newstar
ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ رەڭ ھالقىسى ئارقىلىق ئېلېكتر قارشىلىق قىممىتىنى ھېسابلاش
بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بەزىلەرنىڭ 15 سومغا چىدىساڭ ئۇنۋېرسالمېتردىن بىرى كېلىدۇ،نېمە كەپتۇ دېيىشى مۇمكىن،بىر-ئىككى تال قارشىلىق بولسىغۇ ئۇنۋېرسالمېتر بىلەن ئۆلچەرسىز،مەندەك ئىچىڭىز پۇشۇپ رەڭسىز تېلېۋېزورنىڭ قۇرۇق تاختىسىغا دېتاللارنى چاپلاپ،تېلېۋېزۇر ياساپ باققىنىڭىزدا،قىلىپ باقايچۇ دەپ رادىئو قوراشتۇرۇپ باققىنىڭىزدا ئاسان ئۇسۇلنىڭ تەس يېرىنى بايقاپ قالىسىز.شۇڭا ياۋاشلىق بىلەن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ قويۇڭ،ئەسقېتىپ قالىدۇ.
تۆت رەڭ ھالقىلىق ئېلېكتر قارشىلىقىدا ئۈچ رەڭ ھالقىسى ئارقىلىق قارشىلىق قىممىتىنى ئىپادىلەيدۇ،ئالدىنقى ئىككى خانىسى ئۈنۈملۈك قىممەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىر رەڭ ھالقىسى خاتالىق پەرقىنى ئىپادىلەيدۇ،بەش رەڭ ھالقىلىق ئېلېكتر قارشىلىقى ئادەتتە مېتال پەردىلىك ئېلېكتر قارشىلىقى بولۇپ،ئېنىقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەش ئۈچۈن،تۆت رەڭ ھالقىسى ئارقىلىق ئېلېكتر قارشىلىقى ئىپادىلىنىدۇ،يەنە بىر رەڭ ھالقىسى خاتالىق پەرقىنى ئىپادىلەيدۇ.تۆۋەندىكىسى رەڭ ھالقىسى بىلەن قارشىلىق قىممىتىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى:
رەڭ ھالقىسى
|
بىرىنچى ھالقا
|
ئىككىنچى ھالقا
|
ئۈچىنچى ھالقا
|
تۆتىنچى ھالقا
|
|
|
|
|
(كۆپەيتىلىدۇ)
|
(خاتالىق پەرقى)
|
قارا
|
0
|
0
|
1
|
|
قوڭۇر
|
1
|
1
|
10
|
% ±1
|
قىزىل
|
2
|
2
|
100
|
% ±2
|
قىزغۇچ سېرىق
|
3
|
3
|
1000
|
|
سېرىق
|
4
|
4
|
10000
|
|
يېشىل
|
5
|
5
|
100000
|
% ±0.5
|
كۆك
|
6
|
6
|
1000000
|
% ±0.2
|
بىنەپشە
|
7
|
7
|
10000000
|
|
كۈلرەڭ
|
8
|
8
|
100000000
|
|
ئاق
|
9
|
9
|
100000000
|
%5+~%20-
|
ئالتۇن رەڭ
|
|
|
|
% ±5
|
كۈمۈش رەڭ
|
|
|
|
% ±10
|
ھالقا يوق
|
|
|
|
% 20 ±
|
1-ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ قارشىلىق قىممىتىنى رەڭ ھالقىسى بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلى
ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ بىرلىكى"ئوم" بولۇپ،بىر ئوم دېگەن دېگەن نېمە؟ ئەگەر بىر بۆلەك ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئېلېكتر بېسىمى بىر ۋولت بولغاندا،ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتكەن توك بىر ئامپېر بولسا،ئۇ ھالدا بۇ بۆلەك ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئېلېكتر قارشىلىقى بىر ئوم بولىدۇ.ئادەتتە Ω ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ،ئوم دەپ ئوقۇلىدۇ.ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ باشقا بىرلىكلىرىدىن:كلوئوم(ΩK)،مېگا ئوم (ΩM)قاتارلىقلار بار.ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ ھېسابلىنىش مۇناسىۋىتى:
Ω1000=ΩK1 ؛ ΩK 1000=ΩM1 ؛ Ω1000000=ΩM1 ؛ بولىدۇ.
رەڭ ۋە رەقەملەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتى: رەڭ ۋە رەقەملەر(بۇيەردە دېيىلىۋاتقىنى ئېلكتر قارشىلىقىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان،تۇرمۇشتىكى رەڭ ۋە رەقەملەربىلەن مۇناسىۋەتسىز)نىڭ مۇناسىۋىتى خەلقئارادا ئورتاق تونۇشقا كەلگەن ئۇسۇل بولۇپ،ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەستە ساقلىۋېلىش ئۈگۈنۈش ۋە ئېلېكتر قارشىلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە زور ياردىمى بار.
رەڭلەر:
تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئەستە ساقلىساق ئاسان ئەستە قالىدۇ(ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئەستە ساقلىۋالسىمۇ بولىدۇ)
قارا0 قوڭۇر1 قىزىل2 قىزغۇچ3 سېرىق4 يېشىل5 كۆك6 بىنەپشە7 كۈل8 ئاق9
بۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن،كۈمۈش بۇئىككى رەڭنى ئالاھىدە ئەستە ساقلىۋېلىش لازىم،ئۇلارنىڭ رەڭ ھالقىلىق ئېلېكتر قارشىلىقىدا،ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشاش بولمىغان رەقەم مەنىسى بار،بۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا،بۇنى سەل تۇرۇپ تونۇشتۇرىمەن.
"تۆت رەڭ ھالقىسى" سان ئوقۇش قائىدىسى
تۆت رەڭ ھالقىلىق قارشىلىق دېگىنىمىز:تۆت رەڭ ھالقىسى ئارقىلىق قارشىلىق قىممىتى ئىپادىلەنگەن ئېلېكتر قارشىلىقى بولۇپ،سولدىن ئوڭغا،بىرىنچى،ئىككىنچى ھالقىسى ئۈنۈملۈك ساننى ئىپادىلەيدۇ،ئۈچىنچى خانىسى بولسا كەينىگە قوشۇلىدىغان نۆلنىڭ سانىنى ئىپادىلەيدۇ.سولدىن ئوڭغا دېگىنىمى،تۆۋەندكى رەسىمدىكىدەك تۇتۇپ قارىساق(ئەمىلىيەتتە قانداق ھالەتتە تۇتسىڭىز بولىدۇ،بۇ يەردە ھەممە تۇتۇش ھالەتلىرىنى يوللىسام ،ئويلاپ بېقىڭ:تىك تۇتۇش،يانتۇبىر گرادۇس،يانتۇ 1.1 گرادۇس،....ئىش غولداپ كېتىدۇ.چۈشەندىڭلەرغۇ دەيمەن)
ئۈچ دانە رەڭ ھالقىسىنىڭ ئارلىقى يېقىنراق،تۆتىنچى ھالقىنىڭ ئارلىقى نىسبەتەن يىراق،دېمەك :يېقىنراق ئۈچ ھالقىنى ھېسابلايسىز،تۆتىنچىسى يەنە دېسەم خاتالىق پەرقى.تۆت رەڭ ھالقىلىق ئېلېكتر قارشىلىقىدا تۆتىنچى رەڭ ھالقىسى،ئالتۇن رەڭ بولمىسا كۈمۈش رەڭ بولىدۇ،باشقا رەڭ بولمايدۇ،ئەمما ئالتۇن رەڭ بىلەن كۈمۈش رەڭ ئۈچىنچى خانىغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.(ئەسكەرتىش:بۇ نۇقتا بەش رەڭ ھالقىلىققا ماس كەلمەيدۇ)،ئەمدىغۇ بىرىنچى ھالقىسىنى ئايرىشنى بىلىۋالغانسىلەر...ھا..ھا ...ھا...
ئەمدى ئۈستىدىكى رەسىمدىكى قارشىلىقنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاپ باقايلى:
رەڭ ھالقىسىنى تەرتىپكە تىزساق: ئاق،قىزىل،قارا،كۈمۈشرەڭ
بىرىنچى ھالقا:ئاق 9 گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىككىنچى ھالقا قىزىل 2 كە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئۈچىنچى ھالقا قارا 0 گە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛
ئۈچىنچى ھالقىدىكى 2 ئۈنۈملۈك رەقەم ئەمەس بەلكى ئالدىدىكى ئىككى ئۈنۈملۈك رەقەمنىڭ كەينىگە قېتىلىدىغان نۆلنىڭ سانىنى ئىپادىلەيدۇ.
دېمەك ھېسابلىساق:بۇ ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ قارشىلىق قىممىتى: Ω92 بولىدۇ.تۆتىنچى خانىسىدىكى كۈمۈش رەڭ بولسا خاتالىق پەرقىنىڭ ± 10%ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.يەنى بۇ ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ قارشىلىق قىممىتى ئەمىلىيەتتە ( 10 ±1)×92 ئارلىقىدا بولىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلار خالايىق !...ھەرگىزمۇ 920 ئوم ئەمەس!!!! نېمىشقا دەمسىز؟ قۇرۇق يانچۇقىڭىزغا قۇرۇق قولىڭىزنى سېلىپ بېقىڭە بىر مو پەيدا بوپ قالامدىكىن؟
تۆت رەڭ ھالقىلىق ئېلېكتر قارشىلىقىنى ھېسابلىغاندا ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ: 1. ئۈچىنچى ھالقىسى قارا رەڭ بولغاندا،بۇ قارا ھالقا نۆلنىڭ سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،قانچە نۆلنىڭ؟ نۆل دانە نۆلنىڭ،دېمەك نۆل يوق.مەسىلەن:رەڭ ھالقىسى قىزىل،قىزىل،قارا،ئالتۇن رەڭ بولسا:ھېسابلىساق: قىزىل2 ، قىزىل2 ، قارا نۆل دانە نۆل ، ئالتۇن رەڭ % 5± ؛ قارشىلىق قىممىتى: Ω22، ئىنچىكىلەيمەن دېسىڭىز خاتالىق پەرقىنى قوشۇپ ھېسابلايسىز.ھەرگىزمۇ Ω220 ئەمەس !
ئالتۇن رەڭ بىلەن كۈمۈش رەڭ ئۈچىنچى خانىدا بولسا:بايام تۆتىنچى رەڭ ھالقىسى خاتالىق پەرقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى دېگەنتىم، ئالتۇن رەڭ بىلەن كۈمۈش رەڭ ئوخشاش بولمىغان ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئىپادىلەيتتى،ئەمما ئۈچىنچى ھالقا قېتىلىدىغان نۆلنىڭ سانىنى ئىپادىلەيتتى،ئۇنداقتا ئۈچىنچى ھالقىدا ئالتۇن رەڭ بىلەن كۈمۈش رەڭنىڭ چىقىپ قالغاندا،قېتىلىدىغان نۆلنىڭ سانىنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ ئامالىمىز جىق:
ئۈچىنچى ھالقا __ ئالتۇن رەڭ: كەسىر چېكىتىنى ئالدىغا بىر خانە سۈرىمىز. ئۈچىنچى خانە __ كۈمۈش رەڭ: كەسىر چېكىتىنى ئالدىغا ئىككى خانە سۈرىمىز.
مەسىلەن: رەڭ ھالقىلىرى: قىزغۇچ،كۈل رەڭ، ئالتۇن رەڭ، ئالتۇن رەڭ، قارشىلىق قىممىتى:
Ω3.9
رەڭ ھالقىلىرى: يېشىل،سېرىق، كۈمۈش رەڭ ، ئالتۇن رەڭ ، قارشىلىق قىممىتىΩ0.54 ؛
بۇخىل ئېلېكتر قارشىلىقلىرىنىڭ قارشىلىق قىممىتى زىيادە كىچىك بولغانلىقتىن،ئادەتتىكى توك يوللىرىدا ئومومەن ئىشلىتىلمەيدۇ،شۇڭا ئادەتتىكى قارشىلىقلار تۈرىدە ئاساسەن ئۇچراتمايسىز.
ئىزاھات: بەزى ماتېرىياللاردا ئېلېكتر قارشىلىقىنى رېزىستور،بەزىلىرىدە قارشىلىق،يەنە بەزىلىرىدە ئېلېكتر قارشىلىقى دەپ ئالىدىكەن،مەن بۇ يەردە چۈشىنىشكە قولاي بولسۇن دەپ ئېلېكتر قارشىلىقى دەپ ئالدىم. |