ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 309|ئىنكاس: 0

مۇقامچى ئەمەت ئىسمايىل ھاجى ۋاپات بولدى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3256
تىللا
3063
شۆھرەت
5404

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 22:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاقلىق ئەلنەغمىچى،قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ يىتۈك ئورۇنلىغۇچىسى،داستانچى،قوشاقچى ئەمەت ئىسمايىل ھاجى كىسەل سەۋەبى بىلەن داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي 2011 -يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۇنى چۇشتىن بۇرۇن 77-يىشىدا ئالەمدىن ئۆتتى،مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10دە ئىۋىرغۇل مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا چۈشۈرۇلۈپ شۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.مەرھۇمنىڭ جىنازە نامىزىغا ھەر ساھەدىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئاممىسى قاتناشتى.


سۈرەتتە مەرھۇم ئەمەت ئىسمايىل ھاجى مۇقام ئۇستازى ئەسەت مۇختار بىلەن قومۇل مۇقاملىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكتە.
ئەلنەغمىچى ئەمەت ئىسمايىل 1935- يىلى قۇمۇل شەھەر ئىچى ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 12 يېشىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولۇپ ساۋادىنى چىقارغان ھەمدە سوپى ئاللايار ۋە ئەخمەت يەسۋىلەرنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن تونۇشقان. ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇلدا زور تەسىرگە ئىگە ئىشان ئىدى. ئۇ ھۆكمەت ئوقۇش، ۋايىزلىق قىلىشنى ئۆگەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ شۇ مەزگىللەردىلا ھۆكمەت ۋە ھاپىزلىققا قارىغاندا خەلق ناخشا مۇقاملىرىغا تېخىمۇ بەك قىزىققان، شۇنىڭ بىلەن گاھى ئاشكارە گاھى يوشۇرۇن ھالدا ئەلنەغمە ناخشىلىرى ۋە قۇمۇل ئون ئىككى مۇقام چۈشۈرگىلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن.
    ئازادلىقتىن كېيىن، خەلق ئەلنەغمىچىلىكىگە بولغان ھېرىسمەنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاخۇنبەگ ئاكا،ئاقپاشا قاتارلىق مەشھۇر مۇقامچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ھەرخىل توي - تۆكۈن، مەشرەپ، سەيلى - باراۋەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داپ، غېجەك، قۇمۇل راۋابى قاتارلىقلارنى چالالايدىغان بولغان، قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى پۈتۈن يۈرۈشلىرى بىلەن مۇكەممەل ئۆگەنگەن. 1957 - يىلى قۇمۇل پالۋانتۇر يېزىسىغا كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ، 1957 - يىلىدىن 1976 - يىلىغىچە 6 قېتىم پالۋانتۇر يېزىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقات كۇرسىغا قاتناشقان. 1958 - يىلى قۇمۇل ناھىيىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى كۆرىكىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1980 - يىلى شەرقىي شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان. 1988 - يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان شەھەر ئىچى ۋە پالۋانتۇر يېزىلىرىدىكى داڭلىق ئەلنەغمىچىلەرنى ئاساس قىلىپ قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى قايتا ئۈنئالغۇغا ئېلىش، رەتلەش، تولۇقلاش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.
        1981 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 1 - نۆۋەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، 1986 - يىلى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېزىسى ئالتۇنلۇققا كۆچۈپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەلنەغمىچىلەر كۆرىكىگە قاتنىشىپ، 2 - دەرىجىلىك مول - ھوسۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئازادلىقتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق قۇمۇل مۇقاملىرىنى رەتلەش، توپلاش، سىنئالغۇغا ئېلىش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇ ئورۇندىغان قۇمۇل خەلق ناخشىلىرى، مۇقاملىرى ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىئو ئىستانسىسى، قۇمۇل شەھەرلىك، ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلى تەرىپىدىن ئاڭلىتىلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. 1989 - يىلى مايدا ئاپتونوم رايونلۇق 2 - قېتىملىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قۇرۇلتىيىغا ۋە 1993 - يىلى ئاۋغۇستتا قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇمۇل مۇقاملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ھەمدە قۇمۇل مۇقاملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەشرەپ پائالىيىتىدە خۇپتى مۇقامى قاتارلىق مۇقاملارنى ئورۇنداپ، ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ھەمدە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئاللا مەرھۇمنىڭ ئىمانىنى سالامەت قىلسۇن.

مەنبەسى:http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=4650
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-14 00:24 , Processed in 0.081781 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش