ئۈندىدار سالونچىلىرى دىققەت: سوتقا چىقىپ قېلىشتىن قەتئىي ئېھتىيات قىلىڭ!
-
ئۈندىدار سالونچىلىرى دىققەت: سوتقا چىقىپ قېلىشتىن قەتئىي ئېھتىيات قىلىڭ!
ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 15263 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۈندىدار سالونچىلىرى دىققەت: سوتقا چىقىپ قېلىشتىن قەتئىي ئېھتىيات قىلىڭ!تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتجۇشقۇنلۇققا تولغان يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىسى دولقۇنى بىر قېتىملىق تەرتىپلەشتۈرۈشكە دۇچ كەلگەندەك قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سودا ساھەسىدىن كېلىۋاتىدۇ.
بۈگۈن (2015-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى) ئەلى بابا گۇرۇھى شاڭخەيدە «بۈگۈنكى كەچلىك گېزىتى»، فۇجىيەن ئۆلكىسى يىخۇڭ دابەيخاۋ چايچىلىقى چەكلىك شىركىتىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، دەرھال دېلو تۇرغۇزۇلغان. ئەلى بابا يۇقىرىقى ئىككى جاۋابكارنىڭ ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى، ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشنى دەرھال توختىتىشىنى ۋە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىليون يۈەن تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئالدىنقى ھەپتە (11-ئاينىڭ 16-كۈنى) ۋەندا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ جىيەنلىنمۇ «داڭلىق كارخانىچىلار تەپەككۇرى» ناملىق ئۈندىدار سالونىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ماقالىنى ئۆچۈرۈشىنى، ھەمدە ئوچۇق ئاشكارە كەچۈرۈم سوراپ، 10 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئەلى بابا بىلەن ۋەندا ھەر ئىككىلىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق كارخانىلار بولۇپ، 10 مىليون تۆلەم تەلەپ قىلىش پەقەت ئۇلارغا نىسبەتەن تىرناقنىڭ كىرىچىلىك ئىش. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ تۆلەم تۆلىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلمايدۇ.
ئەلى بابا مۇنداق دەيدۇ: بۇنداق قىلىشىمىز بىر قىسىم ۋىجدانىنى يوقاتقان يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە، بىزگە ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كارخانىلارغا پايدىلىنىش ئەندىزىسى يارىتىپ بېرىش.
ئەلۋەتتە، ئۆزتاراتقۇلار ۋە بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 10 مىليون يۈەن تۆلەم ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنى ھالسىرىتىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بولىدۇ. ئەلى بابا ۋە ۋەندا ھەر ئىككىلىسى ئۆزتاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنسىلا، ھە دېسىلا 10 نەچچە مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تارقىتىلىدىغان چولپان شىركەتلەر، بۇ ئىككى قېتىملىق دېلو يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساھەسىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
ئەلى بابا ئەرز قىلغان فۇجىيەن ئۆلكىسى يىخۇڭ دابەيخاۋ چايچىلىقى شىركىتى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۆز باشقۇرۇشىدىكى ئۈندىدار سالونى «فۇدىڭ چانۇڭ ماي ئېيى» ۋە ئوخشاش ئىسىمدىكى مىكروبىلوگدا «بۈگۈن 91 مىليارد 200 مىليون يۈەن تاپقان ما يۈن 57 مىليارد 400 مىليوننى قانداق قايتۇرماقچى؟» ناملىق يازمىسىنى يوللىغان؛ يەنە بىر جاۋابكار بۈگۈنكى كەچلىك گېزىتخانىسى بولسا ئۆز باشقۇرۇشىدىكى ئۈندىدار سالونى «بۈگۈنكى كەچلىك گېزىت»دا «قوش 11 دىكى سەتچىلىك: سىز مىڭ بىر جاپادا سېتىۋالغان ئاشۇ داڭلىق ماركىلار، مۇشۇنداقلا ساختا مالغا ئايلىنىدىكەن» تېمىسىدا ماقالە يوللىغان.
ئەلى بابا بۇنىڭغا مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن، بىرىنچى پارچە ماقالە ھېچقانداق ئاساسىي يوق ئەھۋالدا تېمىنى زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، قوش 11 دا قايتۇرۇلغان مال 57 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولغان دېگەن ساختا ئۇچۇرنى تارقاتقان ھەمدە شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ۋە تاۋباۋ تورىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغان. ئىككىنچى پارچە ماقالىمۇ ئوخشاشلا ھېچقانداق ئاساسىي يوق ئەھۋالدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىغا قارىتا قەستەن ئىغۋا تارقىتىپ، شىركەت ئوبرازىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن.
ئەلى بابانىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى پارچە ماقالە قىلچە تەپتارتماستىن شىركەتنىڭ ئوبرازىغا قاتتىق دەخلى-تەرۇز قىلغان. بۇ ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن تور بېكەتلەر كۆچۈرۈپ تارقاتقان ھەمدە ئۈندىدار ۋە مىكروبىلوگلاردا كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلىپ، شىركەتنىڭ ئوبرازىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان.
ۋەندادىن ۋاڭ جىيەنلىن ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ، شىكايەتنامىدە «جىسمانىي ۋە قەلب جەھەتتىن چارچاپ، روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەربە يېگەن»لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالدىنقى ھەپتە، ۋەندا بېيجىڭ چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. جاۋابكار بېيجىڭ خەنشاڭ ئىنتېرنېت شىركىتى ماڭدۇرىۋاتقان «داڭلىق كارخانىچىلار تەپەككۇرى» سالونى بولۇپ، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مەزكۇر سالون «ۋاڭ جىيەنلىن: تاۋباۋ يوقالمىسا، جۇڭگو بېيىمايدۇ، ئېلېكترونلۇق سودىنى گۈللەندۈرۈپ، ئەمەلىي دۇكاننى ئۆلتۈرۈشتە، ياپونلۇق سۈن جېڭيى قاتتىق پايدا ئالماقتا (چوقۇم ئوقۇڭ)» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالە ۋاڭ جىيەنلىننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئېغىر دەرىجىدە خۈنۈكلەشتۈرۈپ، تاۋباۋ تورى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى كەمسىتكەن. ئۆزىنىڭ ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ، شان-شەرىپىگە داغ كەلتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«داڭلىق كارخانىچىلار تەپەككۇرى» سالوندىكى ماقالىدە: تاۋباۋنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئېنىقكى جۇڭگونىڭ نۇرغۇن يېڭىلىق ياراتقۇچى كۈچلىرىنى يوقىتىپ...(ئەسلى يازمىدا قىسقاتىۋېتىلگەن مەزۇن)... جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولى بەلكىم شۇنىڭدىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، دۇنيا ئىش تەقسىماتىدىكى ئەڭ قىممىتى يوق بىر ھالقىغا چۈشۈپ قالدى!»، «ھېچ بولمىغاندا %90 تاۋباۋ كىچىك دۇكانلىرى ئۆلۈپ، پەقەت %10 چوڭ سودا دۇكانلىرىدا مۇتلەق باھا ئۇرۇشى كۆرۈلسە، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.» دەپ يازغان.
ۋاڭ جىيەنلىن ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بۇ ماقالىنى يېزىپ باقمىغانلىقى، «ئىنتېرنېت+»قا نىسبەتەن ئاكتىپ قوللىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاكتىپ ھالدا «ئىنتېرنېتتا ئىگىلىك تىكلەش، زامانىۋىي سودا ۋە ئەنئەنىۋىي سودىنى بىرلەشتۈرۈش»نى تەشەببۇس قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەندا گۇرۇھى ئىچكى قىسمىدا ئاكتىپ ھالدا «ئىنتېرنېت+سودا»، «ئىنتېرنېت+پۇل-مۇئامىلە»، «ئىنتېرنېت+كىنوچىلىق»، «ئىنتېرنېت+مەدەنىيەت ۋە ساياھەت» قاتارلىق كارخانا ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان، ۋەندا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى بەرپا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا تاۋباۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھە سەركىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئالاقە ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇڭا، ۋاڭ جىيەنلىن خەنشاڭ ئىنتېرنېت شىركىتىنى دەرھال ئۈندىدار سالونى «داڭلىق كارخانىچىلار تەپەككۇرى»دىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەمدە ئۈندىدار سالونىدا ئودا 10 كۈن مەخسۇس تېما يوللاپ كەچۈرۈم سوراش، ۋاڭ جىيەنلىندىن تۆلەم تۆلەپ كەچۈرۈم سوراش، يامان تەسىرنى يوقىتىش، ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ ئالتە چوڭ تور بېكەتتە ۋە «قانۇنچىلىق گېزىتى»، «قانۇنچىلىق كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق مەملىكەتكە تارقىتىلىدىغان ھەمدە يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگە گېزىت-ژۇرناللاردا كەچۈرۈم باياناتى ئېلان قىلىپ، 10 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى.
رەسىم: ۋەندا گۇرۇھىنىڭ «داڭلىق كارخانىچىلار تەپەككۇرى»نىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلمىشىغا چىقارغان باياناتىبۇ ئىككى قېتىملىق دېلودىن كېيىن، ئۆزتاراتقۇلاردا تېزلا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى؛ بەزى تورداشلار تولىمۇ پۇخادىن چىققانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزى تورداشلار ۋىجدانىنى يوقاتقان ئۆزتاراتقۇلارنىڭ سانىنىڭ ھەددى-ھېسابسىزلىقى، ھەممىنى ئەرز قىلىپ بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
------------
تەرجىماندىن ئاخىرقى سۆز:
ھەممىمىزگە مەلۇم، يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر ئۈندىدار سالونچىلىقىدىمۇ بىر قىسىم ۋىجدانسىز، چەكتىن ئاشقان سالونچىلار مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ. ئۇلار ئادەم يىغىش ئۈچۈن ئاقىۋەتنى قىلچە ئويلانماستىن، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ جەمئىيەتكە زادى قانداق تەسىرى بارلىقى، جەمئىيەتكە قانداق يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، سالونچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى پايدىسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ.
ئەگەر بۇ سالونچىلار ۋاقتىدا ئۆزىنى سورىمىسا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە مۇقەررەر يۈز بېرىشى ئېنىق بولغان ئىشتۇر.
شۇڭا گەرچە تىلىمىز سەل ئاچچىق بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى مەقسىتىمىز يەنىلا ئاشۇ ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان سالونچىلارنىڭ بالدۇرراق ئۆزىنى سوراپ، ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە سالونچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشىنى، تارقىتىۋاتقان ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەت ۋە زىينىنى ياخشى ئويلىشىپ ئاندىن ئىش كۆرۈشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىشتۇر.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئ
2015-06-24 10:10:2610577قىزلارنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشن
2015-05-18 23:41:227967ئەخمەت ئېلى: ئەي ئاپا (بالىلىقىمنى ئەسلەپ)
2015-11-23 01:31:4512320كۆچۈرۈلمە: ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻗﻤﯘ؟
2015-12-12 12:49:2512151جالالىدىن بەھرامنىڭ ھايات قىسسىسىدىن تەسىرات
2015-05-19 00:58:438533ئىدراك ۋە پىتنە-ئېغۋا (تاقۇ-تۇقۇلىرىم)
2015-05-19 00:16:466451كىتاب ۋە ھايات
2015-06-07 14:45:478746[كۆچۈرۈلمە] بىزدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ۋە مۇكەم
2016-10-05 19:22:50823
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-