېرىكىغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشنى خالىغان. شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان چامباشچىلىق ماھىرلىرى يۇرتىدىن ئايرىلىپ ناتونۇش جايغا بېرىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالىمىغان. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئامېرىكىدا كىنو-مەدەنىيەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولغاچقا، لى شىياۋلۇڭ بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چامباشچىلىق ھۆنىرى بەك ئالاھىدە قالتىس بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ھوللېۋۇردتىكى بىردىنبىر جۇڭگولۇق ئارتىس بولۇپ قالغان. شۇڭا، ئۇ تېزلا خەلقئارالىق ئارتىسقا ئايلىنىپ، بىرىنچى ئەۋلاد چامباش ئۇستىسى بولۇپ قالغان.
ئەمەلىيەتتە، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دەپ قارالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار قىلىشنى خالىمىغان ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىگە كۆتۈرەلىگەن.
نەچچە يىل ئىلگىرى، ھەربىي مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن ۋاقتىمدا، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى كاللىسىنىڭ دەردى بار دەپ قارايتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، سانسىز ئاخشىمى مەن قېلىن ئىنگلىزچە لۇغەتنى كۆتۈرىۋېلىپ تەكرارلاش ئۆيىگە بېرىپ، قۇرۇق سىنىپتا تامغا قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇيتتۇم، يادىلايتتىم. ئۇ ۋاقىتتا مەن قەغەزگە يېزىپ قالدۇرغان: «پەقەت يالغۇزلۇققا چىداشلىق بېرىلىگەندىلا، ئاندىن ئۇتۇقتىن مەنپەئەتدار بولغىلى بولىدۇ!» دېگەن سۆز توردا كۆپلەپ تارقىدى. 
ھېلىمۇ ئېسىمدە، ساۋاقداشلىرىم مەندىن: «ئاللىبۇرۇن شۇنچە ياخشى ئۆگىنىپ بولدۇڭ، يەنە داۋاملىق ئۆگىنىۋېرەمسەن؟» دەپ سورىغاندا، مەن ئۇلارغا: «ياخشى بولۇش يېتەرلىك ئەمەس. چوقۇم ئەلاچى بولۇشۇم كېرەك.» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. 
2010-يىلى مەن ئۈمىد ئىنگلىز تىلى نۇتۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. كۈچلۈك رىقابەتتىن كېيىن، مەن بېيجىڭ شەھەرلىك 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، مەملىكەت بويىچە 3-دەرىجىگە ئېرىشتىم. رىياسەتچى: «سىز بىزنىڭ بۇ سەھنىدىكى تۇنجى ھەربىي فورما كېيگەن نۇتۇق سۆزلىگۈچى.» دېگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن: «سىز ياشاۋاتقان ئۇ خىل مۇھىتتا، ھېچكىممۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمەيدۇ، سىز نېمە ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ قالدىڭىز؟» دەپ سورىغاندا، مەن كۈلۈمسىرىگىنىمچە: «چۈنكى باشقىلار ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمىگەن بولغاچقىلا، مەن ئۆگەنگەن.» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. 
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ ۋاقىتلاردا، پۈتۈن ئەسيادىم قانداق قىلغاندا ئۆزۈمنى ئورنۇمغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان قىلالايمەن دېگەندىنلا ئىبارەت ئىدى. مەن ئاشۇ كۈنلەرگە تولىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. ھەر كۈنى توخۇ چىللىماستا ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن بولغاچقىلا، بۈگۈنكى ياخشى كۈنگە ئېرىشەلىدىم. بۈگۈنگە قەدەر، مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سىتودىيە خىزمىتىنى قىلىۋاتىمەن، ھەم نادىر كىنولارنى ئىشلەپ چىقالىدىم. بۇ مۇساپە بەك ئۇزاق، نۇرغۇن كىشىلەر تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما مەن داۋاملىق ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرۈپ، ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئىلگىرىلەپ، باشقىلار قىلىشنى خالىمىغان ساھەدە ياخشى تىرىشىپ، ھەممە ئادەم قىلىۋاتقان ساھەدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزۈمنى ئورنۇمغا باشقىلارنىڭ دەسسەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزىۋاتىمەن. 
مەن ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش ساھەسىدە 4 يىل تىرىشتىم، بۇ ساھەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ داڭلىق بولغىنى شىركەت يۇقىرى قاتلىمى ئەمەس، ھەم خىزمەتچىلەرمۇ ئەمەس، ئەكسىچە ئاشۇ كەسىپ ئەھلىلىرىدۇر. ئاشۇ كەسىپ ئەھلى بولغان مۇئەللىملەر ھەر بىر شىركەت ئىزدەۋاتقان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ كەسپىي ماھارىتى بار، ئۇلار ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان مۇھىم كىشىلەر. بۇ ساھەدە ئۇزاق مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ھەر قانداق ئىشتىن مۇھىم ئىكەن. 
ھەر قېتىم «سۇ بويىدا»نى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، ناھايىتى غەلىتە ھېس قىلىمەن. ئاشۇ يىللىرى ئەلگە تونۇلغان سۇڭ جىياڭ، لى كۈي قاتارلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمىغان. ئەمما ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئەجىلى بىلەن ئۆلگەنلەر، قەدىرلىنىپ ئىشلىتىلگەنلەر بولسا ئاشۇ سۇنايچى شىياۋ راڭ، خەت ئويغۇچى جىن داجىيەن قاتارلىق بۇ ئىختىساس ئىگىلىرىدۇر. دۇ فۇنىڭ دۇنياغا قالدۇرغىنى ئۇنىڭ ئەمەل-مەنسىپى ئەمەس، بەلكى ئۇ يېزىپ قالدۇرغان شېئىرلار. شۇڭا، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا پۇت دەسسەپ تۇرۇشتىكى ئەڭگۈشتەر، دەل بىرەر ئارتۇقچىلىق، يەنى  ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان ئارتۇقچىلىق بولۇشى كېرەك. 
ئەگەر سىز بىر مىخانىزىم ئىچىدە خىزمەت قىلسىڭىز، تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدىغىنى سىزنىڭ رەھبىرىڭىزنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بولسا، ئۇنداقتا، بىرەر ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ سىزگە بېرىدىغان باھاسى بازارنىڭ سىزگە بەرگەن نىسبەتەن ئادىل بولغان نومۇرىدىن ئىبارەت. ھۆنىرىگە تايىنىپ ياشاش، گەرچە مىخانىزىم ئىچىدىكىدەك مۇقىم بولمىسىمۇ، ئەمما ھامان نىسبەتەن ئەركىن ياشىغىلى، راھەت ئۆتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئاشۇ  ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان ھۆنەرۋەنلەر دەل ھەر بىر جەمئىيەت «ئىستانۇكلىرى» ئۈچۈن زۆرۈر بولغان زاپچاسلاردۇر. 
ياشلار، ئۆگىنىش يولىدا ھەرگىزمۇ بېشىڭلارنى چۆكۈرۈپلا كىتاب كۆرۈش بىلەن بولماي، كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىختىساسلىقلار بازىرىغا بېرىپ، جەمئىيەت قانداق كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىۋاتىدۇ ئىزدىنىپ قويۇڭلار. تورلاردىن چوڭ شىركەتلەرگە قانداق كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا كۆڭۈل بولۇپ، شۇ ئېھتىياج بويىچە بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭلارنى جارىي قىلدۇرۇپ،  ئورنىغا باشقىلارنىدەسسەتكىلى بولمايدىغان، ئۆزۈڭلار قىزىقىدىغان ئىشنى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار. 
بۇ مۇساپە بەلكىم بەك جاپالىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھېچقانداق ئۇستىلار مەشىق داۋامىدا يىگانە بولماي قالمىغان، ئازابلانماي قالمىغان.  ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان يولنى تاللىغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا، غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا مۇشتىڭىزنى چىڭ تۈگسىڭىز سىزنىڭچە قانداق بولار؟
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى