dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 17:32:32

7. ئۆلچەش ۋە ھېسابلاش: ھەر كۇۋادىرات سانتېمىتېرغا توغرا كېلىدىغان يىڭنە سانىنى ھېسابلاش



ئۈستىدە 50 يىڭنە، 50 قۇر توقۇيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق.  50 50x = ?


بۇنداق توقۇشتىكى مەقسەت نېمە؟  يىپلارنىڭ توم ئىنچىكىلىكى، ماشىنىنىڭ قېلىن ياكى نىپىز توقۇش تەڭشىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ھەر بىر كۇۋادىرات سانتىمېتىرغا توغرا كېلىدىغان يىڭنە ۋە قۇر سانى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش بولمىسا، ئوخشاش بولماۋەرسۇن، بۇنىڭ مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى، دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ ئۇنداق دېمەڭ. سىزگە پوپايكا توقۇتقىلى كەلگەن ئادەملەرنىڭ بىرى سېمىز، بىرى ئورۇق، بىرى ئېگىز، بىرى پاكار. سىز شۇلارنىڭ بەدىنىگە  ماس كېلىدىغان پوپايكا توقۇماقچى بولسىڭىز، شۇلارنى ئۆلچەيسىز، شۇنداققۇ!  ئۇلارنى ئۆلچىگەندە يىڭنىدە ئۆلچىمەيسىز، بەلكى سانتىمېتىر بىلەن ئۆلچەيسىز. \"\"


مەسىلەن: مېنىڭ ئانام سەل سېمىزرەك، ئۇنىڭغا بىر كۆينەك توقىماقچى بولسام بەل ئايلانمىسى 110 سانتىمتېر، ئۇزۇنلۇقى 130 سانتىمېتر، قۇلى قىسقىراق بولغاچقا يەڭ ئۇزۇنلۇقى 52 سېنتىمېتىر، مۆرە كەڭلىكى 46 سانتىمېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 120 سانتىمېتىر، كاسا ئايلانمىسى 130 سانتىمېتىر.... مۇشۇلارنى ھەممىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، بىر قەغەزگە يېزىۋالىمەن.


باياتتىن  ئانام ماڭا كۆينەك توقۇپ بەرگىن دەپ تاللاپ قويغان يىپتا 50 يىڭنە، 50 قۇر ئەۋرىشكە تۇقۇيمەن. توقۇلۇپ چىققان ئەۋرىشكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنى ئۆلچەيمەن. دېمەك، ئانام تاللىغان يىپتا بىر كۇۋادىرات سانتىمېتىرغا 3 يىڭنە، 4 قۇر تۇغرا كېلىدىكەن.


بۇنى مۇنداق ھېسابلايمەن:


بەل ئايلانمىسى 110cn  ئىدى. بۇنى 2 گە بۆلدبم، 55 سانتىمېتىر بولدى. (چۈنكى، 2 پارچە توقۇيدىغان گەپ.)


55x3= 165   (يىڭنە، بۇ كەڭلىك)


130x4= 520  (قۇر، بۇ ئۇزۇنلۇق)


ئادەتتە كەڭلىك ئۈچۈن بىر سانتىمېتىرىغا توغرا كېلىدىغان يىڭنە سانىنى بىز ئۆلچىگەن كەڭلىك سانتىمېتىرغا كۆپەيتىپ  قانچە يىڭنە توقۇيدىغانلىقىمىزنى ھېسابلايمىز.


ئۇزۇنلۇق ئۈچۈن بىر سانتىمېتىرغا قانچە قۇر توغرا كەلگەن بولسا، شۇ قۇر سانىنى بىز ئۆلچىگەن سانتېمېتىرغا كۆپەيتىمىز.


ئانامغا بىر كۆينەك توقۇماقچى بولسام، يۇقىرىدا ئۆلچىۋالغىنىم بويىچە كەڭلىك ئۈچۈن 3 يىڭنە، ئۇزۇنلۇق ئۈچۈن 4 قۇر نى سانتىمېتىر سانىغا كۆپەيتىپ تۇقۇيمەن. مەسىلەن:


\"\"


بىر كۆينەكنى 4 پارچە توقۇيمىز. ئالدى 1 پارچە، ئارقىسى 1 پارچە، 2 يەڭ 2 پارچە.


بۇ تۆت پارچىنى خۇددى تىككۈچى رەختتىن كېسىپ ئالغاندەك ئۆلچەملىك توقىغاندىن كېيىن تىكىش ماشىنىسىدا تىكسەكمۇ بولىدۇ ياكى قولىمىزدىكى زىختا توقۇپ پۈتۈنلىسەكمۇ بولىدۇ.


ئىشتاننى 2 پارچە توقۇپ تىكىپ پۈتۈنلەيمىز. نورمال پوپايكا 4 پارچە بولىدۇ، ئالدى ئوچۇق پوپايكىنى 5 پارچە توقۇيمىز. يوپكا 2 پارچە ياكى 1 پارچە بولسىمۇ بولىدۇ. شارپىنى بىر پارچە توقۇيمىز.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 17:51:59

ئەلاااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 17:56:08

ئۈستىدە بىر گەپنى چالا يېزىپ قويۇپتمەن، ئەپۇ قىلىڭلار. ئېلكىتاب قىلىدىغانلار تەھرىرلەپ قويارسىلەر.

دەسلەپتە 50 يىڭنە، 50 قۇر تۇقىغاندىن كېيىن بۇنى ئۆلچەيمىز. چىققان سانتېمېتىر سانىنى 50 تىن بۆلىمىز. مەسىلەن: بۇئەۋرىشكىنىڭ كەڭلىكى 16 سانتىمېتىر ئەتراپىدا چىققان بولسا، 50 نى 16 گە بۆلسەك پۈتۈن سان 3 چىقىدۇ. (نۆل پۈتۈن چېكىتنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇششاق كەسىر سان بەشتىن كىچىك بولسا تاشلىۋېتىمىز، بەشتىن چوڭ بولسا 1 ھېسابلايمىز). دېمەك، كەڭلىك ئۈچۈن بىر سانتىمېترىغا 3 يىڭنە توغرا كەلدى دېگەن گەپ.

50 قۇر تۇقىغان چاغدىكى ئەۋرىشكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمېتىر كەلگەن بولسا، 50نى 12گە بۆلىمىز. پۈتۈن سان 4 چىقىدۇ. دېمەك، ئۇزۇنلۇق ئۈچۈن ھەر 4 قۇر بىر سانتىمېتىرغا تەڭ بولدى دېگەن گەپ.

توم ئىنچىكىلىكى ئوخشىمايدىغان ھەر قانداق يىپتا توقۇشتىن ئاۋال بىر 50x50 ئەۋرىشكە توقۇپ، مۇشۇ كەڭلىك بىلەن ئۇزۇنلۇققا توغرا كېلىدىغان يىڭنە ۋە قۇر سانىنى ھېسابلىۋالساق، توقىغان پوپايكىمىز كىيگۈچىگە دەل كېلىدۇ.

توردىشىمىز @atella نىڭ ئاچىسى ئۇستا تىككۈچى دەپ ئاڭلىدۇق. ئادەتتە رەىتلەرنى كەسكۈچىلەر بۇنداق ھېسابلاشنى ئوبدان بىلىدۇ. نورمال ئىنسانلارنىڭ بەدەن شەكلىدە بىر ئۆزگەرمەس مۇقىم فورمۇلا بار. ئۇ بولسىمۇ، قولتۇقتىن مۆرىگىچە بولغان ئارىلىق 24~26 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، بويۇن كەڭلىكى 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا.... بولىدۇ. كېسىمچىلەرر ۋە پوپايكا توقىغۇچىلار بۇ مۇقىم فورمۇلانى ئەستە تۇتقان ئاساستا ئۆلچەپ تىكسە ياكى توقىسا، ئىشلەپچىقارغان كىيىمى ھەر قانداق ئىنسانغا ئاساسەن دەل كېلىدۇ.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 18:25:42

8. توقۇپ چىقارغاننى تىكىش، دەزماللاش


نورمال بىر پوپايكا ئالدى 1 پارچە، ئارقىسى 1 پارچە، 2 يەڭ 2 پارچە، جەمئى 4 پارچە توقۇلىدۇ دېگەن ئىدۇق. بۇ 4 پارچە توقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاڭ ئالدى بىلەن ئالدى ئارقا ئىككى پارچىنىڭ مۆرىسىنى تىكىپ بىرلەشتۈرۈپ ياقىسىنى توقۇيمىز. ياقىنى ماشىنىغا ئىلىندۈرۈپ تۇقىساقمۇ بولىدۇ. ياكى ئايرىم توقۇۋېلىپ، زىخ بىلەن ئۇلاپ تىكسەكمۇ بولىدۇ. ياقىسىنى توقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى يەڭنى مۆرىگە ئۇلاپ تىكىمىز.


\"\"


قولتۇق ئاستىنى تىكىشتىن ئاۋال دەزماللىساق بولىدۇ.


دەزماللاشتا، پوپايكىنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە ئاق پاختا رەختنى نەمدەپ قويۇپ  شۇ رەخت ئۈستىدىن دەزماللىساق بولىدۇ. دەزمال بىۋاستە پوپايكا ئۈستىگە تەگسە، نىلۇڭ يىپلار ئېرىپ قېتىۋالىدۇ ياكى نىپىزلەپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى دەزمال بىلەن پوپايكىنى بىۋاستە ئۇچراشتۇرماي، ئوتتۇرىغا بىر قەۋەت نەم پاختا رەخت قويۇپ دەزماللىسا، پوپايكىنىڭ سۈپىتىگە زىيان يەتمەيدۇ.


مۆرە، ياقا ۋە ئوتتۇرىسى قاتارلىقلارنى تەكشى دەزماللاپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى بېقىنى بىلەن ئىككى يەڭنى تىكىپ، تىكىش ئۈستىدىن بىر قور دەزمال سېلىۋەتسەك بولىدۇ.


دەزماللاپ بولغان پوپايكىنى ئىلغۇچقا كىيدۈرۈپ بىر ئىككى سائەت ئېسىپ قويۇپ ھاۋالىتىمىز، نەملىك بولسا يۇقايدۇ، غەيرى پۇراقمۇ قالمايدۇ.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 18:53:47

9. خېرىدارغا بېرىش


توقۇپ دەزماللىنىپ بولغان پوپايكا، شارپا، يوپكا، كۆينەك قاتارلىقلارنى خېرىدارغا بەرگەن چېغىڭىزدا، بۇنى بۇيرۇتقان كىشى كىيىپ بېقىشى نورمال ئەھۋال. چوڭ كېلىپ قالسا، ئىچىگە ئازىراق تىكىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر تار كېلىپ قالسا، پوپايكىنى كەڭلىك ۋە ئوزۇنلۇق جەھەتتىن سوزۇپ تۇرۇپ ئۈستىگە دەزمال سېلىۋەتسىڭىز كەڭىرىدۇ. جۇڭگۇچىلىقتىكى خېلى خېلى نوچى  يىپلارنىڭ كۆپىنچىسىدە نىلۇن تەركىۋى ئۈستىگە يېزىپ قويغىنىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇنداق نىلۇن نەرسىلەرنى دەزمال بىلەن ئىسسقلىق ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ خالىغان شەكىلگە ئەكىلەلەيسىز. (ئۆزگەرمەس پاختا يىپلاردا خەقلەر پوپايكا توقۇتمايدۇ).


توقۇش جەريانىدىكى سەۋەنلىكلەرنىمۇ دەزمال بىلەن يۇشۇرغىلى بولىدۇ.  


\"\"


خېرىدارلىرىڭىز كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئىختىيارى نۇسخا تاللىشى ئۈچۈن بەزى رەڭلىك رەسىملىك كىتابلىرىڭىز بولسا، سىزگە ئاسان بولىدۇ. چۈنكى، خېرىدار ئاغزىدا تەسۋىرلىگەننى ، ياكى كۆڭلىدە ئويلىغاننى توقۇپ چىقىرىش تەس. خېرىدار كىتابتىن كۆرسىتىپ بەرگەننى توقۇپ بەرسىڭىز، كېيىن يارىماي قالسىمۇ، ئۆزى تاللىغان نۇسخا بولغاندىكىن غىدىڭ پىدىڭ قىلمايدۇ.


\"\"


\"\"


\"\"


\"\"


ئەگەر خېرىدارىڭىز سىزگە يىپ ئەكىلىپ توقۇتقان بولسا، ئاشقان يىپلىرىنى قولىغا قايتۇرۇپ بېرىڭ، سىزدە ھەققى قېلىپ قالمىسۇن. ئەگەر سىز يىپ ئېلىپ توقۇپ بەرگەن بولسىڭىز، يىپ پۇلى بىلەن ئىش ھەققىنى قوشۇپ ھېساپلايسىز.


ئىنچىكە يۇڭ يىپ يېنىك بولىدۇ. ئايالچە بىر پوپايكا 300 گىرام يوڭ يىپتا پۈتىدۇ. لېكىن ئارىلاشما يىپتا 500 گىرام ئەتراپىدا يىپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ماۋۇ يۇڭ پوپايكىغا 300 گىرام يوڭ يىپ كەتكەن. سىز بۇنى ماشىنىدا ئىككى ئۈچ سائەتتە توقۇپ بولالايسىز.


\"\"


مەن ئىلگىرى بۇ نۇسخىدا بەك كۆپ توقىغان. بۇ خىل نۇسخا ھەم ئاسان، ھەم بىر قەدەر ئىسسىق بولىدۇ. 2 خىل رەڭلىك يىپ بولسىلا، ماشىنا گۈلنى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ توقۇيدۇ.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 19:16:04

10. خاتىمە: دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


1) ماشىنىنى ئاسراش


ھەر قانداق نەرسە پاكىزلىقنى ياخشى كۆرگەندەك، بۇ تۆمۈر-تەسەك ئوقەتمۇ پاكىزلىقتا ياخشى ئىشلەيدۇ. چاڭ-تۇزاڭ ۋە ھەر خىل نەرسىلەر يىڭنە ئارىلىقلىرىغا كىرىۋالسا، ماشىنىنىڭ بېشى تېز ئۇپراپ كېتىدۇ. شۇڭا، ھەر ۋاقىت ماشىنىنى پاكىزە تۇتۇش، ئىشلەتمەيدىغان ۋاقىتتا ئۈستىگە رەخت يېپىپ قويۇش، يالىڭاچ قويماسلىق كېرەك. بىر ئىككى پوپايكا توقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىنى پاكىزە سۈرتۈش، كىر قوندۇرماسلىق، ئۆينى كۈندە بىر ئىككى قېتىم سۈپۈرۈپ تازىلاپ  تۇرۇش كېرەك.


2) داۋاملىق لازىم بولىدىغان زاپاس نەرسىلەر


بىر ماشنىدا ئادەتتە 500 ~ 600 ئەتراپىدا يىڭنە بولىدۇ. ماشىنىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئەڭ تېز بۇزۇلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ سەپلىنىدىغان زاپچاس يىڭنە. بىر ماشىنا بىلەن يەنە بىر ماشىنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يىڭنىلەرمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ھەتتا ئۈرۈمچىدە سايمان ساتىدىغان يەردە ساختا يىڭنىلەرمۇ بەك كۆپ. ئىچكىرىدىن جان باققىلى چىققان خەنلەر پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا قوغلىشىدىغان بولغاچقا، سىز پۇلات يىڭنە ئالىمەن دەپ بارىسىڭىز، سىزگە ساپلىقى يۇقىرى بولمىغان تۆمۈر يىڭنىلەرنى \"مانا پۇلات يىڭنە\" دەپ ساتىدىغان ئەھۋاللار بار. شۇڭا، ماشىنا سېتىۋالغان چاغدىلا زاپاس يىڭنىدىن ئەللىك ئ.اتمىشنى ئېلىپ قويسىڭىز، توقۇش جەريانىدا سۇنۇپ كەتكەن يىڭنىلەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.


3) ياغلاش


تىكىش ماشىنىسىنى ياغلايدىغان (داتلاشماسلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان) بىر خىل سۈزۈك،  سۇيۇق  ماي بار. سىزمۇ مۇشۇ سۇيۇق  ماينى ئېلىپ ماشىنىڭىزنى ئايدا بىر قېتىم ياغلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ياغلاپ بولغاندىن كېيىنلا ئاق رەڭلىك يىپتا بىر نەرسە توقىماي، قارا رەڭلىكتە توقۇڭ. چۈنكى، بۇ ماي بەزىدە پوپايكىغا يوقۇپ قالىدۇ. ئەمما ماشىنىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، سىلىق، راۋان ئىشلىشى ئۈچۈن  بۇ سىلىقلىغۇچى ماينى ئىشلەتمەي باشقا ئامال يوق.


4) ئەگەر بىر ئاي ماشىنىنى ئىشلەتمەيدىغان بولسىڭىز، ماشىنىنى يۇغۇشتۇرۇپ، پاكىزە سۈرتۈپ، مايلاپ ساندۇقىغا سېلىۋېتىڭ. ئۇنىڭ ساندۇقى ناۋاترەك چىرايلىق بىر چامىدانغا ئوخشايدۇ. بۇنداقتا، ئۇ كىرلەشمەيدۇ، ئۆيىڭىزمۇ ئازادە، رەتلىك بولىدۇ.



(داۋامىنى ئېسىمگە كەلگەندە تولۇقلاپ قويارمەن. ھازىرچە  يازماقچى بولغانلىرىم ئاساسەن تۈگىدى.)

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 23:20:19

تەشەككۈر !

Aqilghin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 04:12:06

ئىشلارغا تولىمۇ ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە  ئكەنسىز! ئەلا كەتتى!

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 16:35:44

شۇنداق قىلىپ تۈگدىما،،، ئەمدى pdf قىلپ ئىشلەپ ئاچامغا ئاپرىىپ بېرەي...

كۆپ رەھمەت، تەشەككۈرلەر

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 12:45:51

41- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈستىدە بىر گەپنى چالا يېزىپ قويۇپتمەن، ئەپۇ قىلىڭلار. ئېلكىتاب قىلىدىغانلار تەھرىرلەپ قويارسىلەر.

دەسلەپتە 50 يىڭنە، 50 قۇر تۇقىغاندىن كېيىن بۇنى ئۆلچەيمىز. چىققان سانتېمېتىر سانىنى 50 تىن بۆلىمىز. مەسىلەن: بۇئەۋرىشكىنىڭ كەڭلىكى 16 سانتىمېتىر ئەتراپىدا چىققان بولسا، 50 نى 16 گە بۆلسەك پۈتۈن سان 3 چىقىدۇ. (نۆل پۈتۈن چېكىتنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇششاق كەسىر سان بەشتىن كىچىك بولسا تاشلىۋېتىمىز، بەشتىن چوڭ بولسا 1 ھېسابلايمىز). دېمەك، كەڭلىك ئۈچۈن بىر سانتىمېترىغا 3 يىڭنە توغرا كەلدى دېگەن گەپ.

50 قۇر تۇقىغان چاغدىكى ئەۋرىشكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمېتىر كەلگەن بولسا، 50نى 12گە بۆلىمىز. پۈتۈن سان 4 چىقىدۇ. دېمەك، ئۇزۇنلۇق ئۈچۈن ھەر 4 قۇر بىر سانتىمېتىرغا تەڭ بولدى دېگەن گەپ.

توم ئىنچىكىلىكى ئوخشىمايدىغان ھەر قانداق يىپتا توقۇشتىن ئاۋال بىر 50x50 ئەۋرىشكە توقۇپ، مۇشۇ كەڭلىك بىلەن ئۇزۇنلۇققا توغرا كېلىدىغان يىڭنە ۋە قۇر سانىنى ھېسابلىۋالساق، توقىغان پوپايكىمىز كىيگۈچىگە دەل كېلىدۇ.

توردىشىمىز @atella نىڭ ئاچىسى ئۇستا تىككۈچى دەپ ئاڭلىدۇق. ئادەتتە رەىتلەرنى كەسكۈچىلەر بۇنداق ھېسابلاشنى ئوبدان بىلىدۇ. نورمال ئىنسانلارنىڭ بەدەن شەكلىدە بىر ئۆزگەرمەس مۇقىم فورمۇلا بار. ئۇ بولسىمۇ، قولتۇقتىن مۆرىگىچە بولغان ئارىلىق 24~26 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، بويۇن كەڭلىكى 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا.... بولىدۇ. كېسىمچىلەرر ۋە پوپايكا توقىغۇچىلار بۇ مۇقىم فورمۇلانى ئەستە تۇتقان ئاساستا ئۆلچەپ تىكسە ياكى توقىسا، ئىشلەپچىقارغان كىيىمى ھەر قانداق ئىنسانغا ئاساسەن دەل كېلىدۇ.



ئىمكانبار يازمىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېلكىتاب قىلىپ چىقتىم.


ھازىرچە ئىنتىل سەيناسى ۋە ئىزدىنىشقا يوللىدىم.

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 19:16:38

ئىنكاس يېزىپ ساقلىۋالاي سىڭلىم ئامراق ئىدى توقۇشقا
بەت: 1 2 [3]
: پوپايكا توقۇش ماشىنىسى ھەققىدە ساۋات