لەززەت بىلەن قايتا دىدارلىشىش
ۋاقتى: 2016-07-31
ئاۋاتلىقى: 5223 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئاياللار تۇغقاندىن كېيىن ، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇش ئىنتايىن مېھىرلىك بولىدۇ، ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنى ئۇزاق جۇدالىقتىن كېيىنكى لەززەتتىن بەھېرلەندۈرىدۇ. ئەمما ، يەنە بەزى ئىشلارا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا ، ئىككەيلەننىڭ جىنسىي تۇرمۇشى بەزى ئورۇنسىز ئاۋارچىلىككە يولۇقىدۇ.
ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھەرىكەت يىنىك، ئاستا- ئاستا بولۇش، سىلىقلاشتۇرغۇچى سۇيۇقلۇقنى كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك. دېزىنفېكسىيە قىلىنغان، سۇدا ئېرىشچان ئاق يىلىم( مەسىلەن،Y-K ئاق يىلىمى) دىن پايدىلىنىپ، جىنىسي يول بىلەن زەكەرنى سىلىقلاشتۇرۇش لازىم. بۇنىڭدا زەكەرنىڭ كىرىپ چىقىشى تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ. ئەر ئەڭ ياخشىسى زەكەرنى كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئاۋۋال بارماق ئۇچىنى جىنسىي يولغا يەڭگىل، بوش كىرگۈزۈپ باقسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئارقىلىق جىنسىي يول مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ، جىنسىي تەلەپنىڭ قوزغىلىشىشىنى كۈچەيتكىلى، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ ئاغرىق ئەندىشىسىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
ناۋادا، سىز توققۇز ئايدىن كېيىن يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇش ئويىدا بولمىسىڭىز، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئىلگىرى « تۇغۇتتىن كېيىن بالا ئېمىتۋاتقان ئايال ھامىلدار بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئىدى، ئەمىلىيەتتە بۇ قاراش خاتا. بالا ئىمىتىش ھەقىقەتەن تۇخۇم چىقىرىشنى «چەكلەش» ئارقىلىق ، ئايال تەرەپنى « ئاسان» لىقچە ھامىلىدار نبولمايدىغان شارائىتقا ئىگە قىلسىمۇ، بىراق بالا ئېمىتىش توختىتىلغاندىن كېيىنلا، ئايالىنىڭ تۇخۇم چىقرىش ئىقتىدارى دەرھال ئەسلىگە كېلىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى ، سىز ئايالىڭىزنىڭ قاچان بىرىنچى قېتىم تۇخۇم چېقىرىشقا باشلىغانلىقىنى زادىلا بىلەلمەيسىز. شۇنداقلا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. كۆپلىگەن ئاياللار بالا ئىمىتىۋاتقان مەزگىلىدىمۇ تۇخۇم چېقىرىۋېرىدۇ. ئىلگىرى ، يېزىلاردا ئىككى بالىنىڭ يېشى ئاران توققۇز ئاي پەرىقلىنىدىغان ئەھۋالنى دائىم ئۇچراتقىلى بولاتتى. بۇ دەل ئانىنىڭ بىرىنچى بالىنى تۇغقاندىن كېيىنلا، شۇئان يەنە ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يەنە بىر نۇقتىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، يەنى بالا ئىمىتىۋاتقانقانلار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ئىچمەسلىك كېرەك.
چۈنكى، ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايال بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىۋاتقان بولسا ، ئۇ ئىستىمال قىلغان ھەممە نەرسە ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋاققا يەتكۈزۈلىدۇ. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىللىرى ئىچمەسلىك كېرەك.چۈنكى ، ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايال بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىۋاتقان بولسا، ئۇ ئىستىمال قىلغان ھەممە نەرسە ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋاققا يەتكۈزۈلىدۇ. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. لېكىن، بىر خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، يەنى لۇتېئىن تەركىبى بولغان «مىنى» ناملىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بۇنىڭ سىرتىدا. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دورىنى خاتىرجەم ئىچىشكە بولىدىكەن. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئورۇق ئۆلتۈرۈش دورىسى قوشۇلغان گاندون ھەمدە بالىياتقۇ ئىچىگە سېلىنغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابى قاتارلىقلارنىمۇ خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ.