ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئامراقلىقنى سېزىش ۋە جىنسىي جەھەتتىن مۇھەببەتلىشىشنى ئۈگىنىۋېلىش كېرەك
ۋاقتى: 2016-11-02
ئاۋاتلىقى: 4359 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئامراقلىقنى سېزىش ۋە جىنسىي جەھەتتىن مۇھەببەتلىشىشنى ئۈگىنىۋېلىش كېرەك
جىنسىي كېلىسى بار بىمارلار دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ، دوختۇر ئادەتتە ئالدى بىلەن بىمارنى تەكشۈرۈپ، فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىيەت مەسلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن رەسمىي داۋالاش دەرسىگە كىرىشىدۇ. دوختۇرنىڭ ئالدى بىلەن بىمارنى تەكشۈرشى قايىم بولماسلىق مەسلىسى بار بىمارلار ئۈچۈن ئىنتايىم مۇھىم. چۈنكى، فىزىئولوگىيلىك ئگەشمە كېسەللىكلەر، مەسىلەن، يۈرەك كېسىلى ياكى قەنت كېسىلى قاتارلىقلار كۆپىنچە قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر ھېسابلىندۇ. بەزى شىپاخانىلار ھەمدە سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكلىرى ياكى باشقا ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسلىرى دائىم كۆپ خىل مەشىق شەكلى ئارقىلىق جىنسىيەت مەسلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ. ئەمما، بۇنداق كۆپ خىل مەشىق شەكىللرى پەقەتلا بىر تەكلىپ ياكى كۆز قاراشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، قايىم بولماسلىقنى داۋالاشتا پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ، جىنسىيەتتىكى مەسىلىلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ؟
ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش كۆڭۈلسىز نىكاھنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە، شۇنداقلا جىنسىي مۇناسىۋەتتە يۇقىرى پەللىگە يېتەلمەيدىغان ئاياللارنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە، بولۇپمۇ ئالدىنقىسىدا شۇنداق. ھەتتا بەزى دوختۇرلار بۇ جەھەتتە يۈز پىرسەنت مۇۋەپىقيەتكە ئېرشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە مەيلى قانداقلا مەسىلە بولسۇن،نىكاھتىكى ئىناقسىزلىق، تەشۋىشلىنىش،بېسىم ھېس قىلىش ياكى قايىم بولماسلىق مەسلىسى بولسۇن،ھەممىسىگە جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاشنىڭ ئاز تولا ياردىمى تېگىدۇ.
بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش بارلىق ئەر- خوتۇنلارنىڭ كۆڭۈللۈك جىنسي تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بىرەلەيدۇ.داۋالاش ئۇسۇلى بولسا، دوختۇرلانىڭ مەسلىلەرنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىپ ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا ئامراقلىقىنى ھېس قىلىشى ۋە ئاساسىي جىنسىي مۇھەببەتنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ھەمكارلىشىشىدىن مۇستەسنا ئەمەس.