ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

خەنزۇچە كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى باھاسى ئەسلىدىكىسىنىڭ %331 بويىچە باھا قويۇلۇشى نېمە ئۈچۈن؟

خەنزۇچە كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى باھاسى ئەسلىدىكىسىنىڭ %331 بويىچە باھا قويۇلۇشى نېمە ئۈچۈن؟

ۋاقتى: 2016-09-23 ئاۋاتلىقى: 15394 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەنزۇچە كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى باھاسى ئەسلىدىكىسىنىڭ %331 بويىچە باھا قويۇلۇشى نېمە ئۈچۈن؟

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

ئەسكەرتىش:

مەزكۇر يازمىدا ئەسلىدە سان-سىفىرنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۈندىداردا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئالاھىدە تۈزىتىش پىكىرى بېرىشى بىلەن ئەسلىدىكى سان-سىفىر سەۋەنلىكى تۈزىتىلدى!

ئەسلى يازمىدا ئېلىنغان %331 ئۆسكەن قىسمى بولماستىن، بەلكى ئەسلى خەنزۇچە نەشرىنىڭ %331 چىلىك باھادا بېكىتىلگەن.

كىتاب باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: (96¥-29¥)/29¥=%231.03

ئالاھىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى! (2015-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى)

بۈگۈن تويۇقسىز مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى بەي يەنسۇڭنىڭ «بەخت نەدە» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ باھاسى 96.00 يۈەنلىك باھا بىلەن كىتابجازىسىغا چىققان ئىدى. مەن بۇ كىتاب نېمانچىلاۋا قىممەت چىققاندۇ؟ ئۇنىڭ مەزمۇنىدا ئالتۇن-كۆمۈشلەر چېچىلىپ ياتقانمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ مۇندەرىجىسىگە قاراپ باقتىم، ئاندىن دەرھال توردىنن ئۇنىڭ خەنزۇچىسىغا كۆز يۈگۈرتتۈم، خەنزۇچىسىنىڭ ئەسلى باھاسى 29.00 يۈەن ئىدى. بۇنىڭدىن مەن ھەقىقەتەن چۆچۈپ كەتتىم.
مەزكۇر كىتابنى تەرجىمە قىلغان ھەم نەشر قىلدۇرغانلار زادى نېمە ئويلاۋاتىدۇ؟ بىر كىتابنى تەرجىمە قىلىپلا ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئەسلىدىكىنىڭ باھاسىنىڭ %331 چىلىك قىلىپ بېكىتىشىنى زادى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق قاقتى-سوقتىلىق دېيىشكە بولامدۇ يوق؟ بۇ بىرلا قېتىملىق ئىش ئەمەس. ئۆزۈم كىتابخۇمار بولغاچقىمۇ بۇ ساھەگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن 7 يىللار ئىلگىرى (تېخى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن ۋاقىتلىرىم) كىتابخانا ئارىلاۋېتىپ «بۆرە توتىمى» ناملىق كىتابقا كۆز يۈگۈرتكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭمۇ ئۇيغۇرچە باھاسىغا قاراپ ھەيرانلا قالغان ئىدىم. چۈنكى بۇ كىتابنىڭ باھاسىمۇ ئەسلى خەنزۇچە نەشرىنىڭ باھاسىنىڭ %331 چىلىك يۇقىرى ئىدى. ئەسلى باھاسى 39.80 يۈەن بولغان بىر كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپلا، باھاسىنى 92.00 يۈەن بېكىتكىنىدىن ئۇيغۇرلارنى كىتاب ئوقۇمايدۇ دېسە ھەقىقەتەن ئىشەنمىگەن ئىدىم. چۈنكى تورلاردا ھەمىشە ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ، ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇش ئادىتى يوق مىللەت دېگەندەك سەپسەتە گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەگەر ئۇيغۇرلار راستىنلا كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەت بولسا، نەشرىياتلار، كىتاب سودىگەرلىرى يەنە ئاشۇنداق ئەسلى باھاسىدىن نەچچە يۈز پىرسەنت يۇقىرى قىلىپ باھا بېكىتىشكە پېتىنالامتى؟ ئەگەر بازىرى بولمىسا، ئۇلار شۇنچە كۆرەڭلىگەن ھالدا باھا بېكىتىشكە جۈرئەت قىلالامتى؟ ئەجىبا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ باھاسىنى بېكىتىدىغان، بۇنى باشقۇرىدىغان ئورۇن يوقمۇ؟ نەشرىياتلار، كىتاب سودىگەرلىرى باھانى ئاشۇنداق خالىغىنىچە بېكىتىۋالسا بولامدۇ؟ ئەجىبا ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلى شۇنچە كۆپمۇ؟
مەن ئەينى ۋاقىتتا، «بۆرە توتىمى» ناملىق كىتابنىڭ باھاسىنى كۆرگەن ۋاقىتتىلا شۇنداق بىر خىيالغا كەلگەن، ھەم بۇ خىيالىمنى بىر قانچە تونوشلىرىمغىمۇ ئېيتقان ئىدىم. مېنىڭچە بولغاندا، ئەگەر بىر پارچە كىتاب تەرجىمە قىلىنسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ باھاسى چوقۇم خەنزۇچە نەشرىنىڭ باھاسىدىن تۆۋەن بولۇشى، ھەرگىزمۇ تەڭ ياكى يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. مانا بۇ مېنىڭ تەرجىمە كىتاب باھاسىغا بولغان قارىشىم.
نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيسەن دېگەندە، ھازىر خەنزۇچە ساۋادى بار، خەنزۇچە كىتابلارنى نورمال ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلارنىڭ نىسىبىتى كۈنسېرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، بۇ بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، «بۆرە توتىمى» ناملىق كىتابنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان بولغاچقا، بۇ كىتابنى نەچچە ئوقۇش ئىستىكىدە بولغان ئىدىم، شۇ ۋاقىتلاردا بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچىسىنى مەكتەپتىكى بىر قىسىم نىمكەش كىتاب ساتىدىغان كىتابخانىلاردا ناھايىتى تۆۋەن باھادا ئالغىلى بولاتتى. ئەگەر مەن نىمكەش كىتاب ئالماي يېڭى كىتابنى سېتىۋالىمەن دېسەممۇ، 40 يۈەنگە بارمايتتى. نورمال ئەھۋالدا بەزى كىتابخانىلاردىن كىتاب سېتىۋالسا %10 ئەتراپىدا باھادا ئېتىۋار قىلىدۇ. ئېتىۋار قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ مەن 39.80 يۈەن خەجلەپلا يېڭى كىتاب سېتىۋالالايتتىم. كېيىن مەن ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇسام بولمامدۇ دېگەن خىيال تۇغۇلدى، شۇنىڭ بىلەن تەتىلدە قايتقاندا كىتابخانا ئارىلاۋېتىپ كىتابنىڭ باھاسىنى كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ باھاسى 92.00 يۈەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتىلا مەندە ئۇيغۇرچە كىتابچىلىقتا چوقۇم بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھ قىلىش كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. بۈگۈنمۇ ئەسلى خەنزۇچە نەشرىنىڭ باھاسى 29.00 يۈەن بولغان بىر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ باھاسىنىڭ 96.00 يۈەن بېكىتىلگەنلىكىدىن يەنە بىر قېتىم چۆچۈدۈم.
نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ باھاسى شۇنچە يۇقىرى بېكىتىلىدۇ؟ ئەجىبا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى ئۈچۈنلىمۇ؟ كىتابنىڭ باھاسىنى شۇنچە يۇقىرى بېكىتىپ قويۇپ، يەنە ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ دەپ قاقشاش ئورۇنلۇقمۇ؟ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان كىتابنىڭ باھاسىنى نەچچە يۈز پىرسەنت يۇقىرى بېكىتىش، مىللىي ھېسسىياتنى دەپسەندە قىلىپ، مىللىي پىسخىكىدىن پايدىلانغانلىق بولامدۇ قانداق؟ ئەگەر نەشرىيات ياكى كىتاب سودىگەرلىرى يەنىلا مۇشۇنداق ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، كىتابنىڭ باھاسىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈپ، بازارنى كۆزگە ئىلمايدىكەن ياكى ۋاقتىدا ئىسلاھ قىلىپ، تەرەققىياتقا ماسلاشمايدىكەن، مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئۇزۇنغا قالماي نەشرىيات ۋە كىتاب سودىگەرلىرى قاچىسىدىكى ئېشىغا ھېزى بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىنتېرنېتنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋە كۆچمە ئىنتېرنېتنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشى ۋە لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ زور كۈچ بىلەن كۈچەپ تور ئېقىمى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، ئىنتېرنېت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا زور ئىنقىلابلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرقى ئۇيغۇر كىتابچىلىقىمۇ بار ئەلۋەتتە. ئىلگىرى ئۇيغۇرنى گول بىلىپ، خالىغىنىڭىزنى قىلغىنىڭىز بىلەن، ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلغان دەۋردە ئۇنداق قىلالىشىڭىز ناتايىن. چۈنكى ئىنتېرنېت دەۋرىدە ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى سۈزۈك (透明)لىشىپ، سىز گول بىلگەن ئۇيغۇرمۇ تەدرىجى ھالدا كۆزىنى ئېچىپ، سىزنىڭ ئەپتى-بەشىرىڭىزنى چىتقا يېيىۋېتىشى، رەھىمسىز، شەپقەتسىز بازار تەرىپىدىن كۈچلۈك مەسخىرى قىلىنىشىڭىز، بازارنىڭ يىتىم قالدۇرۇشىغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. ئىلگىرى ئىنتېرنېت يوق مەزگىلدە پىكىر بايان قىلىش پەقەت كىتاب-ژۇرناللارغىلا تايىناتتى، ھازىر ئۇنداق ئەمەس، ھازىر خالىغان بىرى ئۆزىنىڭ سىياسەتكە زىت بولمىغان، قانۇن دائىرىسىدىكى نامۇۋاپىق، بەدقىلىق قىلمىشلارنى بىرەر مۇنبەر ياكى بىرەر بىلوگ، يانبىلوگدا يېزىپ قالدۇرۇپ، پايانى يوق ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ھەر قايسى تورداشلار بىلەن ھەمبەھرلىنەلەيدىغان بولدى. ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى تامامەن مۇمكىن.
تەرجىمە قىلىنغان كىتابلارنىڭ باھاسىنى زىيادە يۇقىرى قىلىۋېتىش ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتنى ئۆزىگە ھامىلە قىلغانلىقتۇر. شەخسەن مەن ئويلايمەن، ئەگەر بىر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ باھاسى ئەسلى خەنزۇچە نەشرىدىن ئەرزان بولسا، مەن ئاۋۋال ئۇيغۇرچە نەشرىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىمەن، ئەمما ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ باھاسى ئەسلى خەنزۇچە نەشرىنىڭ باھاسىدىن نەچچە يۈز پىرسەنت يۇقىرى بېكىتىلگەندە، مەن ئۇنچە ئالىيجاناپمۇ ئەمەس، مەن داۋاملىق ھالدا بۇنداق نەشرىيات ياكى كىتاب سودىگەرلىرىنى قوللاشقا ئامالسىز، مەيلى ئۇ كىتاب سودىگىرى مېنىڭ ئۆز قېرىندىشىم بولسىمۇ ئامال يوق. شۇڭا مەن ئاۋۋال خەنزۇچە نەشرىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىشىم مۇمكىن.
ئەجىبا كىتابنىڭ باھاسىنى شۇنچە يۇقىرى بېكىتىش كىتابتىن قىلىنغان كىرىمنى ئاشۇرالامدۇ؟ ھازىرقى نورمال ئەھۋالدىغۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40.00~50.00 يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. ئىنسابى بارراق بىرى بېكىتكەن باھا بولسا شۇ 30.00 ئەتراپىدا بېكىتىلىۋاتىدۇ. بۇ پۇل بىر كىتابخۇمار دېھقانغا، بىر تۆۋەن كىرىملىك ئىشچىغا، بىر ھۆنەرۋەنگەن، بىر كىرىم كاپالىتى يوق ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ئادەتتىكى باھامۇ؟ ئەگەر ماڭا قويۇپ بەرسە، ئۇيغۇرچە نەشردىن چىققان كىتابلارنىڭ باھاسىنى ئومۇمەن 20.00 يۈەندىن ئاشۇرىۋەتمىگەن بولاتتىم. شۇنچە كۆپ كىتابخۇمار خەلقىمىز ئوقۇي دېسە شۇنچە يۇقىرى باھالىق كىتابقا چۇشلۇق يانچۇقىدىكىنىڭ تايىنى يوق ئەھۋالدا يەنە كىتابقا شۇنچە يۇقىرى باھا بېكىتىشتە زادى نېمىنى كۆزلىگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئەسلى كىتاب دېگەن يۇقىرى پايدىنى كۆزلىمەسلىكى كېرەك، كىتاب بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ۋاسىتە، ئەمما كىتابنىڭ باھاسى شۇنداق يۇقىرى بېكىتىلىپ، كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشتىن يىراقلاشتۇرغاندا، بۇنىڭ قانداق تەسىرى ۋە تارىخىي زىينى بارلىقىنى مەن ئېچىپ دەپ ئولتۇرمىساممۇ كۆپچىلىككە ئايان دەپ ئويلايمەن.
ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە، ئاشۇ يۇقىرى باھا بېكىتىلىپ نەشردىن چىققان كىتاب زادى ئوقۇشقا ئەرزىمدۇ يوق؟ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. شۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىدا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر زادى قانچىلىك؟ بىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمىز يەنە ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇقنى قانچىلىك دەرىجىدە ھەزىم قىلالايدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر چوقۇم ياخشى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.
بازار رەھىمسىز، بازار شەپقەتسىز، بازارغا ھېسسىيات كار قىلمايدۇ. ئەگەر نەشرىيات ۋە كىتاب سودىگەرلىرى داۋاملىق ھالدا بازارنى كۆزگە ئىلمايدىكەن، ئۇنداقتا، ئۇزۇنغا بارمىغان كەلگۈسىدە چوقۇم چوڭ زىيان تارتىۋالىدۇ. بۇ ھازىرقى تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىدۇر.

ئاخىرىدا كىتابخۇمار خەلقىمنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىشقا ئەھمىيىتى بار، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، سۈپەتلىك كىتابلارنىڭ كۆپلەپ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ھەمدە باھاسىنى ئۇيغۇرچە كىتاب بولغاندىكىن ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بېكىتىلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىپ بۇ تاقا-تۇقۇ يازمامنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.

ئاخىرىدا مەزكۇر يازمىنىڭ تېمىسىغا ئېنىق جاۋاب بېرىلمىدى، بۇ ھەر بىر ئوقۇرمەنگە قالدۇرۇلدى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ھەقتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۆزلىرىنىڭ تېپىپ بېقىشىغا قويۇلدى.


تۆۋەندە مەزكۇر يازمىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابنىڭ مۇقاۋىسى ۋە مۇندەرىجىسى قىستۇرما قىلىندى!

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى