تۇغماسلىق سەۋەبىنىڭ ئەردە ياكى ئايالدا ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى
ۋاقتى: 2016-11-09
ئاۋاتلىقى: 8973 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۇغا تاشلىنىدۇ. كىمنىڭ مەنسى چۆكمىسە ئەيىبنىڭ شۇنىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۈرىدۇ. مەنىنىڭ لەيلىشى ئۇنىڭ خاملىقىنى بىلدۇرىدۇ.
ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۈيدۈكى ئايرىم ھالدا قاپاق ياكى ئوسۇڭنىڭ يىلتىزىغا تۆكۈلىدۇ. كىمنىڭ سۈيدۈكى تۆكۇلگەن قاپاق ياكى ئوسۇڭ قۇرۇپ قالسا ئەيىبنىڭ شۇنىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇپ قېلىشى مىزاجنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلغانلىقىنى، مەنىنىڭ ئىسسىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
بوغداي، ئارپا، باقىللا قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن يەتتە تالدىن ئېلىنىپ ئايرىم_ئايرىم ھالدا ئۇچ دانە ساپال قاچىغا سېلىنىدۇ. بوغداي، ئارپا، باقىللا قاتارلىقلاردىن يەنە شۇنچىلىك مىقداردا ئېلىنىپ يەنە ئۇچ دانە ساپال قاچىغا تاشلىنىدۇ. ئەر بىلەن ئايال ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساپال قاچىدىكى دانلار ئۇستىگە سىيىشكە بۇيرۇلىدۇ. مەزكۇر دانلار يەتتە كۈن تۇرغۇزۇلىدۇ. كىمنىڭ دانلىرى ئۈنمىسە ئەيىب شۇنىڭدا بولىدۇ.
مەشھۇر ھەكىم ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئېيتىدۇكى: «ماڭا بۇ ئۇسۇللارنىڭ راستلىقى نامەلۇم، ھەقىقى ئۇسۇل شۇكى، مۇناسىپ خۇشپۇراق ماتېرىيال ئايالنىڭ ئاستىدا كۆيدۈرۈلۈپ تۈتۈنى بالىياتقۇغا كەلتۈرلىدۇ. ئەتراپى ئورىلىپ تۈتۈننىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. تۇتۇن ئايالنىڭ بۇرنى ۋە ئېغىزىدىن چىقسا ياكى تۈتۈننىڭ پۇرىقى ئېغىز_بۇرنىدا سىزىلسە ئەيىبنىڭ ئەردە ئىكەنلىكى ئايالنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئايالنىڭ ئېغىزى-بۇرنىدىن تۈتۈن چىقمىسا ياكى تۈتۈننىڭ پۇرىقى ئايالنىڭ ئېغىز-بۇرنىدا بىلىنمىسە ئايالنىڭ مەنى يوللىرى ياكى قان تومۇرلىرىدا توسۇلۇش بارلىقى، ئۇنىڭ پەرزەنت كۆرۈشكە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. »
يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىر دانە سامساق مۇۋاپىق چوڭلۇقتا توغرۇلۇپ ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا سېلىنىپ بىر كېچە تۇرغۇزۇلىدىكەن. ئۇنىڭ تەمى ياكى پۇرىقى ئايالنىڭ ئېغىز-بۇرنىدا بىلىنسە ئايالنىڭ تۇغىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
جىنسىي ھەۋەس ئىنسانلارنىڭ بىر خىل تەبىئىيلىكنىڭ ئىپتىدائىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئادەملەرنىڭ پسىخىكا ۋە روھىي تەلىپى بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋە ھۇزۇرلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جىنىس جانلىقلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، ئەمما ئادەممۇ يۇقىرى ساپالىق ئىجتىمائىي ھايۋان، توي قىلىش، ھامىلدار بولۇش، قورساق كۆتۈرۈش، تۇغۇش ۋە جىنسنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.