ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 446|ئىنكاس: 2

رامىزان روزىسى پايدىلىق تەرەپلىر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
656
تىللا
1096
شۆھرەت
1289
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 15:28:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات نەتىجىسىدە روزىنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلاردىن مۇداپىئە قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان:
1.روزا تۇتقان كىشى ئاللانىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلغان بۇلۇپ، ئۇ بۇ روزا ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ساقلىيالايدۇ.
2.ئۇ كىشى ئۆزىدە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تەڭ-باراۋەر ئورتاق ياشاشقا بۇلغان كۆزقاراشلىرىنى توغۇرلاپ، شەخسىي مەنپەئەتتىن ئۆزىنى ساقلىيالايدۇ.
3.ئۇ كىشى ھەقىقىي ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تېتىپ، كەمبەغەللەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چۇڭقۇرلىتىپ، ئۆزىدە بىرخىل ھىسداشلىق قىلىش روھىنى ساقلىيالايدۇ.
4.ئۇ كىشى ھەقىقىي تۈردە تۇرمۇشتا ئىنسانلارغا يىتىدىغان بەزى قىيىنچىلىقلارنى چۈشۈنۈپ يىتىپ، ئۆزىدە بىر خىل سەۋر تاقەتلىك روھىنى ساقلىيالايدۇ.
  روزىنىڭ ھەم بىر قانچە كىسەللەرگە شىپالىق ئىلىپ كىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان:
1.تاماقنى كۆپ يەپ ھەرىكەتنى ئاز قىلىش تۈپەيلىدىن پەيدا بۇلغان ئېغىرلىق كىسىلى(سىمىزلىك) بولۇپ، بۇنىڭغا ئىفتاردا ۋە زۇھۇردا تاماقنى نورمال يەپ،روزا تۇتۇش ھەرقانداق داۋادىن پايدىلىق.
2.ۋۇجۇدىدىكى سېقىلىش كىسىلى بولۇپ، بۇ كىسەل تۇرمۇش راھىتى كۆپىيىش ۋە روھىنىڭ تەسىرلىنىشىڭ كۆپىيىشى بىلەن بارغانسىرى كىڭەيمەكتە. بۇ كىسەل ئۈچۈن روزا نىئمەت ۋە بەرىكەت.
3.شىكەر كىسىلى بولۇپ، بۇ كىسەل قان بېسىمى كىسىلىدەك كىڭەيمەكتە بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بەدەننىڭ ئېغىرلىق ئۆلچىمى كۆپىيىش بىلەن بولىدۇ، بۇ چاغدا روزا تۇتۇش پايدىلىق. چۈنكى قان بىسىمى تۆۋەن چۈشۈش بىلەن شىكەر ئازىيىدۇ ۋە قاندىكى شىكەر ماددىسى تاماق يەپ بەش سائەت ئۆتكەندە يەڭگىلراق شىكەر سىيىش ھالەتلەردىكى تەبىئىي ئۆلچەمنى ئازايتىدۇ، تاماقتىن ئون سائەت كىيىن خېلى كۆپ تۆۋەن چۈشىدۇ، غېزا-تاماقنى ئۆلچەملىك يىيىشكە دىققەت قىلىش بىلەن روزا تۇتۇش بولسا بۇ كىسەلگە ھەتتا ئاشقازان ئاستى بېزى ئاشكارە بولغاندىن كېيىنمۇ ئەڭ ئۈنۈملىك چارىدۇر.
4.بۆرەكنىڭ ياغلىنىش ۋە ئىششىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئۆتكۈر ۋە سۇزۇلما خاراكتىرلىك ياللۇغ كىسەللەرگە روزا پايدا قىلىدۇ.
دېمەك بۇ كىسەللەردىن ساقلىنىش چارىسى روزا تۇتۇش ئىكەنلىگىنى تىبابەت تەكىتلەيدۇ. شەك-شۈبىھىسزكى ئېنىقلانغان ساندىن مەلۇم بولىشىچە، سىمىزلىكنىڭ ئارتىشى شىكەر سىيىش كىسىلىنى ئىلىپ كېلىدۇ، ھەم قان بېسىمىنىڭ ئارتىپ كىتىشى ۋە سۇزۇلما بۇغۇملار ياللۇغى ۋە باشقا كىسەللەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇرۇقلاش ۋە بەدەن ئېغىرلىغى ئۆلچىمىنىڭ ئازىيىشى بىلەن بۇ كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ كىسەللەرگە پەقەت روزىلا پايدا قىلىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«روزا تۇتۇڭلار، ساغلام بولىسىلەر»دېگەن.
  دېمەك ئاللاھ ئۆز ھىكمىتى بىلەن بىز ئىنسانلارغا كۈيۈنۈپ، بىر ئاي روزا تۇتۇشنى پەرز قىلىپ بىكىتىپتۇ. شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇ رەھمىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا كۆپ ئىبادەتلەرنى قىلىپ، ئاللاھقا ئۆزىمىزنىڭ تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرىۋالايلى!!!

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
528
تىللا
619
شۆھرەت
774

تۆھپە ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 11:08:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  جاپا چىكىپسىز     تىمىللرىڭىز  ئۈزۇلۇپ  قالمىسۇن

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
304
تىللا
311
شۆھرەت
506
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 20:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق پايدىلىق تېما ئىكەن ! بولسا ھەر بىر ئۇيغۇرلىرىمىز روزا تۇتقان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە ؟!!
سەركۈي ئونۋېرسال تورى سىزلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
www.sarkui.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 01:38 , Processed in 0.135767 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش