جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى سەمىمىي بولۇش
ۋاقتى: 2016-08-11
ئاۋاتلىقى: 2172 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
نۇرغۇن دوختۇرلار سىزدىكى كېسەللىكلەر ئۈستىدە سەمىمىي تۈردە سۆزىلىشىپ، ئۇنى ساقايتىش ئۈچۈن ئىزدىنىشنى خالايدۇ. مانا بۇ جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالشتىكى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ « بىرلىكتە » داۋالىنىشنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. مەلۇم بىر ئاتاقلىق دوختۇر مۇنداق دېگەن: « مەن ئەر –خوتۇن ئىككى تەرەپنى بىرلا ۋاقىتتا داۋالاشنى ياخشى كۆرىمەن، ئەگەر شارائىت يار بەرسىلا؛ ئەمما مەن بۇ نۇقتىدا چىڭ تۇرۇۋالمايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىر تەرەپنىڭ كېسىلى ياخشىلانسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ كېسلىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىپ كېتىدىكەن. مەسلەن، ئەر- خوتۇن ئىككىلا تەرەپ تەشۋىش- ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغان چاغدا، بىر تەرەپ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشنى ئۈگىنىۋالسا، بۇ ھال جەزمەن يەنە بىر تەرەپكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.»