ئوبامانىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆي سېتىش ھېكايىسى
-
ئوبامانىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆي سېتىش ھېكايىسى
ۋاقتى: 2016-10-21 ئاۋاتلىقى: 12844 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئوبامانىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆي سېتىش ھېكايىسىتەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتئامېرىكا ئەلباشى ئوباما ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، كالفورنىيەدىكى كونا ئۆيىدىن ئايرىلىپ، ئايالى مىچىل ۋە ئىككى قىزى بىلەن ئاق سارايغا كۆچۈپ كېتىپتۇ. كۆپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوباما ناھايىتى چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھالدا ئۆزىنىڭ كالفورنىيە ھىدې باغچىسىدىكى كونا ئۆيىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئاشۇ كونا ئۆيىگە قايتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ خەۋەر بېلنى قاتتىق خوش قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئوبامانىڭ كونا قوشنىسى ئىكەن.
بىر قانچە يى ئىلگىرى، بېل باشقىلار بىلەن دو تىكىشىپ، ناھايىتى ئىشەنچلىك ھالدا ئۆزىنىڭ 2010-يىلىغا بارغاندا چوقۇم مىليونېر بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما دو تىكىشكەن ۋاقىت توشۇشقا بىر يىللا قالغان، ئەمما ئۇنىڭ نىشانى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. ھازىر، ئاخىرى پۇرسەت كەلدى، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئوبامانىڭ تەسىرى بىلەن باھاسىنى نەچچە ھەسسە ئۆستۈرۈپ سېتىشقا بولىدىغان بولدى. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كىشىلەرنىڭ بىرى--ئامېرىكا ئەلباشى بىلەن قوشنا بولىدىغان ئىش تۇرسا، بۇ ھەقىقەتەن كەم تېپىلىدىغان پۇرسەت ئىدى. شۇڭا ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆيىنى ۋاسىتىچى شىركەتلەرنىڭ سېتىپ بېرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.
سېتىش يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بېل مەخسۇس يانبىلوگ قۇرۇپتۇ ۋە ئۆيىنى ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپتۇ. بۇ ھەشەمەتلىك ئۆيدە 17 ئېغىز ياتاق بولۇپ، 600 كىۋادىرات مېتىردەك كېلىدىغان، ناھايىتى راھەت ئۆي ئىكەن. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئوباما ئىلگىرى كۆپ قېتىم بۇ ئۆيگە كېلىپ مېھمان بولغان، يەنە ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر قېتىملىق سايلام ئېلانى ئىشلەنگەن. بۇ ئاللىبۇرۇن تارىخ بېتىگە كىرگۈزۈلگەن ئۆي ئىدى. شۇڭا بېل شۇنىڭغا ئالاھىدە ئىشىنىدىكەنكى، بۇ ئۆينىڭ يۇقىرىكىدەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن 3 مىليوندىن ئارتۇق باھادا ساتقىلى بولىدىكەن.
ئويلىمىغان يەردىن بۇ يانبىلوگنى ناھايىتى تېزلا 100 نەچچە مىڭ ئادەم زىيارەت قىلىپتۇ. ئەمما، بېلنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى، ئۆيگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم گەرچە ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بىرمۇ ئادەم ئۇنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدىكەن. زادى نېمە سەۋەب كىشىلەرنىڭ بۇ ئۆينى سېتىۋېلىشىغا توسالغۇ بالغاندۇ؟ نېمە سەۋەبلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، بېل يانبىلوگقا قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈپتۇ. ئەسلىدە، كۆپچىلىك بۇ ئۆينى سېتىۋالغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىنىڭ قاتتىق نازارەتكە چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
شۇنداق ئەمەسمۇ، ئوباما ۋە ئۇنىڭ ئايالى گەرچە ئاق سارايغا كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە خادىملار يەنىلا بۇ ئۆي ۋە ئوبامانىڭ باشقا باردى-كەلدى قىلىشىدىغان كىشىلىرىنى قوغدايدىكەن. يەنە پۈتكۈل دائىرە كۈچلۈك كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ نازارىتىدە بولىدىكەن. پەقەت ئىشىكتىن چىقسىلا، شەخسىيىتىنى قوغداش تەسكە چۈشىدىكەن.
ئەڭ يامان بولغىنى، ئوبامانىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىپ، قايتىپ كەلگەندە، چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ يەرگە ئولىشىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇ ۋاقىتتا، قوشنىلارنىڭ تۇرمۇشى ئېنىقكى ئېغىر دەخلىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، بۇ ئۆيگە كىرىپ-چىققاندا، ئېنىقلا ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە ئالاھىدە خادىملارنىڭ خۇددى جىنايەتچىگە مۇئامىلە قىلغاندەك تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىدىغان گەپ. بۇنداق تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ تۇرما بىلەن قانداق پەرقى بولسۇن؟ ھەتتا دوستلارمۇ ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ ئۆيگە يوقلاپ كېلىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماسلىقى تۇرغانلا گەپ.
شۇ سەۋەبلىك، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۆينى يەنىلا ساتقىلى بولماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بېلمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپتۇ. ئۇ ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋەدە بېرىپ، ئۆينى سېتىپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھەتكە چىقىدىغان بولغان ئىكەن. ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ بۇۋەدىسى ئەمەلگە ئاشماپتۇ. ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن دو تىكىشكىنىگىمۇ يېڭىلىشقا ئازلا قاپتۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە، دانىئېل ئىسىملىك بىر ياش بېلنى ئىزدەپ تېپىپ، ئوبامانىڭ ئۇنىڭ مەبۇدىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئەزەلدىن ئوباما بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ باقمىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇ بۇ ئۆينى سېتىۋالسا بۇ پۇرسەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
ئۆينى سېتىۋالىدىغانغا ئاخىرى ئادەم چىقتى. بېل بۇنىڭدىن قاتتىق شاتلىنىپتۇ. گەرچە دانىئېل بېلنىڭ ئۆيىنى سېتىۋېلىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنچە كۆپ پۇلنى تۆلىيەلمەيدىكەن. بېل مىڭ بىر تەسلىكتە بىر سېتىۋالغۇچىنى ئۇچراتقاندا، ئەلۋەتتە ئاسانلا قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايدىكەن، شۇڭا ئۇ كۆپ يول قويۇپتۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكىدەك كېلىشىم تۈزۈپتۇ: دانىئېل ئاۋۋال 300 مىڭ دوللار تاپشۇرىدۇ، ئاندىن ھەر ئايدا 30 مىڭ دوللاردىن تۆلەيدۇ. 5 ئايدا جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ دوللارنى تۆلەپ بولىدۇ. ئۆينىڭ دەسلەپكى پۇلى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دانىئېلدا بولىدۇ.
بېل ھەقىقەتەن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. گەرچە ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسى ئۆزى دەسلەپتە ئۈمىد قىلغان 3 مىليوندىن كۆپ تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما 20 يىل ئىلگىرى ئۇ بۇ ئۆينى سېتىۋالغاندا پەقەت نەچچە 10 مىڭ يۈەنگىلا سېتىۋالغان بولۇپ، يەنىلا كۆپ پايدىغا ئېرىشىپتۇ. ئەڭ مۇھىمى ياشىنىپ قالغان ئۇنىڭغا نىسبەتەن بالدۇرراق سەھراغا قايتىپ، كۈنلىرىنى ئامان-ئىسەن ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى ئىكەن.
دەسلەپ تۆلىنىدىغان پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، بېل ئۆزىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى قالدۇرۇپ، ئۆيىدىكىلەرنى ئېلىپ ساياھەتكە كېتىپتۇ. ساياھەتكە چىققان شۇ كۈنى بېل دانىئېلنىڭ ئۆينى بانكىغا رەنىگە قويۇپ قەرز ئالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ.
يېرىم ئايدىن كۆپرەك ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېل دانىئېلنىڭ بۇ ئۆينى بالىلار يەسلىسىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئەسلىدە، دانىئېل بىر بالىلار يەسلىسىنىڭ يەسلى باشلىقى ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ يەرگە يەسلى قۇرۇشى ئانچە تەسكە چۈشمەپتۇ. ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشى ئەسلىدىكى تۇرالغۇدىن يەسلىگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئاشۇ زىيادە چىڭ بولغان نازارەت تولىمۇ زۆرۈر بولۇپتۇ. چۈنكى بۇ ئوبامانىڭ ئۆيىگە قوشنا بولغان يەسلى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ بىخەتەر يەسلىگە ئايلىنىپتۇ.
ئاز بولمىغان بايلار ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى بۇ يەسلىگە ئەكىلىپ بېرىدىغان بولۇپتۇ. يەسلىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، دانىئېل نۇرغۇن داڭلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى يەسلىگە كېلىپ دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. بۇ داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاز بولمىغان قارا تەنلىك چولپانلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئوباما ئۈچۈن پەخرلىنىپ، ئوبامانىڭ ئۆيىگە قوشنا بولغان بۇ يەسلىدە دەرس سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىدىن تولىمۇ ھاياجانلىنىپتۇ. يەنە كېلىپ بۇ يەر ھەر ۋاقىت مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ يەرگە كېلىپ بالىلار بىلەن پىكىرلەشكەندە، ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئوبرازىنىڭ تەشۋىق قىلىنىش پۇرسىتى تەبئىيلا كۆپىيىدىكەن. شۇڭا، داڭلىق كىشىلەر تەكلىپنى ناھايىتى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىكەن.
نۇرغۇنلىغان ئېلان شىركەتلىرىمۇ سەندىن مەن قالامدىم دېگەندەك دانىئېل بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەسلىنىڭ تېمىغا ئېلان قويۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار بۇنداق بولغاندا مەھسۇلاتنىڭ تەشۋىق قىلىنىش پۇرسىتى كۆپىيىپ، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا تامغا ئېلان قويمسىا تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپتۇ. شۇڭا، دانىئېل بىر قېتىملىق ئېلان تېمىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپتۇ. كىم ئارتۇق قىلىشقا قاتناشقان ماركىلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەمما تاماكا، پارچە يېمەكلىك، ھاراق قاتارلىقلارنىڭ ئېلانى پۇلى قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دانىئېل ئۇلارنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشتۇرماپتۇ.
بەش ئايدىن كېيىن، بېل 1 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى تولۇق تاپشۇرىۋاپتۇ-دە، ئاخىرى 2010-يىلى يىل ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مىليونېر بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ. ئەمما، بېل بۇ سودىدا ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئوبامانىڭ يېڭى قوشنىسى--يەسلى باشلىقى دانىئېل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
دانالىق كەلگۈسى ۋە تەرەققىياتنى بەلگىلەيدۇ. بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك دانىئېلغا ئوخشاش پۇرسەتكە ئېرىشىشنى ئويلايمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى، بىزدە ئۆتكۈر كۆز، جەسۇرلۇق ۋە كەسكىنلىك كەمچىل بولغانلىقتىن، ئاشۇنداق سودا پۇرسەتلىرى بىلەن سۈركۈشۈپ ئۆتۈپ كېتىمىزدە، ئاخىرى چەكسىز پۇشايمانغا قالىمىز. شۇڭا، پۇرسەت كەلگەندە، دەرھال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقاندىن كېيىنلا، چۈشىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىش، پۇرسەتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش پۇرسىتى بولىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ياشاشنىڭ قاتلىمى
2016-06-13 01:52:553363ئۆي سېتىۋېلىش، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش ۋە مۇۋەپپەقى
2015-05-19 00:10:236235[كۆچۈرۈلمە] ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيەسى ۋە ئانىلا
2015-05-18 23:38:457023تېنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە
2015-05-19 01:10:077787ئۈندىداردىكى ئوماق بالىلارنى باھالاش ۋە باھالىتى
2015-06-24 10:13:4621902ئېشەكنىڭ خىزمەت قىلىشى
2015-12-30 13:05:0013748بازار، رىقابەت، ئىستېمال
2015-06-24 10:07:348349باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور مەخپىي نومۇرى: 6142243
2016-10-11 12:16:42727
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-