ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى قوغداش ئۇسۇلى
ۋاقتى: 2016-10-19
ئاۋاتلىقى: 7885 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
جۇڭگو جىنسىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى، جىنسىيەت مېدىتسىنا كەسپى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار جۇڭگو ئەرلىرىنىڭ ھازىرقى جىنسىي ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئىچىدە %9.7 ئەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپلا قالماستىن، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. بەزىلەر 45 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ھەر ئايدا بىر قېتىمغىمۇ يەتمىگەنلىكىنى بايقاپ، بۇنى "جىنسىي ئىش كۈتۈپ تۇرۇش" دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە 55 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ئوتتۇرا ھېساب يىلىغا بىر قېتىمغا يەتمىگەن، بۇ خىل ئەھۋالنى ئەرلەر ئامالسىز "جىنسىي ئىش ئورنىدىن قېلىش" دەپ ئاتىغان.
ھەر بىر ئەر كىشى قىرىق ئەللىككە بارغاندا جىنسىي ئىقتىدارى ئاشۇنداق ناچارلامدۇ؟ جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلى بارمۇ-يوق؟ مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتامسىز، بىز ئاۋۋال ئەرلەرنىڭ جىنسىي فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش جەرياننى چۈشىنىپ چىقايلى.
ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ۋە جىنسىي ھەرىكىتى كېسەللىك، بەدەن زەئىپلىشىش، جەمئىيەت مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
ئەرلەرنىڭمۇ ھەيز كېسىلىش دەۋرى بولىدۇ، پەقەت ئىپادىسى ئاياللارنىڭكىدەك بەك ئېنىق بولمايدۇ. ئەرلەرنىڭ 50 ياشتىن كېيىن ئۇرۇقداننىڭ ئىقتىدارىدا بىر گۈللەنگەن ھالەتتىن زەئىپلىشىش باسقۇچىغا ئۆتۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. سەللا دىققەت قىلسا ئۇنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇسكۇلنىڭ كۈچى ئاجىزلايدۇ، پىسخىكا جەھەتتە ئاسانلا چۈشكۈنلىشىدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، كەيپىياتى تۇراقلىق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي ھەۋىسى چېكىنىش ۋە جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ھەيز كېسىلىش مەزگىلىدە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەش ۋە جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ جىنسىي ئىقتىدارىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ، كۆپلىگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ خىل جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ .
جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ بۇرۇن زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياش ۋاقتىدىن باشلاپ دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەڭ ئاۋۋال تەرتىپلىك جىنسىي تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش كېرەك.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جىنسىي تۇرمۇش ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىنسىي پائالىيەتنى كونترول قىلغۇچى مەركىزىي نېرۋىسىنى تېتىك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەل چەكلەپ تۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، كۈچى يەتمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق، شەھۋەتپەرەسلىك قىلماسلىق كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەر يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش كېرەك، سىنك بىر قەدەر كۆپ بولغان يېمەكلىكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك، مەسىلەن: بېلىق راك، كالا گۆشى، تۇخۇم ۋە پۇرچاقتىن ياسالغان مەھسۇلاتلار.
يەنە ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بار، ئىللىق ھەم ساغلام بولغان ئائىلە تۇرمۇشى، بىر قايناق ھېسسىيات بار بولغان جۈپتى بار بولۇش. جۈپتى بىلەن ئىناق بولمىغان ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇشى ناھايىتى قىيىن.
مەزكۇر مەزمۇن جىنسىيەت-ئەيدىز يانبىلوگى تەرىپىدىن خەنزۇچە نوپۇزلۇق ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلانغان، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!