جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەر-خوتۇنلار كارىۋات گىمناستىكىسى ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش

ئەر-خوتۇنلار كارىۋات گىمناستىكىسى ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش

ۋاقتى: 2016-09-28 ئاۋاتلىقى: 5679 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي تۇرمۇشتا ئەرلەرنىڭ زەكىرى قوپقان بولسىمۇ ئانچە قاتتىق بولماسلىق دائىملىق كۆرۈلىدىغان ھادىسە. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ياردەملىشىپ "كارىۋات گىمناستىكىسى" نى ئىشلىسە، قوپۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەتتا ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 
1. ئەر تەرەپ كارىۋاتنىڭ ياقىسىدا ئولتۇرۇپ ئايال تەرەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا بوينىنى بەش مىنۇت ئايلاندۇرۇش. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئازادە قىلىدۇ، ھەرىكەت ئارقىلىق مۇۋاپىق ھالدا ئومۇرتقىسىنى غىدىقلاپ، نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ جانلىنىشىنى قوزغايدۇ . 
2. ئەر تەرەپ كارىۋاتنىڭ ياقىسىدا ئولتۇرۇپ ئايال تەرەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا بەدەننى تولغاپ بېرىش، ھەم ئامال بار ئىككى مۈرىنى ئارقىغا كېرىپ تۇرۇش. ئەر تەرەپ كارىۋاتتا ياتىدۇ، ئايال كىشى بارماقلىرى بىلەن باشنىڭ كەينىدىكى بويۇن ئازگال قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىدۇ. 
3. ئادەم بەدىنىدىكى توققۇز كۆز ئاستى قىسىمغا ناھايىتى قويۇق مۇھىم پەللىلەر جايلاشقان، ئايال تەرەپ بارماق ئارقىلىق ئەر تەرەپنىڭ توققۇز كۆز ئاستى قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۇۋىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەر تەرەپ ئىككى پۇتىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ قوپۇش سىستېمىسىنى غىدىقلاشقا پايدىسى بار ئىدى. 
4. ئەر تەرەپ ئوڭدىسىغا كارىۋاتتا ياتىدۇ، ئىككى پۇتىنىڭ ئالىقىنىنى بىر-بىرگە چاپلاپ، ئىككى تىزىنى سىرتقا قارىتىپ سۇنۇش، ئايال تەرەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىككى تىزىنى كارىۋاتقا ئامال بار تەگكۈزۈش. 
بۇ خىل گىمناستىكىنى داۋاملىق مەشىق قىلىپ بەرسە قوپۇش مەركىزىي نېرۋىسىنى ئۈنۈملۈك غىدىقلايدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتلەر ئۈنۈملۈك ھالدا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى پىسخىكا جىددىيلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پىسخىكا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىنسىي ئىقتىدار توسۇلۇپ قېلىشنى داۋالايدۇ. 

مەزكۇر مەزمۇن جىنسىيەت-ئەيدىز يانبىلوگى تەرىپىدىن خەنزۇچە نوپۇزلۇق ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلانغان، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى