• 2009-02-21

    قىززىقارلىق مۇھاببةت قانۇنيةتلىرى

     
    سۆيگۈ قانۇنيىتى :يىگىتلةر قىزلارنىڭ تۇنجى سۆيگۈنى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ . قىزلار يىگىتلةرنىڭ ئۆمۈرلۈك سۆيگۈنى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ .
    تۇنجى قېتىم ئاشىق بۇلۇش قانۇنيىتى :قىزلارنىڭ گۈزةل جامالى يىگىتلةرنى مۇھاببةت تورىغا ئېلىپ كىرىدۇ . يىگىتلةرنىڭ شىېرىن-شىېكةر سۆزلىرى قىزلارنى مۇھاببةت دېڭىزىغا خۇشاللىق بىلةن باشلايدۇ .
    تةلةپ قۇيۇش قانۇنيىتى : يىگىتلةرنىڭ بىر قىزنى قولغا كةلتۈرۈشى، خۇددى تاغ ئاتلىغانغا ئوخشاش قىيىن ،قىزلارنىڭ يىگىتلةرنى قولغا كةلتۈرۈشى ئىشىكى ئۇچۇق باغقا كىرگةندةكلا ئاسان ، لىكىن رىېئال تۇرمۇشتا يىگىتلةر دائىم دېگۈدةك ئۆزى ياخشى كۆرگةن قىزغا ئىرىشةلمةيدۇ .قىزلارمۇ ئۆزى
    ياخشى كۆرگةن يىگىتكة ئىرىشةلمةيدۇ . بۇنىڭ سةۋةبى ، يىگىتلةر تاغۇ - دةشتلةرنى كىزىشتىن قورۇقمايدۇ ،قىزلار بۇسۇغا ئاتلاشتىن ئةنسىرةيدۇ .
    تۇنجى مۇھاببةت قانۇنيىتى :يىگىتلةرنىڭ مۇھاببةتكة ئىرىشىش ئۇسۇلى - چاقماق تېزلىگىدة ھۇجۇمغا ئۈتۈپ ، يالقۇن ئىچىدة مۇھاببةت ئۇچقۇنىنى قۇچاقلاش . قىزلارنىڭ مۇھاببةتكة ئىرىشش ئۇسۇلى -ئاستا سېڭدۈرۈپ ، ئاندىن تېنىچ مۇھىتتا مۇھاببةتنىڭ پةيزىنى سۈرۈش .
    سىناش قانۇنيىتى :يىگىتلةرنىڭ قىزلارنى سىناش ئۇسۇلى يېراقلارغا كىتىش ، قىزلارنىڭ يىگىتلةرنى سىناش ئۇسۇلى كىلىشىپ قويغان جايغا كىچىكىپ بېرىش.
    مةقسةت قانۇنيىتى :ئةرلةر توي قىلىش ئۈچۈن مۇھاببةتلىشىدۇ ، ئاياللار مۇھةببةت ئۈچۈن توي قىلىدۇ .
    ئةر-خۇتۇن قانۇنيىتى :ئاتا - ئاكا - ئىنىسى ، ئانا - ئاچا - سىڭل قايسسى ئېھتىياجلىق بولسا شۇنۇڭغا ئايلىنالايدۇ .
    گةپ قىلىش قانۇنيىتى :ئةرلةر ھاراق ئىچكةندىن كىيىن تۇلا گةپ قىلىدۇ ، ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن تۇلا گةپ قىلىدۇ ، شۇڭا قىزىقارلىق ئائىلة دائىم دېگۈدةك ھاراقكةش ئةر بىلةن ۋاتىلداق خۇتۇندىن تةركىپ تاپىدۇ .
    تاماق ئىتىش قانۇنيىتى :ئةرلةر ئىشتىن چۈشسىمۇ ئۆيگة ئالدىرىمايدۇ ، ئاياللار تاماق ئىتىش ئۈچۈن ۋاقىت توشماستىلا ئۆيىگة ئالدىرايدۇ .
    ئائىلة قارىشى قانۇنيىتى :كةچتة ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ تاڭ ئاتقىچة قايتىپ كةلمةيدىغىنى ئةرلةر ،ئائىلىنى كۆپرةك ئويلايدىغىنى ئاياللار .
    پةرىق قانۇنيىتى :كىشىلةر ئةرلةرنىڭ كىيىمنى تۈزةشتۈرمةيلا سىرىتقا چىققىننى كۆرگةندة : ‹‹ ئۇنۇڭ ئايالى ئةجةپ ھورۇنكةن›› دېيىشىدۇ . ئاياللارنىڭ كىيىمى قالايمىقان چىققىننى كۆرگةندة بولسا : ‹‹ ئۇنىڭ ئېرىنى نةس بېسىپتۇ ›› دېيىشىدۇ .
    مۇۋاپىقيةت قازىنىشنىڭ كةينىدىكى قانۇنيةت :مۇۋاپىقيةت قازانغان بىر ئةرنىڭ كةينىدة قةيسةر بىر ئايال بۇلىدۇ ، مۇۋاپىقيةت قازانغان بىر ئايالنىڭ كةينىدة ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ تۇرۇدىغان بىر ئةر بۇلىدۇ دةيدۇ .

    مةنبة :دىيارىم تورى