جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاياللارنىڭ جىنسىيەتتىكى ئالاھىدە بىشارەتلىرىنى بىلەمسىز؟

ئاياللارنىڭ جىنسىيەتتىكى ئالاھىدە بىشارەتلىرىنى بىلەمسىز؟

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 9117 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئايالىنىڭ كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەر بولغۇچىنىڭ ھەر كۈنى بېلىشكە تېگىشلىك «زۆرۈر دەرسلىكى». ئەرلەر ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال قۇچاقلاپ قويۇش، سۆيۈپ قويۇشلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ئىللىقلىق ئېلىپ كېلىدىغىنىنى بېلىشى لازىم. ھەتتا «كۆرۈپ چۈشۈنۈش» ئىككى جىنىسنىڭ بىشارىتى بولۇپ، ئايالى بىلەن بولغان ئارىلىقنى ساقلاپ، يېڭى ساپ مۇھەببەتنىڭ تەمىنى داۋاملىق تېتىتقۇزۇش كېرەك. شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى (华东师范大学) پسىخئولۇگىيە مۇدىرى يې بىڭ «ھاياتلىق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دەيدۇ: تۆۋەندىكى ئاياللارنىڭ بىر قاتار ساغلاملىق بەلگىلىرىگە ئەر بولغۇچىلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.


1. بىكاردىنلا ئاچچىقلىنىدىغان، قالايمىقان نەرسە تاشلايدىغان ياكى ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپ بولۇش بۇ بەلكىم ئايالىنىڭ خوشال بولماسلىقى ھەم ئاچچىقلىنىپلا تۇرۇشى ئېرىنىڭ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاياللار بولسا تېرىسى ئارقىلىق «نەپەسلىنىدۇ». ئەگەر ئۇنىڭدا ئۇششاق ھەرىكەت كۆپىيىپ كەتسە، مەسىلەن: ھەمىشە يولدىشىنى چىمداپ، ئۇرۇپ ياكى ئۇنىڭغا چېقىلىپ تۇرسا، بۇ ئايالىنىڭ تېرىسىنىڭ «ئاچارچىلىق» ئەھۋالىنى ئىپادىلەپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە يېقىنچىلىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. دەل مۇشۇ پەيىتتە، بەدەننىڭ بىرلىشىشى ۋە ئۆز-ئارا رازىمەنلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇھەببەتنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ياخشى ئۇسۇلىدۇر.
2. ھەر قېتىم سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق، لېكىن يەنىلا دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈشنى رەت قىلىش بۇ ئاياللارنىڭ ئېرىدىن مۇلايىملىق بىلەن كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇشىنى كۈتۈشىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ بىر خىل «ھېسسىياتلىنىش» تىن ئىبارەت بولۇپ، كۆپ كۆرۈلىدىغان «سەزگۈ ئورۇن» بەل، مۈرە، كۆكرەك قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئەزەلدىن ئەركىلىمەيدىغان ئايالى تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئېرىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ: ئۇنى يەمسىز؟ بۇنى يەمسىز؟ دەپ سۇئال سورىسا ياكى كىچىك بالىلاردەك تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ ئېرىنى جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ئايالى بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغانلىقىنى ياكى قۇچاقلىشىپ باقمىغانلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشقا توغراكېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ كىچىككىنە نارازىلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەلۋەتتە ئەر بولغۇچى ۋاقىت چىقىرىپ قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋال سوراش، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى ئىزھار قىلىشى كېرەك.
3. يې بىڭ:« ئايالىنىڭ كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئەلۋەتتە ئەر بولغۇچىنىڭ ھەركۈنلۈك «زۆرۈر دەرسلىك» كىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى سىرتتىكى تەقدىردىمۇ ياكى ئۇخلاش ئالدىدىمۇ قۇچاقلاپ قويۇش، سۆيۈشۈشنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا چەكسىز ئىللىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى «كۆرۈپ چۈشۈنۈش» بولسا جىنسىي بىشارەت بولىدۇ. ئايالى بىلەن بولغان ئارىلىقتىكى ھېسسىياتىنىڭ يېڭى، ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئىككى جىنىس تۇرمۇشى ھەر ۋاقىت تاتلىق بولىدۇ. "ئىككى جىنس مۇھەببىتىنىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە ئۇسۇلىنى ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى. بىرقېتىم رومانتىك بولۇش ئىككى جىنىسنىڭ مۇھەببەتلىشىش سەپرىدە يولۇققان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولۇپ، ئايالى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى