-
2008-11-21
دۇنيادا بىر، بىرلا خوتەن بار
دۇنيادا بىر، بىرلا خوتەن بار
جۈپ كۆزۇمنىڭ قاراسى سەندە ،
نۇرسىز دىلنىڭ چىراقى سەندە ،
جامالىڭنى كۇندە يۇرۇتقان ،
قاشتېشىنىڭ پىراقى سەندە .
گىلەم،ئەتلەس بايلىق كانىدۇر ،
ئىككى قاشتا ئاققان قېنىدۇر ،
يەتتە ئىقلىم ساڭا ھەۋەستە،
يۈكسىلىشلەر بەلگە_شانىڭدۇر .
يېرىڭ مۇنبەت ،تاشلارمۇ ئۈنەر ،
يۇرىكىڭدە چىن ۋاپا تۈنەر ،
لەۋزى ھالال ئىشچانلىرىڭغا ،
شۆھرەت تونى ياپتى كۇچ-ھۆنەر .
تەختىڭ ئىككى قاشنىڭ ئارىسى ،
بەختىڭ <ئىلچى >جاننىڭ پارىسى ،
سېنى گۇلگە پۈركەشكە ئەنە ،
چاپتۇردى ئات ئەلنىڭ ۋارىسى .
سىياقىڭدا مەردانە تەن بار ،
نەدە سەندەك گۇزەل ۋەتەن بار؟
بۇ ساداغا جاۋاپ يەنى شۇ ؛
دۇنيادا بىر،بىرلا خوتەن بار .
خوتەن
بۇ مىنىڭ مەھەللەم كىمخاپ يېپىلغان ،
بولغانمەن بۇ جايدا ھاياتقا زوقمەن ،
كېچە ئاي،كۇندۇز قۇياش تېۋىنغان ،
ماكانداتۇغۇلغاچ خۇشالمەن_شوخمەن .
بۇ يەردىن سۇ ئىچكەن قۇشقاچلار ھەتتا ،
كەتسىمۇ مەككىگە قايتىپ كىلىدۇ ،
ئادىمى شۇنچىلىك زىرەككى _ھەنناس،
مېھنەتنى سۆيىدۇ ،شەرەپ بىلىدۇ .
بىر ئىشقا ئالدىراپ ۋەدە بەرمەيدۇ ،
بەردىمۇ لەۋزىدىن زىنھار يانمايدۇ ،
ۋىجدانسىز ئادەمگە قۇچاق ئاچمايدۇ ،
چىن دوستقا ئاشنا مۇتلەق قاتمايدۇ .
ئاغرىققا ئاتايدۇ ساغلام تېىنىنى ،
نە ئىشىم خەق بىلەن دىگۇسى كەلمەس،
يوقسۇزدىن ئايىماس تاپقان نېنىنى ،
بېخىلدەك پىنساننى سۆيگۇسى كەلمەس.
ئەجدادى قالدۇرغان ئېسىل ئودۇمنى ،
قەدىرلەپ كۆتۇرەر بېشىغا ئېلىپ ،
كۆرگۇنىم شۇ بولدى تېپىپ خۇدۇمنى ،
قەلبىمگە بۇ خىسلەت قويدى ئۇت سېلىپ .
سورىساڭ مەھەللەم نامىنى ئەگەر ،
كۇئىنۇن باغرىدا خوتەن دەيمەن ،
قىشۇ ياز چاچار پۇرىقى ئەنبەر ،
شىئېرغا خۇرۇچنى شۇ يەردىن يەيمەن .