• 2009-02-13

    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى تېمىغا يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش - [تەرمىلەر]

    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى تېمىغا يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش

    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى تېمىغا يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش

    1.مۇشۇ چاغدا مۈگدەپ قالسىڭىز، چۈش كۆرىسىز؛ مۇشۇ ۋاقىتتا ئۈگۈنۈش قىلسىڭىز چۈشىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.

    2.مېنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكەن بۈگۈنۈم تۈنۈگۈن جان ئۈزگەن ئادەمنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى يەتمەكچى بولغان ئەتىسى.

    3.تولىمۇ كېچىكتىم دەپ قارىغىنىڭىز بىلەن ئەمەلىيەتتە بالدۇر باشلىدىڭىز.

    4.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.

    5.ئوقۇۋاتقان چاغدىكى ئازاب ۋاقىتلىق، ئۆگىنەلمىگەندىكى ئازاب مەڭگۈلۈك.

    6.ئۆگىنىش قىلىشتا ۋاقىت يوق ئەمەس، بەلكى سىزدە تىرىشچانلىق كەمچىل.

    7.بەختنىڭ رەت تەرتىپى يوق، بىراق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ رەت تەرتىپى بار.

    8.ئۆگىنىش ھاياتلىقدىكى ھەممە ئەمەس، بىراق ھاياتلىقنىڭ بىرقىسمى بولغان ئۆگىنىشكىمۇ بويسۇنالمىغان ئادەم يەنە نېمە ئىش قىلالىسۇن؟

    9.ئەسلەشكە بولمايدىغان ئازابتىن بەھرىلىنىڭ.

    10.باشقىلاردىن بالدۇر، باشقىلاردىن كۆپرەك تىرىشىسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز.

    11.ھېچكىم ئۆز مەيلىچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئەمەس، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ئىرادىدىن كېلىدۇ.

    12.ۋاقىت سۇدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.

    13.بۈگۈن ئاققان شۆلگىيىڭىز ئەتىكى كۆز يېشىڭىزدۇر.

    14.قۇلدەك تىرىشىپ، بەگدەك ياشاڭ.

    15.بۈگۈن ماڭمىسىڭىز، ئەتە يۈگۈرىسىز.

    16.كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغان ئادەم بۈگۈنگە سادىق ئادەمدۇر.

    17.تەربىيلىنىش دەرىجىڭىز كىرىمىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    18.بىر كۈن ئۆتسە،ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ.

    19.رەقىبىڭىز ھېلىھەم كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ئۆگىنىۋاتىدۇ.

    20.جاپا-مۇشەققەت بولمىسا، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسىز.






    评论

  • مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بوپقتىكەن، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ.
  • بىزنى ئويغا سالىدىغان قىممەتلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن.رەخمەت سىزگە.بىلوگىڭىزغىمۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىسىم قويۇپسىز.بۇندىن كىيىن بلوگىڭىزنىڭ كىشىلەرنى ھەقىقەتەن مەپتۇن قىلىدىغان بلوگقا ئايلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.