-
2008-11-18
ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟؟؟ - [تور ئەدەبىياتى]
ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟؟؟ھاياتلىقتىن ماماتلىققا قەدەر ھايات -مامات ئالمىشىپ تۇرىدۇ،تۇرمۇشتىن بىزار بولغان كىشىلەر :<تۇرمۇشنىڭ ھىچقانداق قىززىقى يوق>دەيدۇ،تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلار:<تۇرمۇش نىمىدىگەن گۇزەل> دەيدۇ،تۇرمۇشنى تىزگىنلىۋالغان كىشىلەر بولسا :<ياشىدۇق ،مۇھەببەتلەشتۇق ،تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۇردۇق >دەيدۇ.
تۇرمۇش-سۆيۇش دىمەكتۇر .ھەقىقى سۆيگۈگە ئىرىشكەن كىشىلەر ئەلۋەتتە تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ.مۇھەببەت مەڭگۇلۇك تىما ،كىشىلەرنى مەس قىلىدۇ ،قوغلىتىدۇ ۋە ئىنتىلدۇرىدۇ .شىكسىپىر :<مۇھەببەت گۇللەرنىڭ دالدىسىدىكى تاتلىق پىچىرلاش ئەمەس ،شاپتۇلزارلىقلاردىكى شىرىن -شىكەر سۆزلەرمۇ ئەمەس ،ئاسان تۆكىلىدىغان كۆز يشىمۇ ئەمەس ،مەجبۇرى بويسۇندۇرۇش تىخىمۇ ئەمەس،مۇھەببەت ئورتاق ئاساسقا قۇرىلىدىغان ھېسىيات >دىگەن.
ھەرقانداق بىر ئىنسان مۇھەببەتكە تەشنا ،شۇنداقلا ھەقىقى مۇھەببەتكە ئىرىشىكە ھەقلىق .ئۇنداقتا ھەقىقى مۇھەببەت دىگەن نىمە؟ ھەقىقى مۇھەببەت -ئاتا قىلىش ۋە كۆڭۇل بۆلۈش؛ھەقىقى مۇھەببەت-ئادەمنى ئۆزىگە ئىشەندۇرۇش ۋە مۇستەققىل قىلىش ؛ھەقىقى مۇھەببەت-كەڭ قورساقلىق ۋە چۇشىنىش ؛ھەقىقى مۇھەببەت -ھۆرمەت قىلىش ؛ھەقىقى مۇھەببەت -تۇراقلىق بۇلىشتىن ئىبارەت .مانا مۇشۇنداق ھەقىقى مۇھەببەتلا ئادەمنى چىن دىلىدىن كۇلدۇرىدۇ.خوشال قىلىدۇ،بەخىتلىك قىلىدۇ،جاپادىمۇ،ھالاۋەتتىمۇ ،ئازاپ-ئۇقۇبەتتىمۇ ،مۇۋەپپىقىيەتلەردىمۇ بىللە بۇلۇپ ،مۇھەببەت ئاتا قىلىش -بۇ سىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشۇڭلار ۋە ھاياتىڭلارنىڭ پۈتكۇل ئەھمىيىتى .
قىزلار <ئاياللار> ئۇغۇللارنى<ئەرلەرنى> ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن چىن دىلىدىن سۆيىدۇ،لىكىن ئۇغۇللار <ئەرلەر>قىزلارنى<ئاياللارنى>بىپەرۋالىق بىلەن سۆيىدۇ.
بىرىنى سۆيۇش نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ - بۇ ئۇنىڭ بەختى ئۇچۇن خوشال بۇلۇش ،ئۇنى تىخىمۇ خوشال قىلىش ئۇچۇن قىلىشقا تىگىشلىك ھەممە ئىشلارنى قىلىش ۋە بۇنىڭدىن خوشاللىىققا ئېرىشىشتىن دىرەك بىرىدۇ.
-چېرنىشىۋىېسكى
ئىشىق بىلەن تىرىك بۇ ئالەم ،
ئىشىق بولمىسا بولماستى ئادەم.
-قۇتبى
ماتىريالدىن ئىلىندى .
<< "ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ | باش بەت | مەڭگۈلۈك مۇھەببەت >>