*ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىگە مۇھتاج ؛ *ئاياللار ئەرلەرنىڭ زوقلىنىشىغا مۇھتاج .
*ئەرلەر دادا بولغاندىن كېيىن دادىسىنى چۈشۈنىدۇ ؛ *ئاياللار ئانا بولغاندىن كېيىن ئانىسىنى چۈشۈنىدۇ .
*ئەرلەرنىڭ كەسپى ھاياتلىق كېمىسى؛ *ئاياللارنىڭ كەسپى ھېسسىيات سەپىرى .
*ئەرلەرنى كۆز يېشى كىشىنى بىزار قىلىدۇ ؛ *ئاياللارنىڭ كۆز يېشى ئىچ ئاغرىتىدۇ .
*ئەرلەر مۇھەببەتنى ھاياتىنىڭ بىرقىسمى دەپ قارايدۇ ؛ *ئاياللار بولسا مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىدۇ .
*ئەرلەر ئارىسىدىكى ئايال مەلىكىدۇر ؛ *ئاياللار ئارىسىدىكى ئەر قۇلدۇر.
*ئەرلەر ئاياللارنى كۆرگەندە يۈرىكى سالىدۇ ؛ *ئاياللار ئەرلەرنى كۆرگەندە يۈزى قىزىرىدۇ .
*ئەرلەر كىرىمى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ ؛ *ئاياللار يېشى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ .
*ئەرلەر ئاچچىقلانغاندا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ ؛ *ئاياللار ئەركىلىگەندە ئېرىنى مۇشتلاپ قويىدۇ .
*ئەرلەر شېرىن-شىكەر گەپلىرى بىلەن ئاياللارنى بويسۇندۇرىدۇ ؛ *ئاياللار گۈزەل جامالى بىلەن ئەرلەرنى بويسۇندۇرىدۇ .
*ئەرلەر باشقىلارنىڭ خوتۇنى توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا ئامراق ؛ *ئاياللار ئەرلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا ئامراق .
*ئەرلەر ئۆزى سۆيىدىغان ئايالنى ئىزدەيدۇ ؛ *ئاياللار ئۆزىنى سۆيىدىغان ئەرنى ئىزدەيدۇ .
*ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئالدىدا جەسۇرلىشىپ كېتىدۇ ؛ *ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا لىۋەنلىشىپ كېتىدۇ .
*ئەرلەر ئۆزىنىڭ بوي ئىگىزلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ؛ *ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ .
*ئەرلەر ئۆزىنىڭ يۈز ئابرويىنى قەدىرلەيدۇ ؛ *ئاياللار ئۆزىنىڭ نامىنى قەدىرلەيدۇ .
*ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كەمچىلىكى خوتۇنىدىن قورقۇش؛ ئاياللارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كەمچىلكى كۆز يېشىنىڭ كۆپلىكى .
*ئەرلەر نامراتلىقتىن قورقىدۇ ؛ *ئاياللار ئېرىنىڭ باي بۇلۇپ باشقا ئايال تېپىۋېلىشىدىن قورقىدۇ |
|