جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت

ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت

ۋاقتى: 2016-10-31 ئاۋاتلىقى: 3238 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي بېرىكىشنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي رولى ئېھتىمال كىچىك بىر ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈش بولسا كېرەك. ئەمما، ئەر-خوتۇن ئۈچۈن ئېيىتقاندا، بۇ كىچىك ھاياتلىقنىڭ پەيدا قىلدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولىدۇ . چۈنكى، ئۇ تۇغۇلۇشتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇنلا، بەزىلەر ھامىلدارلىقنىڭ باشلىنىشى جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئۇنداقتا، ھامىلىدارلىق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
جاۋاپ ئۇنىڭ ئەكىسچە، بىر كىچىك ھاياتلىق تۇرمۇشىڭىزدا يىلتىز تارتقان ھامان ئەھۋال جەزمەن ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا ،  سىز ئازراق زېھنىڭىزنى سەرىپ قىلىپ، خۇددى سىز بۇكىچىك ھاياتلىق ئۈستىدە پىلان قۇرغاندەك، ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىڭىزنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشىڭىز كېرەك.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە  بۇ ئۆزگىرىش ھامان باشلىنىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىش ئاياللاردا ئاۋۋال باشلىنىدۇ؛ ماغدۇرسىزلىق چاپلىشىدۇ، قەي قىلىدۇ، جىسمانىي ھالەتنى گورمۇن ئاجراتمىلىرى كونتىرول قىلىدۇ، جىنسىي ھەۋەس يوقىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما ، ئەر بۇ چاغدا بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەنىلا «ئىشقىۋاز» بولۇشى مۇمكىن. 1990- يىلى شۋېتسىيەدە 112 نەپەر ئەر- خوتۇن  ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، 40پىرسەنت ئايال ھامىلدار بولۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە جىنسىي ھەۋىسىنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن. ئەمما ، ئۇنىڭ ئەكىسچە پەقەت 9 پىرسەنت ئەرلەر ئايالى ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئاي ئىچىدە جىنسىي ھەۋىسىم زور دەرجىدە تۆۋەنلىدى، دەپ قارىغان، ئايالى ھامىلدار بولۇپ  تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە پەقەت 17 پىرسەنت  ئەرلا يۇقىرىقىدەك قاراشتا بولغان. مانا بۇ جىنسىي تۇرمۇشتىكى تەڭكەشسىزلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر.
ئەمىسە، ھامىلدارلىق پەيدا قىلغان جىنسىي تۇرمۇشتىكى تەڭكەشسىزلىكنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دوختۇرلار ئاشۇ قىيىن كۈنلەردە، كۆڭۈل ئىزدەشلا غەزەپ- نەپرەت ۋە ئۆچ ئاداۋەتنى يوقىتىپ ، بىر- بىرىنى ياخشى چۈشىنىش، ئۆز- ئارا كۆيۈنۈش ۋە قوللاشنىڭ بىردىنبىر يولى ، دەپ قارايدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا كۆڭۈل ئىزدەپ مۇڭدىشىش ، بىر-بىرىنى سىلاپ – تۇتۇش ۋە قۇچاقلىشىشتەك ئامراقلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى  كېرەك. چۈنكى ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر شەكلى جىمالا ئەمەس، ئۇۋلاش، سىلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمى بلۇشى كېرەك. بۇمۇ ئەر_خوتۇنلۇق ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ.
تەبئىي روھىي ھالەتنى ساقلاش ئەر_خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن پايدىلىق. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ، ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى 7-9- ئايلارغىچە نۇرمال ھالەتكە يەتكىلى بولىدۇ. شۋېتسىيلىكلەر ئۈستىدىكى يۇقىرىقى تەتقىقاتتىن قارىغاندا ، 75 پىرسەنت ئايال بىلەن 64 پىرسەنت ئەر ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇش ئەھۋالى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان باشقا بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن يۇقىرىقى ئەندىزە ئوتتۇرسىدا خېلىلا پەرق بار.
شۇنداقتىمۇ ، ھامىلدارلىقنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن پايدىلىق تەرىپى بار؛ ھېچبولمىغاندا ، شۇ مەزگىللىك ھامىلىدارلار بولۇش-بولماسلىقتىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز. شۇڭلاشقا ، بەزى ئاياللارنىڭ نەزىرىدە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇش ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل بىر چاغ ھېسابلىنىدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى