جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەر-خوتۇنلاردىكى يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش

ئەر-خوتۇنلاردىكى يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 3897 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتى ھەر كۈنى، ھەر يىلى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ھەم بىر ئاينىڭ ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت، ئىشلەتكەن ئوخشاش بولمىغان ھاياجانلاندۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
يۇقىرى دولقۇن فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپلا قالماي، كەيپىيات، پىسخىكا يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىگە ناھايىتى زەر تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش بىر كۈن ۋە ئوخشاش بىر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچى ئوخشاش بىر ئىشنى قىلسا كەيپىيات، پىسخىكىسى زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ . 
قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ يۇقىرى، سۈپەتلىك يۇقىرى دولقۇندىن ھۇزۇرلىنىشىغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ؟
نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ئۆزىنىڭ بەدىنىگە قارىتا خاتىرجەم بولالمايدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك يۇقىرى دولقۇن پەقەت "ھەققى ئەركەكلەر" دىلا پەيدا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئەرلەر ھوزۇرلىنىشنى ئاشۇرماقچى بولسا ئۆزىنىڭ بەدىنىگە قارىتا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 
نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى سىلاشقا قارىتا تۇيغۇسى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. بەدىنىدىكى قايسى ئورۇننىڭ تۇيغۇسى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن بۇنى جىنسىي تۇرمۇش جەھەتتە ئىشلەتسە بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق جىنسىي تۇرمۇش ھۇزۇرىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللار ئۇنىڭ پەقەت جىنسىي ئەزاسىلا ھوزۇرلۇق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرسە بولىدۇ . 
ئىككىنچى قەدەم، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ جىنسىي قوزغىلىش دەۋرىنى چۈشىنىش. ئويۇننى توختىتىش ۋە باشلاش ئارقىلىق ئۇ بۇ خىل دەۋرنى چۈشەنسە بولىدۇ. ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇسۇلى، ئۇ راھەت بولغان ھالەتنى قوللىنىپ، يالىڭاچ ھالەتتە، ئۇنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەرقانداق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۆزىدە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئويغىتىشنى پەيدا قىلىش. ھازىر زەكەرنى غىدىقلاشنى توختىتىش، باشمالتاق ۋە باشقا ئىككى بارماق بىلەن زەكەرنىڭ ئۇچىنى قوپۇش يوقىغىچە چىڭ بېسىپ تۇرۇش، ئاندىن يەنە ئۆزى غىدىقلاپ ئۇنى قوپۇرۇش، يەنە ئۇنى قوپۇش تۈگىگەندىن بېسىپ تۇرۇش. مۇشۇنداق نەچچە قېتىم قايتا-قايتا مەشىق قىلسا بولىدۇ. نەچچە ھەپتىلىك ئويۇندىن كېيىن مەنى چىقىرىشنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى خېلى يۇقىرى باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ. مەنى چىقارغۇسى كەلسە مەنى چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ئۆزىنى كونترول قىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ئۇنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ھۇزۇردىن بەھرىمەن قىلىدۇ. مەنىنى بۇرۇن قويۇپ بېرىشتىن ئەنسىرىمەيدۇ. نەتىجىدە يۇقىرى دولقۇننى ياخشىلايدۇ . 

ئۇنىڭ جىنسىي خىيالنى غىدىقلاش 
خىيال قىلىش نۇرغۇنلىغان ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ قوزغىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما ئۇلار كونا خىياللارنى ئويلايدۇ، ھۇزۇرى يۇقىرى بولغان، يۇقىرى دولقۇن ناھايىتى كۈچلۈك بولغان خىياللار ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ . 
شەھۋانىي ژۇرنال، پىلاستىنكا كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىيالى دۇنياسىنى بېيىتسا بولىدۇ. 
نۇرغۇنلىغان ئەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىنى ئۇلارنىڭ ھەمراھى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەلگىلەيدىكەن. ناھايىتى ئېنىقكى يۇقىرى دولقۇننى پىسخىكا جەھەتتىن كونترول قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ جىسمانىي جەھەتتىن ئەمەس. شۇڭا مۇناسىۋەتتىكى مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، بىرلىكتە ئۇنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ناھايىتى مۇھىم. 
زەكەرنى مەشىق قىلدۇرۇشنى سىناپ باقسا خېلى چوڭ ئۈنۈمى بار. 
ئۇسۇلى: ئاۋۋال ئەر تەرەپ ئۆزى يالغۇز ئىشلەيدۇ، ئاندىن ھەمراھى بىلەن ئىشلەيدۇ. ئۇ ئاۋۋال راھەت بولغان ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ زەكەرنى قوپۇرىمىز، ئاندىن بىر پارچە كىچىك ياغلىق ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىنى قاتتىق قوپقان زەكەرنىڭ ئۇچىغا قويۇپ قويىمىز. ئۇنىڭ قاتتىق ھالەتنى ساقلاپ تۇرغان ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بىر ھەپتە مەشىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قوپۇپ تۇرغان ۋاقتى كۆرۈنەرلىك ئۇزىرايدۇ، ھەم تېخىمۇ ئېغىر نەرسىلەرنى قويۇشقا بولىدۇ. 
كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر ئاي ئىچىدە مەلۇم بىر بۆلەك ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. 
بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋاقىت ھەيز دەۋرى ئوتتۇرا مەزگىلى يەنى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى كەينى. يەنە بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئېيتىشىچە ھەيز كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بولىدىكەن. 
ئاياللار يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى خۇشاللىقتىن بەھر ئېلىشتىن باشلاش كېرەك. 
بۇنىڭ سىرى: مەخپىي، ئەركىن-ئازادە، ھېچقانداق كاشىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئۆزىگە ئىشىنىپ ۋە مۇلايىملىق بىلەن ئۆزىدىكى ئەڭ ياخشى تۇيغۇنى بايقاش. قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھېسسىياتنىڭ ياخشى ناچارلىقى توغرىسىدا ئاددىي خاتىرە قالدۇرۇش، بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىگە بولغان تەجرىبە چۈشەنچىسى پەيدا بولىدۇ. 

ھەمراھى بىلەن تەجرىبىنى ھەمبەھرلەش 
سىزدە مەلۇم دەرىجىدە تەجرىبە بولغاندىن كېيىن ئېرىڭىز بىلەن ھەمبەھرلەنسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ بايقىشىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىدىكى ھېسسىياتى ياخشى تەرەپلەرنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزنىڭ ھۇزۇرىنى ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاياللاردا ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا قارىتا خاتا قاراش بار، شۇنىڭ بىلەن ھۇزۇر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. 
خاتا قاراشنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن رەسىمنى كۆزىتىش، جىنسىي ئەزاسىغا تېگىپ ھېس قىلىشنى ئىلغا قىلىش. كۆپ قېتىم كۆزىتىش، جىنسىي ئەزاغا تېگىشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا نىسبەتەن بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشەنچە بولىدۇ. بىر ئاي ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە قىلىش ئارقىلىق ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش ۋە ئوخشاش بولغان ھېسسىياتنى پەرق ئېتىدۇ . 
سىز ھازىر تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا جىنسىي ھېسسىيات قوزغىلىشنى چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. ھېسسىياتىڭىز ناھايىتى بەك قوزغالغان ۋاقىتتا، جىنسىي ئەزانى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭغا تېگىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بارلىق ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىسىز. 
كۆزىتىش ۋە تېگىش ئارقىلىق بايقىغان ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە: جىنسىي لەۋ كەڭرىيدۇ، جىنسىي يول سىيلىقلىشىدۇ، جىنسىي يولنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئۈچتىن بىر ئورۇن كەڭرىيدۇ، جىنسىي يولنىڭ يۇقىرى تەرىپى ئېچىلىدۇ، جىنسىي مەركەز ئۆزگىرىدۇ، بالىياتقۇ بوينى كەڭرىيدۇ....

ئۆز-ئارا كۆزىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىشلىتىش 
ھازىر سىز ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئېرىڭىز بىلەن كۆزىتىش ۋە ھېس قىلىش تەجرىبىسىنى جىنسىي تۇرمۇشقا ئىشلىتىسىز. ئەلۋەتتە ئۇ سىزنىڭ ھېسسىيات قوزغىلىش تەپسىلاتىنى بىلگەندىن كېيىن مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ غىدىقلايدۇ. سۆز ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇنىڭغا چۈشەنچە بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 
G نۇقتىغا قارىتا تالاش-تارتىش بولسىمۇ، لېكىن جىنسىي يولنىڭ ئالدىدىكى سېزىمچان ئورۇننىڭ بارلىقى بۇ بىر ھەقىقەت. چۈنكى بۇ ئورۇننى غىدىقلاش ئارقىلىق يۇقىرى دولقۇننى ياخشىلىغىلى بولىدۇ . 
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا خىيالى تۇيغۇ يۇقىرى دولقۇننى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىر قىسىم ئاياللار ژۇرنىلىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن خىيالى تۇيغۇ پەيدا قىلىشنى ئۆگەنسە بولىدۇ . 

ئايال تەرەپ يېتەكلىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ 
ئاز بولمىغان ئاياللار بىر قەدەر ئاز بولغان يۇقىرى دولقۇنىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمراھى قانداق غىدىقلاشنى بىلمەيدۇ ياكى بىر قىسىم غىدىقلاشقا قارىتا بىزار بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى يېتەكلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ئايال تەرەپنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن ئالدىن بىلىش ئىقتىدارى يوق شۇڭا قانداق غىدىقلاشنى بىلمەيدۇ. ئەگەر سىز ئېغىز ئېچىپ ئۇنىڭغا دېيىشتىن خىجىل بولسىڭىز، كىچىك ۋاراققا يېزىپ ئۇنىڭغا بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىڭىز يۇقىرى دولقۇننىڭ سۈپىتىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ، شۇڭا تېزدىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

مەزكۇر مەزمۇن جىنسىيەت-ئەيدىز يانبىلوگى تەرىپىدىن خەنزۇچە نوپۇزلۇق ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلانغان، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى