ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«قوشكېزەكلەر» ناملىق رومانىدىن تەسىرات ۋە ئۇنىڭدىكى يارقىن نۇقتا، كەمچىلىكلەر ھەققىدە

«قوشكېزەكلەر» ناملىق رومانىدىن تەسىرات ۋە ئۇنىڭدىكى يارقىن نۇقتا، كەمچىلىكلەر ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 11432 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«قوشكېزەكلەر» ناملىق رومانىدىن تەسىرات ۋە ئۇنىڭدىكى يارقىن نۇقتا، كەمچىلىكلەر ھەققىدە

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت


يېقىندا ياش، تالانتلىق، يېتىلىۋاتقان يازغۇچى دوستۇم ئەزىر ئىمىر يانغىننىڭ «قوشكېزەكلەر» ناملىق رومانىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ، ئاخىرى ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ تاماملىدىم. مەزكۇر روماننى ئوقۇشتىن بۇرۇن بۇ رومانغا نېمە ئۈچۈن «قوشكېزەكلەر» دەپ ئىسىم قويۇلغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلانغان ئىدىم. ئەمما روماننى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىسىمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ توغرا، جايىدا قويۇلغانلىنى ھېس قىلدىم.

دوستۇم ئەزىر ئىمىر يانغىن ئۆزى قوللىنىۋاتقان تەخەللۇس «يانغىن»غا ھەقىقەتەن مۇناسىپ يازغۇچى ئىدى. ئۇنى ئۆزىنىڭ يانغىنغا ئوخشاش ئۇخچۇپ تۇرغان قىزغىنلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولاتتى. مېنىڭ نەزىرىمدە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان ۋە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىلاردىن ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)، ئابدۇسالام قاھار ئۈزۈمچى ۋە ئەزىر ئىمىر يانغىن قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ يازمىمىز ئاساسلىق ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ ئەسىرى ئۈستىدە بولىدىغان بولغاچقا، باشقا يازغۇچىلار ھەققىدە كۆپ توختىلىشنى توغرا كۆرمىدىم. شۇڭا يەنىلا ئاساسلىق پىكىر نۇقتىمىزنى ئەزىز ئىمىر يانغىن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتىمىز. 
مەن دوستۇم ئەزىز ئىمىر يانغىننى بۇنىڭدىن 7 يىللار ئىلگىرى تونۇشقا باشلىغان. ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا تور دۇنياسىدا يېزىپ قالدۇرغان «چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت»، «ئوغرى يىگىت بىلەن پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇغان ئىدىم. كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق. 
ئەزىز ئىمىر يانغىن ئىزچىل ھالدا توردا ئەسەر يېزىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىمقى «قوشكېزەكلەر» ناملىق رومانى ئۇنىڭ تۇنجى نەشر قىلىنغان رومانى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەزكۇر رومان نەشردىن چىقىپ نەچچە ئايدىلا كىتابخانىلاردا تۈگەپ كەتكەن. ھەتتا ئۇنىڭ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ چەت ناھىيەلىرىگە تېخى يېتىپ بارمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلىغان ئىدىم. شۇڭا ئادەتتە ناھايىتى ئالدىراش بولغاچقا، بىر جەھەتتىن دوستۇمنىڭ بۇ ئەمگەك مېۋىسىدىن خۇش بولسام، يەنە بىر جەھەتتىن شۇنچە تېز تۈگەپ كەتكەن قانداق ئېسىل رومان بولغىيدى؟ دېگەن سوئالنىڭ تۈرتكىسىدە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ روماننى ئوقۇپ چىقتىم. ھەم بۇ روماننى ئوقۇش سۈرئىتىم ھازىرغىچە كىتاب ئوقۇش تارىخىمدىكى ئەڭ تېز ئوقۇغان رومان بولدى. روماننى باشلاپلا ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ روماننى بىر يېرىم كۈندە ئوقۇپ بولغانلىقىمنى ئىلگىرىكى بىر كىتابنى ئەڭ تېز بولغاندا بىر ئايدا بولمىسا 3~4 ئايدا ئوقۇپ بولىدىغان سۈرئىتىمگە سېلىشتۇرغاندا «نۇر تېزلىكى»دە دەپ تەسۋىرلەشكە بولاتتى. 
رومان ھەقىقەتەن ئۆزگىچە چىققان بولۇپ، ئەسەرنىڭ پۈتۈن ۋەقەلىكى ھازىرقى ئەڭ قىزىق تېما بولىۋاتقان بالىلارنى ئالداپ سېتىش، يانچۇقچىلىق قىلىش قاتارلىق بەتقىلىقلارنى ۋەقەلىك راۋاجى قىلىپ، بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت قاتارلىقلار ناھايىتى تەبئىي رەۋىشتە جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 
بۇ روماننىڭ باش تېمىسى ئۆزگىچە بولۇپلا قالماي ئۇنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە ۋە يېڭىلىققا تولغان. مەزكۇر رومان ئىزچىل ھالدا ھازىرقى ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ يېزىلىش رامكىسىدىن ھالقىپ، ئۆزگىچە يېزىش ئۇسلۇبى ياراتقان دەپ قارايمەن. پۈتكۈل ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى خۇددى ئالدىنقى يىللىرى ناھايىتى ئالقىش قوزغىغان ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلېۋېزىيە تىياتىرى «تۈرمىدىن قېچىش» ناملىق فىلىمگە ئوخشاش، ناھايىتى جىددىيچىلىك ۋە مۇرەككەپلىككە تولغان. 
بۇ ئەسەرنى باش تېمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەھەتتىمۇ ئالاھىدە ئۇتۇق قازانغان دېيىشكە بولىدۇ. پۈتكۈل ئەسەر باشتىن-ئاخىرى ئالداپ سېتىلغان زۆھرە ۋە ئادىلە (ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى نەرگىزەنىڭ قوشكېزەك ئاچىسى نەفىسە)نىڭ ئازابلىق كەچمىشلىرى، قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئابلەت ساقچى بىلەن نۇرلان بوۋاينىڭ پەرزەنت ئىشقىدا چەككەن ئازابلىرى ۋە تۇرمۇش كارتىنىلىرى؛ تۇغۇلمىغان ئوغلى بىلەن ئايالىنى تاشلاپ كەتكەن پولات، كاج تەلەي يىگىت تاھىر، ئىچى قۇتۇر، زەھەر خەندە شەھىدە، لىڭتاسما، ئوغۇللارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرگۈچى رىيات، سىڭلىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، سىڭلىسىنىڭ پىراقىدا ئازابلىنىۋاتقان يىگىت دېڭىز، تىرىشچان، ئەمما مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئەخمەت، ساقچى باشلىقى ئادىل، ساقچى يىگىت يارقىن قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتلىرى ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى يۇرۇتۇشتا ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇلغان. 
مەزكۇر روماننىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ياراتقان نەتىجىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاپتۇر ھەر بىر ۋەقەلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇش جەھەتتە ھەقىقەتەن يۇقىرى ماھارەت ياراتقان. ئەسەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىرمۇ بىر تەسۋىرلەپ بولۇش بەسى مۈشكۈل بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرنى ھەقىقەتەن ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان ئەسەر دەپ قارايمەن. ئەمما ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىلا بولۇپ، كەمچىلىكى بولماسلىقى ناتايىن. مەزكۇر ئەسەرمۇ بىر قىسىم كەمچىلىكلەر ياكى گۇمانىي نۇقتىلاردىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەسەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا ماختاپ، كەمچىلىكىگە سەل قاراش ئەسەرگە ئادىل باھا بەرگەنلىك بولمايدۇ. 

ئەسەردە ئالاھىدە ماختاشقا تېگىشلىك يارقىن نۇقتىلار:
1. ساقچى باشلىقى ئادىل ۋە يانچۇقچى قىز ئادىلەنىڭ، كاۋاپچى يىگىت تاھىر بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى زۆھرەنىڭ مۇھەببىتىنى ھازىرقى ھەممە پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان دەۋردە قەدىرلەشكە تېگىشلىك ساپ ۋە ھەقىقىي مۇھەببەت دېيىشكە بولىدۇ؛ 
2. ئادىلەنىڭ گەرچە دادىسىنىڭ زورلىشى ۋە كېيىنكى رىئاللىقلارنىڭ مەجبۇرىلىشى بىلەن يانچۇقچىلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ نۇمۇسىنى ساقلاش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھازىرقى ئىشتىنىنىڭ سىرتمىسى بوش قىزلارنىڭ قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ؛
3. ئەسەرنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە، بولۇپمۇ نەرگىزەنىڭ خاتا سوتقا چىقىپ قېلىشى ۋە سوت ئېچىش جەريانىدا دۆلىتىمىز قانۇنىنىڭ تولىمۇ ئادىل ئىكەنلىكى (بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە) ناھايىتى تەبئىي رەۋىشتە جانلىق يۇرۇتۇلغان؛ 
4. پۈتكۈل ئەسەر ۋەقەلىكى خۇددى «تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىدىكى ۋەقەلىككە ئوخشاش ناھايىتى جىددىي ھەم ناھايىتى مۇرەككەپلىككە تولغان بولۇپ، ئوقۇرمەننى ناھايىتى تەبئىي ھالدا ئۆزىگە تارتىپ، ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغان؛ 
ئەسەردە ساقلانغان كەمچىلىكلەر:
1. ئەركىن بىلەن پولاتنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان ياكى ۋەقەلىك خاتا راۋاجلانغان
ئەسەردە پولات ئۈرۈمچىگە كېلىپ مېھمانخانىغا بارغاندا، ئەركىن پولاتقا ئۆزىنىڭ ئاجرىتىپ كەتكەن ئايالىنىڭ تېلېفون قىلغانلىقى ۋە ئۆزى تاشلاپ كەتكەن ئوغلىنىڭ دوختۇرخانىدا ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئەگەر ئوقۇرمەن ئەسەرنى سەللا ئەستايىدىل ئوقۇغان بولسىلا، ئەسلىدە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ھاياتى خەۋپ»تە قالغۇچىنىڭ ساقچى باشلىقى ئادىل ئىكەنلىكىنى ھەر قانداق ئادەم پەرەز قىلالايدۇ. ئەمما ئادىل ھەرگىزمۇ ئەركىننىڭ ئوغلى بولماستىن، بەلكى بۇ پولاتنىڭ ئوغلى، يەنە كېلىپ پولات ئەركىن بەرگەن پۇلنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بارغاندا دەل ئۆزى تاشلاپ كەتكەن ئاينۇرخان ئانا تەرىپىدىن دوختۇرخانا ئالدىدا بايقىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاپتۇر بۇ يەردە پىرسۇناشلارنى ئالماشتۇرۇپ قويغان. گەرچە ئەسەرنىڭ كېيىنكى ۋەقەلىكىنى يەنىلا ناھايىتى تەبئىي راۋاجلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر ئاشۇ ئالماشتۇرۇپ قويۇش سەۋەنلىكى ئۆتكۈزۈلمىسە، ئەسەرنىڭ كېيىنكى ۋەقەلىكىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا راۋاجلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 
2. ساقچىلارنىڭ نەرگىزەنى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدىلا قوپاللىق بىلەن ئېلىپ كېتىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس
ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە نىسبەتەن، بولۇپمۇ بېيجىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ساقچىلارنىڭ بىر مەكتەپكە بېسىپلا كىرىپ بىر ئوقۇغۇچىنى ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئالدىدىلا قوپاللىق بىلەن قولغا ئېلىپ مېڭىشى رىئاللىقا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايمەن. نېمىلا دېگەن بىلەن تېخى نەرگىزەنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئۆلتۈرگۈچى ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپات بىلەن ئېنىقلانماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلاشمايلا ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ئالدىدىلا قوپاللىق بىلەن ئېلىپ كېتىش ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلارنىڭ ئىش بىجىرىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا ئاپتۇر بۇ جەھەتتە تەجرىبىسىزلىك قىلغان. ئەگەر ئاپتۇر ساقچىلارنىڭ نەرگىزەنى قولغا ئېلىش جەريانىنى سىنىپنىڭ ئالدىدىلا قوپاللىق بىلەن قولغا ئالماستىن، ئۇنى  خالىيراق جايغا چاقىرىپ ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا ئايرىم چاقىرىپ ئاندىن ئۇنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىنى ئويلاشقان ھالدا قولغا ئالغان بولسا، بۇ نىسبەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولاتتى. بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ساقچىلار بۇنداق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قولغا ئېلىشتا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىدۇ. شۇڭا ئىمكانبار ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىنى كۆپرەك ئويلاشقان ھالدا ئىش كۆرىدۇ. 
3. شەھىدەنى بىر تەرەپ قىلىش يېتەرلىك بولمىغان
شەھىدەدەك ئىچى قۇتۇر، رەزىل كىشىلەرنىڭ ھامان ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقىنى نىسبەتەن ياخشى يۇرۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى يەنىلا بەك يىنىك بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن. مەنچە بۇنداق رەزىل، ئىچى قۇتۇرلارنى يەنىلا ئېغىرراق جازالاش كېرەك دەپ قارايمەن. 
4. رىياتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغان
گەرچە ئەسەردە رىياتنىڭ ئالغان رولى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدەك ئوغۇللارنىڭ يۈزىگە نىجاسەت سۈركەيدىغان، لىڭتاسما، يارىماس بىر يىگىتنى تاكى خاتىمە تۈگىگەنگە قەدەر ھېچقانداق بىر تەرەپ قىلمىغان، ئۇ پۈتكۈل ئەسەردە ئەڭ زور پايدا ئالغۇچىغا ئايلىنىپ قالغان. چۈنكى ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ شەھىدەنىڭ قورسىقىنى تومپايتىپ قويۇشتىن باشقا، يەنە ھالقىلىق پەيتتە ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلماي، نەرگىزەنى ھاڭغا ئىتتىرىپ، زامانىمىز يىگىتلىرىنىڭ يۈزىنى تۆككەن. ئەمما ئەسەردە ئۇ ھېچقانداق بىر تەرەپ قىلىنمىغان.

بىر قانچە گۇمانلىق نۇقتىلار:
1. بېيجىڭ تىياتىرخانىسى بىلەن بېيجىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى راستلا بىر يەردىمۇ؟ شۇڭا بۇنى يەنىلا بيېجىڭدىكىلەرنىڭ دەلىللىشىگە توغرا كېلىدۇ.
2. مېھمانخانىلاردا كۆزىتىش ئاپپاراتى سىن ھۆججىتىنىڭ راستلا ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۆزلۈكىدىن يۇيۇلۇپ كېتىشى بۇ ھەقىقەتمۇ ياكى ئاپتۇر بۇنى ئۆزىنىڭ ھېسسىي تۇيغۇسى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقارغانمۇ؟
3. سوتنىڭ ھۆكۈمى توغرا بولمىغان. چۈنكى پولاتنىڭ ئادىلەنى خورلىغانلىقى سوت جەريانىدا تېخى تىلغا ئېلىنمىغان تۇرۇقلۇق، باش سوتچى ئۇنى ئادىلەنى خورلىغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

يۇقىرىدىكىلەر مېنىڭ پۈتكۈل ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم. بەلكىم مەنمۇ قىسمەن خاتالىقلاردىن مۇستەسنا بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن، شۇڭا كەڭ تورداشلار بىلەن بۇ جەھەتتە داۋاملىق پىكىرلىشىشكە تىلەكداشمەن.
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى